ئەسلەش | WWW.QUXTAK.COM

ئەسلەش

ئەسلەش

 

بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكى

ھېلىمۇ قارامدۇ چاقماق دەرياسىغا؟

خاتىرەمدىكى مەن

ھېلىمۇ ئەركىلەمدۇ بوۋىسىغا.

 

شۇ كۈنى

مەن ئايرىلغان توپىلىق يولدىن،

شۇ كۈنى

ئۇ قايتقانتى مېنىڭ ئىزىمدىن.

 

ئايدىڭدا

مەن كۆرگەن غەمكىن ئاينى

كۆردى بەلكىم ئۇمۇ يىراقتا،

ھىجرانلار چۈشى

چۈشەپ چىقار تۈن بويى

مەن ۋە «مەن»نى.

 

ئىشىك ئالدىدىكى چوڭ يول

ئاندا- ساندا ئۆتۈپ قالار،

سانتانا پىكاپ.

 

مۈكچەيگەنلەر

شادلانغانلار

سەبىيلەر

ئۇمۇ ھەم.

 

توپىلىق يوللار،

بىزنىڭ مەھەللە.

ئاخشام كۆرگەن چۈش.

 

كۆۋرۈك بېشى – دوقمۇشتا

ئولتۇرىدۇ

ماڭا ئوخشاش سەھرالىقلار،

دۇنيا غېمىدە…

 

يەرشارىدەك ئېغىر ئۇھسىنىش،

سىقىلغان روھلار

سەن،مەن بىلمەيمىز؟

موخۇركا تەمىنى

ئاچچىق موخۇركا مۇڭداش ئۇلارغا.

 

ئەگەر يېنىدا

ئولتۇرۇشقا بولسىدى ئىمكان

مۇشۇ دەقىق،

دادام بەلكىم كۈلەر قاقاھلاپ

يۈگرەپ كېلەر ئۇكام پايپاسلاپ

يۈرەكلىرىم كىتەتتى يايراپ.

 

باراڭلىق ھويلا

تەڭگە ئاپتاپلار

قوينىڭ مەرىشى

ئېتىزدىن ياندى خامان تەپكەنلەر،

سۇ قۇيىدۇ قولىغا ئايالى

بىر چىنە جۇلاپ

قاتتىق ناندا ئەتكەن نانقايناق

ھارغىنلىقى يوقىدى چورتلا.

 

تاماق ۋاختى

ئوچاق بېشىدا

چۆرگىلەيدۇ ئانا ئالدىراپ.

ئاكامنىڭ بالىسى

قوڭىنى سۇۋاپ داق يەرگە

تېلىقىپ كۈلەر.

 

يېزا

بىزنىڭ ھويلا.

چىڭقى چۈش… …

ئېرىق بويىدىكى كارىۋاتتا،

ئولتۇراتتۇق

كۈچەپ شوراپ موخۇركىنى،

ئىسقىرتىشلار ئەۋج ئالاتتى

سۇغا كەلسە قوشنامنىڭ قىزى،

ئۆزىمىزچە «ئاشىق» لىق قىلىپ.

بەلكىم ھازىر ئانا بولدى ئۇ

چولىسى يوق ئايغا قاراشقا.

 

كۆز ياشلىرىم

ئوخشىمايدۇ سېنىڭكىگە

كۈلكىلىرىم ئازاپ رەڭگىدە،

تېنىم خۇددى ئەرۋاھتەك

سۆزلىرىممۇ مېنىڭ ئەمەستەك.

سەن ئويلايسەن بەلكىم مېنى

_«گاڭپەننى يەپ سەمرىپ كەتتى ئۇ…

پىۋا دېگەن زامانىۋى جۇلاپ».

راست ئېيتىسەن

پاتماي قالدىم تېنىمگە

چىنپۈتەمسەن گېپىمگە

دەرت پاتمىدى ئىچىمگە،

چىنپۈتسەڭمۇ ماڭا نە پايدا.

 

يۇرتۇمدىكى ئاي

كۆرۈنمەيدۇ مەن تۇرغان يەردە.

تۇمانلارغا يەم بولغان ماكان.

ئاي چىقسىمۇ تۇمانلار ياپقان.

مەن بۇ يەردە يېتىم بىر يۇلتۇز.

 

چۈشەپ قالساڭ ئەگەردە مېنى

قاراپ قوي سۈرىتىمگە بىر رەت

تاپالمىساڭ سۈرىتىمنى گەر

توۋلاپ قويغىن ئىسمىمنى بىر رەت

بېيجىڭغا قاراپ،

قاراپ بېيجىڭغا…



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت