مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
قوينۇمدىكى ئاي
تەۋە تۈر: شېئىرلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/02/09 | كۆرۈلۈشى: 1,013 قېتىم

 

قوينۇمدىكى ئاي

دېرىزەم تۈۋىدە ئايلىنىپ تاشقا،
كۆزۈمنى يىراققا نۇردەك تاشلىدىم.
ئاتلىغاچ ئېرىقتىن نېرىقى قاشقا،
يېڭى بىر قوشاقنى بۈگۈن باشلىدىم.

كۈنلەرنىڭ كۈلكىسى خۇمارغا قاندى،
ئۆزۈمنى بەختلىك قىسمەتكە چاتسام.
نىگارنىڭ ئۆيىنىڭ چىرىغى ياندى،
قولدىكى چالمىنى ئۆگزىگە ئاتسام.

قايتىدىن سەپ سالدىم ئۆزۈمگە بۈگۈن،
ياپراقلار شىۋىرلاپ سىرىمنى يەشتى.
يار كۈتكەن يوللاردا چۇۋۇلدى تۈگۈن،
تولدى گۈل-چېچەككە باياۋان-دەشتى.

قۇملۇقنىڭ چېھرىدە مەن كۈتكەن سىياق،
ئالۋۇنلار تولغۇنۇپ چېكىدۇ زىل تار.
شامالنىڭ پەيلىدە تالقاندۇر پىراق،
سۈكۈتلەر ئەمدىكىم قىلماس مېنى خار.

مەن بۈگۈن بەستى شاھ، غالىپ قىياپەت،
غۇرۇرۇم چېچىلغاي ئالەمگە كۆزدىن.
مىڭ قەسەم-ۋەدىلەر بۈگۈن بىھاجەت،
جان قىيام بولغۇسى بىر ئېغىز سۆزدىن.

ۋىسالنىڭ دەملىرى يايغاندا ئېتەك،
ھەسەتتىن رەقىبلەر زۇۋانى ئۆچتى.
بۇ كېچە قارايدى يارنىڭ چېچىدەك،
ئاي قېنى دېمەڭلار، قوينۇمغا كۆچتى.

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • بۇ شېئىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالدىم، بۇ شېئىرىدكى ھىسيات كىشىنى ئوقۇسىمۇ شۇنداق بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدىكەن. شېئرىدىكى سىمۋول ۋە ئىماگ شېئىرغا قانات بىرىپتۇ… ئائىلىڭىزگە مەڭگۈ بەخت يار بولسۇن!

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 07:26
    • سىز ھەقىقەتەن بەختلىككەن….

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر 03:43
    • شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاستىدىكى سىزىق ماڭا شېئىرنى نەچچە پارچە قىلىۋەتكەندەك بىر خىل تۇيۇلدى. ئۈزۈك سىزىققا ئالماشتۇرساق قانداق؟
      شېئىرنىڭ بېشى بىلەن ئاخىرىنىڭ باغلىنىشى سەل ئاجىز بوپ قاپتۇ. قايتا ئىشلەپ بېقىڭلا بۇ شېئىرغا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ 21:45
    • مەن گەرچە شىئىرنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ بۇ شىئىر ماڭا يېقىپ قالدى. بارغانچە ئىسىل شىئىرلارنى چىقارغىلى تۇردىڭىز. .. قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن. تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن….

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر 03:23

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى