مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
سىرلىق جىلغىدىكى ئىلھاملار
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/12/24 | كۆرۈلۈشى: 502 قېتىم

ئاپتورى: ليۇ شىڭلوڭ

تەرجىمان: چۈشتاق

بەزى يەرلەر تۇرمۇشىمىزدىن قانچىلىك يىراقتا بولىشىدىن قەتئىنەزەر، تۇرغان يېرىمىزدىن ئاشۇ يىراق يەرگە بېرىش سەپىرى قانچىلىك تاغ-داۋانلىق ھەم خەتەرلىك، جاپا-مۇشەققەتلەر بەش قولدەك ئېنىق بولسىمۇ، كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ. پەقەت پۇرسەت كەلسىلا، قولىمىزدىكى ئاتالمىش مۇھىم ئىشلارنى بىرياققا تاشلاپ قويۇپ، بار ئاماللار بىلەن مەيلىمىزنى ئۇتقان ئاشۇ يەرگە ئاتلىنىمىز. جيۇجەي جىلغىسىغا قايتا بېرىشمۇ دەل مۇشۇنداق بولدى. ئاشۇ كۈنى چېڭدۇدىن جيۇجەي جىلغىسىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقتىم. تۇيۇقسىز سول تەرىپىمدىكى دېرىزە سىرتىدىن ھەيۋەت قەد كېرىپ تۇرغان قارلىق تاغلارغا كۆزۈم چۈشتى. ھاياجېنىمنى باسالما بېشىمنى بۇرىغىنىمچە يېنىمدىكى سەپەردېشىمغا خوشلۇقىمنى ئېيتتىم. ئۇلارمۇ ئوڭ تەرەپتىكى دېرىزە ئارقىلىق سىرتتىكى ئېگىز قارلىق تاغلارغا زوقلىنىپ تۇرغان ئىكەن. بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان دەل بىر تاغ جىلغىسى ئۈستىدىن ئۇچۇۋاتقان ئىكەن. بۇ قېتىمقى سەپەرنى تۈگىتىپ قايتاشىمدا، تاغلار ئارىسىغا ياسالغان ئايروپورتتا بىزنى ئالغىلى كېلىدىغان بويىن تىپلىق ئايروپىلاننى ساقلاپ تۇرغان ئىدۇق. يەنە ئون مىنۇتلا ئۇچسا يەرگە قونىدىغان ئايروپىلان تۇيۇقسىز چىققان بوران سەۋەبلىك چېڭدۇ ئايروپورتىغا قايتىپ كەتتى. بۇ ئۇچۇش لىنىيەسى بويىدا قار-مۇز دۆۋىلىرى بۇلۇتقا تاقىشاي دېگەن، دەل-دەرەخلەر كۆككە بوي سوزغان بولۇپ، نۇرغۇن خەتەرلىك قىيالار بۇ ئۇچۇش لىنىيەسىنى مۇشۇنداق نازۇك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. پەقەت مۇشۇ خىل قارىماققا ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرگە ناھايىتى زور خەتەر يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلگەندىلا ئاندىن ئاشۇ خىل ئاپىرىن ئېيتىدىغان كەيپىيات پەيدا بولاتتى.

