مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
نادىر فىلىم: سىتسىلىيەدىكى گۈزەل ئەپسانە
تەۋە تۈر: تەۋسىيە | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/06 | كۆرۈلۈشى: 1,139 قېتىم

2002-يىللار بولسا كېرەك، ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. شۇ مەزگىللەردە چەتئەلنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىشلىق نادىر فىلىملىرىنى ئىزدەپ-سوراپ كۆرۈپ يۈرەتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىتالىيەدە ئىشلەنگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار نادىر فىلىم «سىتسىلىيەدىكى گۈزەل ئەپسانە» فىلىمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. تۇنجى كۆرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە قانچە قېتىم كۆرگەنلىكىم ئېنىق ئېسىمدە يوق، ئەمما ئاز دېگەندىمۇ 20قېتىمدىن ئاز ئەمەسلىكى ئۆزۈمگە ئايان. فىلىمنىڭ دېسكىسىنى ھازىرغىچە ساقلاپ يۈرۈيمەن، ئۆزۈم يالغۇز قالغان، بىئاۋارە مىنۇتلاردا بالا قەھرىمانغا ئەگىشىپ مالىنناغا مەستانە بولىمەن.

 فىلىمدىكى ئايال قەھرىمان مالىننا ۋە ئۇنىڭ يولدىشى، شۇنداقلا بالا قەھرىماننىڭ فىلىمدىكى خاس قىياپەت ۋە خاراكتېرى مېنى ھازىرغىچە مەست قىلىدۇ. بۇ يەردە ئارتۇق سۆزلەپ سىلەرنى ئاۋارە قىلماي، يەنىلا بارلىق ھېكمەتنى فىلىمنىڭ ئۆزىدىن ئىستەڭلار…

فىلىمنىڭ دېسكىسىنى ھازىرغىچە ساقلاپ يۈرۈيمەن، ئۆزۈم يالغۇز قالغان، بىئاۋارە مىنۇتلاردا بالا قەھرىمانغا ئەگىشىپ مالىنناغا مەستانە بولىمەن.

بۇ فىلىمنى كۆرمىگەن دوستلار تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭلار، كۆرگەنلەر ئىككى ئېغىز چىن سۆز يېزىڭلار…
地址:http://www.vkeke.com/movie/886/play.html?line=1&sid=1

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • مەنمۇ كۈرۈپ چىققان مەنمۇ يۇقىرقى تۇرداش دىگەندەك ياخشى تەسىراتقا ئىرىشمىگەن ، بەلكىم سىزدەك شېئر يازىدىغان كىشىلەر باشقىچە نۇقتىدىن ئويلىسا كېرەك ، بۇنداق دىيىشىمدە ئانچە -مۇنچە شېئرنى چۈشىنىدىغان ، يازىدىغان كىشىلەر باشقىچە نۇقتىدىن شەئىلەرنى كۈزىتەمدىكىن دەپ ئويلايمەن .

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر 09:40
    • راست ياخشى كىنۇ، ئەمما ئاددى ئىپادىلىك كىنۇلارغا كۆنۇپ كەتكەن تورداشلار بۇنى كۆرسە بىر چۈشكۈن ،شاللىق ئايالنىلا بايقايدۇ خالاس .ئۇندىن باشقا مېنىڭچە بۇ فېلىملنى تەرجىمە قىلغان تەقدىردىمۇ يامان تەسىرىلا بولىدۇ.
      ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇھىتى…..

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ 16:51

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى