
چېپىپ كەلدىم پايانىمغا، كۆرۈنمەس ھېچ تىرىك بىر جان،بايان ئەيلەي ساڭا باتىن، ئىشەنگىن بۇ ئەمەس يالغان.ئۈنۈم پۈتتى بولۇپ ۋاھىز، قۇلاق سالمايدۇ يارەنلەر،بۇقۇلداپ يىغلىغۇم كەلدى كۆرۈڭلار ئۆزلۈكى تايغان.شەبىستانىمدا ھۇۋلايمەن ئۆزۈمگە بىر راۋا ئىزلەپ،قېنى كەلتۈر شارابىڭنى بولايمەن ئەقلىدىن ئازغان.تاتارغان بۇ چىرايىمدىن ئۈمىدنىڭ ۋەسلىنى ئۈزمە،تۈگەر بىر كۈنلىكى سەۋرىم، توشار ھامانە بۇ پەيمان.ئازابتىن يىمىگىن ۋايىم، ئۇ ھەركىمگە ئاتا بولماس،ئايا ئۆزلۈك مادارىڭنى، ھامان تەۋە ساڭا بازغان. قازا ئەتمە نەزەرلىكنى، قارار ئەتكىن تېرەنلىكنى،ۋۇجۇد ئۆزلۈككە يار بولسا، دېمەس ھېچكىم سېنى پاكلان.