مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
شەھەردىكى تەبىئەت ساداسى
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/12/27 | كۆرۈلۈشى: 481 قېتىم

ئاپتورى: جاۋ لىخوڭ

تەرجىمان: چۈشتاق

 

شەھەردە تۇرغانسېرى ئۆزۈمنى قەپەزدىكى قۇشتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ماكاننىڭ تارلىقىدىن يىراققا ئىنتىلگەن كۆزلىرىم مۇزدەك تاملاردىن ئاشالمايتتى. ھەرخىل گۈدۈك ئاۋازى ۋە ئادەملەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىمۇ ئارامىمدا قويمايتتى. كوچىدا يۈرسەممۇ سانسىز ئادەملەر دېڭىزىدىكى بىرتامچىغا، شەھەر شاۋقۇنلىرى ئارىسىدىكى بىر ئاۋازغا ئايلىنىپ قالغاندەك بولاتتىم. كاللامدىكى تىنچلىنىش خىيالىم بىردەمدىلا ئۆز ئىمكانىدىن جۇدا بولاتتى.

شەھەردىن تەبىئەت ئاتا قىلغان ساپ سادالارنى ئاختۇراتتىم. ئەمما ئۇ كەپسىز بالىدەك تاش ئورمانلار ئارىسىدا مەن بىلەن مۆكۈشمەك ئوينايتتى. مەن كىشىنى بىزار قىلغۇدەك ۋاڭ-چۇڭلار ئارىسىدىن ئۇنىڭ: ئىشىنەمسەن؟ سەن پەقەت ئىخلاسىڭ ۋە ئىشتىياقىڭ بىلەن تىڭشىساڭلا مەن ھەرجايدا ساڭا ھەمراھ، مەن سېنىڭ ئەتراپىڭدا ئۈن-تىنسىز، ھەشەم-دەرەمسىز مەۋجۇتمەن. – دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم.

گاھىدا كىلاسسىك شائىر تاۋ يۈەنمىڭنىڭ:

ئاۋات رەستە ئاراسىدا غېرىب كۈلبەم،

يىراق كۆڭلۈم سۈرەن-شاۋقۇن، مالامەتكە.

سەۋەب ئىستەر يارەنلەرگە بايان ئەتسەم:

دىلى پازىل كۆڭۈل بەرمەس ئالامەتكە.

دېگەن مىسرالىرى ئېسىمگە كېلىدۇ. ئۆزۈمچە، قايناق رەستە ئىچىدە «كۈلبە» قۇرۇپ، يەنە شاۋقۇن-سۈرەنلەرنىڭ مالاللىقىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ؟-دەپ ئويلاپ قالىمەن. شائىر بۇنىڭغا: «دىلى پازىل كۆڭۈل بەرمەس ئالامەتكە» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

شۇنداق، ئىنسان پەقەت روھىي جەھەتتىن پانىيلىقتىكى غەۋغا-مالامەتلەرگە كۆڭۈل بەرمىسىلا، ئەتراپتىكى مۇھىت تەبىئىيلا خىلۋەت ماكانغا ئايلىنىدۇ. بۇ شېئىرنىڭ ئاخىرى ھەممە بىلىدىغان مۇنۇ نادىر مىسرالار بىلەن داۋاملىشىدۇ:

گۈلى سەبدە ئۈزۈپ خۇش روھ بىلەن كۈلسەم،

كۆرۈندى كۆزگە تاغ كۆركەم قىياپەتتە.

ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا زوقلانغۇدەك نە دەل-دەرەخ، ئۈزگىدەك نە سەبدە گۈلمۇ يوق. بېشىمنى كۆتۈرسەملا سېمونت تام ۋە دېرىزە كۆزنەكلىرى ماڭا مەنزىرە بولىدۇ.

كۈتۈپخانامنىڭ سىرتىدا يېشىللىق يەلپۈنمەكتە.

مەن ئاۋات شەھەرنىڭ پۇقراسى، يېرىم ئەسىر بۇرۇن سېلىنغان تۆت قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە ئولتۇرىمەن. ئىلگىرى بۇ بىنانىڭ تاملىرى ياپيېشىل پىچەكگۈللەرگە تولغان ئىكەن. شۇڭا بۇ بىنا ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن «يېشىل ئۆي» دەپمۇ ئاتالغان ئىكەن. سېمونت تاملىق كۈلرەك بىنالار ئارىسىدا، يېشىل پىچەكگۈللەرگە ئورالغان بۇ بىنا كىشىگە بىر خىل ئۆزگىچە يېشىللىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، شاۋقۇن-سۈرەنلىك بۇ ئاۋات شەھەردە تەبىئەت ئۆز جىمجىتلىقىدا مەۋجۇت ئىكەن دېگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. ئەينى يىلى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشىمگىمۇ دەل ئاشۇ يېشىل پىچەكگۈللەر سەۋەب بولغان ئىدى.

بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ۋاقتىمدا قىش كىرەي دەپ قالغان ئىدى. تاملاردىكى پىچەكگۈللەرنىڭ يېشىللىقى تۈگەپ، ياپراقسىز تاللىرىلا قالغان بولۇپ، كۆزگە بىر توپ سازاڭدەك كۆرۈنەتتى. شۇ يىلى قىشتا بۇ پىچەكگۈللەر ئۆز يېشىللىقىنى قايتا نامايان قىلالارمۇ دېگەن ئەندىشىدە ئۆتتۈم. ئۆزۈم تۇرغان ئۆينىڭ تاملىرىنى كۆرەلمىگەچ، ئۇدۇلدىكى تاملاردا چىرمىشىپ تۇرغان پىچەكگۈل تاللىرىنى كۈزىتەتتىم. قىش بويى ئۇلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. قارىماققا، قىشنىڭ نەشتەردەك سوغۇقىدا ئۇلار ھاياتى كۈچىدىن مەھرۇم بولغاندەك ئىدى.

قىش تۈگەپ، ئىللىق شامال يەر-جاھاننى ئىللىتتى. تامدىكى پىچەكگۈللەردە يەنىلا ھېچبىر شەپە يوق ئىدى. ھەركۈنى سەھەردە، كارىدوردا تۇرۇپ، دۇربۇن ئارقىلىق ئۇدۇلدىكى تاملاردىكى پىچەكگۈللەرنى كۈزىتەتتىم، ئۇلاردىن يېشىللىقنىڭ بىشارىتىنى ئىزدەيتتىم. ئاقىۋەت، قارىماققا قۇرۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان تاللاردا ئۆزگىرىش بولدى. قىزغۇچ بىخلار كۆز ئاچتى. خۇددى بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا باشقىچە تۈسلەندى. بىر ھەپتىگە قالماي بىخلار كۆز يېرىپ، يۇمران ياپراقلارنى چىقىرىشقا باشلىدى. بىر قىش ئۈنسىز ياتقان پىلەك-نوتىلار باھار شامىلىدا قايتا جانلاندى. يېڭى ئۆسۈپ چىققان ياپراقلار ئۈنسىز رەۋىشتە ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، سانسىز بۇدرۇق قوللاردەك شامالدا يەلپۈنەتتى، ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيتتى. باھارنىڭ ھىممەتلىك قەدىمى ئەشۇ تەرىزدە سېمونت تاملارغا ئىز سالدى. كۆپ ئۆتمەي تاملار يېشىللىققا تويۇندى. ئۆيۈمنىڭ دېرىزىلىرىمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق يېشىل دېرىزىگە ئايلاندى. دېرىزە راملىرىدىمۇ بىلىپ-بىلمەي يېشىل نوتىلار ۋە ياپراقلار كۆپىيىپ، بارا-بارا يېشىل پەردە ھاسىل قىلدى. بۇ يېشىل دېرىزە ئارقىلىق سىرتقا نەزەر سالغىنىمدا يېشىللىققا تويۇنغان ھوزۇرلۇق مەنزىرە تۇيغۇمنى مەھلىيا قىلىپ، قەلبىمدىكى تەشۋىش ۋە زىرىكىشلەر نەگىدۇر غايىپ بولاتتى. دېرىزەم سىرتىدىكى ئاشۇ يېشىللىق مەن ئۈچۈن مەخمەل تاغ، زۇمرەت بۇلاق، قويۇق ئورمان، يېشىل يايلاق ھەم چەكسىز ئېتىز-دالىغا تەڭداش ئىدى. بۇنداق چاغدا تەبىئىيلا تاۋ يۈەنمىڭنىڭ مىسرالىرى ئېسىمگە كېلىپ، ئۆز خۇشاللىقىمدا:

دېرىزەمدىن باقسام يىراق ئىستەپ باھار،

ئەجەب ھالكىم مەخمەل تاغ دەل ئالدىمدا بار.

- دەپ ئۆزگەرتىپ باقىمەن.

يېشىللىق بار يەردە ھېكمەت بار. پىچەكگۈلنىڭ ياپراقلىرى ئارىسىدا دائىم كېپىنەكلەرنىڭ يايراشلىرى، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ قايناشلىرى، يىڭناغۇچلارنىڭ چاقناشلىرى، يەنە ئاللىقانداقتۇر مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان جانىۋارلار ئۆز خاسلىقىدا كۆزگە چېلىقاتتى. ئاندا-ساندا تام پاتمىچۇقىمۇ پەيدا بولاتتى، كۆمۈشرەك قورسىقى ياپراقلار ئارىسىدا سىرلىق نۇر تالاسىدەك چاقنايتتى. بۇ جانىۋارلار ئۈچۈن تاملاردىكى ئاشۇ يېشىللىق دەل ئۇلارنىڭ كەڭرى كەتكەن جەننىتى ئىدى.

پىچەكگۈلمۇ ئەمەلىيەتتە ئورمانلىقتىكى دەل-دەرەخلەرگە ئوخشاش بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدىكى خاس ئۆزگىرىشلەرگە شاھىد بولىۋاتاتتى ھەم ماڭا ھاياتلىقنىڭ بەردەملىكىنى تونۇتماقتا ئىدى. پىچەكگۈلنىڭ يوپۇرماق ساپىقىدا تاملارغا يامىشىشقا ماسلاشقان تىكەنلىرى بولۇپ، شۇ ئارقىلىق تاملاردا بىمالال تۇراتتى ھەم رەڭدار ھاياتلىق جىلۋىسى ئارقىلىق مۇزدەك سېمونت تاملارغا گۈزەللىك ئاتا قىلاتتى. پىچەكگۈلنىڭ ياپرىقىدا زادى قانچە خىل رەڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئەمما باھارنىڭ نازۇك قىزىللىقى ۋە سۇس يېشىللىقى، يازنىڭ سۈزۈك ۋە قېنىق كۆكلىكى كىشىنى مەھلىيا قىلاتتى. ئۇنىڭدىن گۈلمۇ ئېچىلاتتى، ياز پەيتىدە قېنىق يېشىل ياپراقلىرى ئارىسىدا چىكىت-چىكىت دارچىنگۈلدەك سېرىق رەڭلەر پەيدا بولاتتى. ئۇلارنىڭ خۇش ھىدى ماڭا ناتونۇش ئىدى، ئەمما توپ-توپ كېپىنەك ۋە ھەسەك ھەرىسى دەل ئاشۇ خۇشھىد ئىشتىياقىدا ياپراقلار ئارىسىدا ئەگىپ يۈرەتتى. پىچەكگۈل ئۈنسىز-شەپىسىز رەۋىشتە ئېچىلىپ، غايىب بولاتتى. ئېچىلغاندىن كېيىن ياپراقلار ئارىسىدا شېرىن مىۋىلەر پەيدا بولۇپ، سانسىز جانلىقنى ئۆزىگە جەلب قىلاتتى. قۇشقاچ، ئاقباش ئوت، سېغىزخان دېگەندەكلەر دېرىزەم ئالدىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئاشۇ شېرىن مىۋىلەر قەستىدە ياپراقلار ئارىسىدا يۈرۈشەتتى. رەڭدار قاناتلار ۋە جۇشقۇن سايراشلار پىچەكگۈل غوللىرى ۋە يېشىل ياپراقلار ئارىسىدا بىرلىشىپ، دېرىزەم سىرتىدا ھاياتلىقنىڭ جۇشقۇن سىمفونىيەسىنى ياڭرىتاتتى.

كۈز شامىلىنىڭ قەدىمى يەتكەندە ياپراقلار ئۆز يېشىللىقىدىن سارغۇچ رەڭگە ئۆزگىرىپ، بارا-بارا ئالتۇن رەڭگە كىردى. مانا بۇ تەبىئەتنىڭ سىرلىق ماھارىتى. كۈزنىڭ گۇگۇم ۋاقتىدا قىزغۇچ كەچكە شەپەق ئەشۇ قىزىل ياپراقلارنى يورۇتقىنىدا، رەڭدار كۈز مەنزىرىسى ئېسىمگە كېلىدۇ-دە قەدىمكىلەرنىڭ كۈز ھەققىدىكى مىسرالىرى ئېسىمگە كېلىدۇ:

دەل-دەرەخلەر كەيدى كۈزدىن بىر لىباس،

تاغ-ئىدىرغا خوش دېدى ئوتلۇق قۇياش.

بىر كۈنى، ئۆسۈملۈك تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغان بىر دوستۇم ئۆيۈمگە كەلدى. ئۇ دېرىزە سىرتىدىكى يېشىللىقنى كۆرۈپ، ماختاپلا كەتتى. ئاندىن: -پىچەكگۈلنىڭ يەنە قانداق ئىسمى بارلىقىنى بىلەمسەن؟-دەپ سورىدى مەندىن. مەن راستىنلا بىلمەيتتىم. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: ئۇنىڭ ئىسىمى كۆپ، يالمانقۇلاق، كۆكپىلەك، رەڭچۆپ، قىزىل چېچەك، يەركۆپە، تاشيالما … ئۇ مەن ئاڭلاپ باقمىغان بىر قاتار ئىسىملارنى دېدى. ھەيران قالدىم ھەم قايىل بولدۇم. ئېنىقكى بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى پىچەكگۈلنى ئىنچىكە كۈزەتكەن ئادەم تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىملار ئىدى. دوستۇم ئۇنىڭ بىر تالاي ئارتۇقچىلىقى ۋە پايدىسىنى، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ھاۋانى ساپلاشتۇرىدىغانلىقىنى، شاۋقۇن ۋە توزان سۈمۈرىدىغانلىقىنى ماختىدى. تېخى يەنە، ئۆيۈڭنىڭ پىچەكگۈللەرگە ئورالغىنىنى بەختىم دېسەك بولىدۇ دېدى.

مەن ئىلگىرى ئۆيۈمدە پىكوس، سىكىنداپسۇس، مونىستەبىر بامبۇكى دېگەندەك كۆچەتلەرنى ئۆستۈرگەن ئىدىم. ئەمما تۈزۈك ئاينىمىغان ئىدى. بەلكىم مەن سۇنى كۆپ قۇيۇپ سالغاندىمەن، بىر ئوبدان كۆكۈرۈپ كېلىپ، تۇيۇقسىزلا سارغىيىپ قۇرۇپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ ياپيېشىل تۇرقىنىڭ كۈنسېرى سارغىيىپ، قۇرۇشقا يۈزلەنگىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئامال قىلالماسلىق راستلا ئەلەملىك ئىش ئىدى. ئەمما دېرىزەم سىرتىدىكى ئاشۇ پىچەكگۈللەرنىڭ ماڭا ھاجىتى چۈشمەيتتى. مېنىڭ پەرۋىشىمسىزمۇ ئوبدان ئاينىپ، ئىسسىق-سوغۇق، قار-بورانغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز مەيلىچە بىمالال ياشنايتتى.

پىچەكگۈل مەن بىلەن بەش باھارنى بىللە ئۆتكۈزدى. مەن ئۆزۈمچە ئۇلار كۆز ئالدىمدا ئىزچىل يېيىلىپ، ماڭا تەبىئەتنىڭ سېھرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. تېخى ئۆزۈمنىڭ «تار كۈلبەم»نى «يېشىل كۈلبە» دەپ ئاتاشنىمۇ خام خىيال قىپتىمەن.

ئىللىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى چۈشتىن كېيىن، دېرىزەم سىرتىدىكى يېشىل نوتىلارنىڭ ئازراق يىگىلىگەنلىكىنى، ياپراقلارنىڭمۇ سولاشقانلىقىنى، بۇرۇنقى رەڭدار جۇلاسىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. دېرىزەم ئۇدۇلىدىكى يېشىللىقمۇ ئازراق سۇسلاشقان ئىدى. نېمە بولغاندۇ؟ شۇنچە ئويلىنىپمۇ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم. ئەتىسىمۇ ئۇلار ئەسلىدىكى جۇلالىق ھالىتىگە قايتمىدى. كۈچلۈك كۈن نۇرىنىڭ تەسىرىدە، تاملارغا بولۇق چىرماشقان يېشىل نوتىلار كەچ بولغاندا كۆرۈنەرلىك سولاشتى. بىرەر زىيانداش ھاشارەتنىڭ ئىشىمۇ يا؟ شۇنچە كۈزىتىپمۇ زىيانداش ھاشارەتنىڭ ئىزناسىنى تاپالمىدىم. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى تەمە قىلىپ، پەردىنى قايرىدىم. ئېچىنىشلىق ھالەت كۆزۈمگە تاشلاندى. دېرىزەمگە ياماشقان يېشىل نوتىلاردا يۇمرانلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، ئۈششۈك تەگكەندەكلا بوپ قالغان ئىدى. تامدىكى ياپراقلارمۇ قۇرۇپ بولغان ئىدى. ھاياتى كۈچى زور بۇ ئۆسۈملۈككە نېمە بالا تەگكەندۇ؟

كۈتۈپخانامدىن چىقىپ، پەسكە چۈشتۈم. كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالدىم. پىچەكگۈلنىڭ توم-توم غولى باشقىلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي كېسىۋىتىلگەن ئىدى. بۇ خىل قىلمىش ئېنىقكى رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىق ئىدى. نەچچە يىل بەخىرامان ئۆسۈش جەريانىدا، قار-بوراننىڭ زەربىسىدىن ئامان ئۆتكەن بۇ گۈللەر ئىنساننىڭ رەھىمسىزلىك تىغى ئالدىدا ئامالسىز قالغان ئىدى. كېيىن بىلدىمكى، بۇلارنى جېنىدىن جۇدا قىلغۇچى ئەسلى تاملارنى ئاقارتىش باھانىسىدە، پىچەكگۈللەرنى كېسىپ تاشلىغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يېڭى ئاقارتىلغان تام پىچەكگۈللەرنىڭ ياماشقان ھالىتىدىن كۆركەم كۆرۈنەتتى. شۇنداق قىلىپ، نازۇك بىر ھاياتلىق ھېچ سەۋەبسىزلا ئۆلۈمگە يۈز تۇتتى.

غولى كېسىلگەن پىچەكگۈللەر يەنىلا تامغا چاپلىشىپ جان تالاشماقتا ئىدى. يۇمران ياپراقلار ئۆزىدىكى نەملىككە تايىنىپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا نەچچە كۈن تىركەشتى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ياپراقلار خازانغا ئايلاندى. ئاخىرى بېرىپ، تاملاردا سانسىز سازاڭدەك چىرماشقان، قارشىلىقنىڭ بەلگىسى بولغان قۇرۇق نوتىلارلا قالدى. بۇ بەردەم نوتىلار ئاخىرقى تىنىقىغىچە تامدىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى. ئاقىۋەت، ئاقارتىش ئىشچىلىرى ئۇلارنى تامدىن كېسىپ تاشلىۋەتتى.

«يېشىل كۈلبە» غايىب بولدى. بىنانىڭ قىياپىتىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. بۇرۇنقى خاسلىقى ۋە جەزبىسىدىن جۇدا بولدى. قايماقرەڭلىق يېڭى بىناغا ئايلىنىپ، ئەتراپتىكى سانسىز بىنالار ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى. بەلكىم قوشنىلارنىڭ نارازىلىقىدىن بولسا كېرەك، بىرى پەستىكى گۈل چۆنىكىگە ۋىستىرىيە گۈلى تېرىپ قويۇپتۇ. ئوخشاشلا يۇمران پىلەك، يۇمران ياپراق كۈنسېرى تامنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىمەكتە…

ۋىستىرىيە گۈلى، سىلەر جېنىدىن جۇدا بولغان پىچەكگۈلگە ئوخشامسىلەر؟

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى