مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
كۆلەڭگە
تەۋە تۈر: نەسىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/02 | كۆرۈلۈشى: 1,066 قېتىم

 

كۆلەڭگە

 

(ھېكايە)

  

كۈنلىرىمنىڭ ھەيرانلىققا جور بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى. كۆڭلۈمنىڭ سۈكۈتلۈك ئىچىدىكى تىپىرلىشىغا زوقلىنىپ، كۈنلىرىمنى تەنھالىق باغرىدا يايلىتىپ ئۆتۈشكە كۆنۈپمۇ قاپتىمەن. ئەتراپىمدىكىلەر مېنىڭ جىمغورلۇقۇمغا ھەيران بولغاندەك، مەنمۇ ئۇلارنىڭ زورلىما كۈلكە باسقان «شاش»لىقىغا ھەيران بولۇپ ئۆتۈۋەردىم. زېرىكىشلىك مىنۇتلاردا جانسىز ھەمراھلارغا ھەمدەم بولۇپ، كۆپۈك ئىچىگە تۈتۈن پۈۋلەپ لەيلىدىم. مېنىڭ جىمغورلۇقۇم كىملەرنىڭ كۆتىگە پۇتلاشتى ۋە يەنە كىملەرگە كالتە كېلىپ قالدى بىلمىدىم، يېقىندىن بېرى مەن توغرۇلۇق تۇترۇقسىز پاراڭلار كۆپىيىپ قاپتۇ…

مەن ياشىغان تار ماكاننىڭ بەندىللىرى بىلەن كۆڭلىمىز ئۇنچە يېقىن بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما خېلى سورۇنداشلاردىن ئىدۇق. شەنبە يەكشەنبىنىڭ بىكارچىلىقىدا ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇپمۇ قالاتتۇق، لېكىن ئۆزۈمنىڭ جىمغورلۇقۇم، ئادەم خالىماس خۇلقۇم تۈپەيلى تولا ھاللاردا، تاپسام بىرەر قاۋاققا ياكى بولمىسا بىرەر بۇلۇڭ – پۇشقاققا بېرىپ جانسىز ھەمراھلار بىلەن سىردىشىش مىنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ كەيىپچان رىتىمى ئىدى . مىجەزى كېلىشمىگەن، گەپ- سۆزى بىر يەردىن چىقمىغان بەندىلەر بىلەن زورلاپ يۈرۈپ ئولتۇرۇپ نېمە كەپتۇ دەيسىز؟ كەيىپ دېگەننى تەنھا ئولتۇرۇپ، سايىسى بىلەن بىللە سۈرسە پەيزى قىلىپ سۈرگىلى بولىدۇ .

توۋا قىلىشنىڭ سايىسىنى كۆرمىگىنى خېلى بولۇپ قالدى. ئۆتكەندە بىر كۈنى ئۆزۈم راسا كەيىپ قىلىپ، مۇڭدار ئايدىڭدا «كەيىپنامە»لەرنى بولۇشىغا توۋلاپ كۆڭلۈمنىڭ تىۋىشىغا ماسلىشىپ «پۇخا» دىن چىققان ئىدىم. كىم بىلسۇن، مېنىڭ «كەيپخۇمار» لىقىم بەزىلەرنىڭ قىمىلدىمىسىغا سۈركىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇيقۇچان كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلاپ دەرسكە كېتىۋاتسام، ھە دېسىلا ئۇنىڭ گېپىنى بۇنىڭغا توشۇپ، باشقىلارنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، تېگى– تەكتىنى بىلىشكە ئامراق بىر لاڭقاباش ساراڭ ئۇچراپ قېلىپ:

 — ھە؟ ئاخشام نېم بوغان ،بەك كۈچەپ كەتتىڭىزغۇ؟— دەپ كۆزلىرىنى بىرقىسما قىلىپ، ھىجاراپ  قاراپ تۇرماسمۇ، ئاچچىقىم شۇنداق كەلگەن بولسىمۇ ،يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ:

— ھە، ئاخشام چۈشىڭىزگە كىرىپ قالغان ئوخشىمامدىم؟ قىلىقسىزلىق قىلمىغاندىمەن چۈشىڭىزدە؟ ئوبدان ئۇخلاپسىزمۇ، چاتاق يوقتۇ ھە؟ — دىسەم.

— ۋۇي نېمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ ئاخشامقى ھاراق خېلى چىشلىۋالغان ئوخشايدۇ ھە؟— دېمەسمۇ؟

ئۆزۈڭ گەپ تەشكەندىكىن تويە ئەمىسە دەپ:

— ھە، شۇ ئۆزلىرىنىڭ خېلى – خوپ چىشلىۋالغان چېغى، قانمىغاندەك قوياپ بەرمەي!— دەپلا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدىم. «قاق سەھەردە گەپ قىلغانغا ئەجەپمۇ تويدى» دېدىم ئىچىمدە، قان كەتمىسىلا مەيلىغۇ ئىچىدىن.

بۇنىڭدەك ئىشلار مېنىڭ ئەتراپىمدا تولا يۈز بېرەتتى. يەنىلا نېمە دېسەڭ دېمەمسەن دەپ، پەرۋاسىزلىق ئىلكىدە پەيتى كەلسە بىر – ئىككى ئېغىز كەلتۈرۈپ قويۇپ ئۆتۈۋېرەتتىم. ئوقۇغۇچىلىق ھايات دېگەندە ئۇنداق- مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ دە! مۇشۇ بەزىلەر گەپ تېپىشقا بەك ئۇستا مۇشۇ كۈنلەردە، ئۆتكەندە مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ساتىراچخانىدا چېچىمنى ياسىتىپ چىققان ئىدىم. كىم بىلسۇن مېنىڭ ئۇ يەردىن چىقىۋاتقانلىقىمنى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە ئۇستا بىرسى كۆرۈپ قالغان چېغى، ئەتىسىلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن سېسىق پاراڭلار چىقىپتۇ. تېخى مېنى «خېلى ياخشى بىرنېمە دېسەك، ئەسلى تازا ئۇچىغا چىققان بىر بۇزۇق نەرسىكەن ئۇ، ئەدەم قىلىدىغان ئىش قىلسا بولمامدۇ!»دەپ كۆرگەنلا يەردە يېيىپ يۈرۈپتۇ. ھەيرانمەن، مەن قاچان ئۇلارغا ئۆزەمنى ياخشى دېگەن بولغىيتىم، قانداق يەر بولغىيدى ئۇ ساتىراچخانا- دەپ ئويلىنىپ قالدىم. تېخى ئادەم قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتىمىشمەن. مەنغۇ ئۇنداق پاراڭلارغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيمەن. ئۇنچىلىك گەپلەرگە كۆڭلىڭىزنى غەش قىلىپ يۈرسىڭىز جان توشامدۇ بۇ كۈندە. يەنىلا ئۆزۈمنىڭ كەيىپچان تۇرمۇشۇمنىڭ رىتىمى بويىچە ئىش تۇتۇۋېرەتتىم.

تېخى يېقىندىلا، بىركۈنى كەچ سايەم بىلەن كەيىپ قىلغۇم كېلىپ، ئۆزۈم يالغۇز خىلۋەت بىر يەردە جانسىز ھەمراھلار بىلەن سىردىشىپ ئولتۇراتتىم. توساتتىنلا مەندىن  ئانچە چوڭ بولمىغان يۇقىرى يىللىقتىكى بىر يۇرتلۇقۇم كېلىپ قېلىپ كۆزلىرىنى ئالايتقىنىچە:

— ھە! نېم بوپتۇ بۇنچە مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ ئىچكىلى؟ كۈندە ئىچىدىكەنسەن بۇ بىر نېمىنى، ئۆزۈڭگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن، بۇنداق كېتىۋەرمە!— دەيدۇ . «ئارامىمنى بۇزغاننى ئاز دەپ نېم دەيدۇ ماۋۇ پىتلىق، چوڭلىقىنى دېمىسەم گەپتە تويغۇزۇپ قوياتتىم»— دېدىم ئىچىمدە، ۋە ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋېلىپ:

— ياقەي، مۇنداقلا بىر ئوتتاغان، ھېچ ئىش يوق، زېرىكىپ شۇ— دېۋىدىم .

— باشقا ئىش قىلساڭ بولماسمىتى، پايدا يوق بۇ نېمىنى ئىچسەڭ، نېمە بۇ…

— 

— قېنى بۈگۈن بىر ئاڭلاپ باقاي سېنىڭ گەپلىرىڭنى، قۇيغاچ ئولتۇرە بۇنىڭدىن، ئازراق ئىچىپ قوياي، بۇرۇنغۇ ئىچمەپتىم…

— «كۆرە ما كارامەتنى،»— دېدىم ئىچىمدە ۋە ھۆرمەتلىك يۇرتدېشىمغا بىر رومكا قۇيۇپ بەردىم.

ئۇ رومكىنى قولىغا ئېلىپلا:

— قېنى ئەمىسە تۇنجىسىنى سۈكۈتتە كۆتۈرىۋېتەيلى، ھە ئالە قولۇڭغا— دېدى.

كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ، رومكىنى قولۇمغا ئېلىپ ئالدىرىماي سۈزۈپ ئىچىۋەتتىم.

يۇرتدېشىم قولىنىڭ كەينى بىلەن ئاغزىنى سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىدىكى تاماكىدىن (تاماكىمۇ مېنىڭ) بىرنى لېۋىگە قىستۇرۇۋېلىپ گەپ باشلىدى:

— ھە ئەمدى ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، مەنمۇ بايا دېدىم، بۇنى ئىچكەننىڭ پايدىسى يوق. بۇ يەرگە مەن سەندىن بۇرۇن كەلگەن، ساڭا قارىغاندا كۆگەن- بىلگىنىم كۆپ، بۇ يەردىكى ئىشلاردىن بىلمەيدىغىنىمىز يوق. ئەمدى ساڭا ئاكا دېمەتلىك بولغاچقا ئاكاڭنىڭ ئورنىدا بىر- ئىككى ئېغىز نەسەت قىپ قوياي دەۋاتىمەن …

— «سەندەك ئاكىنىڭ كۆتىگە يانتاق!»— دېدىم ئىچىمدە ئۇنىڭغا گۆلىيىپ قاراپ.

— ئەمدى بۇ يەرگە بۇنداق تايىنى يوق ئىشلارنى قىلغىلى كەلمىگەندىن كېيىن، ئانچە- مۇنچە ئۇنى- بۇنى ئۈگىنىپ قوي، يولدا كۆسەڭمۇ قارىماي كېتىدىكەنسەن، سالام قىپ قوي، (سالام قىلغۇچىلىكى بولسا قىلمامدۇ سالام دېگەننى)، باشقىلاردىنمۇ ئاڭلىدىم، ئۆزۈممۇ مانا كۆرۈۋاتىمەن، بۇ بىر نېمىنى بەك كۆپ ئىچىدىكەنسەن، يەنە باشقا ناشايان ئىشلىرىڭمۇ باكەن، بوپتۇ ئۇلارنى يۈزۈڭگە سالماي، ئىشقىلىپ ئۆزۈڭنى ئوڭشاپ يۈر. ھە قۇيە قېنى ماۋۇنىڭدىن، بىزلىمۇ خېلى بىر ئادەم بۇ يەردە، بىزنىڭ گەپلىنىمۇ ئاڭلاپ قوي. ياتاقلاغىمۇ كىرمەيسەن، بالىلار بىلەن ئىزدىشىپ تۇر، زىيىنى يوق، ھە قېنى گەپلىرىمنىڭ تەسىر قىلىشى ئۈچۈن خوشە ئەمىسە!.

رومكىنى زەردەم بىلەن گالغا دۈم قىلدىم، ئالدىمدىكى ماڭا ۋەزخاھلىق قىلىۋاتقان ماۋۇ چۆپچى كۆزۈمگە شۇنداق سەت كۆرۈنۈپ كەتتىكى، ئېزىقىمغا ئېلىپ زاكوسكا ئورنىدا چاينىۋەتكۈم كەلدى، لېكىن دەردىمنى ئىچىمدە بىلىپ غىت قىسىپ ئولتۇردۇم. مۇشۇنداق بىر نېمىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىنمىغۇ سورۇن خالىماي يالغۇز ئىچىمەن بولمىسا …

— يەنە دېسەم يەنە شۇ ، سەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس (كىچىك بالا ئەمەسلىكىمنى بىلگىنىگە مىڭ رەھمەت)، بىر ئىشلارنى ئۆزۈڭ ئويلاپ يېتەلەيسەن. يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسەڭ مەندىن ئاغرىپ قالما!…

ئىچكەن ھاراق كاللامغا ئازراق تەسىر قىلدىمۇ قانداق، ئۇنىڭ كۆزىگە گۆلىيىپ تۇرۇپ:

— ھە گەپلىرى تۈگىدىمۇ، جىم تۇرۇپ بەسەم زە خېلى گەپلىرى بار ئوخشايدۇ، ماڭا باشقىلارنىڭ بۇيرۇق قىلىپ، ھۆت- پۆت دېيىشكە ھەققى يوق، تىم ئولتۇرۇپ ئىچسىلە ھاراق قۇياي، بولمىسا يول داۋاي…نېم ئىچىمنى پۇشۇرۇپ ھۆت- پۆتلەپ يۈرىدۇ ماۋۇ بىرنېمە،— دېدىم ئاچچىقىمدا.

ئاچچىقى راسا كەلگەن بولسا كىرەك، ماڭا قاراپ راسا بىر ئالىيىۋەتكەندىن كىيىن:

— خېلى خورىكەڭ باكەن ھە، بۇرنۇڭنىڭ بېزىنى ئىپ قويماي يەنە، ما گەپ قىغاندا ھىم دەپ ئولتۇرۇشنى بىل جۇمۇ، سەندەك بىر نېمىنى جىق كۆرگەن مەن. تۆتتال ئىچىۋېلىپ گۈكىرەيسىنا ئەدەمگە! مەن بولمىغان بولسام ئاللىبۇرۇن باشقىلاردىن كۆرگۈلىكىڭنى كۆرەتتىڭ، ما بىزنىڭ سايىمىزدا مانچىلىك كۈن كۆرۋاتسەن جۇما!، نېم ئۇ يوغانچىلىق قىلىپ، قانچىلىك نىمتىڭ سەن،— ئۇ شۇنداق دېگىنىچە نەچچە كۈن بازار ئايلىنىپ  تاللاپ ئالغان رومكامنى يەرگە ئۇرۇپ تالقان قىلىۋەتتى، ئۇنىڭ رومكىنى چېقىۋېتىشى ماڭا خېلىلا ئېغىر كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېتىقسىز، تۈكسىز پاراڭلىرى زارلىما تەپەككۇرۇمنى غىدىقلاپ قويدى. ئاشۇنداق بىر نېمىلەرنىڭ سايىسىنى كۆرۈشتىنمۇ قاچقىنىم ھېلىمۇ، ماڭىلا ئۇچرامدىكى بۇنداق لاتا پىسپاسلار. ئىست ئاشۇ رومكام تالقان بولغۇچە ماۋۇنىڭدەك چۆپچىلەر تالقان بولسا پېتىمغا ئالماي يۈرمەسمىتىم. رومكىنىڭ سۇنۇقلىرىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولدى، سورۇنۇمنى ئۆز جايىدا داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولماي، تاماكامنى يانچۇقۇمغا سېلىپ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر قاۋاقخانىغا ماڭدىم.

كۈنلىرىمنىڭ تەڭدىن تولىسى پىنھانلارچە ئۆتكەچكە، باشقىلارنىڭمۇ مەن بىلەن ئانچە كارى يوق ئىدى. دەل مۇشۇ دەقىق باشقىلارنىڭ مېنى ئاۋارە قىلىشىنى تېخىمۇ خالىمايتتىم ۋە بۇ قاۋاقخانىدا تونۇش چىرايلارنىمۇ كۆرگۈم يوق ئىدى. قولۇمدىكى تاماكىنى بوشقىنا شوراپ، قاۋاقخانا ئىچىگە سەپ سېلىشقا باشلىدىم. ئەتراپىمدىكى ئورۇندۇقلاردا ئالدىغا بىرەر بوتۇلكىدىن تىكلىۋالغانلار ئولتۇراتتى. بەزىللىرى ئۆزى يالغۇز، يەنە بەزىللىرى بولسا ۋاقىتلىق «بۇرادەر»لەر بىلەن ئولتۇراتتى. بىر تەرەپتە يەڭگىل مۇزىكا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قاۋاقخانا ئىچى بولسا قويۇق تاماكا ئىسى بىلەن تولغان بولۇپ، بىر قارىماققا بەئەينى دۇتخانىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. خىيالىمنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئالدىمدىكى جانسىز ھەمراھىمدىن ئازراق گالغا يوللىدىم. قولۇمدىكى تاماكىدىن ئۆرلىگەن ئىسقا قاراپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز بىرى دولامغا قولىنى قويغاندەك قىلدى، ئۆرۈلۈپ قارىسام بىر تونۇش قىز كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرىدۇ. دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي:

 — ھوي سىزمۇ بامىتىڭىز؟— دىدىم تەستە ئۆمەللەپ تۇرۇپ.

 — مەنمۇ بايا كىرگەن، قارىسام يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىپسىز مۇڭلۇنۇپ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟— دېدى ئۇ ئالدىمدىكى ئورۇنغا ئولتۇرغاچ.

 — نېم ئىش بولاتتى، مۇنداقلا چىگەن بىردەم ئولتۇراي دەپ،— دېدىم تاماكامنى شورىغاچ.

 — ھە ئۆزىڭىز يالغۇزكەنسىزدە، بىرگە ئولتۇرساق بولامۇ؟— دېدى ئۇ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ (قىچىقى كېلىۋاتقان بولسا كىرەك).

 — تازا بولىدۇ دەڭا،— دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ، ئىچىمدە بولسا«ئەمدى نېمە كارامەتلەر چىقاركىن بۈگۈن، خۇلقىنى ئوبدان بىلىمەن بۇ قارا كۆزنىڭ» دەپ ئويلىدىم.

ئۇنىڭ بىلەن بىردەم ئۇ- بۇ پاراڭلارنى قىلىشقاندىن كېيىن، ئۇ مەندىنمۇ سورىماي چەتئەلنىڭ قىممەت باھالىق ھارىقىدىن بىر بوتۇلكا بۇيرۇتتى. كارامەت باشلاندى-دە دېدىم ئىچىمدە ۋە:

 — كۆپ ئىچمەيلى، مەست بوپ قالماڭ يەنە— دېدىم ئۇنىڭغا چىكىپ بېقىش نەزەرىدە.

 — مەن قورقمىسام سىز نېمە قورقىسىز؟ مەست بولساق پەيزى چىقىدۇ بۇنىڭ— دېمەسمۇ، جىملا بولدۇم.

قانچىلىك ۋاقىت ئىچتۇقكىنتاڭ بىر چاغدا ئۇ خېلىلا تەڭشىلىپ(مەنمۇ شۇ) قالدى ۋە يالىڭاچ گەپلەر باشلاندى، مەنمۇ ئايىماستىن دەۋەردىم، ئۇياقمۇ ھىچ خىجىل بولماستىن ھىجاراپ ئولتۇرۇۋەردى، گەپلەر خېلى يۆگىلىشكە باشلىغاندا، ئۇ كۆزۈمگە قاراپ:

 — ئولتۇرىۋېرەمدۇق؟ يۈرۈڭ چىقايلى دەپ قولۇمدىن سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى…

سىرتتا بىر ھازا ئايلانغاندىن كېيىن، يولنىڭ بىر چېتىدىكى خىلۋەتكە جايلاشقان ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق، ئۇ بېشىنى مۆرەمگە قويۇۋالغان بولۇپ، تولىمۇ بوش ئاۋازدا بىر نېمىلەرنى دەپ ھايادىن يىراقلىغىلى تۇردى( مەن بولسام ھايادىن باياملا يىراقلاپ بولغان). ھاۋا ئانچە سوغۇق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپ قاراڭغۇ بولۇپ بىرنېمىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى. ئۇ ھەدەپ قوللىرىنى ئۇيەر – بۇ يەرلىرىمگە سوزغىلى تۇردى. بەندىلىكتە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن قۇتۇلماق تەس بولسا كىرەك، ئۆزۈمنى ھەدەپ تۇتۇۋېلىشقا تىرىشساممۇ، كۆز ئالدىمغا ئاللا كىملەرنىڭ  سىماسى كېلىۋېلىپ مېنى ئەيىبلىگەندەك بىلىنسىمۇ، يەنىلا پىنھاندىكى سۈكۈتلۈك ئىچىدە بىردەملىك ئىنسان لەززىتى قىلىش ۋەسۋەسىسى كاللامنى قايدۇرۇرشقا باشلىدى، يېنىمدىكى «ھەمراھ» بولسا تېخىمۇ ئەۋزەيلىگىلى تۇردى، شەيتان «بىز»نىڭ قولىمىزدىن يېتىلەپ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى تىمتاسلىقتا ئاللا كىملەرنىڭ ئەقىدىسىنى گۇمران قىلىشقا سۆرىدى…

   ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىمۇ ياكى ئىنسان لەززىتىنىڭ خورىتىشىمۇ بىلمىدىم، ئەتىسى ئويغىنىپ سائەتكە قارىسام ئاللىبۇرۇن ئوندىن ئېشىپتۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ھاراق ئىچىپ ھەر قانچە تەڭشىلىپ كەتسەممۇ ئەتىسى سائەت يەتتە بولا- بولمايلا ئويغىنىپ كېتەتتىم. ئورنۇمدىن تەستە تۇرۇپ يۈزۈمنى چالا- پۇلا يۇيۇپ، يۇيۇنۇپ كىرىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى بىر ھورداق مۇنچىسىغا ماڭدىم. ھېلىمۇ ياخشى يولدا تونۇش بىرەرى ئۇچراپ قالمىدى. ئەتراپىمغا ئەندىكىپ قاراپ ھورداق مۇنچىسىنىڭ ئىشىكىدىن غىپلا قىلىپ كىرىۋالدىم (بۇ يەرنىڭ باشقا ئوبدان مۇلازىمىتىمۇ بار دەڭا). مۇلازىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە كىرىپ كىيىمىمنى سېلىۋاتسام، بىرى قارا دېگەندەك قىلماسمۇ ئۆرۈلۈپ قارىسام بىزنىڭ فاكۇلتىتتىكى، بىزگە دەرس بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىمىز يۈزىنى پارقىرىتىپ ئالدىمدا تۇرماسمۇ، دەماللىققا تەمتىرەپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام، ئوقۇتقۇچۇم ئۆزى ئېغىز ئېچىپ:

   — ھە! يۇيۇنغىنى كىرگەنما؟ ئەجەپ سەھەردىلا كىرىپ قاپسەنغۇ بۇ يەرگە؟ مەن چىققاچ تۇراي،— دەپ ئالدىراش چىقىپ كەتتى.

 جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىمدىن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ گېپىگە جاۋابمۇ بەرمەپتىمەن. ئۆزەمچە غەلىتىلا بولۇپ قېلىپ، بېشىمنى لىڭشىتىپ قويغىنىمچە يۇيۇنۇش ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم، ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ھورداق ئۆيىدە ئولتۇرۇپتىمەن، ئالدىمدىكى يۇقىرى تىمپۇراتۇرلۇق چوغداندىن ھەدەپ سۇ ھورلىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، يېنىمدىكى داستىن تۇز ئېلىپ ھەدەپ بەدىنىمگە سۈركەپ ئولتۇرىمەن، بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرىدىن توختىماي تەر قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. قانچىلىك ئولتۇردۇم بىلمەيمەن، بىر چاغدا بەدىنىم كۆيۈشۈپ ئېيتىشقىلى تۇردى، شۇندىلا ھورداق ئۆيىدىن چىقىپ، سۇ كۆلچىكىدە بىردەم يۇيۇنغاندىن كېيىن كىيىملىرىمنى يۆتكەپ، پۇل تۆلىۋېتەي دەپ پوكەيگە يېقىنلىشىپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئالدىمدىكى تونۇش بەندىنىڭ كۆزلىرىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە ماڭا قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى، كىم بولاتتى دەيسىز؟ سىنىپىمدىكى بىر قىز سىزماقاش بىر يىگىتنىڭ بېلىكىدىن قولىنى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. ئاغزىمنى تەستە ئېچىپ:

— ھە سىزمۇ كىرگەنما؟ مۇلازىمىتى بولىدىكەن ھە؟— دەپلا ئالدىراپ پوكەيگە يېقىنلاشتىم. پۇلنى تۆلەپ بولۇپ قارىسام ئۇ ئاللىبۇرۇن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئىشىكتىن ئاۋايلاپ چىقىپ، تېز قەدەملەر بىلەن مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىدا گۆش بېسىلغان پولۇدىن بىر تەخسە يېۋىتىپ، ياتاققا ماڭدىم. ئۆزەمنى خېلىلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلساممۇ، كۆزلىرىم يەنىلا ئۇيقۇسىراپ تۇراتتى. ياتاققا كىرىپ راسا بىر ئوخلايچۇ- دەپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم …

شۇنىڭدىن كېيىن سىنىپتا دەرس ئاڭلاپ ئولتۇرساممۇ، ھېلىقى كۈنى مۇنچىدا ئۇچرىشىپ قالغان قىز سىنىپتا بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بەزى كۈنلىرى ئۇ بىرەر سەۋەب بىلەن دەرسكە چىقمايدىغان بولسا ئۆزۈمنى شۇنداق يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىزدە ئۆتۈۋەردى. مەنمۇ ئادىتىم بويىچە جانسىز ھەمراھلار بىلەن بولغان سىرداشلىقىمنى ئۈزۈپ قويمىدىم. قاۋاقتا بىرگە ئىچىشكەن ھېلىقى قىز بىلەن پات- پات بىللە ئىچىپ قويىدىغان بولدۇق. كۈنلىرىم يەنىلا بۇرۇنقىدەك بىر خىل رىتىمدا ئۆتۈۋەردى. ئادەم دېگەن ئاجايىپ ئىشلارغا يولۇقىدىغان گەپكەن، ئازراق ئىچىم پۇشسا ياكى كۆڭلۈم كەيپ خاھلاپ قالسا ئازراق ئىچىپ قويىدىغان ئادىتىم بولغاچ، بىر كۈنى كەچلىك دەرستىن چۈشۈپ، دائىم بارىدىغان بىر قاۋاققا يول ئالدىم. قاۋاقنىڭ ئىچى يەنىلا بۇرۇنقىدەك قايناق بولۇپ، ھەركىم ئۆز پارىڭى بىلەن ئالدىدىكى ھاراقتىن ئازئازدىن ئوتلىغاچ ئولتۇراتتى. قاۋاقنىڭ ناخشىچىسى بولسا لەرزان چېلىنغان مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ «قېنىۋېلىڭ دەردتەم شارابقا» دېگەن زابويلار مارشىنى ئېيتىۋاتاتتى. تامنىڭ تۈۋىدىكى خالى بىر ئورۇننى تېپىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، كۈتكۈچىگە ھاراق بۇيرۇتۇپ قويۇپ، ئەتراپىمغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم. ھەرھالدا بۈگۈن مەن تونۇيدىغان بىرەرى يوق ئىدى. خاتىرجەم ھالدا چاپىنىمنى سېلىۋېتىپ، ئازادە ئولتۇرۇشقا باشلىدىم.

 قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن، بىر چاغدا كەينىمدىن چىققان تونۇش ئاۋازلار دىققىتىمنى تارتتى. ئۆرۈلۈپ ئارقامغا قاراپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. دەل مەن ئولتۇرغان ئورۇننىڭ كەينىدە مەن تونۇيدىغان بىرنەچچە قىز بىلەن پۇزۇر كىيىنىۋالغان، تۇرقىدىن پۇلنى ئايىماي خەجلەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئەركىشى چاخچاقلىشىپ ئولتۇراتتى. تاپقان پۇلۇڭنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋېتىپسەندە،— دېدىم ئىچىمدە ۋە خاتا تونۇپ قالماي يەنە دەپ يەنە بىر قارىدىم. خاتا ئەمەس، ئولتۇرغان قىزلارنىڭ ئىككىسى مەندىن بىر قارار تۆۋەن يىللىقتا، قالغان ئىككىسى باشقا فاكۇلتېتتا ئوقۇيدىغان قىزلار ئىدى. كاساپەتلەر، پۇلنى راسا سۈزۈدىكەنسىلەردە بۈگۈن، پۇللا بەرسە قېرى- ياش دېمەي. تېخى تونۇشلار ئۇچراپ قالسا، ئاكامنىڭ ئاغىنىسى ئىكەن، سودا ئىشى بىلەن كەپتىكەن- دەپ، ياكى بولمىسا، دادامنىڭ خىزمەتدېشى ئىكەن، پالانى يىغىنغا كەپتىكەن- دەپ تونۇشتۇرۇپ كېتىشىدۇ تېخى. سېسىپ كەتمەيدىكەن ھەرقايسىڭنىڭ ئىچى- دېدىم ئىچىمدە. ئەگەر بۇ گېپىمنى ئۇلار ئاڭلاپ قالغۇدەك بولسا «ھە سېسىپ كەتمەيدۇ شۇنداق، ھەرقايسىللىرىنىڭ قۇرۇپ يىگىلەپ كەتمىگەندىكىن…» دەپ بىر تالاي سېسىق گەپلەرگە كۆمۈۋېتىدۇ. شۇلارنى ئويلاپ كەينىمگە قارىسام بىرى ماڭا قارىغاندەك قىلماسمۇ، ئەندىككىنىمچە ئورنۇمدىن ئىتتىك تۇردۇم- دە، ھاراق پۇلىنى تۆلۈۋىتىپ يان ئىشىكىدىن غىپلا قىلىپ چىقىپ كەتتىم. ئېغىر بىرنى تىنىۋېلىپ، سائىتىمگە قارىسام خېلى بىر چاغ بولۇپ قاپتۇ، كوچىدا ئادەممۇ ئاز ئىدى. تاماكىدىن بىرتال يېقىۋېلىپ، ئالدىرىماي مېڭىشقا باشلىدىم. بايامقى قاۋاقتىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە يەنە بىر قاۋاقخانا بار ئىدى. شۇ قاۋاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە، قۇلىقىمغا تونۇش بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك قىلدى، قارىسام تونۇش ئىككى چىراي. ھەرھالدا چىراغنىڭ ياردىمىدە مەن ئۇلارنى كۆرگەن بىلەن، ئۇلار مېنى كۆرمىدى. بەلكىم دىققەت قىلمىغاندۇ. ئىككى تونۇش چىراينىڭ بىرى بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرى بولسا، بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ئىدى. قولتۇقلىشىپ مېڭىشلىرى تېخى. ئىچىمدە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ، قەدىمىمنى تېزلەتتىم. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كىچىك ئىشىكىدىن كىردىم-دە، خۇددى بىر نەرسەم سىرتتا ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ئارقامغا بىر قاراپ قويۇپ ئالدىرىماي مېڭىشقا باشلىدىم.

 بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكىمىكىن، مەكتەپ ئىچىدىكى يولدا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. مەكتەپنىڭ ئىچى سوتخانىدەك سۈرلۈك ۋە جىمجىت ئىدى. سۇس ئاي يورۇقى ئەتراپنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى. ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىشىك باقار دىجۈرنىنى ئويغۇتالماي جىلەپ بولۇپ تۇرسام، يانفونۇم سايراپ قالدى. بۇنچە كەچتە كىمدۇ بۇ- دەپ، تېلېفوننى ئالسام، ئۆتكەندە قاۋاقتا بىللە ئىچىپ چىقىشىپ قالغان ھېلىقى قىز ئىكەن. ئىچى پۇشۇپ ئازراق ئىچىپتىكەن، قارىسا كەچ بولۇپ كېتىپتۇ. ياتاققا كىرگۈسى يوق ئىكەن، مېنى ھەمراھ بولۇپ بېرەمدىكىن دەپ تېلېفۇن قىپتۇ. قارىغاندا ئۆتكەن كۈننى ئەسلەپ قالغان ئوخشايدۇ. ھەمراھلىققا چاقىرغاندىكىن باراي، راسا بىر ھەمراھلىقىمنى يەتكۈزەي دېدىم- دە، قوللىرىمنى ئىشقىلاپ، ئىتتىك قەدەملەر بىلەن بايىلا مېنى ئۇزىتىپ قويغان مەكتەپ سىرتىغا قاراپ يول ئالدىم، سايەم بولسا مەندىن بەكرەك ئالدىرىغاندەك ئالدىمدا ئىغاڭلاپ كېتىۋاتاتتى…

                                                                   2004- يىل فېۋرال، بېيجىڭ

 

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى