«تارىم» | WWW.QUXTAK.COM
«تارىم»
ئاپتورلار سەمىگە
كەڭ ئاپتورلارنىڭ «تارىم» ژۇرنىلىغا ئەسەر ئەۋەتىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ژۇرنال تەھرىراتى مۇقىم ئېلخەت ئادرېسى تۇرغۇزدى. بۇندىن كېيىن كەڭ ئاپتورلار مۇشۇ ئادرېس بويىچە ئەسەر ئەۋەتسە بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
1.ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر بىردەك ئا4 ئۆلچىمىدە بەت ياسالغان بولۇشى،نەزمىي ئەسەرلەر بىر ئىستون شەكلىدە بەت ياسىلىشى كېرەك. ئارتۇقچە نەقىش ۋە باشقا قىستۇرما رەسىملەرنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.
2.ناۋادا ئەسەر ئەۋەتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئەۋەتكۈچىنىڭ خەت ساندۇقىغا ئاپتوماتىك ھالدا تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئۇچۇرى قايتىدۇ. شۇڭا ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىز.
3.توردىن ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر 3ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن باشقا مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.
4.كەڭ رەسسام، خەتتات ۋە فوتوگرافلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتسە بولىدۇ. ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئېلخەت ئادرېسىمىز:
E-mail: tarimpost@gmail.com
ئېلخەت ئارقىلىق ئەسەر ئەۋەتىشتە مەسلىھەت سوراش، پىكىر بېرىش تېلېفونى:
0991-4597601
**********************************************
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ژۇرنالنىڭ 2-ۋە 3-سان مۇندەرىجلىرى ئالدىنقى ئايلارنىڭ ئوتتۇرۇسىدا ئىلان قىلىنغان ئىدى .4-ئايلىق مۇندەرەىجە بۈگۈنگىچە چىقمىدى .چۈشتاق ئەپەندى بۇ ھەقتە ،بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولسا ..
ئىككى ھەپتىدىن بېرى بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئىمكان بار ئەتە ئەتىگەن يوللاپ قويۇشقا تىرىشاي…
مەن يوللىغان ئىنكاسلارنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ؟!مەنمۇ بىر تور ئەھلى بولغاندىكىن،يازمىلىرىمنى(ئىنكاس)تەھرىرلەر ئۈچۈرىۋەتمىسىمۇ بوپتىكەن.
تۇردى ئىسرائىل دىنارى
2011.3.10
بۇ بىلۇگ بەكلا ياخشى چىقىپتۇ.
بىلوگىڭىز بەك چىرايلىق لاھىيلىنىپتۇ.تېرىشچانلىقىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم .ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشۇۋاتقان ئۈنسىز تۆھپىڭىزگە تەشەككۈر!
ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىغا كىرىشتۈرىدىغان سۈرەتلەرنى تاللاشمۇ قول تۇتىدىغان ئىشكەن، مەنمۇ ئۆزەم ساقلاپ قويغان سۈرەتلەرنى يوللاپ باقارمەن. شۇنداق بولغاندا، ھەزرەتئەلىگە سەل ئاسانلىق بولغۇدەك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بەك ئوبدان ياسىلىپتۇ بۇ بىلوگ. مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.
ئاپتۇرلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت
ئەمدى تېخىمۇ قولايلىق بوپتۇ. مەنمۇ ئەسەر ئەۋەتىپ سىناپ باقسام بولغۇدەك…
ئۆلچەملىك يۇنىكود ئۆلچىمىدە بولسىلا بولىدۇ
قايسى خىل يېزىقنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولار ئىدى. مەسىلەن: ئەلپىدامۇ ياكى ئەسلىيەمۇ؟…دېگەندەك…
مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، يېقىندا يەنە ئۇسلۇب ئالماشتۇرىمەن، شۇ چاغدا قايتا رەتلەيمەن
بۇ سەھىپىگە تارىمنىڭ يېڭى سان مۇندەرىجىلىرىنى، بەزى بەت مۇقاۋىلىرىنى چىقىرىپ قويساڭلىمۇ بولغۇدەك.