سىز يېڭىدىن بلوگ قۇردىڭىزمۇ؟ باشقىلارنىڭ بلوگىنىڭ شۇنچىلىك سىپتا ھەم كۆركەم تۇغ رەسىملىرى بىلەن بىزەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، سىزنىڭمۇ ئۆز بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىدا تۇغ رەسىمىم بولسىچۇ دەپ ئويلىدىڭىزمۇ؟ سىز نەشر قىلدۇرماقچى بولغان كىتابىڭىزنىڭ مۇقاۋىسىنى كۆركەم لايىھەلىتىشنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ بلوگىڭىزغا مىللىيچە ئۇسلۇبتىكى مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىش خىيالىڭىز بارمۇ؟ ئەمىسە نەزىرىڭىز تۆۋەندە بولسۇن:
چۈشتاق مەخسۇس لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇمىغان ھەم لايىھەلەش ئىشلىرى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللانمايدۇ. چۈشتاق پەقەت ئۆز قىزىقىشى بويىچە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتالى photoshopنى ئۆز خىيالىغا بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن. قايتا-قايتا سىناش، ئىشلەتمىگەن ئىقتىدارلىرىنى سىناپ بېقىش نەتىجىسىدە photoshopنىڭ تىلىنى ئانچە-مۇنچە ئىگەللىدى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم لايىھەلەرنى ئىشلىدى. قېنى ئەمىسە كۆزىڭىز تۆۋەندىكى رەسىملەردە بولسۇن بولسۇن:
چۈشتاق بلوگىنىڭ تۇغ لايىھەسى ۋە مۇزىكا قويغۇچ لايىھەسى
تاجىڭ شائىر باتۇرجان ئاتاخان شېئىلار توپلىمىنىڭ لايىھەسى، (مۇشۇ لايىھەدە نەشىر قىلىندى)
بلوگىمىزنىڭ قوللىغۇچىسى «نۇھ بلوگى»نىڭ تۇغ لايىھەسى ۋە مۇزىكا قويغۇچ لايىھەسى
بلوگىمىزنىڭ قوللىغۇچىسى «ئەلشات بلوگى»نىڭ تۇغ لايىھەسى
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى «ئامانلىق» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋا لايىھەسى
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشقۇرۇشىدىكى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋا ۋە ئىچ بەت لايىھەسى
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق مۇقاۋا ۋە تىتول لايىھەسى
«ئىناق» بلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن mp3قويغۇچ
نۇھ بلوگىنىڭ «ن» ھەرپىنى ئاساس قىلغان تۇغ لايىھەسى
ئەلشات بلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن mp3 قويغۇچ
جۇلالىق بلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مۇزىكا قويغۇچ
يۇقارقىلار سىزگە يارىدىمۇ؟ سىزگىمۇ ئۆز ئېھتىياجىڭىز بويىچە بىرەر لايىھە لازىممۇ قانداق؟ ئەگەر لازىم بولسا بىز ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىمىز
1. كىتاب-ژۇرنال مۇقاۋىسىنى لايىھەلەش (تۆت رەڭلىك بەت). باھاسى 600-1200يۈەنگىچە.
2. بېكەت تۇغى لايىھەلەش. تەلەپنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن 150-200يۈەنگىچە.
3.بەتكە فلەشلىك مىللىيچە ئۇسلۇبتىكى مۇزىكا قويغۇچ ياساش(1-10غىچە ناخشا قېتىپ بېرىمىز، ناخشىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۆزى تەمىنلەيدۇ. باھاسى 40يۈەن.
يۇقارقى باھا ئۆلچەملىرى تەلەپنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، ئەمما يۇقىرىقى باھادىن تۆۋەن بولمايدۇ.
ئەگەر ھەمكارلىشىشنى خالىسىڭىز، تېزدىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
پۇلنى 支付宝ئارقىلىق تۆلىسىڭىز بولىدۇ. 支付宝ھېساباتىم:
————————————–
ئۈمىدلەن! تورى ئۈچۈن لايىھەلەپ بەرگەن تۇغلىرىڭىزدىن بارغانسىرى سۆيۈنۈپ كېتىپ بارىمەن، سىزگە رەھمەت! بولسا ئاشۇ تۇغلارنى مۇشۇ بەتكە قويۇپ قويسىڭىز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھازىرقى قويغۇچىڭىزدىكى تۇنجى ناخشىنىڭ ئىسمى نېمە بولغىيتى؟
تۈركچە ناخشىنى دەيسىزغۇ دەيمەن. بۇ ناخشا داڭلىق تۈرك سەنئەتكارى بارىس مانجو ئېيتقان ‹ئاللاھىم كۈچ بەر ماڭا› ناملىق ناخشا.
سالام مەن بىلوگىمغا لوگو ياسىتاي دېگەنتىم ….. قانداق ئالاقىلىشىمەن ؟
چ چ ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ. چ چ:313796151
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىم قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىزنى ئىزدەيدىغان ئازراق ئىش بار ئىدى. بولسا ئىككىمىز بىر ئالاقىلاشقان بولساق
بولىدۇ، بلوگىمنىڭ ئاستىدىكى چ چ ئارقىلىق مېنى ئىزدەك!
مەن بلوگ تۇغى ۋە مۇزىكا قويغۇچ ياساتماقچى ئىدىم. ياردەم قىلامسىز؟
بولىدۇ. ھەپتە ئاخىرى ئالاقىلىشايلى، خىزمەت كۈنىدە سەل ئالدىراش بوپ قالىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇسلۇبىڭىز ماڭا بەك يارىدى ، لايىھەلىرىڭىزدىن شۇنداق مەمنۇن بولدۇم ، بەك چىرايلىق بوپتۇ ، بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
مەن سىزنىڭ لايىھەرىڭىزنى بۇرۇنمۇ كۆرگەنىدىم،مەكتىپىڭلارنىڭ نورۇزلۇق پىلاستىنكىلىرىدا،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ھەزرەتئەلى ئاكا
بىلوگىڭنى ياخشى تۈزىۋاپسەن ، ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالساق .
بىلوگىڭىزنى يامان ياخشى، چىرايلىق قۇرۇۋاپسىز، ئىشلىرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن.
http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125518589.jpg
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بېكىتىڭىزدىكى سەرخىل مەزمۇنلاردىن ھۇزۇرلاندىم.مومكىن بولسا،مېنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز بوپتىكەن.مەن سىزنى ئاللىقاچان ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بلوگىڭىزنىڭ ئۆزگىچە تەرجىمە ئۇسلۇبى ماڭا يېقىپ قالدى،بولسا مۇشۇ بلوگنى قانداق ياساپ تەرجىمە قىلىپ،ئۇيغۇرچىغا خاسلاشتۇرغانلىقىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ قويالارسىزمۇ؟مۇشۇ خىلدىكى بلوگلارنىڭ تېخنىكا ئاساسىدا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە نەپىس بلوگلىرىمىزنى ياسىشىمىزغا جانلىق دەرس بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
بۇ ئۇسلۇبنى قىسمەت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى قىسمەت ئەپەندى ياردەم قىلىپ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. تېخنىكىلىق ئىشلارنى قىسمەت ئەپەندى بىلىدۇ. مەن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتىن خېلىلا يىراق.