شۈ جىمو شېئىرلىرىدىن | WWW.QUXTAK.COM

شۈ جىمو شېئىرلىرىدىن

شۈ جىمو شېئىرلىرىدىن

(ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى)

شېئىرنىڭ بايانى

(غېرىب روھنىڭ ساياھىتى)

مەن ئۆزۈم يىگانىمەن، بىر سەبىي غەمسىز سىياق ،

كەلمىكىم ئالەمگە بىلسەڭ بىر سەۋەب ئەسلىي پىراق.

ئەستە يوق نەدە، قاچان بولدۇم تەۋەللۇت بىلمىدىم،

گۈل-گىياھ، كۈننىڭ نۇرىدەك ئىزگۈ ھىممەت كۆرمىدىم.

غەمسىز ئەركە دەملىرىمگە گۈل-گىياھ مۇتلەق گۇۋاھ،

دوستلىرىم قۇشلار ئىدى، قۇچىقىم ئىللىق ئۇۋا.

ياۋا گۈللەر بەرگىدە يالتىرار شەبنەم ئوماق،

مەھلىيا كۆڭلۈم ئاڭا، بالىلىق شېرىن پىراق.

ئارمىنىم كەڭ دالىدا چاپسام ئىدىم بۇغام بىلەن،

چىم-چىم ئېتىپ باغ ياساپ يايرىسام ئىمكان بىلەن.

قەسرىنى پەرىشتىنىڭ كۆردۈم چۈشۈمدە نەچچە رەت،

پەيلىرى مامۇق پەرىشتەم تۆكتى ماڭا كۈي-نەزمە دەرت.

بىلىمەن پەقەت ئىگەمنىڭ مېھرىنى ھەم قەھرىنى،

سەزمىدىم ھېچ بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى، ئازابىنى.

شۇڭا مەن دەل تەبىئەتنىڭ ئەركىسىمەن بىر بوۋاق،

ئادىمىزات ئارىسىدا كۈن ئېلىش مۈشكۈل سوراق.

كوچا- كوينى قاپلىغان شاۋقۇن- سۆرەندىن نە قىلاي؟

كىشىلەر يۈرمەكتە ھەم شۇقەدەر سولغۇن چىراي.

دىلخانەمنى قاپلىدى غەم كەبى ئاقۇچ تۇمان،

بىر ۋەھىمە ئىلكىدە ئېسەنكىرەيمەن بىزۇۋان.

ئاھ بۇ يەردە ھېچ تېپىلماس گۈل-گىياھ ھەم يا ئېقىن،

بىلمىدىم كۈلكەمگە كىم جۆر، غەملىرىمگە كىم يېقىن؟

سېزىمەن بۇدەم مانا مۇزدەك تەبەسسۇم، مەسخىرە،

پۇتلىرىمنى بۇلغىغان ئۆستەڭدىكى پاتقاق يەنە.

كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ ماڭدىم زېرىككەك تۇيغۇدا،

ئۇ كوچا ھەم بۇ كوچا كەزدىم يەنە شۇ قايغۇدا.

كەلدىم ھەم ئاستاغىنا بىر ھەشەمەت ئىشىك سايان،

«سۆيگۈ، ئازاب» ئىككى سۆز پارقىراپ تۇرغان ئايان.

سۆزگە ئەيلەنگەن تېرەنلىك مېنى ھەم خۇش ئەيلىدى،

مەن يۈرەكلىك، پۇتلىرىم بوسۇغ داۋاندىن ئاتلىدى.

خەيرلىك بۇ ھويلا بۇدەم شۇ قەدەر تىمتاس بوغۇق،

بىر قاراشتا ھەم ئايان دەرتكە مەھكۇم بىر مەبۇد.

راستمۇ تۇيغۇم بىلمىدىم سوزدى توساتتىن قولىنى ،

سۈر بېسىپ تەن، تاللىدىم بەدەر قېچىشنىڭ يولىنى.

شۇ ۋەھىملىك تۈستە تىنماي يول يۈرۈپ ئىزدەپ پايان،

بىر دەقىق پەيتىدە كەلدىم «شادلىق بېغى»غا بىگۇمان.

ئۇشبۇ باغنىڭ ئالدىدا ياڭرايدۇ دۇمباقنىڭ ئۈنى،

ئىشىڭ باقار دەرۋازىۋەن، قورقۇتار قامەت سۈرى.

كېپىنەك پەرۋازىغا رەڭدار كىيىم تەققاس ئۆزى،

باغدا ئەسسە خۇش سابا، نازلىنار گۈل شاخلىرى.

ئاڭلىنار بىر كۈي يىراقتىن ئالغا ئۈندەپ توختىماي،

كۆر يالاڭتۆش بىر بالا ”شادلىق بېغى“ غا سىلجىغاي.

ھەسرىتا دەرۋازىۋەن قەھرىنى چاچقاچ ۋارقىراپ،

ئاقتى كۆزدىن شۇ پەيت ۋەھىمە ياشىم شۇرقىراپ.

مەن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ خىلۋەتكە چاپتىم شۇنچە تېز،

نە بىلەي شادلىققا يانداش بىر ئازاب سالغاچقا ئىز.

پەيتى گۇگۇم كوچا سۆرۈن، چاڭ توزانلار بەزمىدە،

سوغ شامال قوينىدا ياپراق ياش تۆكەر ئۆز دەردىدە.

يەرۇ ئاسمان بىر قاراشتا تۇم قارا تۈرمەك سىياق،

بىر غېرىب تەۋرەيدۇ ئىزدا بىلمىگەي بارسۇن قاياق.

مەن بۇدەم چۈشتۈم غۇلاپ جۇت قاپلىغان بىر لەخمىگە،

يىغلىۋەتتىم جىممىدە تەشنا بولۇپ كۈن بەھرىگە.

ئىستىكىم شۇ ئەملىسە بىر مېھرىبان قول دىل يارام،

باغرىغا ئالسا مېنى ھەم سۆيگۈسى ساپ جان ئانام.

ھەسرىتىم فونتان كەبىي ئۇرغۇيدۇ تىنماي دائىما،

بىر سېھىرلىك نۇر تالاسى يورۇتار مەنزىل مانا.

دەم ئايان، دەم يوق جۇلا، قوڭغۇزسىمان بۇ نۇر تالا،

تۈندە يۇلتۇز ئاققىنىدەك تۇرمىغاي ئۆز ئورنىدا.

نۇر ئېمىپ ئويغاندى تۈن، تەپتى غايىپ قۇدرىتى،

مەنزىلىم بولدى راۋان، بۇ شۈبھىسىز نۇر ھىممىتى.

نۇر ئۆزى تۇرغاچ جۇلالاپ، ئەندىشە يوق زەررىچە،

دىلدا قوزغالدى خۇشاللىق ياندىشىپ نۇر مەيلىچە.

يول خىرە- گۇگۇم سەۋەب، نۇر ئالغا باشلايدۇ ھامان،

قالدى ئادەملەر يىراقتا، مەنزىلىمدۇر ئەرش تامان.

ئاق بۇلۇتلار قاتىدا، چەكسىز سامانىڭ قەھرىدە،

بار گۈزەل يەكتا پەرىشتە، ئۇيقۇ شېرىن پەيتىدە.

ئاق بۇلۇت قوينىدا مەنمۇ ئۇخلىسام بولماسمىدى،؟

شوخ سابا ئەتسە باغاش، چولپان سۆيۈپ قالماسمىدى.

ئاھ نۇرۇم، پانىيغا مەندە يوق مۇھەببەت نە قىلاي،

ساپ نىيەت، شادلىق، ئارام، شەپقەتنى مەن قايدىن تاپاي.

تىلىكىم نۇر مېنى باشلا ئەرش ۋىسالنىڭ پەسلىگە،

بەر چىدام قارار تاپاي، سىرلىق ئىلاھلار قەسرىدە.

ياكى ئىمكانسىز ئۈمىدلەر مەرتە-مەرتەم قىينىسا،

بەر ئىلاج قانداق چىقاي، قورغانى تەننىڭ سىرتىغا.

نۇر ساڭا ئايانمۇ يوق مەن تەبىئەتنىڭ قوزىسى،

ئارزۇيۇم، بولغاي تەبىئەت جانغا راھەت دورىسى.

باغرىدا بار تەبىئەتنىڭ تەمى ساپ مىڭ خىل يېمەك،

خۇش ھىدى دىماغنى يارغان، كۆزگە كۆركەم گۈل-چېچەك.

ئىككى ئاي

كۆككە باقسام ئاي ئىككى، كۆزۈم ئالدىماس،

ھەيرانغۇ مەن ئەپتى ئوخشار، تەپتى ئوخشىماس.

بىرى بۇدەم كۆك قەھرىدە تۇرار يالتىراپ،

ئۇچىسىدا توزدەك لىباس تۇرار پارقىراپ.

چاچار مېھرىن ئايىماستىن ئەجەب پەپىلەپ،

نۇر ئېمىدۇ كۇللى جاھان ئاڭا ئەركىلەپ.

قەسىرلەردە چاقنىغان سىر ئاڭا ئاياندۇر،

ئوكيان ئارا خاس ئۇنىڭغا پەزلى ماكاندۇر.

شۇڭغۇپ چىقىپ بۇلۇتلاردىن قونىدۇ شاخقا ،

پىلەك ئۆزرە ئۇز ئەپتىنى ئالىدۇ يانغا.

ئۇ شۇنچىلىك نەپىس، كۆركەم يوقتۇر ھېچ ئەيب،

سۇ ئاستىدا بېلىقلارمۇ سۈرۈشەر كەيپ.

ئەپسۇس ماڭا ياقماس ئۇنىڭ بىرلا خاس خۇلقى ،

جامالىنى ئەتسە پىنھان، بىقىياس تۇرقى.

ناگاھ كۆكتە چاقنار پەقەت زەررە نۇرسىمان،

كۆرۈنمەيدۇ تولغان تۇرقى دىلنى مەست قىلغان.

ئەپتى ئايان كەلسە ئەگەر زارىققان دەملەر،

بىراق كۆڭۈل تاپماي ئەمىن، ئاشىدۇ غەملەر.

يەنە بىرى كۆزلىرىڭگە بولالماس بەندە،

بولمىسىمۇ تەرىپلىرى ئۇنىڭ ئارتۇقچە.

بار ئۇنىڭمۇ رۇخسارىدا نازلىق تەبەسسۇم،

قايرىلىپ بىر بېقىشىدا جانلار كۇمپەيكۇم.

گەپنىڭ راستى ئۇمۇ كۆنمەس سېنىڭ رايىڭغا،

ئەپسۇس سەنمۇ باقالمايسەن مېنىڭ باغىمغا.

قىممەتلىكتۇر ئۇنىڭدىكى شۇ چەكسىز كامال،

يىتەكلەيدۇ پازىللىققا روھ تەنگە جامال.

كۈمۈش دولقۇن ھەيۋىتىگە مەن شۇنچە ئامراق،

بۇزغۇن ئىچرە چېلىنماقتا ئۇدۇم كۈي ياڭراق.

ئەشۇ ئاپپاق بۇژغۇنلارمۇ قىممەتلىك شۇنچە،

مېھنىتىگە تەڭلىشەلمەس دۇر-گۆھەر، ئۈنچە.

ئاينىڭ تۇرقى تولۇن بۇ دەم ئۇزلۇقتا يەكتا،

مەڭگۈ شۇنداق تۇرغاي تولۇپ، خىسلىتى ئەسما.

پەقەت بۇدەم كۆزلىرىمنى يۇمسام چىڭڭىدە،

كۆك قەھرىگە چىقىپ كېتەر ئۇمۇ جىممىدە.

ئىستەك ئۆلۈمى

ئىستەك بۈگۈن پەقەتلا بىر رەت،

ھەمراھ بولمىش سوغ تېنىڭ ماڭا.

نېتەي كۆڭلۈم سۆزلەيدۇ ھەدەپ،

گۆركارلىق ئۇ قايسى يوسۇندا؟.

ئىستەك مانا پەپىلەيمەن ھە!

ئاران تۇرغان دەرتلىك ياراڭنى.

مۇدھىشلىققا تولغان بۇ كېچە،

كىملەر بىلەن ئاچاي ھازاڭنى؟

كۆمسەم سېنى كۈزنىڭ باغرىغا،

خىلۋەتكە ھەم سەن خالامسەن يوق.

بۇلاقلارنىڭ ئەللەي كۈيىدە،

ئىپارتال ئاستىدا تۇرامسەن ئۇزاق.

تېرىۋالدىم بىر سېۋەت خازان–

كۈز ئۇچۇرغان ئېرەن ياپرىقى.

چاچاي ئۇنى مەن قەبرەڭ تامان،

راسا ئۇخلا ئىستىكىم ئەمدى.

مۇڭلۇق كۈيگە غىڭشىيمەن راسا،

ئورمانلارغا بولۇپ مەن دىلكەش.

سوغ شەبنەمدەك سۈزۈك ياشلاردا

قەبرەڭ يۇيۇپ تۇرىمەن ئەلەس.

قوللىرىمدا جۇل- جۇل كىيىملەر،

سېغىنىمەن كەچمىشلىرىڭنى،

شۇ بىتەلەي ئوتلۇق نەپەسلەر،

ئەسلەپ يۈرەر ئەلەملىرىڭنى.

ئايرىلغۇم يوق سېنىڭدىن يەنە،

سەن ھاياتىم، بەختىم مېنىڭكى.

ئالجىپتۇ ھەي گۈزەل مەلىكە،

قۇچىقىدا يارنىڭ جەسىتى.

چۈشلەرسىمان خىرە بەك خىرە،

كىملەر پانىي، ھەم كىملەر باقىي.

كىم ئۇ يەنە ئىڭرىغان ئىستەك،

سەن، مەن زادى قايسىمىز ساقىي.

گۈزەللىك ئۇ ئۆچمەس بىر تابان،

ھايات، ئىستەك ھەممىسى ئوخشاش.

مۇردىلارمۇ تۇرسا مىدىرلاپ،

نېمە ھاجەت ياپراققا ئىڭراش.

ئاداققى كۈن

نەۋ باھار شامىلى چىقماس شۇ چاغدا،

بىخ سۈرمەس دەرەخنىڭ شاخلىرى قايتا،

كۆرۈنمەس كۆز چاققان نۇرلار بوشلۇقتا،

لەيلەيدۇ تۇماننىڭ ۋەسلى ھەرجايدا،

قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار گۇمان بولغاندا.

بارچىكى ئۆلچەملەر كۈل بولغان ھامان،

بارچىكى قىممەتلەر نۆل بولار شۇئان،

جان سوراق سۈرىدە قىلىدۇ بايان،

ساختىلىق، رەزىللىك بولىدۇ ئايان،

تەڭرىنىڭ ئالدىدا تىترىشىپ ھەرجان.

ئۇ چاغدا كۆزلەردە شۈبھە ياتمايدۇ،

يوشۇرۇش، ھال ئېيتىش، تۆۋە ئاقمايدۇ،

رىشتىمىز دىللارنى قاردەك ئاقلايدۇ،

سۆيگۈدىن قەلبىمىز نۇرلۇق چاقنايدۇ،

مۇھەببەت يوق جايغا تەڭرى باقمايدۇ.

**********************************************************************************

بېييۆ ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى 2002-يىلى 10-ئايدا نەشر قىلغان ”شۈ جىمو ئەسەرلىرى“ ناملىق كىتابتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن


« شۈ جىمو شېئىرلىرىدىن »غا بىر پارچە ئىنكاس يېزىلدى

  1. ئالىپ ئوغۇز مۇنداق يازغان:

    شېئىر تىلى بەك ياخشى تاللىنىپتۇ .تەرجىمىڭىزنى ياختۇرپ قالدىم …

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت