-
2012-01-25
پەرۋايى پەلەك - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
پەرۋايى پەلەك
ساداقەتجان ھاجى
سىغمىدى ئالەمگە نالەم، سىغمىدى زارىم مېنىڭ.
ئىشقى بىدار ھالىغا يەتكەي قاچان يارىم مېنىڭ؟
ئايمۇ يوق، يۇلتۇزمۇ يوق، كۆڭلۈمدىكى كۈندۈزمۇ يوق.
ئاي بولۇپ، يۇلتۇز بولۇپ كەلگەيمۇ دىلدارىم مېنىڭ؟
ئۆرتىدى قەلبىمنى ھىجران ئوتلىرى، كۆيدى جېنىم.
كۆيدى كۆللەر، كۆيدى چۆللەر، كۆيدى گۈلزارىم مېنىڭ.
ئاقتى قان باغرىم ئارا، يار دەردىدە باغرىم يارا.
ئاقتى بولۇپ ھەمنەپەس دەردىمگە ھەم تارىم مېنىڭ.
ئاقسا ئاقسۇن... كۆيسە كۆيسۇن... مەيلى قەلبىڭ مېنى سۆيسۇن...
ئىشقى بىدار بۇنچە ئاھ ئۇرساڭ نىمە كارىم مېنىڭ؟؟؟مەنبە: يازغۇچىلار تورى