WWW.QUXTAK.COM

«بەخت» ئەسسالام دېگەندە…

baht01

ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنىدە دۇنيادىكى تالاي كىشىلەر ئۆزىنىڭ تېخىچە چوڭ بولمىغانلىقىنى خىجىللىق ئىلكىدە تەكرار ھېس قىلىدۇ. يەنە تالاي كىشىلەر مۇشۇ كۈندە ئۆز زېممىسىدىكى شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى ئىپتىخار ئىلكىدە قايتا ھېس قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ بەختىمىز ھەم شەرەپلىرىمىزگە تالاي قۇربانلارنى بەرگەن ئاتىلار ئامان بولسۇن، مەڭگۈ ئىپتىخارلىق تۇيغۇلارغا مېھمان بولسۇن!! بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى. ئوڭ ھەم سول يېنىمدا بەختلىك سايىلەر ماڭا ياندىشىدۇ. ئارقامدا پەخىرلىك بىر نۇرانە، قەدىردان سېيما ماڭا ھېكمەت تىلەيدۇ. ئالدىمدا مېھرىبان ھەم سەۋرىچان بىر پەرۋىشكار ماڭا مەدەت تىلەيدۇ. مەن ئۆز تەمتىرىشىمدە ئالغا قاراپ ئىنتىلىمەن.

سەھىپە: تەۋسىيە | ئىنكاس: 0 پارچە | 766 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

شائىرانە قەلب ۋە ئاۋامچە قەلب

awamqe

شائىرانە قەلب نۇقسانسىز گۈزەللىكنى ۋە ئەركىنلىكنى ئىستەيدۇ، ئەمما، بۇلار دەل رېئاللىقتا تۇتىيا تەركىبلەردۇر. شۇ سەۋەب شائىرانە قەلب مەنىسىزلىككە قاراپ بوي سۈرۈش ھەققىگە زېمىننىڭ روھى ھەم تۇپراقنىڭ زوقىدىن خالاس تاپىدۇ. ئۇنىڭ يىتىلىش جەريانى يالتىراق كۆركەملىككە ئىگە بولسىمۇ، غايىۋى شائىرانە قەلب بەلكىم قان داغلىرى(ئادەتتە ئۆزىنىڭ قېنى بەدىلىگە) ئارقىلىق چاقنىشى مۇمكىن، قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇخىل قىسمەتلىك شائىر، سەنئەتكارلار بىرتالاي ئۆتتى، سەنئەتكارلىقتىن خالىي كىشىلەردىنمۇ غايىۋى شائىرانە قەلب ئىستىكىدە ئۆلىۋالغانلار تېخىمۇ كۆپ.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 638 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

يايلاقتىكى ئەپسانە: باغنانى ئىزدەش [پوۋېست] (3)

bagna

ئالدىراش سەپەردىكى بۇ كىشىلەر دەسلەپ ئۆزلىرىنىڭ قوي ئىزدەپ چىققانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىشقا ئەگىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشتى. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، يەنە بىر بۆلۈك كىشى قوي ئىزدەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆيىدىكىلەرنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي، بىزنىڭ تاماشايىمىزنى كۆرۈش ئۈچۈن بىزگە ئەگىشىۋاتاتتى. ئۇلار تېخى بىزگە: سېپىڭلارغا بىزنىمۇ قېتىۋېلىڭلار، بىزمۇ بېرىپ تاماشا كۆرمەيمىزمۇ؟…-دېيىشەتتى.بۇ كىشىلەرنىڭ يىراققا سەپەرگە چىقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان ئىدى. ئۇلار ئاللىبۇرۇن كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن قول ئۈزۈپ، مۇقىم بىر يەردە ياشاپ كېلىۋاتقاچقا، يىراقلارغا سەپەر قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار بىر ئۆمۈر بالام، كالام دەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن، كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە ئوتلاق ۋە ئېتىزلارغا باغلىنىپ، تاشقى دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا، بېكىنمە ياشاپ كەلگەن ئىدى. ھالا بۈگۈن، ئۇلار ئاخىرى ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا باھانە تېپىۋالدى.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 3 پارچە | 753 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

يايلاقتىكى ئەپسانە: باغنانى ئىزدەش [پوۋېست] (2)

bagna

باغنانىڭ دېرىكىنى ئالالمىدۇق. ئانام بىلەن يۇرتداشلارمۇ ئامال قىلالمىدى. مەن ئاكام بىلەن بىر ئۆيدە ياتقاچقا، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئازراق خەۋىرىم بار ئىدى. ئاشۇ يىلى، ئەزەلدىن كىتابقا قىزىقمايدىغان ئاكام بىردىنلا «مۇڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» ناملىق كىتابقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ كىتابنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان نەۋرە ئاكام مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى. گەرچە كىتابتىكى مەزمۇنلار باغنانى تالاي قېتىم ھاياجانلاندۇرغان بولسىمۇ، ئىككىمىز تۇردىغان ئون كۇۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئۆيدە، كىتابنى ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇراتتى-دە، پەيلاسوپلاردەك ئۇياق-بۇياققا ماڭاتتى، ياكى كىتابنى قەھرى بىلەن ياپقىنىچە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، تامغا قادىلىپ قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى. بەزىدە مەندىن تۇيۇقسىز: «چىڭگىزخاننى بىلەمسەن؟» دەپ سورايتتى.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 783 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

يايلاقتىكى ئەپسانە: باغنانى ئىزدەش [پوۋېست] (1)

bagna

ئاشۇ يىلى ئەتىيازدا، ئائىلىمىزنى ھەقىقەتەنمۇ نەس باسقان ئىدى. يىل بېشىدىكى قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن تۈزۈكرەك ھوسۇل ئالالمىغاننىڭ ئۈستىگە، دادامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئالغان قەرزنى قايتۇرىمىز دەپ، چارۋىلار تۈگۈل ئۆزىمىزمۇ قوساقنى ئاران توقلىغان ئىدۇق. ئانام باققان بىر مېكىجىن دەل شۇ كۈنلەردە چۈرپىلىگەن بولۇپ، بەرگىلى تۈزۈكرەك يەم بولمىغاچقا، ئەتىدىن كەچكىچە قۇرۇق ئاداپنىلا ئىچەتتى. توققۇز چۈرپىنى ئېمىتىۋاتقان مېكىجىنغا بۇ ئەسلا دال بولمايتتى. ئورۇقلاپ تاياقتەك بوپ قالغان مېكىجىن دەلدۈگۈنۈپ يۈرۈپ، ئاچلىقتىن كۈن بويى سەت چىرقىرايتتى. ئەمما ئائىلىمىزدىكى بىردىنبىر ئىنەك بىلەن ئاشۇ بىر نەچچە قوينىڭ ئەھۋالىمۇ مېكىجىندىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ھەركۈنى كەچتە ئاكام ئۇلارنى سايلىقتىن ھەيدەپ كەلگەندە، شامالدا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەكلا جانسىز كۆرۈنەتتى.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | 669 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 6-سان مۇندەرىجىسى

tarim

يول، مېنى نېمىگە قاندۇرماقچىسەن……………ۋاھىتجان ئوسمان
شېئىردىكى ئوت………………………………….قەيسەر تۇرسۇن
سېنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن……………ئەركىن مۇھەممەت كامالىي
ۋىسال دەملىرى……………………………….ئەركىن داۋۇت ئوغۇز
ئۈچىنچى ناخشا………………………………..ئابابەكرى توختى
قانىغان يۈرەك…………………………….توختى مامۇت ئىزچى
ھەقىقىي مېھىردۇر ئۇلۇغلۇق دېگەن…………ئىبراھىم نىياز
ئون بەش يېشىڭدا…………………..ھاجى ئابدۇغوپۇر شەرىپى

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 8 پارچە | 876 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

بۇلاق سىرى

bulak

ئالەم كەتتى ئالەمدىن يىراق،
ئىشىك بېشىغا ئېسىلدى پىراق .
تاڭ ساھەردە مەكتەپكە ماڭدى ،
تېخى ئاخشام ئىڭرىغان بوۋاق .
بۇلاق بەلكىم تىلسىز بىر شاھىد
كېچە كۆرگەن ئۇنتۇلغان بىر چۈش
ئەسلىمىنىڭ تۇنجى بېتى ئۇ .
بۇلاق شۇنداق سۆيگۈچان تارىخ .

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 660 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…(4)

wang

قولغا قەلەم ئالغاندىن كېيىنكى مۇشەققەت ۋە قولغا قەلەم ئېلىشنىڭ كارامىتى ئۈستىدە كۆپ سۆزلىدۇق. ناۋادا سىزدە ھەقىقەتەنمۇ شۇ خىل ئىقتىدار ۋە غايە بولسا، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمايسىز، يېزىقچىلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايسىز. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە مۇشەققەتلىكىگە، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچىگە قارىغاندا، ئۇتۇق قازىنىش ۋە قازانماسلىق ئانچە مۇھىم ئەمەس. بۇ كەسىپنى سۆيگەن ئىكەنسىز، ئىشتىياق ھەم ئېھتىيات بىلەن ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ، غەلىبە سىزگە يار بولغاي !ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر خىل ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان ھۈنەر. ئەمما ھۈنەردىن باشقا يەنە مۇھىم تەركىبلەرمۇ بار. شۇڭا ئۇنىڭ ئەپلىك چارىسى يوق ھەم مىراس قالدۇرغىلى بولمايدۇ. دۇنيادا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان تامچى، موزدۇزلار بار، ئەمما ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان يازغۇچى يوق.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | 747 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…(3)

wang

سىزنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنىڭىز ئىلاھىي ئىشلاردۇر (ئەمما سىز ئىلاھ بولماقچى ئەمەس). سىز مۇكەممەل بىر دۇنيا بەرپا قىلماقچى؛ سىز ئاسمان – زېمىن، تاغۇدەريا، جان – جانىۋار، يىل – ئاي، جۇت – شىۋىرغان، قار – مۇز، بىپايان دېڭىز، ھەيۋەتلىك تاغ، ياپيېشىل ۋادا، چەكسىز چۆللۈك، قېرى – ياش، ئەر – ئاياللارنى ياراتماقچى؛ بۇلارنىڭ كېلىپ – كېتىشى، ئۆسۈپ – يېتىلىشى، مۇھەببەت – نەپرىتى، ئامەت – ئاپىتى، غەلىبە – مەغلۇبىيىتى… تەقدىرى سىزگە باغلىق.سىز بۇلارنى ئويلىشىڭىز، كۆرۈشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز، بۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇشىڭىز لازىم. شۇندىلا سىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىڭىز ھەقىقىي ئىشەنچلىك، روشەن ۋە ئەينەن، مۇقىم بولىدۇ. شۇندىلا شۇلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز ماھىر، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ھەم جەمئىيەت ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تاللىشىڭىزغا قۇۋۋەت ھازىرلىنىدۇ.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | 833 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ئەدەبىي تەنقىدنىڭ كۈچى

yum

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئەدەبىي تەنقىد ھەرخىل ئەيىبلەش ۋە كەمسىتىشكە دۇچار بولدى. ئەدىب-سەنئەتكەر بولسۇن ياكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولمىدى. مەدەنىيەت تەرەققىياتى تېز بولىۋاتقان، ھەرخىل مەدەنىيەت قاراشلىرى ئۆز-ئارا پۇت تىپىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋردە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ياڭراق سادالارنى جاراڭلىتالمىدى-دەپ قارىدى. بەزى تەنقىدچىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى ھازىرقى دەۋردىن كۆرۈپ، تەنقىدنىڭ بىمەززە، بىتايىن، پەسكەش بولۇشىنى دەۋر كەلتۈرۈپ چىقارغان-،دەپ توۋلاپ يۈردى. بەرھەق، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بىر ئىلىم بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مۇئەييەن دەرىجىدە جەمئىيەتتىكى مەدەنىيەت تىل مۇھىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىشى ئېنىق. ئەمما، بىز ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ دەل مۇئەييەن دەرىجىدىكى قەتئىيلىك ۋە چىدامچانلىق بىلەن شاكالنى شاللاپ، مېغىزىنى تاللاپ؛ پاسىققا لەنەت، پازىلغا مەدەت بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسىنى ياڭرىتىشتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈردۇر.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 3 پارچە | 762 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »