مەرھابا، بۈگۈن RSS / Email / RSS / Email / RSS / Email
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…(1)
تەۋە تۈر: تەرجىمىلىرىم | يوللانغان ۋاقتى: 2011/04/01 | كۆرۈلۈشى: 986 قېتىم

 

قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…

ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ

ھەرزەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

1

قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرى ئاپئاق ئورىگىنال قەغىزىگە چۈشكىنىدە، ئورىگىنال قەغىزىدىكى ھەر بىر قۇر رايىش، بىغۇبار، سەمىمىي رەۋىشتە سىزنىڭ ئۆزىگە جۇلا ۋە نىدا، جان ۋە قان ئاتا قىلىشىڭىزنى كۈتكىنىدە، سىز نېمىلەرنى كۆرىسىز؟ نېمىلەرنى ئويلايسىز؟

گەرچە كۈندۈزدىكى خىزمەت ۋە ئايىغى چىقماس ئىشلار سىزنى يەتكۈچە چارچاتقان بولسىمۇ؛ سىزنىڭمۇ تالايلارغا ئوخشاش مەسئۇلىيىتىڭىز، غەم – غۇسسىڭىز، ئىچ پۇشۇقلىرىڭىز بولسىمۇ؛ ئۆزىڭىزنىڭ مۇكەممەللىكتىن يىراقلىقىڭىز، بىر تالاي ئەيىبلىرىڭىز، ئاجىزلىقىڭىز، ئىپلاسلىقىڭىز، جاراھەتلىرىڭىزنىڭ بارلىقى ئۆزىڭىزگە ئايان بولسىمۇ؛ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ باشقا تالاي كەسىپلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكىچىلىكىنى، باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش بۇ ساھەدىمۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان پەسكەشلەرنىڭ… بارلىقىنى بىلسىڭىزمۇ؛ قولىڭىزغا قەلەم ئالغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، سىز ئۆزگىچە بىر تۇيغۇدا بولىسىز.

سىز خۇددى تەڭداشسىز غەيرەتكە كەلگەندەك، ئەقىللىق ھەم تەلەپچان ئوقۇرمەننى كۆرگەندەك بولىسىز؛ ئۇلار بىلەن ئەسرارلىشىپ، ئۇلارغا يازمىڭىزنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلب تارىنى چەكمەكچى بولىسىز. سان – ساناقسىز ئوقۇرمەننىڭ سىزگە ئىشەنگەنلىكى، سىزگە نەزەر سالغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى تەلەيلىك سانايسىز. ئۇلار سىزنىڭ يازمىڭىزغا بارىكاللا ئېيتىدۇ، ئالقىشلايدۇ. سىزنىڭ باش قەھرىمانىڭىز ئۈچۈن ھېسداشلىق ياشلىرىنى تۆكىدۇ. ئۇلار سىزنى ئەسلەيدۇ، سىزگە ھەشقەللا ئېيىتىدۇ. سىز ھەم تەشۋىشلىنىسىز، ھەم ئۆز بۇرچىڭىزنى ھېس قىلىسىز، چۈنكى سىز تالايلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئوبيېكتىسىز. ئوقۇرمەنلىرىڭىز ئارىسىدا بىر زامان، بىر ماكاندىكى سەپداشلارلا بولۇپ قالماي، بەلكى يات ئەللەردىكى دوستلارمۇ، ئون يىل، يىگىرمە يىل، ھەتتا يۈز يىلدىن كېيىنكى ئىلغار ۋە ئەقىللىق كىشىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ناۋادا ساختىلىق قىلسىڭىز، ئاۋامنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز؛ كۆز بويامچىلىق قىلسىڭىز ياكى ھۈنىرىڭىز پۈچەك بولسا، ئاۋامنىڭ مەسخىرىسىگە ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرايسىز؛ ناۋادا ۋالاقتەگكۈرلۈك قىلىپ، ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلىسىڭىز ئاۋامدىن ئايرىلىپ قالىسىز. تەنقىدچى ۋە ئاۋام پۇقرادىن تارتىپ، پروفېسسور ۋە ئوقۇغۇچى، دوست ۋە دۈشمەنلەرگىچە سىزنىڭ يازمىڭىزدىن قۇسۇر تېپىپ، سۆز – چۆچەك قىلىشىدۇ. قىسقىسى، سىزنىڭ يۈزلەنگىنىڭىز كەڭ خەلق، جەمئىيەت، تارىختۇر؛ سىز مەغرۇرلىنىپ، شادلانسىڭىزمۇ، قارا تەرگە چۆمسىڭىزمۇ، ئەڭ نادىر ئەسىرىڭىز (ئۆزىڭىزگە قارىغاندا مۇكەممەل ۋە مۇپەسسەل بولغان)نى روياپقا چىقارسىڭىزمۇ، يەنىلا پەللىدىن يىراقسىز. ئەلۋەتتە، ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق، بىخۇدلۇق قىلسىڭىز ئەسلا بولمايدۇ. خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىخ ئالدىدا يۈزسىزلىك قىلسىڭىز، زەھەرنى شېكەر، تاشنى ماش كۆرسىتىپ، خەلقنى زەھەرلىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا، سىز ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇقەددەس، تەۋرەنمەس ۋە يۈكسەكلىكىنى ھېس قىلسىڭىزلا، كەسكىن، ھوشيار ۋە قەتئىي بولسىڭىزلا قەلىمىڭىزنىڭ پاتمانلاپ ۋەزنى بولىدۇ.

ھاياجانلىنىپ، كۈچلۈك بىر غىدىقلىنىشنى ھېس قىلسىڭىز، بۇ دەل تۇرمۇشنىڭ ئىلھامى. ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن تالاي ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر قەلبىڭىزدە دولقۇنلاپ، سىزنىڭ رەتلىشىڭىزنى، يىللار قالدۇرغان كىر – داغلارنى ئادالىشڭىزنى، غايىۋى ۋە ھەققانىيەت مەشئىلى بىلەن ئۆزلىرىنى يورۇتۇشىڭىزنى كۈتىدۇ. سىز تونۇيدىغان، روھىيىتىڭىز ۋە ھېسسىياتىڭىز بىلەن مۇرەككەپ باغلىنىشى بولغان ھەر خىل كىشىلەر پەرقلىق قىسمەتلىرى، خاراكتېرى، جىلۋىلىك تەبەسسۇمى، ئوتلۇق مېھىر – مۇھەببىتى، غەزەپ – نەپرىتى، سولماس ياشلىق جىلۋىسى، شۇنداقلا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ۋە لەھەتكە يول ئالغان قىسمەتلەردە كۆز ئالدىڭىزدا زاھىر بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆز پارىڭىنى، مۇھەببەت – نەپرەتلىك ئالاقىسىنى باشلايدۇ. سىز كېلىسىز، مەن كېتىمەن. ۋاقىت بىر ئىزدا تۇرمايدۇ. گەرچە سىز تۇرۇۋاتقان ئۆي كاتەكتەك كىچىك، يېزىق ئۈستىلىڭىز كىچىك ھەم ئەبجەق بولسىمۇ، قولىڭىزغا قەلەم ئالغان ئاشۇ ئۆزگىچە پەيتلەردە، تاغۇ دەريا، يەرۇ ئاسمان، جان – جانىۋار، ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك، پىششىق – توڭ… ھەممە – ھەممىسى قەلب ئالىمىڭىزدە پەيدا بولۇپ، قەلىمىڭىزنىڭ ئۇچىغا جەملىنىدۇ. سىز ئۇلارنى پەردازلايسىز، قايتا نامايان قىلىسىز، باھالايسىز. تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى ۋە خاپىلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئىزگۈلۈكى ۋە رەزىللىكىنى، تارىخنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، يولنىڭ كەڭتاشالىقى ۋە ئەگرى – توقايلىقىنى، تەبىئەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە رەھىمسىزلىكىنى، كەچمىشلىرىڭىزنى، ھېس – تۇيغۇلىرىڭىزنى، بىلگەن – سەزگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇرمەنگە بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. گەرچە يازغىنىڭىز قىسقىغىنە بىر ئەسەر بولسىمۇ، پۈتكۈل تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى دەسمايە قىلىسىز. شۇڭا سىز ئىجادىيەتنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئىجادىيەتنىڭ جاپاسىنىمۇ ھېس قىلىسىز.

سىز يەنە ئۆز ھېسسىياتىڭىزنىڭ غىدىقلىشىغىمۇ ئۇچرايسىز. سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بەئەينى بىر رويالدۇر. تۇرمۇش دەل رويالنى چالىدىغان قولدۇر. دەل شۇ قول تالاي ئۇستىلاردىن غالىب كېلىپ، تۈرلۈك كۈي، ئاھاڭلارنى ياڭرىتىدۇ، مەرسىيە ۋە قەسىدىلەرنى پۈتىدۇ. بەزىلىرى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە كائىناتقا تارايدۇ، بەزىلىرى خاتىرىلىنىپ، قەلبخانىڭىزنىڭ بىنھانلىقىدا ساقلىنىدۇ. پەقەت تۈن جىملىقىدا، قەلىمىڭىز ھەرىكەتكە كەلگەندىلا، ئورىگىنال قەغىزىڭىز ياڭراتقۇغا ئايلىنىپ، ھەتتا ئۆزىڭىزنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئېسىل كۈيلەرنى ياڭرىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ رويال ساپمۇساق بولۇشى، كونۇپكىلىرى تولۇق، تارلىرى ياڭراق، گارمونىيىسى ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. ئەگەر، ئەبجىقى چىقىپ، دات باسقان رويال بولسا، پەقەت قۇلاققا سەت ئاڭلىنىدىغان ئاۋاز چىقىرىپ، «ئاپەت»كە ئايلىنىدۇ.

ئېنىقكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغايدۇ، لېكىن، بۇنىڭدىنمۇ مۇقەددەس ۋە مۇھىم نەرسە دەل ھەقىقەتتۇر. كاللا كەتسە ھېچ گەپ يوق، يول توغرا بولسىلا بولدى. يولنىڭ توغرىلىقى جاندىنمۇ مۇھىم، يولنىڭ توغرىلىقى جاننىڭ كاپالىتى. يول خاتا بولسا، كاللا كېتىشتىن، تەھدىت ۋە پايدا ئالدىدا قاچقۇن، ھەتتا خائىن بولۇشتىن ساقلىنىش تەس. قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىخقا يۈزلىنىپ، ئۆزىڭىزنى كۆزىتىشىڭىز زۆرۈر. سىز ھەقىقەتنى تۇغ قىلماقچىمۇ ياكى ئۇنىڭغا داغ تەگكۈزمەكچىمۇ؟ سىز ھەقىقەتنى قوغدىماقچىمۇ ياكى ئۇنىڭغا خائىن بولماقچىمۇ؟ ھەقىقەت ئۇ ھەرگىزمۇ تەييار كەلىمىلەرنى يادلاش ئەمەس. ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان دەستەك ياكى ئەسەردىكى ھىيلە – مىكىرمۇ ئەمەس. بىز ئەمەلىيەت ئىسپاتلىغان ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەقىقەتنى ئۆزىڭىزنىڭ قېنىڭىزغا، دىلىڭىزغا سىڭدۈرۈڭ. شۇندىلا قەلىمىڭىزنىڭ ۋەزنى بولىدۇ. ئۆزىڭىز ئىشەنمەيدىغان نەرسىلەرگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش، ئۆزىڭىز تەسىرلەنمىگەن نەرسىلەر ئارقىلىق  باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئۇخلاپ چۈشىڭىزدۇر. تۇرمۇشنى، ھېسسىياتىڭىزنى، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئەسكە ئالغاندا، تۇرمۇش ئىزنالىرىنى، بارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ۋە كۈيلەرنى جۇلالاتقان نۇرنى – ھەقىقەت نۇرىنى ئەسكە ئېلىشىڭىز شۈبھىسىزدۇر. پەقەت سىز ئۆز ئىجادىيىتىڭىز، پۈتكۈل تۇرمۇش تەسىراتىڭىز، زېھنىڭىز، ئەقلىڭىز ئارقىلىق دەلىللىگەن، ئىنتىلگەن، مۇشەررەپ بولغان نەرسىلەر؛ جان پىدالىق بىلەن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، تالاي قۇربانلارنى بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەت بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىندۇر. ئورۇق ئېشەكتەك ھاڭراش، باشقىلارنىڭ بۇرۇتىغا چالما تىزىش، خۇشامەتچىلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر بولۇش… دېگەندەك قىلمىشلارنىڭ ھەقىقەت بىلەن ئەسلا ئالاقىسى يوق. شۇڭا قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، تۈرلۈك پىكىر، قاراش، باھالار سىز بىلەن تىركىشىپ، تالاي ئىدىيىلەر قەلىمىڭىزنىڭ ئۇچىغا جەملىنىدۇ.

قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ھەر خىل ئەبجەش ئىدىيىلەرمۇ پەيدا بولىدۇ. ۋىجدانىڭىزغا قارشى چىقىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ سىز غالىب بولماقنى، ئېتىراپ قىلىنماقنى ئارزۇلايسىز. تېخى ئۆزىڭىز كەم – كۈتىسىز بولغان شېرىن دەقىقىلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈرىسىز. سىز يەنە مەغلۇپ بولۇشتىن، ئىنكار قىلىنىشتىن ئېسەنكىرەيسىز. دائىم باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە قايىل بولمايسىز، بەزىدە ئۆز ئىشەنچىڭىزنىمۇ يوقىتىسىز. سىز زامان رايىنى، قەلەمكەشلىك خاھىشىنى ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ تەلىپىنىمۇ ئويلايسىز. تېخى ئارىسالدا بولىسىز، تەشۋىشلىنىسىز… لېكىن، بۇلار قورقۇنچلۇق ئەمەس، بۇنىڭدىن خالىي بولماقمۇ تەس. ئەمما سىز بار ئىمكان بىلەن سەۋرچان بولۇشىڭىز، ئەرزىمەس ئىشلارغا ئۇرۇنماسلىقىڭىز، رەزىل، چاكىنا، شەخسىيەتچى نىيەت – مەقسەتكە تايماسلىقىڭىز، غالىبلىق ئىستىكىڭىزنى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى، دەپ قارىماسلىقىڭىز، يېزىش ئۈچۈنلا يازماسلىقىڭىز لازىمدۇر.

2

ئەسلىي سىزنىڭ غەلىبىڭىزنى ئالدىن تەبرىكلىسەم بولاتتى. چۈنكى سىز مەلۇم مۇددىئا ئۈچۈن، يېزىش ئۈچۈن يازدىڭىز. لېكىن، يەنىلا بىر سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭ، سىز بىر ئەدىبتە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈردىڭىزمۇ؟

قېنى، توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ؟ تۇخۇممۇ؟ دېگەندەك بىمەنە بىر مەسىلىنى، يەنى، يازغۇچى بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ، ئەسەرمۇ(بۇ يەردىكى يازغۇچىلىق قانداقتۇر بىرەر كەسىپ، بىرەر شان – شەرەپ ياكى مەرتىۋە ئەمەس، بەلكى بىر خىل پەزىلەت ۋە  ئىقتىداردۇر) دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.

ئەگەر يازغۇچى بۇرۇن پەيدا بولغان دېسەك، دۇنيادا نەدىمۇ ئەسەر يازمايدىغان يازغۇچى بار؟ ئەگەر ئەسەر بۇرۇن پەيدا بولغان دېسەك، دۇنيادا نەدىمۇ يازغۇچىسىز ئەسەر بار؟ (ئەسەر يازىدىغانلارنى يازغۇچى دېمەي قەلەمكەش دەپ، كەمتەرلىك قىلساق، بۇنىڭ يولى باشقا بولىدۇ)

بەلكىم سىزمۇ ھېس قىلغانسىز، تۇنجى ئەسىرىڭىزنى روياپقا چىقىرىشتىن بۇرۇنلا، يازغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈۋاتقان، ھازىرلاۋاتقان بولىسىز. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يازغۇچىدۇرسىز. ئوخشاشلا، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، قەغەزگە دۇردانە تۆككىنىڭىزدە، شۇ خىل پەزىلەت ۋە ئىقتىدار ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە مۇكەممەللىشىدۇ.

بۇ ئېھتىمال «توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغان» دېگەنلىكتۇر، ئەلۋەتتە. قولىڭىزدا قەلەم ئېلىشتىن ئىلگىرى، تولىمۇ ئىلگىرىكى چاغلاردا، سىز جەزمەن پازىل بىر ئىنسان بولۇشىڭىز؛ تىلىڭىز ھەم دىلىڭىزدا، باتىنىڭىز ھەم زاھىرىڭىزدا سەمىمىيەت، مېھىر – شەپقەت، ئىزگۈلۈك يولىدىكى ئىستىكىڭىز ھەم ئەقىدىڭىز، ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان مۇھەببىتىڭىز، تارىخقا بولغان ئىنتىلىشىڭىز ھەم ئىشەنچىڭىز قارار تاپقان بولۇشى لازىم. سىزدە مۇستەھكەم ۋە يۈكسەك بىر ئىخلاس بولۇشى، مەيلى گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن باھار كۈنلىرى ياكى جۇت – شىۋىرغانلىق ئاياز كۈنلىرى بولسۇن، ئىخلاسىڭىز سۇسلىماسلىقى لازىم. سىز دۇنياغا ھەۋەس بىلەن باقسىڭىز، خەلققە ھەردەم ھەمنەپەس ھەم تەقدىرداش بولسىز، سىزنىڭ «ئىخلاس»ىڭىز قانداقتۇر ھەممىنى تەرك ئېتىپ، راھەت- پاراغەتتە يايرىغىنىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس، بەلكى، دەل سىزنىڭ ماتېرىيالىزمچى بولغىنىڭىز، ھېچنېمىدىن قورقمىغانلىقىڭىز، تۇرمۇشقا دادىل يۈزلىنىپ، توغرا قاراپ، ئۇنى چۈشەنگەنلىكىڭىز، خەلق بىلەن، تارىخىي تەرەققىيات بىلەن، ئەڭ ئىلغار قاتلام ۋە شۇ قاتلامنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن مەڭگۈ بىللە ئىكەنلىكىڭىز ۋەجىدىندۇر.

بۇلار ئەقەللىي تەلەپ. ناۋادا سىز لالما ئىتتەك لاغايلاپ يۈرىدىغان، رەزىللىكتە نام ئالغان، ئىچى كاۋاك، ھۇرۇن، جېنىدىن تويغان، سەمىمىيەت، مېھىر – شەپقەت، ئىزگۈ ھالەتلەرنىڭ قۇدرىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم بولسىڭىز، نادىر ئەسەرلەرنى يازالامسىز؟ قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، مۇقەددەسلىك ۋە مۇشەققەتلىكىنى، شادىمانلىق ۋە پەرىشانلىقنى ھېس قىلالامسىز؟ مەنىۋى ئالىمى ئۆز ئوقۇرمەنلىرىدىن چاكىنا، ئاددىي؛ شۇنداقلا، ئىدىيە ۋە تەپەككۇردا توختاۋسىز ئۆزىنى يېڭىلاشنى، بېيىتىشنى خالىمايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى قەلەم تۇتمىغان ياخشى.

سىزدە يەنە بەلگىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى بولۇشى، ھەردەم تۇرمۇشتىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆز تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى بېيىتىشىڭىز، تولۇقلىشىڭىز، كېڭەيتىشىڭىز لازىم. ئادەمنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئادەمنى چۈشىنىشىڭىز، تاغنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن تاغنى كۆرگەن بولۇشىڭىز كېرەك. تەجرىبە قانچىكى مول، رەڭدار، تېرەن بولسا شۇنچە ئەۋزەلدۇر. بۇمۇ ھەم ئەقەللىي تەلەپ. كىتابلار دۆۋىسىگە كىرىۋېلىپ ھەدەپ يازغۇچى بولۇشنى ئويلىغان ئادەم مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. بۇ بىر ئادىل ھەم كىنايىگە تولغان قائىدىدۇر.

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن زۆرۈر، كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. تۇرمۇشىمىزدا ئىدىيىۋى ساپاسى بىزدىن يۇقىرى، تەجرىبىسىمۇ مول نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلەم تۇتۇشقا لايىق بولۇشى ناتايىن.

يازغۇچىنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئاشۇ قىزغىن، تۇيغۇن ۋە تېرەن يۈرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنە شۇ يۈرەك قىزغىن بولغاندىلا، ئۆز قەلبىدىكى ئوت بىلەن ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە ئوت سالالايدۇ. بەلكىم ئۇ كۆرۈنۈشتە سالماق، مەنىدە تېرەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ قات – قېتىدا مۇز ئەمەس، ئوت بار. ئەنە شۇ يۈرەك تۇيغۇن بولغاندىلا، رەڭدار، سەزگۈر فوتو ئەينىكىگە ئوخشاش، دەقىقە ئىچىدىكى نۇر ۋە سۈرەتلەر ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، بىر تال چاچ، بىر تامچە سۇ بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئۆز ئىزناسىنى قالدۇرىدۇ. ئۇ كونىرىغان نىگاتىپ بولماسلىقى، تۇتۇق سۈرەتلەرنى پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. ئەنە شۇ يۈرەك تېرەن بولغاندىلا، كۆپلىگەن سېزىملەرنى، تەسىراتلارنى، ئىداراكلارنى توپلىيالايدۇ. ئۇ تېرەن بىر قۇدۇققا ئوخشاش سۈيىنى قانچە تارتسىڭىزمۇ قۇرۇپ قالماسلىقى، ئالتە ئاي ئاتقان پاختىڭىز، بىر چاپاننىڭ يېڭىگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەت بولماسلىقى كېرەك.

يازغۇچىنىڭ قابىللىقى تۇرمۇشتىن زوقلىنىش ۋە تۇرمۇشنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە تىل. قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشتىن بۇرۇن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇۋاتقان ۋە تۇرمۇشنى كۆزىتىۋاتقان چاغدا، سىرداشقان، خاتىرە يازغان، سالام يوللىغان… چاغدا؛ ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىڭىز ۋە تىلىڭىزنى تاۋلاۋاتقان بولىسىز. سىز دائىم ئەدەبىياتتىن تۇرمۇشنى ھېس قىلىسىز، يەنى ياخشى بىر ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز چوڭقۇرلىشىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سېھرىي كۈچىنى پەيدىنپەي تولۇقى بىلەن ھېس قىلىسىز. سىز دائىم تۇرمۇشتىن ئەدەبىياتنى بايقايسىز، يەنى، تۇرمۇشتا كۆپلىگەن گۈزەل، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان، جەلپ قىلىدىغان نەرسىلەر بار، يېزىشقا ئەرزىيدۇ. سىز يازغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىممىتىگە تولۇق ئىشىنىسز. شۇڭا قولىڭىزغا قەلەم ئالىسىز.

سىز ئاشۇ پازىللىق ۋە قابىللىقنى ھازىرلىغان پەيتتە، بەلگىلىك شارائىتقا ئىگە بولغىنىڭىزدا، قولىڭىزغا قەلەم ئالسىڭىز ئىشەنچ ۋە مۇددىئايىڭىز ھازىرلىنىدۇ. ئەمما، دەسلەپكى تەييارلىقىڭىز قانچىكى پۇختا، روھىڭىز، ئەقلىڭىز، تەجرىبىڭىز ۋە بىلىمىڭىز قانچىكى مول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تولۇق تاۋلانمىغان، جەۋھەرلەنمىگەن، تەلقىنلەنمىگەن، ھېسسىياتنىڭ تاۋلىشى ۋە تەسەۋۋۇر قانىتىنىڭ ئىنئامى بولمىغان، يېتىلىش، ئويلىنىش، قارارلاش، شادلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇرۇش، ۋاز كېچىش… قاتارلىقلار قايتىلانمىغىنىدا؛ ئىپادىلەش يولىدىكى توسالغۇلارنى يوقاتمىغان، ئۆز ئۇسلۇبىڭىزنى، ئۆز زىننىتىڭىزنى تاپمىغان، قەغەزگە پۈتۈلمىگەن، ئەسەر سىياقىغا كىرمىگەن ئەھۋالدا، ئەسەر يەنىلا غۇۋا، بىتايىن، جانسىز نەرسىدۇر. ئىجادىيەت شۇنداق نەرسىكى، ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن يېڭى بولۇپلا قالماي، يازغۇچىغىمۇ يېڭى بولىدۇ؛ ئوقۇرمەننى تاڭ قالدۇرۇپلا قالماي، يازغۇچىنىمۇ تاڭ قالدۇرىدۇ. چۈنكى تۇرمۇشتىكى جۇغلىنىش، تەپەككۇردىكى جەريان پەقەت بىر سان ئۆزگىرىشى خالاس. پەقەت سىز قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، ئۆز ئۇسلۇبىڭىز، قۇرۇلمىڭىز، پېرسوناژلىرىڭىز، ۋەقەلىرىڭىز ۋە تىلىڭىزنى تاپقىنىڭىزدا، ئىجادىيەت داۋامىدا گۈللىنىش، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات بولىدۇ؛ قولغا قەلەم ئېلىپ، ھېس قىلىسىزكى، بۇ گۈللىنىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا، يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل. سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز نەقەدەر جىددىي ۋە نەقەدەر خۇشال – ھە!

(داۋامى بار…)

(جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى 2007 – يىل 1 – ئايدا نەشر قىلغان ۋاڭ مېڭنىڭ «مېنىڭ جاھاندارچىلىق مەنتىقەم» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

无觅相关文章插件


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • 
    • تۇرۇپلا ئىلھاملىرىم كىلىپ قالىدۇ، قەلەمنى قۇلۇمغا ئالساملا نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالىمەن. يازغانلىرىم ئۆزۈمگە يارىمايدۇ كېيىن باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ كۆرۈشتىن يالتيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ 17:46
    • قىسمەت مۇنداق دەيدۇ:
      بىر نەرسىنى ماھىيىتىدىن ئويلايدىغان، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىدىغان، تەھلىلىدىن نەتىجە چىقىرالايدىغان، ئۆزىگە خاس پىكىر يولى، نىشانى بولغان، ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق بولغان ئادەم يازغۇچى بولالىغۇدەك، پەيلاسوپ بولالىغۇدەك، ئالىم بولالىغۇدەك، ئىشقىلىپ بەندە يېتەلەيدىغان مەرتىبىنىڭ ھەممىسىگە يېتەلىگۈدەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر 11:35
    • قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز قېرىندىشىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر 04:27

    
    تەۋسىيە بلوگ
    يېڭى يازمىلار
    خەتكۈشلەر
    ئەزا مەركىزى