رىيۇ ئەنكىم لىرىكىلىرىدىن | WWW.QUXTAK.COM

رىيۇ ئەنكىم لىرىكىلىرىدىن

رىيۇ ئەنكىم لىرىكىلىرىدىن

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

 

ئاپتور ھەققىدە:

كورىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىرە، نەسرچى رىيۇ ئەنكىم 1941-يىلى تۇغۇلغان. 1965-يىلى كورىيەدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى سېئول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق كەسپىنى تاماملىغان. 1970-يىلى مەزكۇر مەكتەپتە مائارىپ پىسخولوگىيەسى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1976-يىلى ئامېرىكا فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مائارىپشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىر سېئول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىلار مائارىپى پروفېسسورى.

ئۇنىڭ شېئىرلىرى كورىيەدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، شېئىرلىرىدا ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ساددا تەسىراتلىرى، ساپ ھېسسىياتى ۋە ئاياللىق پاراسىتى ئارقىلىق زامان ۋە ماكان چەكلىمىلىرىدىن غالىب كېلىش ئىستىكى ئىپادىلەنگەن.

   تۆۋەندىكى شېئىرلار شائىرەنىڭ «بىر خالتا باھار يامغۇرى» ناملىق توپلىمىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.

 

 

ئايال

 

ئۆسەك سۆزدىن قىينالغان كۈنلەر،

ساختىلىق ھەم، ھەقىقەتمۇ ھەم.

يىللار ئۇنى ماڭسا ئۆچۈرۈپ،

ئايال قەلبىدە بولار يەنە جەم.

ئەسلى ئىنسان، ئوتلۇق بىر ئىنسان،

تەڭرى بايام پۈتكۈزگەن ئىمكان.

  

بالىلىققا قايتىش

 

بارچىدىن ۋاز كەچسەم تازا بىر قوللۇق،

قايتىشىم مۇمكىنمۇ سەبىي چاغلارغا―

ئۈستىۋاش يا جەندە ۋەيا زەر تونلۇق

چوڭلارنىڭ تۇرقىغا ھەۋەس بارلارغا.

زەڭگەررەڭ كۆزلىرىم چاقنىسا نۇرلۇق،

قىلىقىم زەپ ئوماق، بەدخۇي يات قانغا.

يەتتە ياش چاغلىرىم يار ماڭا شوخلۇق،

شۇ كۈنلەر يەنە بىر كەلسىچۇ قايتا،

سەبىي بوپ ياشىماق ئارمان بۇ جانغا.

 

تەنھا غىزالىنىش

 

مىۋىلەر مەي بولۇپ ھىدىنى چاچقان،

پەيتىدە ھوسۇللۇق كۈز قۇچاق ئاچقان،

يىمەيمۇ، ئىچمەيمۇ توياركەن قوساق.

 

ۋەلېكىن چىداش تەس ئاچلىق ئالدىدا،

بىر تاۋاق غىزانى يېسەم مەن تەنھا،

تولدىغۇ غېرىبلىق يېشىغا زىناق.

 

يۈكۈنۈپ خىلۋەتتە ئۇھسىنىپ يۈرگەي،

خورسىنىپ جۇدۇننى بىر ئۆزى كۆرگەي،

تەنھا غىزالىنىش ئەنە شۇ سىياق.

  

ئېيتىلمىغان سۆز

 

بەلكىم ئېيتىپ سالسام،

قەلبىم قۇرۇق قالار.

بەلكىم مەندىكى خاسلىق

ھەممىگە ئايان بولار.

بەلكىم يۈكسەك، مەڭگۈلۈك نەرسە

بىردەملىك لەززەتكە ئايلىنار.

ۋە بەلكىم بۇلغىنىپ ھەم يەنە

پىنھاندا خەسلىككە ئالمىشار.

ئېيتىشقا جۈرئەت يوق بىر جۈملە―

»سۆيىمەن سېنى« دېگەن ئىللىق سۆز

سەبرىدىن بىر ئۇرۇققا ئايلىنار،

تاشلاپ قويسا يۈرەككە گەر شۇ تاشنى

ئىللىققىنە تىل ئىمكانىغا پارچىلىنار.

 

سۈكۈت

 

ۋىساللىق دەمدە

غېرىبلىق دەمدە

ئىدراكلىق دەمدە

ئالتۇندۇر سۈكۈت.

 

ئەجەب يېقىملىق،

شۇنچە تېتىملىق

قايناق سۆزلەرنى

ئېيتىش ئۈچۈن

ۋاز كەچتىم كىچىككىنە تىلىمدىن،

 

سۈكۈت قىل،

ئىلاھىي قىياپەتتە

جىمجىت ۋە ئاستا.

 

بوشلۇق

 

كۆپ بولغاچ ساۋاقلىرىم ھەرنە قاچان،

يوقاتتىم بارا-بارا تېرەنلىكنى.

ناتونۇش بولدى بۈگۈن مانا جاھان،

ئاشۇرۇپ باردى يەنە سۈرئىتىنى،

تېتىتىپ تالاي بەتتام ھەم شىرنىنى.

ۋاقىتنى قوغلاپ يۈرەر ھەركۈن ھامان،

خورىتىپ شەھەرلىكلەر قۇۋۋىتىنى.

 

ئولتۇرۇپ تاغ باغرىدا پۈتتۈم كالام،

سەيرلەپ دېڭىزلاردا يازدىم سالام.

ئىستىدىم يەڭگىل تۈستە ياشىماقنى،

قايتىپ چىن ئۆزلۈكۈمگە ئەينى سىدام.

 

«نۇقسانسىز مەۋجۇدات يوق بۇ ئالەمدە»،

يوق تاما بۇندىن ئارتۇق يەشمىلەردىن.

ياشىسام دەيمەن پەقەت ئېلىپ ئۈلگە،

سەھرالىق مومايلىقنىڭ خىسلىتىدىن.

 

 

ئەپۇ قىلىنىش

 

كۆرەلمىدىم ئەمما ئۇ چاقناق،

سېزەلمىدىم ئەمما ئۇ ياڭراق.

 

زېمىندا مىدىراۋاتقان خىرپە،

تومۇزغا بولۇشنى ئويلىغان قۇرۇت،

يىڭناغۇچ، پاشا ھەم بۈرگىگە

كىچىككىنە ئازگالدۇر ئالەم-يۇرت. 

 

تەڭرىدىن بۈگۈنمۇ ھەم ئالدى ئىمكان،

ئادەمگە ئوخشىماس كۆپلىگەن جان.

  

ئېزىقىش

 

ئۇزۇن بوپتۇ ئادەم بولۇپ يۈرگىلى،

تۇيۇقسىز تونۇپ يەتتىم بۈگۈن بۇنى،

تامچىلاپ تاڭدا كۆكتىن باھار سۈيى،

نەملىگەچ بىر تەرىزدە چاچلىرىمنى،

ئويلىدىم باشقا تۈستە يارالماقنى:

 

گەر بولسام تاغ باغرىدا كىچىك جانۋار

جۈپ كۆزۈم سەبىيلىكتە ھەريان باقار

كۆچەتنىڭ بىخلىرىغا ئەجەب ئوخشار

يېڭى ھەم يۇمرانلىقتىن نۇرلار چاچار،

ئادەمنى كۆرۈپ قالسا گەر شۇ كۆزلەر

ۋەھىمە ئوراپ تەننى بەدەر قاچار.

 

ئۆتمۈش ياكى يازدىكى قۇم بوراندا

ۋە ياكى قىشتا چىققان شىۋرىغاندا

بايىلام تۇخۇم يېرىپ چىققىنىدا

مەيلى ئۇ بولسۇن ئاددىي بىر ھاشارەت

كۆزىدە چاقنار سەبىي بىر قىياپەت.

 

                                                         

   ئاپتورنىڭ گۈلزار ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى 2006-يىلى 10-ئايدا نەشر قىلغان «بىر خالتا باھار يامغۇرى» ناملىق توپلىمىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن


« رىيۇ ئەنكىم لىرىكىلىرىدىن »غا بىر پارچە ئىنكاس يېزىلدى

  1. ئىزچى مۇنداق يازغان:

    بۇ شائىرەنىڭ تەرجىمە قىلىنغان بەزى شىئىرلىرىنى كۆرۈپ ئانچە زوقلانمىغان ئىدىم. يۇقارقى تەرجىمە كۆزۈمنى خىلى ئىچىپ قويدى..

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت