WWW.QUXTAK.COM

ۋۇ جېنمو: گىياھ ھەم سۇدىمۇ بار سۆڭەك-چىدام

56

ۋاقىتنىڭ مۈلكىدۇر كۇللى مەۋجۇدات،مۇئەمما كەچمىشكە شاھىددۇر قۇياش؛ھە ئاندىن بىز ئۇنى قىلغاچقا ئىسپات،سەكرىگەن قوللاردا ئالماستەك تۇتاش؛شۇ سەۋەب گۈل بەرگى تاپمىدى مۇرات،باھارغا خاس خىسلەت زېمىننى ئوراش.كۆز نۇرۇم يول بويى ھارماي سايرىدى،يەلكەمگە قۇم سۆزى قوندى شامالنىڭ؛شاخلاردا ھاياجان يالقۇن ئايرىدى،نە كېرەك سېغىنىش پەيتى ئامالنىڭ؛ھەممىسى ياپراققا قەدەم قايرىدى،پايانى يوقلۇقتا پۈتكۈل يارالنىڭ.بېشىنى چىقاردى باھار بەك سىدام،تۇپراققا تەر سىڭگەن، تاشقا قىزىل قان.گىياھ ھەم سۇدىمۇ بار سۆڭەك، چىدام،ھاياتقا ھەردەقىق ئەلەم يار پىنھان.نېمانچە تەسىرلىك غۇنچە نىداسى،كۆڭۈلگە تاشلىنار باھار شۇ سىياق؛نە قەدەر يىراقتۇر ھايات قىياسى،نە قەدەر يېقىن ھەم ئەسلا يوق پىراق.غۇنچىنىڭ ئۇھسىنغان مەيۈس ئاۋازى ئورايدۇ زېمىننى بوپ ئېغىر تىنىق؛قۇياشقا تىۋىنغان غۇنچە پەرۋازى كۆزۈمدىن قاچماقتا چىقىرىپ قىلىق.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 6 پارچە | 1,335 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

كۆكۈچ تۇيغۇلار

tamak

لەۋلىرىمگە چاپلىۋېلىپ چوغ،ئاچچىق يۈتۈپ ئەلەم پۈۋلەيمەن.مۇزلاتقاچقا نەشتەر كەبى سوغ،خىلۋەتلەردە راسا ھۇۋلايمەن،دۇنيا نېمە؟… ئويلىغۇممۇ يوق،مۈكىۋالدىم كۈكۈچ پەردىگە.ئۇ قاغايدۇ مېنى، مەن ئۇنى،كىم بوغۇلدى سۆيگۈ قەرزىگە.ئەتراپىمدا مەۋجۇت بىر دۇنيا،كۆكۈچلۈكتىن تاپىدۇ ئارام.سابا كېلىپ مەڭزىنى ياقسا،ساقىيامدۇ مېنىڭ دىل يارام.تۈگەپ قالدى موخۇركام ئاباي،سېتىقچى قىز بەرگىن بىر ئورام.يەنە بىر پەس تۇراي قوينىدا،كۈلەلەمتىم سۇنسا دىل كوزام.كۆكلۈك ئىچرە ئۆتىدۇ شۇنداق،ۋىجىك تېنىم ئەلەمگە پايخان.قۇربىم يەتسە مۇمكىنلىك ئىچرە،ياراتقۇم بار ۋىساللىق ئىمكان.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | 1,100 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

خازان-ھاۋادا ئۇچقان قۇشتۇر ئۇ سەرسان

yap

ئاپتورى:فۇ تيەنلىن؛ چۈشتاق تەرجىمىسى؛ سەرسان خازان: لەيلەپ يۈرگەن سەرسان بىر خازان، ھاۋادا ئۇچقان قۇشتۇر ئۇ سەرسان. ئاشۇ بىر تامچە يوقلۇقتىن كەلگەن، سوغۇقتۇر ئانا يەر قەلبىگە تامغان. جىلمىيىپ تۇرغان شۇ غۇنچە لىۋى سۆيگەن ئىدى كۈزنىڭ مەڭزىگە. ۋاقىت تۇيدۇرماي ھە ئۆتۈپ كەتتى، بىخ يېرىپ، شاخلاردىن ئايرىلغىچە. پەرۋاز، ئەجەب يارقىن بۇ پەرۋاز، خىيال ئىمكان بېرىدۇ پەپىلەشكە. ئاپپاراتتا سىزغىن قىلماستىن پەرداز ئەرزىيدۇ شۇ گۈزەللىك تەرىپلەشكە. بۇ سەپەرنى شۇنچە رەڭدار تۈگەتتى ئۇ،سۈكۈت ئىچرە مەنزىلىگە كېپ قالدى ئۇ.【خەنزۇچە «شېئىرىيەت» ژۇرنىلىدىن】

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 464 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

يازدىن باشقىسى قوغلىماس سالقىن

rayni

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئەدەبىي تەرجىمىگە قىزىقىپ، ئۆز چامىمنىڭ يېتىشىچە ئۆگىنىش ھېسابىدا ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۇ شېئىرلارنىمۇ شۇ ۋاقىتلاردا تەرجىمە قىلغان. تەلەي سىناپ ژۇرناللارغىمۇ ئەۋەتكەن ئىدىم. ئاقىۋەت «ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇ خوشلۇقنىڭ مەرھىمىتىدە ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشتىن قول ئۈزمىدىم. گاھىدا ئۆزۈم ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلسام، گاھىدا باشقىلارنىڭ بۇيرۇتمىسىنىمۇ تەرجىمە قىلدىم. ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغىللىنىش مەن ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ئۆزگىچە بىر ئۆگىنىش ۋاستىسى بولۇپ كەلدى. ھېلىھەم قولۇمدا باشلاپ قويۇپ ئاخىرى چىقمايۋاتقان خېلى نەرسىلەر بار. ھېچ ۋاقىت چىقمايۋاتىدىغۇ تاڭ، ئەمما چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن. قېنى بۇ تەرجىمە شېئىرلاردىن زوقلانغاچ تەنقىدىي تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم & تەۋسىيە | ئىنكاس: 6 پارچە | 1,686 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

يارىدىن كۆكلەپتۇ يۈز يىللىق دەرەخ

yaw

ياۋا ياڭاقلىق جىلغىسى: ئوت-چۆپلەر مېھىرلىك، سېپىل ۋەيرانە، ياشانغان بىر جۈپلەر ئوتقا پەرۋانە. سايرىشار قۇشلار ھەم ئىتلار قاۋىشار، قەلىب كۆكىدە ھىلال شۇنچە نۇرانە. گۈرۈچلەر سېپىلغا كېسەكتۇر بىلسەك، سۇ خەنجىرىدە ۋاقىت بولىدۇ پارە. يارىدىن كۆكلەپتۇ يۈز يىللىق دەرەخ، يىلتىزغا يانداشقان سۆڭەك مىڭ دانە. سوغ شامال ئۇشقۇرتار، نەيدە ئەلەم بار، گاھ ئوچۇق ھاۋاغا كىمدۇر ھەيرانە. چۈشلەرگە ئەسىردۇر ئاشىق ھەم مەشۇق، بىر غۇۋا يۇلتۇز ھەم ئۆچتى سەرسانە. ئۆچكىنى سۈكۈتتىن زۇلمەتكە يېقىن، شۇ غۇۋا ھەم ئاجىز سۆيگۈ ئەپسانە.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 436 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

قار سېغىنىش

458

قار سېغىنغان، يار سېغىنغان شۇ چاغلار بۈگۈن ئېسىمگە كەپ قالدى. قارمۇ يېغىپ تۇرسا ياخشىكەن، قاردا قالغان ئەسلىمىلەر تەكرارلانمايدۇ ھەم ئۇنتۇلمايدۇ. بىلىمەن، ئەمدى ئۇنداق قار ياغمايدۇ. ياغسىمۇ مەن پەقەت دېرىزىدىن قاراپ قالىمەن خالاس. مەن ئۈچۈن ھازىر قارنىڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق، قار ئۈچۈن مېنىڭ ئىسمىممۇ ھەم يوق، جىسمىممۇ ھەم يوق. يوقىلىشنىڭ دەھشىتىنى يوقالغانلار بىلمەيدۇ. يوقىلىش يوقالغانلار ئۈچۈن يېڭى بىر باشلىنىش. ئىسسىق تىنىقلاردا قار ئېرىگەن شۇ دەقىقىلەر مەنمۇ قاردەك ئېرىگەن ھەم قارنىڭمۇ ئوتتەك ھارارەتلىك ئىكەنلىكىنى تەن ئالغان. قارنىڭمۇ سۆزى بار، كۆزى بار، شۇ سۆزلەرنى تىڭشاش نېسىپ بولمىدى، شۇ كۆزلەرنى ياشلاش نېسىپ بولدى. لېكىن شۇ ئېرىش داۋاملاشمىدى… قارمۇ ئەمدى ئۇ ھارارىتىدىن مەھرۇمدۇر بەلكىم.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 366 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

تار كوچا (پوۋېست) (B)

tarkoqa

نېمىشقىدۇر پازىل نۇربىيە بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇزۇن يىل پۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك، ئەمدى ئۇنى قايتا يۈتتۈرۈپ قويسا بولمايدىغاندەك بىر خىل روھىي ئىسكەنجىدە قىينالدى. نۇربىيەنى ئوچۇق ـ يورۇقلىقى، مۇلايىملىقى، يېنىغا كەلسە گۈپپىدە دىماققا ئۇرۇلىدىغان يېزا قىزلىرىغا خاس ھىدى، بولۇپمۇ، نۇربىيەنىڭ سول مەڭزىدىكى نۇقۇتچىلىك خال پازىلنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. نۇربىيەنىڭ سىماسى گويا پازىلنىڭ ۋۇجۇدىدا بىللە ياشاپ، خىلۋەتتە مۇڭدىشىدىغان، چۈشىدە بولسا پازىلغا «سىز كەتمەڭ، مەن قورقىۋاتىمەن» دەپ تەلمۈرىدىغان، يورۇق دۇنيا بىلەن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان ئامىنەنى ئەسلىتىپ قوياتتى. ئەمما، ئىلاجى قانچە؟ چىغىر يوللار ئۇنى بالدۇرلا ئېلىپ كەتتى. پازىل ئامىنەنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئاشۇ سۆز ئامىنەنى ئېلىپ كەتتى. نېمە دېگەن ئازابلىق، ھە؟ ئۆز سۆيگۈنىنىڭ ئەجەل بىلەن تىركىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزالمىسا، قاراپ تۇرۇپ ئۆز بەختىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولماس! پازىل ھەممىنى ئۆزى بىلدى، خۇشاللىق ئۇنىڭغا خوش دېدى. دەرت ـ ئەلەم، تېگى يوق خىياللار ئۇنى خۇمارى كۈچلۈك، ئىشقىۋاز مەخلۇقتەك ئورىۋالدى.

سەھىپە: نەسىرلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 482 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

تار كوچا (پوۋېست) (A)

tarkoqa

بىكارچىلىقتىن نېمىلەر كېلىپ چىقمايدۇ دەيسىز، گەرچە ئاغزىمىزدا ئومۇملاشقان، قائىدىلىك، ئەدەبلىك سۆزلەرنى قىلساقمۇ، ئەمما كۈنسېرى «زامانىۋىلىشىش»نىڭ ئەبجەش نەغمىسىگە بەل تولغاپ زامانىۋى تۈس ئېلىۋاتقان مەنىۋىيىتىمىز كۆڭۈل تەختىدە غالىبلارچە كېرىلىپ، كۈنسېرى ئۆز ئىتىدارىدىن قېلىپ، ئەلەسلىككە قاراپ جىلمىيىۋاتقان ئېتىقادسىز نېرۋىلاردا ماگمىدەك ئوتلۇق نەپەستە، نادانلارچە تەپەككۇردا بوينىمىزغا مىنىدۇ. ھەر دائىم ئۆزىمىزدىكى بەندىگە تىنغىلى بولمايدىغان، لېكىن ئۆز ھەرىكىتىمىزدە ئىشقا ئاشۇرمىساق تۇرالمايدىغان جەلپكار خىياللار بەدىنىمىزنى ئورىغاندا، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، بىزنى ھالاكەت پاتقىقىغا سۆرەيدۇ. لېكىن، تولا ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالغاچ ئەتراپىمىزدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا گەندىگە چۈشكەن قۇرۇتتەك، ماغدۇرىمىزنى چەيلەۋاتقان ئەسەبىي ھېسسىياتنى ھۇزۇر – ھالاۋەت مەۋقەسىدە رېتىمسىز ئايلاندۇرماقچى بولىمىز، ئاقىۋەتتە يوشۇرۇپ يېگەن ئالما تاتلىق بولغاندەك، تەپەككۇر گەۋدسىنى قىسقا مۇددەتلىك قىمىرلاشنىڭ لەززىتى شېرىن دېگەن ئاسايىش ئېتىغا مىندۈرىمىز. جاھاندا كىشىلەر ئويلاشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆپ بولغىنىدەك زېھنىي قۇۋۋەتنى سەرپ قىلىش بىھۇدە بولغان ئىشلارمۇ بىزگە ھەر ۋاقىت قاش ئاتىدۇ.

سەھىپە: نەسىرلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 495 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

شەھەردىكى تەبىئەت ساداسى

xaha

شەھەردە تۇرغانسېرى ئۆزۈمنى قەپەزدىكى قۇشتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ماكاننىڭ تارلىقىدىن يىراققا ئىنتىلگەن كۆزلىرىم مۇزدەك تاملاردىن ئاشالمايتتى. ھەرخىل گۈدۈك ئاۋازى ۋە ئادەملەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىمۇ ئارامىمدا قويمايتتى. كوچىدا يۈرسەممۇ سانسىز ئادەملەر دېڭىزىدىكى بىرتامچىغا، شەھەر شاۋقۇنلىرى ئارىسىدىكى بىر ئاۋازغا ئايلىنىپ قالغاندەك بولاتتىم. كاللامدىكى تىنچلىنىش خىيالىم بىردەمدىلا ئۆز ئىمكانىدىن جۇدا بولاتتى.
شەھەردىن تەبىئەت ئاتا قىلغان ساپ سادالارنى ئاختۇراتتىم. ئەمما ئۇ كەپسىز بالىدەك تاش ئورمانلار ئارىسىدا مەن بىلەن مۆكۈشمەك ئوينايتتى. مەن كىشىنى بىزار قىلغۇدەك ۋاڭ-چۇڭلار ئارىسىدىن ئۇنىڭ: ئىشىنەمسەن؟ سەن پەقەت ئىخلاسىڭ ۋە ئىشتىياقىڭ بىلەن تىڭشىساڭلا مەن ھەرجايدا ساڭا ھەمراھ، مەن سېنىڭ ئەتراپىڭدا ئۈن-تىنسىز، ھەشەم-دەرەمسىز مەۋجۇتمەن. – دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 425 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

سىرلىق جىلغىدىكى ئىلھاملار

jil

ئىنساننىڭ مۇتلەق گۈزەللىك بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراقلاپ بېرىشىغا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز سەپىرىدە بارغانسېرى ئاددىيلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى سەۋەب بولغان. ئاتالمىش ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان پەسىللەر ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى بىر كۈنلەرنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى خالاس دەپ ئويلىساق بولامدۇ-يوق. تاغ جىرالىرىدىكى شىددەت بىلەن قىيالارغا ئۇرۇلۇپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلارنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرمىگىنىمىزدە، يىنىك شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلار تۇرمۇشىمىزدىكى خۇشاللىق بولالايدۇ. ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلارنىڭ كۆكنى يارغۇدەك گۈمبۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىمىغىنىمىزدا، كىشىگە خۇش ياقىدىغان سەلكىن شاماللار بىزنىڭ پارىڭىمىزغا تۇترۇق بولالايدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى تاللاشتىكى سەۋەنلىك ئەمەس. ئالەمنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇتلىقى ئەسلىدىنلا تالايلىغان تاساددىپىيلىقلارنىڭ بېرىكىشىدىن بولغان.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 434 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »