ئەجىر قىلىپ تاپقان 20يۈەن | WWW.QUXTAK.COM

ئەجىر قىلىپ تاپقان 20يۈەن

ئەجىر قىلىپ تاپقان 20يۈەن

روگىر.دېئان.كاسسا[ئامېرىكا]

 

فلورىدا شىتاتى جېكسۇنۋىر شەھەرلىك دارىلتامدىن قانچە قېتىم قېچىپ چىققانلىقىم ئېسىمدە يوق. ئەمما، ئاز دېگەندىمۇ 100نەچچە قېتىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

ئۇ 1957-يىلى بولۇپ، 11ياش چاغلىرىم ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۆزۈم يالغۇز باغچا يوللىرىدا يۈرگىنىمدە، ئىچ-ئىچىمدىن غېرىبلىق ھېس قىلاتتىم. قورسىقىم ئاچ، ھاۋا سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، بارغۇدەك يېرىممۇ يوق ئىدى.

-      ھەي، شاكىچىك، – بىر رېمۇنتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بەستلىك بىر ئەر ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى.

-                خوپ، ئەپەندىم- دېدىم جاۋابەن.

-                2يۈەن پۇل تاپقۇڭ بارمۇ؟

-                ئەلۋەتتە، ئەپەندىم.

-      كوچىنىڭ بېشىدىكى ئىچىملىك دۇكىنىدىن ماڭا بىر بوتۇلكا ۋىسكى ئەكىلىپ بەرسەڭ بولامدۇ؟- دېدى ئۇ.

-                ماڭا 2يۈەن بەرسىڭىز ئەكىلىپ بېرەي- دېدىم مەن.

 ئۇ دۇكان ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، پۇكەيدىن 20يۈەن پۇل ئەكىلىپ، قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن شۇ كەمگىچە بۇنچە جىق پۇلنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، پۇلغا قاراپ قېتىپ قالغان ئىدىم. تېخى ئۆزەمچە دۇنيادىكى بارلىق پۇل مۇشۇ دەپ ئويلايتىم.

كەينىمگە بۇرۇلۇپ، كوچىنى بويلاپ، ئىچىملىك دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم. يېرىم يولدا كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ئۇ ئەر رېمونتخانا ئالدىدىن غايىب بولغان ئىدى. مەن كوچىدىن بۇرۇلۇپلا، ئالدىمغا قاراپ بەدەر قاچتىم. شۇ چاغدا مەن ئۇ 20يۈەن پۇلنى ئۇنىڭغا قايتۇرماي، يانچۇققا موك سالماقچى ئىدىم.

بىر نەچچە مىنۇت يۈگۈرگەندىن كېيىن، ھېرىپ ھالىم قالمىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قولۇمدىكى پۇلنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراشقا باشلىدىم.

ئۆزەمچە «بۇ پۇل بىر مەزگىل خەجلىشىمگە يېتىدۇ. تېخى ئۆيمۇ ئالالىشىم مۇمكىن» دەپ ئويلايتتىم.

تۇيۇقسىز بىر خىل غەلىتە سېزىم قەلبىمدە غەليان كۆتۈردى. تا ھازىرغىچە، ئۇنىڭ قانداق سېزىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. ئەمما، مېنىڭ قىلمىشىمنىڭ ئاشۇ ئەپەندىنى ئازابلىغانلىقىنى بىلىمەن. مەن ئورۇندۇقتا بىردەم ئولتۇرۇپ، ئاشۇ خىل غەلىتە سېزىمدىن قۇتۇلماقچى بولدۇم، ئەمما قۇتىلالمىدىم.

كېيىن، ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ، بىر كىچىك ئىچىملىك دۇكىنىغا قاراپ يۈگۈردۈم. دۇكاندىن بىر بوتۇلكا ۋېسكى ئالدىم. ئاشقان پۇل بىلەن ۋېسكىنى بىر قەغەز خالتىغا سېلىپ، رېمونتخانىغا باردىم.

- ئەجەب ئۇزۇندا كەلدىڭغۇ؟ – سورىدى ئۇ ئەپەندىم مەن ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا.

ئۇ قەغەز خالتىدىن ۋېسكى بىلەن ئاشقان پۇلنى ئېلىپ، قولۇمغا 2يۈەن تۇتقۇزدى. مەن كۆزۈمنى يەردىن ئۈزمەي «رەھمەت» دېدىم. ئۇ مۈرەمگە شاپىلاقلاپ قويدى. مەن بۇرۇلۇپلا رېمونتخانىدىن چىقىپ كەتتىم.

باغچا يولىدا كېتىۋاتقاندا، ھېلىقى غەلىتە سېزىم يەنە پەيدا بولۇپ، مېنى ئارامىمدا قويمىدى. مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ، يەنە رېمونتخانىغا باردىم. ھېلىقى ئەپەندىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، 2يۈەن پۇلنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم.

-      مەن بايام سىزنىڭ 20يۈەن پۇلىڭىزنى ئېلىپ قاچماقچى بولغان – دېدىم سەمىمىيلىك بىلەن.

-                ئەمما ئاخىرى يەنىلا قايتىپ كەلدىڭغۇ. مانا بۇ ئەڭ مۇھىم.

-                ئەمما مەن ئۆزۈمنى جىنايەتچىدەك ھېس قىلىۋاتىمەن. – دېدىم مەن.

   ئۇ يېنىنى بىر ئاختۇرىۋېتىپ، قولۇمدىن 2يۈەن پۇلنى ئالدى-دە، يانچۇقىغا سېلىپ:

-                           ئەمىسە مەن سېنى ئۇ خىل ھېسسىياتتىن ئازات قىلاي – دېدى.

  شۇ كۈنى پۈتۈن بىر كۈن ئۇنىڭ دۇكىنىدا ئىشلىدىم. قانچە قېتىم بارمىقىمنى تىلىۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن. يەردىكى مېتال پارچىلىرىنى يىغقان ۋاقتىمدا قىپقىزىل قان قولۇمنى بويلاپ ئاقاتتى. بىر كۈنلۈك ئىشىمنى تۈگەتكەن ۋاقتىمدا بارمىقىمدىن تارتىپ بىلىكىمگىچە داكا تېڭىلغان ئىدى. كەچ سائەت يەتتە بولغان چاغدا، ئۇ مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ:

 - ئەمدى ھېسابلاپ باقايلى، سەن بۇ يەردە 10 سائەت ئىشلىدىڭ. سائىتىگە 2يۈەندىن ھېسابلىساق، ساڭا 20يۈەن بەرسەم توغرا بولىدۇ. – دېدى.

 ئۇ پۇل ساناۋاتقان چاغدا، قولۇمنى سوزۇپ تۇرۇپ:

- مەن يەنە ئوغرىما؟ – دەپ سورىدىم.

- ياق، سەن ئوغرى ئەمەن بالام. ئەسلا ئەمەس.

رېمونتخانىدىن چىققاندىن كېيىن، بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ توختاپ، ھېلىقى سېزىمنىڭ يەنە پەيدا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى كۈزەتتىم. ئەمما، ئۇ خىل سېزىم پۈتۈنلەي يوقالغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى 15يىل ئىچىدە، مەن دائىم لىۋىس ئەپەندىمنىڭ رېمونتخانىسىغا كېلىپ، چۈشلۈك تاماقنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىدىم. ھايات مۇساپەمدە ئۆزۈمنىڭ لىۋىس ئەپەندىگە يولۇققىنىمدىن كۆپ خۇرسەنمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا 20يۈەننى قانداق قىلىپ ھالاللاپ تېپىشنى ئۆگەتكەن.

«مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.



ئىنكاس يازىمەن | نەقىل ئالىمەن

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت *

تور بېكەت