WWW.QUXTAK.COM

ناخشىدىكى قىسمەت: قارا تۇلپار(3)

tulpar

ئۆي ئىچىدە چوڭ بىر كاڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. كاڭنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ياغاچ يوق بولۇپ، ئىچىدىكى توپىلار كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. كاڭنىڭ ئۈستىدىكى تېرە يېپىنچا، ئۆچكە تېرىسى، مۇڭغۇلچە يەكتەك ۋە خەنزۇچە پاختىلىق چاپان ئارىسىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئۈچ بالىنى ئىلغا قىلدىم. ئۇلار ئۆزلىرى خالىغانچە ياتقان بولۇپ، مەينەت پۇتلىرى كىيىملەر ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى، چوڭلار يوقتەك قىلاتتى. غەرب تەرەپتىكى تامدا يەنە كىچىك بىر ئىشىك بار ئىدى. ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچقاندىن كېيىن، تور بېكىتىلگەن مۇڭغۇلچە ئۇسلۇبتىكى ياغاچ تۈڭلۈك تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. يېنىدا يەنە قىزغۇچ بىر ياغاچ ئىشىك قانىتى دېگەندەك نەرسىلەر تۇراتتى. كۆزلىرىم نەملەشتى: مانا بۇ بىزنىڭ ئۆيىمىز، ئۈچ ئەۋلاد بىرگە ياشىغان، ياق گانگا قارىمۇ ياشىغان ئۆي.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 487 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ناخشىدىكى قىسمەت: قارا تۇلپار(2)

tulpar

بىز ئۆزىمىزمۇ تۇيمايلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كېتىپتۇق، يىراقتىن شىددەت ھەم ھەيۋەت بىلەن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان شەپەق جۇلاسىدا شەرققە قاراپ تۇراتتۇق. سۇمىيە ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، تىكىلىپ تۇراتتى. يۈزلىرىدە ھاياجانلىق تۇيغۇسى جۇلالاپ تۇراتتى. ئالتۇنرەڭ شەپەق ئۇنىڭ قاراقلىرىدا جۇلالايتتى، خۇشاللىق ئۇچقۇنلىرىغا ئايلىناتتى. مەن ھاياجاندىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالغان ھالدا، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدىم. تىنىمسىز تەۋرىنىۋاتقان، سەكرەۋاتقان قۇياش ئاخىرى يەر يۈزىدە تولۇق ھۆسن ئاچتى، ھاياتلىققا شۇڭغۇپ كىردى. سۇمىيە توساتتىن مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى، مەنمۇ ئۇنى باغرىمغا كۈچەپ باستىم. بىز كۆزلىرىمىزنى مىت قىلمىغان ھالدا بۇ تېپىلغۇسىز گۈزەللىككە مەستانە ھالدا تىكىلگەن ئىدۇق، ئىچ-ئىچىمىزدىن قۇياش ۋە زېمىنغا تەشەككۈر ئېيتاتتۇق، يايلاق ئانىمىزغا تەشەككۈر ئېيتاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىزگە بەرگەن بەختىگە تەشەككۈر ئېيتاتتۇق.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 486 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

بېھىش يېزام — بەشكېرەم

bax

باياۋان ئىزىمنى ئوقۇيدۇ تىمتاس،پەللىگە يەتكۈزگەي سەن بەرگەن چىدام.ئەبەدلىك مەيلىمسەن بەندىگە تىنماس،بېھىشنىڭ ئەندازى بەشكېرەم يېزام.ئەسەبلەر تىترىگەي ئەسلەرگە ئاقساڭ،قىيامدۇر ھەرپلەر سۆيگۈڭ دەستىدە.ياپراقنىڭ دەردىگە قۇلاقنى ياقساڭ،شىۋىرلار ئانا يەر قوينۇڭ قەستىدە.شىپالىق تاپمىغان يىرىڭلىق يارام ساقىيار، داۋادۇر جەننەت باغلىرىڭ.ئاققاندا بىخۇدلۇق ياشلىرىم تارام،مەڭزىمنى سىلىغاي مېھىر تاغلىرىڭ.كەزسەممۇ ئالەمنى ئېشىپ مىڭ داۋان،قاراقتا قاتمىغاي ئەللەر سىياقى.سەرسانلىق كۈنلەرنىڭ چىرايى سامان،جېنىمنى تىغلىغاي ئىشقىڭ پىراقى.ئېيتىلماس ناخشا بار باغرىڭنى سۆكسەم،بوۋامنىڭ كۆزىدىن تامغان يادىكار.ئەسلىمگە ئىنتىلىپ خىيالغا چۆكسەم،ئاۋازسىز بىر ئاھاڭ جانغا تاقىشار.رىۋايەت كۆكلىگەن قەدىم بىشارەت تەئەججۈپ چۆلىگە كۆڭلۈم تاشلىغاي.قىسمىتىڭ ئەقلىمگە يانداپ ئىشارەت،ھېكمەتنىڭ بابىدىن ساۋاق باشلىغاي.ئەيىبتە قارايغان چىرايدا مەن يوق،قەددىمگە راۋادۇر سەن بەرگەن غۇرۇر.تۇزكورغا سۆز قاتسام ئاغزىمدۇر پۇچۇق،ئەلەسكە ئوخشايمەن ئىزدىسەم قۇسۇر.مۇھەببەت-نەپرىتىم سەن بەرگەن ئۇدۇم،مەككارغا ئىشتىياق بەرمەس دەقىقەم.مۇقەددەس مۈلكىمدۇر ساڭا خاس خۇيۇم،ھەققىڭگە تالىقتۇر ئالماس ئەقىدەم.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 3 پارچە | 810 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ناخشىدىكى قىسمەت: قارا تۇلپار(1)

tulpar

قەدىمىي ناخشا «گانگا قارا» ــ «قارا تۇلپار» ئەنە شۇ سانسىز ناخشىلارنىڭ بىرسى. مەن بالىلىق چاغلىرىمدىلا بۇ مىلودىيەنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ چاغدا مەيداندا ئىككى قولۇمنى ساڭگىلىتىپ، ناخشا ساداسى شامال بىلەن غايىپ بولغىچە تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. قەلبىم ئىللىقلىق تۇيغۇسىغا تولغان ئىدى. ناخشىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتمىگەن بولساممۇ، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ بىرقانچە مىسرالىق ئاددى تېكىستنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتتىم، دەپ ئېيتىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇ زادى قانداق بىر ناخشىدۇر ــ ھە؟ ئۇ بەلكىم بىر مۇھەببەت ناخشىسى بولسا كېرەك… كېيىنكى چاغلاردا مەن چوڭقۇر پىكىرلىك بىر يازغۇچى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىپ، بۇ ناخشا ھەققىدە ئۇنىڭدىن پىكىر ئالدىم. ئۇ چۈشەندۈرۈپ: ــ ناھايىتى ئاددى، ئۇ پەقەت ئېچىلمىغان سەبىي قەلبنىڭ كۈچلۈك ئىنسانى تۇيغۇ تەرىپىدىن بىر قېتىم سوقۇلۇشىدىنلا ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بۇ ناخشا ئاددى، نازاكەتسىز، ئۇنىڭدا كۈچلۈك تەسىرچانلىق يوق» ــ دەپ جاۋاپ بەردى.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 551 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ئۆزلۈك پايانى

999

چېپىپ كەلدىم پايانىمغا، كۆرۈنمەس ھېچ تىرىك بىر جان،بايان ئەيلەي ساڭا باتىن، ئىشەنگىن بۇ ئەمەس يالغان.ئۈنۈم پۈتتى بولۇپ ۋاھىز، قۇلاق سالمايدۇ يارەنلەر،بۇقۇلداپ يىغلىغۇم كەلدى كۆرۈڭلار ئۆزلۈكى تايغان.شەبىستانىمدا ھۇۋلايمەن ئۆزۈمگە بىر راۋا ئىزلەپ،قېنى كەلتۈر شارابىڭنى بولايمەن ئەقلىدىن ئازغان.تاتارغان بۇ چىرايىمدىن ئۈمىدنىڭ ۋەسلىنى ئۈزمە،تۈگەر بىر كۈنلىكى سەۋرىم، توشار ھامانە بۇ پەيمان.ئازابتىن يىمىگىن ۋايىم، ئۇ ھەركىمگە ئاتا بولماس،ئايا ئۆزلۈك مادارىڭنى، ھامان تەۋە ساڭا بازغان. قازا ئەتمە نەزەرلىكنى، قارار ئەتكىن تېرەنلىكنى،ۋۇجۇد ئۆزلۈككە يار بولسا، دېمەس ھېچكىم سېنى پاكلان.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 3 پارچە | 923 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ۋاقىت پۈتۈكلىرى

555

ھازىرقى ۋاقىت دەل يېنىمىزدىن شەپىسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتۇر، بەلكىم ئۇ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ جەلبكاردۇر. ئۇ خام خىيالنى رېئاللىق، رېئاللىقنى خام خىيال قىلىشقا ئىمكانلىقتۇر.مەن ئەتراپىمدىن ھەرۋاقىت ۋاقىتنىڭ رېتىملىق تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ياسىلىۋاتقان يول-كۆۋرۈكلەردىن، قەۋەت-قەۋەتلەپ ئېگىزلەۋاتقان بىنالاردىن، يولدىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ شوخ قىلىقلىرىدىن، باغچىدا چېنىقىۋاتقان بوۋاي-مومايلارنىڭ تەبەسسۇمىدىن، ھەتتا يول بويىدىكى گۈل-گىياھلارنىڭ قۇياش نۇرى ھىممىتىدە يايرىغان ياپراقلىرىدىن ۋاقىتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىستىكىدە تىرمىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن.بوۋاقلارنىڭ يىغىسى، سەبىيلەرنىڭ كۈلكىسى، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ خۇمارلىق بېقىشلىرى، قىران ياشلىقلارنىڭ ئاق چاچلىرى، قېرىلارنىڭ چېكىسىدىكى قورۇقلىرى دەل ۋاقىتنىڭ ياڭراق كۈيىدۇر. يۇمران بىخ، خۇشھىد چېچەك، ئەركىن ياپراق، تاڭدىكى شەپەق، كىشىنى مەھلىيا قىلغۇچ كەچكى قۇياشلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ تىنىقىدۇر.ۋاقىتقا يۈزلەنگىنىمىزدە، زەپەرمۇ بار، خەتەرمۇ ھەم بار. غالىبلار ۋاقىتنىڭ يۈكسەكلىكىدە شادلانغاندا، غاپىللار ۋاقىتنىڭ رەھىمسىزلىكىدە نادامەت چېكىدۇ.ۋاقىتنى قەدىرلەش تۇرمۇشنى، ھاياتنى ۋە ئىنسانىيەتنى سۆيگەنلىكتۇر.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 4 پارچە | 761 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

باھار ناخشىسى

999

يىغلىۋەتتىم ئۈنۈم پۈتكىچە ،دېرەكلەنسە مېنىڭدىن باھار .كۈلۈپ كەتتىم كۆزۈمنى يۇمۇپ ،ئەگىپ ئۆتسە مېنىڭدىن باھار .چىمەنلىكتە سەيلە قىلمىدىم ،ئىلتىجالىق بوغسىمۇ مېنى .دەرتلىرىمنى ياتقا تىنمىدىم ،ئەركىلەتسە بىراۋلار سېنى .باغلىرىمدىن ئۆلۈم پۇرايدۇ ،ئەمدى ھېچكىم يۈرمەيدۇ ئېزىپ .تۈتۈن شوراپ غەمدە ئولتۇرسام ،كەلمەس بىرى تەسەللىي بىرىپ .مەن كۆرمىدىم بىر تال گۈل تېخى ،ئىنتىزارلىق باھار پەسلىدە .مەن ساقلىغان ئەقىدە قېنى ،ئۆلسەم دەيتتىم يارنىڭ ۋەسلىدە .ئاخشام ئەسلى بولغانتى ئايدىڭ ،ئايدىڭ دېگەن قوشماق چىللايدۇ .تەنھا چىقسام تاماكا شوراپ ،نېچۈن ئايمۇ مېنى تىللايدۇ .كۈلكىلەرگە مەيلىم يوق ھامان ،بىلەلمىدىم يوقاتتىم قاچان .ئۆتسە كۈنلەر يەنە مۇشۇنداق ،قانچە كۈنلەر يۈرەيمەن ئامان .قار ياغقاندا قاپتىمۇ ئىزىم ،سۈبھىي پەيتى مەھەلەڭ تامان .ساقلاپ تۇرسام كاچكۇل تۈۋىدە ،ماڭا سىرلار بولامدۇ ئايان .

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 803 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

خاتىرەمدىكى كىچىك ھويلا

hoy

ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر كىچىك يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم. ئەمما، ئاشۇ ماچۈدىكى كەچمىش، مېھرى ئىسسىق غېرىبانە ھويلا بىردەممۇ كۆڭلۈمدىن نېرى بولمىدى. شۇنداق قىلىپ مەن قەلبىمنىڭ دەۋىتىدە سىز ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ سەبىي بالىلارنىڭ تەشنالىقى ۋە قىزغىنلىقى ئۈچۈن ئۆز سەمىمىيىتىمنى قۇرلارغا تىزماقچى بولدۇم. ھازىر، ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇمران قوللىرىدا يېزىپ چىققان شادلىقى ۋە خاپىلىقىنى ئوقۇغىنىمدا، قەلبىم ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە قىزغىنلىقىدىن كۈچلۈك ھاياجانغا تولىدۇ. راست، ئۇلار بىر توپ شادىمان قۇشلار، ئۇلار بىر توپ بىغۇبار پەرىلەردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى پاكلىق ھەم گۈزەل غايىلەر بىلەن تولغان، شۇنداقلا، ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدىكى تەشۋىشلەرگىمۇ تولغان.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 757 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ

atilar

[ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئابدۇللا]ھەممە شائىر «ئانام»لا دېدى،ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،كۆردى نى-نى دەردۇ بالالار.ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،كەزمىدىمۇ تاغۇ-دالالار.نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،شىر-يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،ئاھ، جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

سەھىپە: تەرمە گۈل | ئىنكاس: 1 پارچە | 1,165 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »