2012 ئاپرېل | WWW.QUXTAK.COM

2012-يىلى ئاپرېلدىكى يازمىلار

باھاردا باھاردەك بىر جانان كېرەك

5555

باھاردا باھاردەك بىر جانان كېرەك=ئاپتورى: ھەزرەتئەلى ئەخەت=يىللاردا كۆپ قىسمەت، پەسىلدە ھېكمەت،كۆكلەمگە ئاشىقلىق دىلغا زەپ بېزەك.باھاردا يۈز ئاچار ئالەمچە ھىممەت،باھاردا باھاردەك كۈنلەر ھەم كېرەك.كۆزۈمگە قارىساڭ باھار ئاقىدۇ،جانانغا مېنىڭدەك ئاشىق نەدە بار.دىللاردىن دىللارغا سۆيگۈ ئاقىدۇ،باھاردا باھاردەك كۆڭۈل ئەتىۋار.ئالەمنى گۈل قىلار بىر ئوتلۇق زىيا،جاناننىڭ جىلۋىسى باھاردىن دېرەك.بۇ مىسكىن دىلىمغا كىمكىنە شىپا،باھاردا باھاردەك بىر جانان كېرەك.

تەنھالىق، تەنھالىق، يەنە تەنھالىق …

456

سۈكۈنات ئارىلىنىڭ تەئەججۈپلۈك كىچىسى كۆكتىكى ئەسرارلىق يۇلتۇزلارغا ئاشىق بولۇپ ،كۆزلىرىمدىن ئاشىقلىقنىڭ بەخىت ياشلىرى تۆكۈلگەندە، ئەتراپىمغا ئىتتىك قارىدىم،زىمىننىڭ مىسكىنلىك شايىسىغا ئورالغانلىقىنى كۆرۈپ مەست بولدۇم، كەيىپلىكىمنىڭ لەيلەتمىسى بىرلە كۆڭۈلنى غەش قىلغۇچ ئەسلىمىلەر قوينىدىن شاشلىققا قاراپ ئۇچتۇم، سانسىز يۇلتۇزلارنىڭ جىلمىيىشى خۇددى مىنى ۋىسال تەسەۋۋۇرىغا ئۇلاشتۇرغاندەك بولدى. ئۇچقانسىرى ئەتراپىمدىكى دۇنيا نىقاب ئىچىدە كۆرۈنىشكە باشلىدى. بوپتىلا ،روشەنلىكتىن تەئەججۇپقا مىنگىشىپ سۈزۈكلۈكنى نىشانلاپ ئۇچقاندىن كىيىن ئۇچىۋىرەي ،بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇمغۇ ئاخىر، قېنى كەيپ ۋەسلىنى ئاتا قىلغۇچ تەپەككۇر شارابى؟، قېنى تەئەججۈپلىكتىن ياسىلىپ ئازاپتىن نەقىش ئويۇلغان سۈكۈنات رومكىسى؟؟، ….بولدى قىلاي، تۇيغۇم قانداقتۇر بىر بولغۇسى ۋىسالنى سەزمەكتە، ئەنە قولىدا تەپەككۇر شارابىنى سۈكۈنات رومكىسىغا لىپمۇ-لىپ قۇيۇپ «يىتىم»لىك ناخشىسىنى توۋلاپ سايەم كىلىۋاتىدۇ، تەنلىرىم يايراپ، كۆزلىرىم نۇرلىنىشقا باشلىدى ، مەنمۇ سايەمنى ئۈمىتسىز قويماسلىق ئۈچۈن كەيىپچى خانەمنى ئەشئارلاي… ئەنە سايەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ… … …