ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-25

    "گإل ؤة بذلبذل" داستانئدئن پارچة - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    مۇھەممەد ئەبۇ سەلاھى(ئەخمەت ھىمىت تەييارلىغان):«گۇل ۋە بۇلبۇل»، «بۇلاق» 1997-يىللىق 1-سان(ئومۇمىي 58-سان).

     

    گۇل ۋە بۇلبۇل

    بۇ ئايەت مەزمۇنى ئولدۇر مۇنى بىلگىل،

    خۇداغا بەندەسەن ھەق يولغە كىرگىل.

    نەزەر قىل ئۆز ۋۇجۇدۇڭنى تونۇغىل،

    كى بۇ ئەئزالارىڭنى ھەق تونۇغىل.

    بېرىپ بىر قەترە سۇغە جىسمۇ جاننى،

    ئەتا قىلدى ئاڭا ئەقلۇ ئىماننى،

    يوق ئېردى بارچە ئالەم ئول خۇدا بار،

    خۇدايا، مېھرىبان سەتتارۇ غەففار.

    ئانىڭ بولماغلىقىدا ئىبتىدا يوق،

    كى ھەييۇ قەييۇم ئاخىر ئىنتىھا يوق.

    ھەياتى بىچۇنۇ ھەم بىچە گۇنە،

    سەمىئۇستۇ بەسىر ئول بىنەمۇنە.

    شەرىكى يوقتۇرۇر، ئولدۇر يىگانە،

    تانۇماقدۇر بۇ ئالەمدە نىشانە.

    خۇدانىڭ قۇدرەتى ئاي سەيرى كۈننى،

    كېچەسى ئۆتسە كۆرۈر ئەرتە كۈننى.

    كېچەسى كۆكتە يۇلدۇز ماھى تابان،

    كۆرۈڭ كۈندۈزىدە خۇرشىد ئېھسان.

    بېرۇر بارچەسىغە ئول رىزق رەززاق،

    ياراتىپ بارچەنى جۈفت، ئول ئۆزى تاق.

    خۇدانىڭ قۇدرەتى سۇنئىنى كۆرگىل،

    بۇلارنى بىل تەخى ھەقنى تانۇغىل.

    دېدىم:يا رەب، ئانى ئول بەندە پەرۋەر،

    ئانىڭ تەفسىرىدۇر خەير ئولسە گەر شەر.

    خۇدا سۇنئىنى كۆرۈڭ ۋەلقەلەمدە،

    خۇدادىن ئۆزگە بارچەسى ئەدەمدە.

    تونۇبان ھەم خۇدا زىكرىنى قىلغىل،

    خۇدا زىكرىنى قىلماغان تىلىڭ تىل.

    غەرىبۇ ناتەۋان مىسكىن سەلاھى،

    رەھىم قىل بۇ قولۇڭغە، ئەي ئىلاھى.

     

    مەنقەبەتى ئەلقابى چەھاريار رىزۋانەللاھۇ تەئەلا ئەلەيھىم ئەجمەئىن

    دەيىن ئەمدى چەھاريارلارغە ئەلقاب،

    ئۇلار مانەند خۇرشىدى جەھان تاب.

    بەيان ئەيلەي مۇھەممەد چەھار يارى،

    سەھابە ئەفزەلدۇر تۆرى يارى.

    بىرى سىددىق ئەكبەر يار غارى،

    مۇھەممەدنىڭ ئېرۇر ئەۋۋەلقى يارى.

    ئەبۇ بەكرىدۇر سىددىقۇ سادىق،

    مۇھەببەتتىن ئېرۇر تەڭرىگە لايىق.

    ئۆمەردۇر بىل ئانى ئىككىنچى يارى،

    ئانىڭ ئەدلىدىن ئىسلام بولدى جارى.

    ئانىڭدىن تاپتى ئىسلام ئاشكارا،

    مۇھەممەدنىڭ دىنى بولدى ھۇۋەيدا.

    ئۈچىنچى يارى زىن-نۇرەين ئوسمان،

    بىلىڭلار ئانى ساھىب جەمئى قۇرئان.

    بەغايەت ھىلمىدە كانى ھەيادۇر.

    سەھابە فىرقەسىدە باسەفادۇر.

    بىلىڭ تۆتىنچى يارى مۇستەفانى،

    ئەلىيۇل مۇرتەزا شىرى خۇدانى.

    ئانىڭ شەئنىدۇرۇر خەيرۇ-سەخاۋەت،

    بەلەند ھىممەتلىكۇ كانى شۇجائەت.

    ئېرۇر بۇ تۆرتلەرى ئۇممەت نىگىنى،

    شەفائەتخاھىمىزنىڭ جان نىشىنى.

    بۇلارنى بىل سەھابە ئەفزەلىدۇر،

    ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدۇر.

    بۇ تۆرتىدۇر مۇھەممەد چەھار يارى،

    مۇنى بىلگەن مۇسۇلمانلىققە جارى.

    كى بۇ تۆرتى ئەمىرۇل-مۇئمىنىندۇر،

    چەھار يارى مۇھەممەد مۇرسەلىندۇر.

    خۇدەغە قۇل مۇھەممەد ئۇممەتى بول،

    مۇھەممەد ھۇرمەتىدىن جەننەتى بول.

    ئوشۇل تۆرتىگە ئەھمەد يارى ئېردى،

    بىھىشتى مەئرىفەت گۇلزارى ئېردى.

    ئۇلاردىن سوڭرە ھېچ ئالىمۇ ئاقىل،

    قىلالماسلار ئۇلاردەك ئەدلى كامىل.

    مۇھەممەد چەھار يارى دوستى بولغىل،

    شەرىئەت مەغزى ئول، سەن پوستى بولغىل.

    كۆڭۈلدە دوست تۇتۇبان زىكر قىلغىل،

    ئۇلارنىڭ زىكرى ئېرۇر سەيقەلى دىل،

    ئەگەر قىلسام تىلىمدىن دۇرفىشانلىق،

    دېيەلمەسمەن ئۇلار ۋەسفىغە لايىق.

    ئۇلارنىڭ ۋەسفىنىڭ ھېچ سانى يوقتۇر،

    تەمام ئايتا دېسەم ئىمكانى يوقتۇر.

    ئىلاھا، رەۋشەن ئەت جانۇ دىلىمنى،

    خەتادىن ساقلاغىل نادان تىلىمنى.

    خەتا بولسە تىلىمدىن سەن كەچۈرگىل،

    ماڭا جامى مۇھەببەتدىن ئىچۈرگىل.

    چەھار يارلارنى دوست تۇتغىل، سەلاھى،

    چەھار يار دىنى مەزھەبنىڭ سەلاھى.

     

    مۇناجات بەدەرگاھى قازىيەل ھاجات

    ئىلاھا، ئاسى بەندەڭ مەن گۇناھكار،

    ئەگەر دەۋزەخقە سالساڭ مەن سەزاۋار.

    بۇ ئالەمدە گۇنەھ بىسيار قىلدىم،

    نەچە تۈرلۈك گۇنەھلەر بار قىلدىم.

    ئىلاھا، نەقس ئۈچۈن ئەۋۋارەدۇرمەن،

    گۇناھىم كۆپ ئۈچۈن شەرمەندەدرۇرمەن.

    گۇنەھ بىرلە خەتا مەندە تولا بار،

    قىلىپ مەن نەچە تۈرلۈككىم گۇنەھكار.

    ئەگەر مەۋج ئۇرسە ئول دەريايى رەھمەت،

    كى دەۋزەخ ئوتىدىن كۆرمەسمە زەخمەت.

    ئەگەر بولسام گۇنەھ دەرياسىغە غەرق،

    كى نەۋمىد ئولماغۇم مەئبۇدى بەر ھەق.

    نە كىم قىلمىش گۇناھىم بولسا بىسيار،

    ئۇمىدىم كۆپتۇر سەندىن سەنسە غەففار.

    ۋۇجۇدۇم بارچە ئەئزام مەئىسيەتدۇر،

    گۇنەھكارلارغە سەندىن مەغفىرەتدۇر.

    گۇناھى تەقسىرات مەندىن خەتادۇر،

    كى سەندىن مەغفىرەت بىرلە ئەتادۇر.

    ئىلاھا، ئاسى بەندەڭ، سەن خۇداسەن،

    كى مەن گۇمراھدۇرمەن رەھنەماسەن.

    ئىلاھا، بارچە مۇئمىن مەرھەمەت قىل،

    گۇناھىدىن كەپىبان مەغفىرەت قىل.

    ئىلاھا، بارچەغە رەھمەت ئەتا قىل،

    گۇناھىدىن ئۆتۈپ جەننەت ئەتا قىل.

    ئىلاھا، مەن گۇنەھكار، سەن رەھىمسەن،

    گۇناھىم مەغفىرەت قىلغىل كەرىمسەن.

    ئىلاھا، مەغفىرەت قىل مەن ياماننى،

    بىلىپ قىلغان گۇناھىم، بىلمەگەننى.

    ئىلاھا، لۇتف قىل مەن مۇبتەلاغە،

    تۈشۈبدۇرمەن بەيابانى بەلاغە.

    مۇنىڭدەك ئىشلارى دانايى ئەسرار،

    ساڭا ئاسان ئېرۇر گەر بىزگە دىشۋار.

    ئىلاھا، مەغفىرەت قىل كىردىگارا،

    نىھان قىلغان گۇناھىم ئاشكارا.

    ئىلاھا، فىئلى شەيتانىمغە تەۋبە،

    گۇناھىم بىرلە بەدكارىمغە تەۋبە.

    تىلەكىم ئۇشبۇ سەندىن ئەي رەھىما،

    گۇناھىم مەغفىرەت قىل، ئەي كەرىما.

    ساغىندىم رەھمەتىڭغە، ئەي ئىلاھىم،

    مېنىڭ ئىككى جەھان سەنسەن پەناھىم.

    كېلىپ دەرگاھىڭە قىلدىم مۇناجات،

    ئىجابەت ئەيلە، يا رەب، جۇملە ھاجات.

    بەھەققى نامى بىسمىللاھىر رەھمان،

    ئەتا قىل ماڭا ئاخىر دەمدە ئىمان.

    تەرھھۇم ئەيلە رەھمانىررەھىم سەن،

    خەتا پۇشى، ئەتا بەخشى كەرىمسەن.

    ئىلاھا، ئەرشى بىرلە كۇرسى ھەققى،

    كى فۇرقان ئايەتى سۇرەسى ھەققى.

    بەھەققى ھۇرمەتى تاھاۋۇ ياسىن،

    بەھەققى ھۇرمەتى ھامىم، تاسىن.

    ئىلاھا، مۇستەفا مېئىراجى ھەققى،

    مۇھەممەدنىڭ كەرامەتى تاجى ھەققى.

    بەھەققى ئۇل مۇھەممەدنىڭ زۇھۇرى،

    بەھەققى ھەم شەرابى ئەنتەھۇرى.

    بەھەققى چەھار يارى نامى ئەھمەد،

    بەھەققى مۇستەفا نۇرى مۇھەممەد.

    بەھەققى ھۇرمەتى ئۇل ئىسمى ئەئزەم،

    بەھەققى ئۇل شەبى قەدرى مۇئەززەم.

    بەھەققى لەۋھى مەھفۇزى قەلەمدىن،

    زەلەمنا رەببەنا ئەغفىر زەلەمدىن.

    سەلاھى ئاسىغە رەھىم ئەيلەپ، ئەي ھەق،

    قىل ئانى رەھمەتنىڭ دەرياسىغە غەرق.

     

     


    收藏到:Del.icio.us