نەچچە يىل ئىلگىرى، جيۇجەي تاغلىق رايونىدا بىركۈن تۇرۇش پۇرسىتى بولغان ئىدى. ئۇ قېتىم، قەدىمىي شەھەر جياڭيودىن يولغا چىققان ئىدۇق. ئاپتوبۇس تاڭسۈزۈلگەندە يولغا چىقىپ، ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا ئاران مەنزىلگە يەتكەن ئىدى. ئەسلىدە ماي گۈلى پەقەت چېڭدۇدىلا رەڭگىگە تولۇپ ئېچىلىدۇ دەپ قارىغان ئىكەنمەن. شەھەرگە يىراقلىقىدىن جەننەت بىلىنىدىغان جيۇجەي رايونىدىمۇ باش باھاردىكىدەكلا قويۇق ئىدى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن تۆپىلىك رايونىدا ئەتراپنى بىر ئالغان كاككۇك گۈلى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرگەنسېرى شالاڭلاپ، نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي ئورمانلىق ئارىسىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. مەن 5-،6-ئايلاردىكى جيۇجەي جىلغىسىدا كىشىنى باشقىچە مەپتۇن قىلىدىغان بىر خىل لەرزان يەلپۈنۈپ تۇردىغان گۈلنى كۆردۈم. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، 7-،8-ئايلاردىكى جيۇجەي جىلغىسىدا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يەنە بىر نازۇك گۈلنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. 9-،10-ئايلارغا بارغاندا، بۇ يەردە ئەڭ كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغىنى ئېنىقكى، جۈپ-جۈپ ئوغۇل-قىزلار بىلەن تولغان ئادەملەر توپى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، خۇددى مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە ئوخشاشلا بۇنىڭغا ھېچكىم ئەيىبلىك ئەمەس. ئېنىقكى تەبىئەت بەرپا قىلغان بۇ مەنزىرە چەكلىك ھاياتقا بولغان بىر خىل تەسەللىي خالاس. مەيلى كىم قانداق چارە-تەدبىرلەر بىلەن ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىكلىكى ھەم ئۇلۇغلىقىنى نامايان قىلمىسۇن، ئۆلۈم ھامان شەپقەتسىزلىك بىلەن ھەممىنى ئۆز قوينىغا تارتىدۇ، ئىنساننىڭ قىلچە رايىغا باقمايدۇ. شۇڭا، باغى ئىرەمدەك بىر ماكاننىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان قايسى بىر جان ئۆز تىرىكلىكىدە ئاشۇ ماكاننى بىر كۆرۈشنى ئىستىمەيدۇ؟ ھەر بىر كىشىنىڭ جيۇجەي جىلغىسىنى كۆرۈش ئىستىكى ھەقىقىي جەننەتنى كۆرۈش ئىستىكىدىن ئەمەسمىدۇر؟ كىم ئۆزىنىڭ بۇنداق خىيالدا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟ بۇ جاۋابىنى تاپماق مۈشكۈل بولغان بىر قىيىن سوئالدۇر. نەچچە مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ، يەتكۈچە چارچاش بەدىلىگە پەقەت كۆركەم مەنزىرىلەر ھەم ئالامەتلەرنى كۆرۈش ئېنىقكى بۇ دەۋرگە ئومۇملاشقان قىممەت قارىشى ئەمەس، ھەم ھەرخىل قىممەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ئادىتىمۇ ئەمەس. ئۆزىدىكى باغى ئىرەمدەك گۈزەللىك بىلەن داڭقى تارالغان جيۇجەي جىلغىسىدا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر تالاي كارامەتلەر بار. جيۇجەي جىلغىسىنىڭ ھەممە تەرىپلىگۈدەك جەننەت مىسال ماكانغا ئايلىنىشىغا قوينىدا ئۆز گۈزەللىكىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر قاتار كارامەتلەر ئارقىلىق غايىمىزغا ھەم ئارزۇيىمىزغا تەڭداش ھالدا يېقىنلاشقانلىقىدىندۇر.

جيۇجەي جىلغىسىنىڭ باشقا يەرلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى، سىز تېخى ئۇنىڭ قوينىدىن ئايرىلماي تۇرۇپلا، قەلبىڭىزدە بىر خىل قىيالماسلىق، ئەندىشە تۇيغۇسى باش كۆتۈرىدۇ. ھەتتا بۇ خىل ئەندىشە تۇيغۇسى سىزنىڭ بۇ سىرلىق ماكانغا قەدەم بېسىشقا تەقەززا بولۇشىڭىزنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. مەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ ئىككىنچى قېتىم يەنە بۇ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ماكانغا قەدەم بېسىشىمغىچە، مېنىڭ بېرىشىمنى كۈتۈپ تۇرغان شۇنچە كۆپ يەرلەر تۇرۇپ، مۇشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ماكانغا قايتا ئاياغ بېسىشىمغا، ئۆزۈمنىڭ كەيپىياتىمنى ھەم ئادىتىمنى ئۆزگەرتىش خائىشىمغا پەقەت ئەندىشىلا باھانە بولالمايدۇ، دەپ ئويلىدىم. ئىنساننىڭ ھاياتى بەلكىم تۈرلۈك-تۈمەن ئەندىشىلەرنىڭ باغلىنىشىدىن تەركىبلىنەر. بۇلاردىن كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغىنى يەنىلا كىشىلەر كۆرۈشنى خالىمايدىغان ھەم كۆرۈشنى ئەڭ خالايدىغان قىسمەتتۇر. ئۇنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بارلىقىنى، بىزنىڭ مەيلىمىزگە باقمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىمىز. تەقدىرنىڭ ئۆز قىسمەتلىرىدە دەۋزەخ كەبىي كۈنلەرنىڭ ھەم بارلىقىنى ئېنىق بىلسەكمۇ، ئەمما يەنىلا جيۇجەي جىلغىسىغا خاس تەسەۋۋۇرىمىزنى بېيىتىشقا تىرىشىمىز، تىرىشساقلا ئۈمىد بارلىقى، تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بولىدىغانلىقىلا بىزنىڭ تىلىكىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئەندىشە بىر خىل ئومۇملاشقان قىسمەت، قىسمەتمۇ ھەم بىر خىل چوڭقۇر ئەندىشە. قىسمەتتىن ئەندىشە قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ تاغلىق رايوندىن ئەندىشە قىلىشنىڭ سەۋەبى نەدە؟ تىيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، سۇسلۇقتىن قېنىقلىققا قاراپ، ئۆز قولىمىز بىلەن روياپقا چىققان سېرىق ماينى بىر ئۆمۈر سۈرتكەندىلا يۈزىمىزدە ئاندىن ئالتۇن رەڭلىك جۇلا پارلاپ، قاشتاشقا ئوخشاش قارمۇزلار بىلەن بىرىككەندىلا قەلبىمىزدە ئاندىن بۇ سىرلىق ماكاننىڭ گۈزەللىك بىلەن نەقەدەر يېقىنلىقىغا بولغان تونۇش شەكىللىنىدۇ.

قايتا كەلگەن ۋاقتىم قىش پەسلى ئىدى. قارا قىش كىشىلەرنىڭ بۇ سىرلىق ماكانغا يېقىنلىشىش ئىستىكىنى چەكلەپ، جيۇجەي جىلغىسىنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە خاسلاشتۇرۇپ، ئەزەلدىن پەقەت قەلبىمىزدىلا ھېس قىلىدىغان بۇ ماكاننى ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان ئىدى. قىش پەسلىدىكى جيۇجەي جىلغىسى كىشى قەلبىدە بارچە كارامەتلەر ئۆز مۇكەممەللىكىگە يېقىنلاشقاندەك بىر خىل ھەقىقىي تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى. يىراقلارغا نەزەر سالسىڭىز، بۇ تاغلىق رايوندىكى ئاجايىب-غارايىب گىياھلار نەگىدۇر غايىب بولغان، ئالەمدىكى ئەڭ ساپ قار-مۇزلار قەلبىڭىزگە چېچەك تاشلىغان. بۇ سىرلىق ماكاننىڭ ئوخشىمىغان مەزگىلدىكى شۇنچە زور پەرقى سىزنى ھەيرانۇھەس قالدۇرىدۇ. سىز بۇرۇن كۆرگەن تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرىسى بىردىنلا ئۆزىنىڭ جەلبكارلىقىنى يوقىتىپ، قەلبىڭىزدىن غايىب بولىدۇ. قولىڭىزنى ئاستا سوزۇپ، تاغ جىلغىسىدا ساڭگىلاپ تۇرغان چوكا مۇزدىن بىرنى سۇندۇرۇپ ئېلىپ، پەقەت مۇشۇ ماكانغىلا خاس قۇياش نۇرىغا تۇتقىنىڭىزدا، سىز بۇرۇن كۆرگەن پارلاق مەنزىرىلەرمۇ خىجىللىق ئىلكىدە ئالدىدىكى مەنزىرىدىن لال بولىدۇ.

ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىدىكى بارلىق ئەتمىشلىرى قانداق ئاقىۋەت بىلەن تۈگەللىنىدۇ؟ پەقەت مۇساپىلەرنىڭ ھەرخىل بولۇشى تۈپەيلى ئاقىۋىتىمۇ تۈمەن خىل بولىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىلا مۇساپىگە رۇسلىنىش ھالىتىدە ئوخشاش بولىدۇ ھەم بار ئاماللار بىلەن ئۆزىگە بىر خىل ھالاۋەت ئىمكانىيىتى ئىزدەيدۇ. دەل مۇشۇ ئۆزى كىچىككىنە بولسىمۇ لاتاپىتى چەكسىز بىر چوكا مۇزنىڭ ئىلتىپاتىدا ئالەمدىكى بارچە مەۋجۇداتنىڭ ھەيۋەتلىك تاغلار بولسۇن ياكى مەۋھۇم مىجەز خۇلق بولسۇن ھەممىسىنىڭ تۈرلۈك ئىسسىق-سوغۇق، جاپا-مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. باھاردىن تارتىپ كەچكۈزگىچە، ھەيۋەتلىك ئاشۇ تاغلار مەيلى قانچىلىك داڭلىق بولمىسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئېتىبارى يوق. تاغلارنىڭمۇ تاغلارغا خاس قىسمىتى بولىدۇ، پەقەت ئىنسان بىلمەيدۇ خالاس. ئالدىنقى قېتىم كۆرگىنىم ھەم ھېس قىلغىنىم پەقەت جيۇجەي جىلغىسىنىڭ باھاردىكى لاتاپىتى. مەيلى كىشىلەر قانچىلىك خۇشاللىق ھەم ئالقىشلارغا يار بولمىسۇن، بۇ خىل خۇشاللىق مەيلى قايسى خىل شەكىلدە ئاۋۇپ بېرىشىدىن قەتئىنەزەر، بۇ يەردە تاغلار يەنىلا ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە مەۋجۇت بولىدۇ.

ئىنساننىڭ مۇتلەق گۈزەللىك بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراقلاپ بېرىشىغا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز سەپىرىدە بارغانسېرى ئاددىيلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى سەۋەب بولغان. ئاتالمىش ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان پەسىللەر ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى بىر كۈنلەرنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى خالاس دەپ ئويلىساق بولامدۇ-يوق. تاغ جىرالىرىدىكى شىددەت بىلەن قىيالارغا ئۇرۇلۇپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلارنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرمىگىنىمىزدە، يىنىك شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلار تۇرمۇشىمىزدىكى خۇشاللىق بولالايدۇ. ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلارنىڭ كۆكنى يارغۇدەك گۈمبۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىنىمىزدا، كىشىگە خۇش ياقىدىغان سەلكىن شاماللار بىزنىڭ پارىڭىمىزغا تۇترۇق بولالايدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى تاللاشتىكى سەۋەنلىك ئەمەس. ئالەمنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇتلىقى ئەسلىدىنلا تالايلىغان تاساددىپىيلىقلارنىڭ بېرىكىشىدىن بولغان. خۇددى بەزىلەرنىڭ پۇرسەت ئىزدەپ يۈرۈپ، باشقىلار كىرىشنى توغرا تاپمىغان تاغلار ئىچىگە كىرىپ، قىش پەسلى دەل ھاياتلىقتىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل دېگەن ھۆكۈمدىن تاغلار، سۇلار، دەل-دەرەخلەر ھەم شاماللارنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكىنىگە ئوخشايدۇ. تاغلار ئارىسىدىكى جيۇجەي جىلغىسىنىڭ دەل ئاشۇ تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەللىكلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغان پەيتى ئاللىقاچان قىش قوينىدىن ماكان ئالدى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى