WWW.QUXTAK.COM

ئەجىر قىلىپ تاپقان 20يۈەن

كەينىمگە بۇرۇلۇپ، كوچىنى بويلاپ، ئىچىملىك دۇكىنىغا قاراپ ماڭدىم. يېرىم يولدا كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ئۇ ئەر رېمونتخانا ئالدىدىن غايىب بولغان ئىدى. مەن كوچىدىن بۇرۇلۇپلا، ئالدىمغا قاراپ بەدەر قاچتىم. شۇ چاغدا مەن ئۇ 20يۈەن پۇلنى ئۇنىڭغا قايتۇرماي، يانچۇققا موك سالماقچى ئىدىم.
بىر نەچچە مىنۇت يۈگۈرگەندىن كېيىن، ھېرىپ ھالىم قالمىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قولۇمدىكى پۇلنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراشقا باشلىدىم. ئۆزەمچە «بۇ پۇل بىر مەزگىل خەجلىشىمگە يېتىدۇ. تېخى ئۆيمۇ ئالالىشىم مۇمكىن» دەپ ئويلايتتىم.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 624 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك شەھەر— مېكسىكا

رەستىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، سەنئەت ئەسلىي ئاددىيلىققا يول بېرىشى كېرەك ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. تام رەسىملىرى ماڭا قەدىمكى ھىندىئانلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تەرتىپلىك بازىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن —— ھەممە خىل-خىلى، رەت-رېتى بىلەن بولۇپ، بۈگۈنمۇ شۇ ھالەتتە ئىدى. كۆكتات ساتىدىغانلار بىر يەرگە، كىيىم-كېچەك ساتىدىغانلار بىر يەرگە يىغىلغان ئىدى. ئەمما، پىشرۇق ساتىدىغان بىر ھارۋىدا مىۋە-چىۋە بىلەن تولغان بىر سۇلياۋ ئىستاكان بولۇپ، ئۈستى قىپقىزىل تۇراتتى. سوراش ئارقىلىق بىلدىمكى ئۇ قىزىلمۇچ سالات ئىكەن. گەرچە بۇ بىر يېڭىلىق بولسىمۇ، سەنئەتنىڭ خاسىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇنى يىگىلى بولارمۇ؟

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 519 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

سىرلىق ھەم جەلىبكارلىققا تولغان پىنتېر مەنزىلى

پىنتېرنىڭ ئەسەرلىرىدە يەڭگۈچى يوق، شۇنداقلا يېڭىلگۈچىمۇ يوق. كىشىلەر ئارىسىدىكى ھوقۇق كۆرىشىدە ، كىمنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئوڭايلىقچە بىلەلمەيمىز؛ ئۇلار ئۆز ئورنىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، قارىماققا شۇنداقلا ئېيتىلغان دىئالوگلاردا ئۇلار گاھ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىسە، گاھ تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. پىرسوناژلارنىڭمۇ ئۆزگىچە بىر تەرىپى بولۇپ، ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە ئىنفىرا نۇرى ئاستىدا ئاشكارىلىنىدۇ، بىز پەقەت ئاددى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز خالاس. ئۇلار كۆرۈنمەس تاملار ئارىسىدا تىرمىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەم ئوخشىمىغان رىئال قاتلاملارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش جاريانىدا، خۇددى باشقا ئەل زېمىنىدا مىنا كۆمگەندەك، سەۋەبسىزلا ئۆزىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 466 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

بىھۇدە خىتاب

كىچىك چاغلىرىمىزدا، مومام بىزگە چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى، يىرىك ئەمما، ئىللىق قوللىرى بىلەن بېشىمىزنى سىلايتتى، بىز كۈلەتتۇق، شادلىناتتۇق، تەئەججۈپلۈك ئويلارغا چۈمەتتۇق، بەزەن- بەزەن مومامغا سوئال مەنىسىدە قاراپ قوياتتۇق، موما- سېنىڭ چېچىڭ نېمىشقا ئاق؟ نېمىشقا بىزلەرنىڭ قارا؟- دەپ سوئال قوياتتۇق. مومام ئۇنداق چاغلاردا كۈلۈپ قوياتتى، بەلكىم بىزنىڭ سەبىيلەرچە سوئالىمىزدىن شادلانسا كېرەك.

سەھىپە: نەسىرلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 661 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

كۆلەڭگە

مەن ياشىغان تار ماكاننىڭ بەندىللىرى بىلەن كۆڭلىمىز ئۇنچە يېقىن بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما خېلى سورۇنداشلاردىن ئىدۇق. شەنبە يەكشەنبىنىڭ بىكارچىلىقىدا ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇپمۇ قالاتتۇق، لېكىن ئۆزۈمنىڭ جىمغورلۇقۇم، ئادەم خالىماس خۇلقۇم تۈپەيلى تولا ھاللاردا، تاپسام بىرەر قاۋاققا ياكى بولمىسا بىرەر بۇلۇڭ – پۇشقاققا بېرىپ جانسىز ھەمراھلار بىلەن سىردىشىش مىنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ كەيىپچان رىتىمى ئىدى . مىجەزى كېلىشمىگەن، گەپ- سۆزى بىر يەردىن چىقمىغان بەندىلەر بىلەن زورلاپ يۈرۈپ ئولتۇرۇپ نېمە كەپتۇ دەيسىز؟ كەيىپ دېگەننى تەنھا ئولتۇرۇپ، سايىسى بىلەن بىللە سۈرسە پەيزى قىلىپ سۈرگىلى بولىدۇ .

سەھىپە: نەسىرلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 662 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

تۈز سىزىق

پازىل تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن بىزار بولاتتى. باشقىچىرەك بىر ئۇسۇلدا ياشاپ باقايچۇ، دېگەن ئويغىمۇ كېلەتتى. لېكىن «بىزار بولغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار. ئايالىم يەنە شۇ ئايال، پاراللىل سىزىقنىڭ بىر تېلىدەك يا مەندىن نېرى كەتمەيدۇ، يا يېقىن كەلمەيدۇ. ئاجرىشىپ كېتىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلاي دېسەم ئىككىنچىسىنىڭمۇ تۇنجىسىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل» دەپ، بولدى قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر پازىلنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىدى. پەقەت ئىسمىلا، تەققى-تۇرقىلا ئوخشىمايتتى. «پالانى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»، «پوكۇنى قىزنىڭ ئوتىدا ساراڭ بولاي دېدىم» دېگەندەك گەپلەر پازىلغا ھازىر تېتىقسىز، ساختا، ئۆزىنى ئالداش بولۇپ تۇيىلاتتى. تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇنداق ئۆتۈشىنى ھازىرچە ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيەت دەپ بىلەتتى.

سەھىپە: نەسىرلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 600 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

دىمىق

ئانىدىن تۇغما ھالەتتە سىرتتىن نەچچە ھەسسە ئىسسىق ھورداقخانىدا دۈملىنىپ ئولتۇرىمەن. پۈتكۈل بەدىنىمدىن توختىماي تەر قۇيۇلاتتى، چوغداندىكى چوغنىڭ بىردە ئاجىز، بىردە كۈچلۈك يالىلدىشى مېنىڭ ھازىرقى بۇرۇختۇم، يالغۇز ھالىتىم ئۈچۈن بىر خىل ئەمەك بولاتتى. پات- پات چوغقا سۇ قۇيۇپ قوياتتىم-دە قىزىق ھورىدىن قېچىپ بېشىمغا لۆڭگىنى ئورىۋالاتتىم. ئالدىمدىكى چوغداندىن پاژ- پۇژ ئاۋاز بىلەن تەڭ قويۇق ھور كۆتۈرۈلۈپ، ھورنىڭ دەستىدىن ھەممە يەر تۇتۇق، غۇۋا كۆرۈنەتتى….

سەھىپە: نەسىرلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 888 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

گو گوچاڭ: شېئىرنىڭ قىممىتى

يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو شېئىرىيىتى ئىجادىي قىزغىنلىق كەمچىل بولغان گادايلىققا يۈزلىنىپ، ئاددىيلىقنىڭ قوينىدىن ئۆزىنى تارتالمىدى. بىر چاغلاردا ئۆزىدىكى مىللىي خاسلىقنى ئىزدەش ۋە ئىنسانىيەتكە ئورتاق ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەش روھى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن خاسلىققا ئىگە نادىر ئەسەرلەر كىشىلەردىن كۈنسېرى ياتلاشقاندەك، جۇڭگو شېئىرىيىتى بىچارە ھالدا نادىر بەدىئىي ئەسەرلەرگە زارىققان مۈشكۈل قىسمەتكە قالدى. جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ كىشىگە تېتىماس بولۇپ قېلىشىدا بىر تالاي سەۋەبلەر بار، ئەمما ئەڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەب يەنىلا يەر شارىلىشىش ۋە بازارغا يۈزلىنىش دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەدەبىي ئىستېتىك

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | 675 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ياپراق سۆزلەيدۇ

ھەۋەس پەيلى نىيەتلەرگە بېرەر ئىمكان،

زەكىي جانلار دىدار دەمگە تۈزەر پەيمان؛

جاھان مەككار قىلار ئىنئام ماڭا ئەپغان،

بىراق مەندە پۇشايمان يوق قەسەملەرگە.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 741 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

كۆز رىۋايىتى

ئېگىز، تولىمۇ ئېگىزدىن: چوڭقۇر، تولىمۇ چوڭقۇردىن ھەر ۋاقىت ،ھەر سائەت سادا ياڭرايدۇ، سادا — گۈمبەز يىغىسىنىڭ ساداسى بەلكىم: سادا — تەكتى ھارارەتلىك ۋولقان ساداسى بەلكىم. كۆز — كۆرمەك ئۈچۈن لىكىلدىماقتا، ئەسەبلەر توپى كۆرىلىشتىن كەلگۈسى سەزگۈ ئۇچۇرىغا خۇشتار. كۆزنىڭ كۆز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشى تاتلىق پەيىت ، ۋە ھەم ئاچچىق پەيىت . ئۇچراشتى — تەنلەرنى سىلكىتىپ يۈرەككە سىڭمەكچى: ئۇچراشتى — تەنلەرنى تىترىتىپ يۈرەكنى سىقماقچى.

سەھىپە: نەسىرلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 869 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »