بېيداۋ شېئىرلىرىدىن | WWW.QUXTAK.COM

بېيداۋ شېئىرلىرىدىن

بېيداۋ شېئىرلىرىدىن

  بېيداۋنىڭ ئەسلى ئىسمى جاۋ جېنكەي، ئاتا-بوۋىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھرىدىن بولۇپ، ئۆزى 1949-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. 1969-يىلى قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولغان، كېيىن بىر شىركەتتە ئىشلىگەن. 80-يىللارنىڭ ئاخىرى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. 1978-يىللىرى شائىر ماڭ كې[1] بىلەن بىرلىكتە «بۈگۈن» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، گۇڭگا شېئىرىيەتنىڭ ۋەكىللىك شائىرى بوپ قالغان. 1989-يىلى 4-ئايدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئەنگىلىيە، نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە، دانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە ئامىرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرغان. ئۇنىڭ شېئىر ۋە توپلاملىرى 20نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، «شىۋىتسىيە قەلەمكەشلەرجەمئىيىتى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «ئامىرىكا غەربى قىسىم قەلەمكەشلىرى ئەركىن ئىجادىيەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ھەم ئامېرىكا سەنئەت ئاكادىمىيىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئاكادىمى بولغان. ھازىر كالفورنىيە شىتاتى دىۋىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغىللىنىۋاتىدۇ.

     بېيداۋنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى 10يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئېسەنكىرەشتىن ئويغانغان بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 10يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ بىمەنە رېئاللىقى شائىردا «سوغۇق لېرىكا» خاسلىقىنى—— ئاجايىپ سالماقلىق ۋە چوڭقۇر خىيالپەرەسلىكىنى پەيدا قىلغان. ئۇ سالماقلىق بىلەن كۆزىتىش ئىچىدە «ئاددىي كۆزىدە پارچىلانغان دۇنيا»نىڭ قانداق قىلىپ ئىنسان قىممىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەربات بولۇشىنى، ئىنسان ماھىيىتىنىڭ بۇرمىلىنىشىنى ۋە ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ «ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز دۇنياسىنى، سەمىمىي، ئۆزگىچە، ئادىل، ھەققانىي ۋە ئىنسانىي دۇنيا قۇرۇپ چىقىش»نى ئويلىغان. 1974-يىلى تۇنجى ئەسىرى «داۋالغۇش» ناملىق پوۋېستنى يازغان. 1978-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ناتونۇش ساھىل»نى پۈتتۈرگەن.

     سەگەك تەپەككۇر ۋە بىۋاستە تەپەككۇردىن شەكىللەنگەن ئىستىئارە ۋە سىمۋوللۇق ئىماگنىڭ بىرلىشىشى بېيداۋ شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي خاسلىقى بولۇپ، يۈكسەك يىغىنچاقلانغان زىت جۈملىلەر بېيداۋ شېئىرلىرىدىكى ئىنسان قەلبىنى ئويغاتقۇچى بەدىئىي كۈچنى شەكىللەندۈرگەن.

      ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «قۇياشلىق شەھەر خاتىرىسى»، «بېيداۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما»، ، «قۇلۇپ ئېچىش»، «كارىدور»، «كونا قار»،«ئاخىرلىشىش ياكى باشلىنىش» «كۆك ئۆي»(نەسىرلەر)، «مەغلۇپنامە»(نەسىرلەر)، «ۋاقىت ئەتىرگۈلى»(نەسىرلەر)، «تۈن ئىشىكى»(نەسىرلەر)، «داۋالغۇش»(پوۋېست-ھېكايىلەر) قاتارلىق توپلاملىرى بار.

تۆۋەندىكى شېئىرلار ئۇنىڭ «باشلىنىش ياكى ئاخىرلىشىش» ناملىق توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.

—     تەرجىماندىن

 

ھەزرەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

 

كۈنلەر

 

سىرىڭنى ساقلايسەن تارتماڭدا پىنھان،

ياقتۇرغان كىتابقا سالىسەن بەلگە.

پوچتىدىن خەت سېلىپ، تۇرۇپ بىزۇۋان،

قارايسەن ئەتراپقا خىرامان شۇنچە.

كۆزۈڭدە ئاشخانا، نۇر چاچار چىراق،

تېلېفون ئىچىگە سالىسەن تەڭگە.

موخۇركا تەڭلىدى بېلىقچى بوۋاي،

پاراخوت گۈدۈكى ياڭرىدى كۆكتە.

سىنئەينەك ئالدىدا تۇرىسەن بايام،

تۇمانلار ئىچىدىن بېقىپ ئۆزۈڭگە.

پەردىنى چۈشۈرۈپ يۇلتۇزلۇق ئاخشام،

ئەسلىمە سۆرەتكە قارايسەن نەچچە.

  

يامغۇرلۇق كېچە

 

كۆلچەكتە سۇ ئىچرە چېقىلغان كېچە

بالام دەپ ياپراقنى پەپىلەپ يۈرسە؛

يامغۇرنىڭ تامچىسى چىراغ كۆزىدە،

مۈرەڭدىن مارجاندەك چېچىلىپ چۈشسە؛

ياق دېدىڭ شۇ مەھەل كەسكىن ھەم راۋان،

ۋەلېكىن كۈلكەڭدىن مەيلىڭ ھەم ئايان.

 

چېچىڭنى سىيلايدۇ قوللىرى نەمخۇش،

بېشىڭدا ئەگىگەن قاپقارا بۇلۇت؛

خۇش ھىدىڭ، تىنىقتا رىشتە بار دوقمۇش

دېمەكچى: جۈپ سايە شادلىقنى ئۇنۇت؛

قاراڭغۇ ئۆيدە قول ياغلىقىڭنى ھەم،

نەملىدى ئۇنتۇلماس كونا دەرد-ئەلەم.

  

ئەركىمدىن، ياشلىقتىن، قەلەمدىن جۇدا

قىلسىمۇ گەر قانلىق قۇياش ھەم مىلتىق؛

كەچمەيمەن بۇ كېچەم ۋە سەندىن ئەسلا،

زۇۋانىم تۇتۇلسۇن، ئاسمىنىم يىرتىق؛

جان ئامان ئۈمىد يار، كۈلكەڭ بوپ ھىلال،

ھەركېچە ئويغىتار ئەستىلىك خىيال.

  

قولۇڭنى ئۇزات

 

قولۇڭنى ئۇزاتقىن ماڭا ئەي دىلبەر،

ئەمدىكىم بۇ دۇنيا قىلمىسۇن مالال.

مۇھەببەت دىللاردا ئەسلەنسە ئەگەر،

ئازابمۇ ئەسلەرنى قىلالماس قامال.

 

بارچە ئىش ئۇنتۇلماس مەڭگۈگە بۇندا،

بۇ سۆزۈم ئېسىڭدىن چىقمىغاي ئاسان.

قالسىمۇ ئاداققى ئاق تېرەك يولدا،

قەد كېرەر قەبرە تاش كەبى ئۇ ھامان.

 

سۆزلەيدۇ خازانمۇ لەيلەپ قىسمەتتە،

مۇزلايدۇ، ئاياندۇر ئۇندا ئىزىمىز.

بىلمەيمىز ئەتە تاڭ باشقا خىسلەتتە،

غەپلەتكە ئالىمىز قەدەم ئۇچاغ بىز.

  

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز

 

قايتىپ كەل ۋەياكى مەڭگۈلۈك يوقال،

بۇت سىياق تۇرمىغىن ئىشىك تۈۋىدە؛

بىپەرۋا نەزەردە تارتما ماڭا ھال،

پاراڭمۇ قىلمىغىن سەن، مەن ھەققىدە.

 

ئەقىلگە سىغماس ئىش زۇلمەت ئەمەستۇر،

سۈبھىنىڭ پارلىشى سىغماس ئەقىلگە؛ 

ئېپ مېڭىپ بارچىنى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز،

چاقنىتىپ، كۆيدۈرۈپ، ئەيلەيدۇ كۈلگە.

 

قايتىپ كەل قايتىدىن ياشايلى پارلاپ،

قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدەك يوقال مەڭگۈ يا؛

زۇلمەتتىن يىراقلاپ، زۇلمەتتە چاقناپ،

توۋلىغىن ناخشاڭنى جىلغاڭدا تەنھا.



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن


« بېيداۋ شېئىرلىرىدىن »غا بىر پارچە ئىنكاس يېزىلدى

  1. مۇھەممەتجان توختى مۇنداق يازغان:

    بولسا كۆپرەك يوللاپ قويسىڭىز…….رەھمەت

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت