ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  •  

    «چۆل ئوغلى» پوۋستى توغرسىدا

    ئايتىللا ھەبىبۇللا

    ئۇيغۇر بالىلار پروزىچىلىقىدا پوۋىست ئىجادىيىتى 90-يىللاردىن كېيىن بارلىققا كەلدى . بۇ دەل ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا «رومان ، پوۋست، ھېكايە ئىجادىيەتلىرى گويا بىر –بىرىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان دولقۇنلاردەك بىر –بىرنى قوغلاپ،بىر- بىرنى تۇلۇقلاپ»ئىلگىرلەۋاتقان مەزگىل ئىدى. بولۇپمۇ، پوۋست ئىجادىيىتى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى كۈتۈۋالغانىدى.

  •  

    مۇتەپپەككۈرشائىرىمىز ئەلشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570يىللىق خاتىرە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

    شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .

     

  •  

    ﺷﯧﺌﯩﺮدﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎگ

     

    ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚز - ﺋﯩﺒﺎرﯨﻠﻪر ۋە ﻣﯩﺴﺮالارﻧﯩﯔ ﻗﯘراﺷﺘﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﻣﻪزﻣﯘن ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻨﯩﯔ «ﺳﯩﻤﯟول» ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎرزۇ - ﺋﺎرﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﻤﯟوﻟﻨﻰ ﺗﯘﻏﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﺎۋۋال ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪا ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪا ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪن ﺳﯩﻤﯟوﻟﻠﯘق ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﯜرەت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻧﻪ ﻣﯘﮬﯩﺘﻠﯩﺮى ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻤﺎگ دﯦﻴﯩﻠﯩﺪۇ. 

  •  

    ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎش  

    ﻓﺮاﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﺘﯩﺮاش رودﯦﻦ: «ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردە ﺑﺎر. ﻛﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﻛﻪم ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎش ﻛﻪم» دﯦﮕﻪن. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ، رودﯦﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚز ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺰ ﺗﯚۋەﻧﺪە ﺋﺎﻳﺪﯨﯖلاﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎل. ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎش ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺷﻪرت - ﺷﺎراﺋﯩﺘلار ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.

  •  

    ﺷﯧﺌﯩﺮدﯨﻦ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺶ

     

    ﺷﯧﺌﯩﺮﻳﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﻰﮬﻪﻗﯩﻘﻪت، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ۋە ﭘﺎﺳﺎﮬﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪۇر. ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﺎرﯨﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻠﮕﻪن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻧﺎۋاﺳﯩﺪۇر. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻛﯚﻛﯩﺪە ﭘﻪرۋاز ﻗﯩﻠﻐﺎن ﭼﯧﻐﯩﺪا ﮔﺎھ ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮔﺎھ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺪۇ؛ ﮔﺎھ ﭘﻪرﯨﺸﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮔﺎھ ﭼﯚﭼﯜﻳﺪۇ... ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎت ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺪە ﻏﺎﻳﻪت زور ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﻗﯘدرەﺗﻜﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻗﻪﻟﺒﻰ ۋە ﺟﯩﺴﻤﻰ ﻧﺎزۇك ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯧﺰﯨﻤلار ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە ﻟﻪرزﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ

  •  

    رىسالەت مەردان شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز

    ( رىسالەت مەرداننىڭ ‹ شېئىر بولۇپ قايتىمەن ئاستا › ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن )
    ھەلىمە تۇردى

    مەن بىر شېئىرىيەت ھەۋەسكارى ،دائىم شېئىر ۋە شېئىرلار ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورلارنى ئوقۇپ تۇرىمەن.ئوبزور ئوقۇش تولىمۇ پايدىلىق. ئۇ شېئىرنى يەنە بىر قەدەم چۈشىنىشىمىزگە، ئاپتۇرنىڭ ئىدىيىسىدىكى شېئىر بىلەن تەنقىدچىنىڭ كۈزىتىش نۇقتىسىدىكى شېئىرلارنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئوقۇرمەنلەرگىمۇ شېئىرلارنى ياخشى تونۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ بىر پىكىر تاۋلاش ،ئۆز ئارا  تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش سەھنىسى.

     

  •  

    «بەختسىزلەر» رومانىنىڭ بەدىئىي قاتلاملىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

     

    مۇھەممەتجان ئەيسا

          يېقىندا ياش يازغۇچى يۈسۈپجان قىيۇمنىڭ تۇنجى رومانى «بەخىتسىزلەر» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. «بەخىتسىزلەر» رومانىدا بۈگۈنكى زامان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆرىپ-ئادەت، تۇرمۇش خۇسۇسىيەتلىرى، مىللىي پىخسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە 

  • قىرغىزىستان ئەدەبىياتىدا ئاتنىڭ قاشقىسىدەك كۆزگە كۆرۈنگەن، ئاقىن بايئابدۇللا سارنوغايېۋ 1932-يىلى تالاستا تۇغۇلغان. 13 ياش ۋاقتىدا «باھار كەلدى» دېگەن شېئىرى بىلەن ئەدەبىياتقا كىرىپ كەلگەن. 1951-يىلى ئۇنىڭ «شۇڭقار»، 1955-يىلى «دوستلىرىمغا»، 1956-يىلى «باياز»، 1961-يىلى «ئاق قالپاق»، 1970-يىلى «سۆزلىشىش» دېگەن شېئىر توپلاملىرى

  • بىر خاتا سان مىڭلاپ يىللار تۇرار ئۆچمەي

     تەرجىمان : يۈسۈپ ئىگەمبەردى

    بالىلاردەك ئويۇندا چۇرۇلدىغان،

    كېڭەيگەندە شەھەر چېتى مامانلانغان.

    دۇنيانىڭ ئەشۇ چەكسىز تۈزلەڭلىرىدە،

    قىيقىرساڭ قىيقىرىقىڭ ئۇقۇلمىغان.

  • diwanﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺳﯚﺯ - ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

     

     ﺋﺎﺑﻼ ﺋﻪﮬﻤﯩﺪﻯ

    ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ « ﺳﺎﭖ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ » ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ، « ﺳﺎﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ»ﻣﯘ ﻳﻮﻕ ، ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ « ﺩﯨﯟﺍﻧﯘ ﻟﯘﻏﻪﺗﯩﺖ ﺗﯜﺭﻙ »(ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﭗ « ﺩﯨﯟﺍﻥ » ﺩﻩﭖﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ )ﺩﯨﻨﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺑﻪﺯﻯ ﺷﯩﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ « ﺳﺎﭖ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ » ﺩﯦﺴﻪ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯚﺯ - ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺪﯗ .

  • nawaiنەۋائى داستانلىرىدىكى مۇھەببەت تراگېدىيىسى

    ئاپتور: مۇھەممەد ئىمىن(سەبۇرى(

    ئەلشىر نەۋائى (1441-1501)ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بەش يېرىم ئەسىردىن بۇيان خەلقىمىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى ۋە پەنمەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. نەۋائى يەنە جاھان ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىمۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە مەشھۇر گۇمانىستىك شائىر سۈپىتىدە پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى.

  • جولۇن مەھمۇدوۋ شېئىرلىرى

    تەرجىمان : يۈسۈپ ئىگەمبەردى

    ئۇيغۇر ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا تونۇش قىرغىزىستان قىرغىز يازغۇچىسى جولۇن مەھمۇدوۋ قىرغىزىستاننىڭ توختىقۇل نامىدىكى قىرغىز مەملىكەتلىك ۋە سابىق س.س.ر قىرغىز مەملىكىتى لېنىن كومسومۇلى مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ، 1940-يىلى 4-ئايدا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى تۆكەپقان ئاۋۇلىدا تۇغۇلۇپ، 1988-يىلى 7-مارت 48 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئاقىن جولۇن مەھمۇدوۋنىڭ «ئوتنى سۆيىمەن»(1969)، «يېشىل ئالەم»(1971)، «ۋاقىت»(1973)، «مەزگىلنىڭ سىماسى»(1977)، «ئاقۇچ تاڭنىڭ چۆچىكى»(1980)، «سۇنىڭ ئۆمرى»(1981)، «دولقۇن يارغان سۇلار»(1983)، «ئاتقا توقۇم سالايلى»(1986)، «يۈز ياشقا تول ئەسر!»(1987)، «مەنبە ۋە مۇھىت»(1990)، قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.

  • رېئالىزىمدىن «ماناس»قا نەزەر

    ئابلىمىت ئابدىراخمان

     

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! ئۇستازلار،تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىلەر ياخشىمۇ سىلەر!

    مەن بۈگۈن ئانا مەكتىۋىم شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىدا ئىسانىيەتنىڭ غەيرى مەدىنىي مىراسلىردىن بولغان «ماناس» داستانىنىڭ قۇتلۇق تويىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكىدەك مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا

  • يولدىكى زەپەرى

    قاسىمجان ئوسمان غازى

     زەپەرىنىڭ شىئېر ئىجادىيتىدە لېرىك شېئىر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەپ كەلدى. گەرچە ئۇنى شائىر خەلق تونۇپ يەتكۈدەك دەرىجىدە يېڭى پەللە ياراتتى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تور ئەدەبىياتىدىكى تېنىمسىز ئىزدىنىشلىرى، ئوقۇرمەن دوستلارغا مىننەتسىز ھالدا نادىر يازمىلىرىنى سۇنۇپ تۇرىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭدا يۇشۇرۇنۇپ ياتقان كۈچلۈك شىئېرىي ھارارەتنىڭ بىزگە ئۈزلىكىسىز ئۈمىد ئاتا قىلىۋاتقانلىقىدىن شەكلىنەلمەيمىز.

  • tiragidiyeئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا تېراگىدىيە ئېڭى

    ئابلىمىت ئابدىراخمان 

     تراگېدىيدىن ئىبارەت ئىستىتىك كاتېگۇرىيە تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىنسان ئېڭىنىڭ مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ۋە تاكاممۇللاشقان. ئارىستۇتېل قەدىمقى گرېك تېراگىدىيلىرىدىن نەزىرىيەۋى خۇلاسە چىقىرىپ، قۇللار تېراگىدىينىڭ قەھرىمانلىرى بولالمايدىغانلىقى، پەقەت كومىدىيلىك قەھرىمانلار بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.

  • romanئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا يارتىلغان تەكرار ئىجادىيەت بوشلۇقى

    ئابلىمىت ئابدىراخمان

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى ئەدىبىيات ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى.

     ئەدەبىي ئەسەر خىلمۇ-خىل ئىستىلىستىكلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق تۇرمۇش مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ.تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىدىن يۇشۇرۇن ئىشارەت بىرىدۇ.جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەرقايىسى تەرەپلىرىنى ئەكىس–ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى جەمىئيەتنى، تۇرمۇشنى تۇنۇتۇش خاراكتىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇچىڭبىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيىسى ئۇقۇشلۇقى»دىگەن كىتابىدا شەرىھىلەپ

  • نىزامىنىڭ ئەسەردىكى ئاساسىي مەقسىتى ئىككى قەھرىماننىڭ روھىي كۈرىشىنى كۆرسىتىشتۇر. ئەڭ مۇھىم مەركىزى نوقتا مۇشۇ يەردە. شۇ ۋەجىدىن نىزامى ئەسىرىدە دىئالوگقا كۆپ ئورۇن ئاجرىتىپ، قەھرىمانلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ نازۇك ھېسلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتى.

  • كېيىنچە پارسچە شېئىرلارنىڭ شەكلىنى تۈركچىدە تەدبىقلاشقا باشلىدى. نەۋائىينىڭ تۇنجى دىۋانى 24 ياش ۋاقتىدا، يەنى 1465-1466- يىللاردا ئاخىرىقى شەكلىنى ئالدى. لېكىن، ئۇ لېرىك شېئىرلارنى يېزىشنى قېرىغىچە داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ تۆت لېرىك دىۋانى ھاياتىنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  • نەۋائىي دۆلەت ئىشلىرىدىن قولىنى تارتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەركەزدە تۇرۇشى سارايدىكىلەرنى ھەر ۋاقىت راھەتسىزلەندۇردى. نەۋائىي شېئىرلىرىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىقبالدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئېسىلزادىلەر ئاشۇ قۇرلارنىڭ بىر مۇنچىسىدا غەم-ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىنى ئىچىملىككە ئۇرغان سۇلتاننىڭ ئەتراپىدا ئەۋجى ئالغان قانۇنسىزلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى.

  • ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن›› داستانى

     ئې.ئې بېرتېلس

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمەن

    ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ھىندىقۇشتىن ئاق دېڭىزغىچە بولغان كەڭ زىمىننى ئىشغال قىلغان ھارماس فاتىھ تىمۇر 1405-يىلى ھايات بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.