WWW.QUXTAK.COM

قوينۇمدىكى ئاي

مەن بۈگۈن بەستى شاھ، غالىپ قىياپەت،
غۇرۇرۇم چېچىلغاي ئالەمگە كۆزدىن.
مىڭ قەسەم-ۋەدىلەر بۈگۈن بىھاجەت،
جان قىيام بولغۇسى بىر ئېغىز سۆزدىن.
ۋىسالنىڭ دەملىرى يايغاندا ئېتەك،
ھەسەتتىن رەقىبلەر زۇۋانى ئۆچتى.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 5 پارچە | 614 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ئېسىل فىلىم: قارا تاشلىق كىتاب

2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قانلىق قىسمىتىنىڭ نامايەندىسى «قارا تاشلىق كىتاب» ئۆز ۋەقەلىكىنىڭ ئەگرى-توقايلىقى، ئايال قەھرىمان لېچىرنىڭ پىداكارلىقىدا مىللىي ھۆرلۈكنىڭ ۋە دەپى دۇنيا ئالدىدىكى بىچارىلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىڭىزدا نامايان قىلىدۇ. كۆرمىگەن بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ، ياكى باش بېتىمىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كىنو كۆرۈش دېتالىنى قاچىلاپ كۆرۈڭ. كۆرگەن بولسىڭىز ئۆز تەسىراتىڭىزنى ئايىماي يېزىڭ…

سەھىپە: تەۋسىيە | ئىنكاس: 2 پارچە | 625 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

نادىر فىلىم: سىتسىلىيەدىكى گۈزەل ئەپسانە

2002-يىللار بولسا كېرەك، ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. شۇ مەزگىللەردە چەتئەلنىڭ ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىشلىق نادىر فىلىملىرىنى ئىزدەپ-سوراپ كۆرۈپ يۈرەتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىتالىيەدە ئىشلەنگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار نادىر فىلىم «سىتسىلىيەدىكى گۈزەل ئەپسانە» فىلىمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. تۇنجى كۆرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە قانچە قېتىم كۆرگەنلىكىم ئېنىق ئېسىمدە يوق، ئەمما ئاز دېگەندىمۇ 20قېتىمدىن ئاز ئەمەسلىكى ئۆزۈمگە ئايان. فىلىمنىڭ دېسكىسىنى ھازىرغىچە ساقلاپ يۈرۈيمەن، ئۆزۈم يالغۇز قالغان، بىئاۋارە مىنۇتلاردا بالا قەھرىمانغا ئەگىشىپ مالىنناغا مەستانە بولىمەن.

سەھىپە: تەۋسىيە | ئىنكاس: 2 پارچە | 729 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

ئەسلەش

بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىكى
ھېلىمۇ قارامدۇ چاقماق دەرياسىغا؟
خاتىرەمدىكى مەن
ھېلىمۇ ئەركىلەمدۇ بوۋىسىغا.
شۇ كۈنى
مەن ئايرىلغان توپىلىق يولدىن،
شۇ كۈنى
ئۇ قايتقانتى مېنىڭ ئىزىمدىن.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 496 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

رىيۇ ئەنكىم لىرىكىلىرىدىن

كورىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىرە، نەسرچى رىيۇ ئەنكىم 1941-يىلى تۇغۇلغان. 1965-يىلى كورىيەدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى سېئول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق كەسپىنى تاماملىغان. 1970-يىلى مەزكۇر مەكتەپتە مائارىپ پىسخولوگىيەسى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1976-يىلى ئامېرىكا فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مائارىپشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىر سېئول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىلار مائارىپى پروفېسسورى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كورىيەدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، شېئىرلىرىدا ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ساددا تەسىراتلىرى، ساپ ھېسسىياتى ۋە ئاياللىق پاراسىتى ئارقىلىق زامان ۋە ماكان چەكلىمىلىرىدىن غالىب كېلىش ئىستىكى ئىپادىلەنگەن.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 536 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

سۈرەتسىز ئالبۇم

تۈن قاراڭغۇسى
ئالەم ئۇيقۇسى،
گۇمانىمدا ماڭىلا شەيدا
سىرلار قايغۇسى،
سۆزلەپ بەرسەم كىملەر قانغۇسى؟
مەن ھېچكىمگە دېمىدىم تېخى،
كۆزدىن تامدى دىلنىڭ تامچىسى.
مەن ئۆزۈمنى تىللىدىم راسا،
كۆزنى ئاچسام چۈشكەن ھەممىسى.
چۈشمۇ بۇ؟؟؟
چۈشقۇ بۇ!!!.

سەھىپە: شېئىرلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 718 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

بېيداۋ شېئىرلىرىدىن

بېيداۋنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى 10يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئېسەنكىرەشتىن ئويغانغان بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 10يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ بىمەنە رېئاللىقى شائىردا «سوغۇق لېرىكا» خاسلىقىنى—— ئاجايىپ سالماقلىق ۋە چوڭقۇر خىيالپەرەسلىكىنى پەيدا قىلغان. ئۇ سالماقلىق بىلەن كۆزىتىش ئىچىدە «ئاددىي كۆزىدە پارچىلانغان دۇنيا»نىڭ قانداق قىلىپ ئىنسان قىممىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەربات بولۇشىنى، ئىنسان ماھىيىتىنىڭ بۇرمىلىنىشىنى ۋە ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ «ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز دۇنياسىنى، سەمىمىي، ئۆزگىچە، ئادىل، ھەققانىي ۋە ئىنسانىي دۇنيا قۇرۇپ چىقىش»نى ئويلىغان. 1974-يىلى تۇنجى ئەسىرى «داۋالغۇش» ناملىق پوۋېستنى يازغان. 1978-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ناتونۇش ساھىل»نى پۈتتۈرگەن.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 713 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

شۈ جىمو شېئىرلىرىدىن

كوچا- كوينى قاپلىغان شاۋقۇن- سۆرەندىن نە قىلاي؟
كىشىلەر يۈرمەكتە ھەم شۇقەدەر سولغۇن چىراي.
دىلخانەمنى قاپلىدى غەم كەبى ئاقۇچ تۇمان،
بىر ۋەھىمە ئىلكىدە ئېسەنكىرەيمەن بىزۇۋان.
ئاھ بۇ يەردە ھېچ تېپىلماس گۈل-گىياھ ھەم يا ئېقىن،
بىلمىدىم كۈلكەمگە كىم جۆر، غەملىرىمگە كىم يېقىن؟

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | 694 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

كۆكتىكى مۇھەببەت

ئۇ ئەنە شۇ سىياقتا بىر خىل جۇلالىق نۇردەك ئايۋاندا ھاڭۋېقىپ تۇراتتى؛ شۇ تۇرقىدا ئۇ چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببەت ساھىبى ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ يەر چەكسىز ساماغا ئەڭ يېقىن جاي ئىدى؛ قولنى شۇنداقلا سوزسا سامادىكى بۇلۇتلار قولغا ئۇرۇلاتتى. مەن ياغاچ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەلمۈرگەن ۋاقتىمدىمۇ ئۇ خۇددى چەكسىز سامادا تۇرغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. ئۇ ئەنە شۇ سامادا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ رەھىمسىز ئادەتلەرگە تولغان تۇرمۇشتىن يىراق تۇرۇشى مۇقەررەر ئىدى؛ ئۇ پەقەت مېنىڭدەك بىر شەھەرلىك ئادەم ئارقىلىقلا ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بۇ دۇنيانى چۈشىنەتتى. بىپايان زېمىندا داۋاملىشىۋاتقان بىر خىل رېتىمدىكى تۇرمۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇئەمما بولۇپ، ئۇ بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ قوينىغا كىرىشكە ئامالسىز ئىدى.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 669 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »

مېنىڭ ئۈچ ئانام

بىر خىل ئازاب بار، خۇددى ئۆتكۈر خەنجەر پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك، بۇ ئازابنىڭ ئارقىسىغا پەرزەتنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىگە تەشنالىقى يوشۇرۇنغان. بۇ خىل بىشارەت كېچىلىرى چۈشتىن ئويغانغىنىمدا تاشقىن دەريا سۈيىدەك قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۈنسىز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئاققىنىدا، ئۆزۈمنىڭ بەردەم بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئاجىز چاغلىرىمنىڭمۇ بارلىقىنى بايقايمەن. ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئۆگەي ئانامغا ئاراملىق ئاتا قىلماقچى بولىمەن. ئۆگەي ئانام ئاشۇ كۈنلەرگە ئۇلىشالامدۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. پەقەت مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئانىسىز ئۆتكەن ھاياتنىڭ مەززىسىزلىكىنى، ئانىسىز ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئورۇنسىز كۈتۈش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

سەھىپە: تەرجىمىلىرىم | ئىنكاس: 0 پارچە | 660 قېتىم ئوقۇلدى | خەتكۈچلەر: تەپسىلاتى »