ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-14

    «چۆل ئوغلى» پوۋستى توغرسىدا - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     

    «چۆل ئوغلى» پوۋستى توغرسىدا

    ئايتىللا ھەبىبۇللا

    ئۇيغۇر بالىلار پروزىچىلىقىدا پوۋىست ئىجادىيىتى 90-يىللاردىن كېيىن بارلىققا كەلدى . بۇ دەل ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا «رومان ، پوۋست، ھېكايە ئىجادىيەتلىرى گويا بىر –بىرىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان دولقۇنلاردەك بىر –بىرنى قوغلاپ،بىر- بىرنى تۇلۇقلاپ»ئىلگىرلەۋاتقان مەزگىل ئىدى. بولۇپمۇ، پوۋست ئىجادىيىتى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى كۈتۈۋالغانىدى. چوڭلار پروزىسىدىكى بۇنداق جانلىنىش ئايرىم يازغۇچىلاردا بالىلار تۇرمۇشى توغرسىدىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئىلھامىنى شەكىللەندۈرى. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇن ئەرشىدىن، ئابدۇرېھم ئابدۇللا، ياسىنجان سادىق، سۇلتان ھاشىم، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، مۇھەممەت باغراش، نۇرمۇھەممەت توختى قاتارلىق بىر قاتار يازغۇچىلار كەينى–كەينىدىن بالىلار ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان «غىلاجىدىن ۋە غىلامىدىن»، «ئۈچ دوست»، «لۇتۇن»، «تەبىئەتكە ساياھەت»، «نۇزۇگۇم»، «بويناق»، «كاككۇك بالىسى»، «چۆل ئوغلى»، «يۈرەكتاغ» قاتارلىق پوۋستلارنى يازدى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تارىختىكى مەشھور شەخسلەر توغرسىدىكى تەرجىمھال پوۋىستلىرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر بالىلار پوۋىستلىرىنى تېما ۋە ژانىر جەھەتتىن بېيىتىپلا قالماستىن يەنە، ئۇيغۇر بالىلار پروزىچىلىقىدا گۆدەكلەر ۋە بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى كۆپ بولۇش، بالىلارنىڭ خاراكتېر يېتىلىشىدە ئالاھىدە رولى بولىدىغان ئۆسمۈرلەر ياشلار ئوقۇشلۇقلىرى ئاز بولۇشتەك ۋەزىيەتكە مەلۇم دەرىجىدە خاتىمە بەردى.

    ئۇيغۇر بالىلار پوۋىستلىرى ئاساسلىق تارىخ تېمىسىدا، تەبىئەت تېمىسىدا، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېمىسىدا يېزىلغان بولۇپ، بەدىئيلىك جەھەتتىنمۇ خېلى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ «بويناق»، مۇھەممەت باغراشنىڭ «يۈرەكتاغ» ، ياسىنجان سادىقنىڭ «كاككۇك بالىسى»، نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «چۆل ئوغلى»پوۋىستلىرى يۇقىرىقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. 

    «چۆل ئوغلى» نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر بالىلىرىغا سۇنغان ئەجىر– مېھنىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر بالىلار پروزىچىلىقىدا بىر قەدەر چوڭ ھەجىمگە ئىگە بولغان، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ سەبىئىي بالىلىق دۇنياسىدىن ھەقىقى رېئال دۇنياغا قەدەم قويۇش جەريانىنى خېلى مۇۋەپىقىيەتلىك يارىتىپ بەرگەن پوۋېستلارنىڭ بىرى.

    يازغۇچى پوۋېستتا سالامنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بىلەن قانداق قىلىپ گۆدەكلىك مەزگىلىدىن ئۆسمۈرلۈك–ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇشىدىن ئىبارەت بىر پۈتۈن جەريانىنى ماس ھالدا گىرەلەشتۈرۈپ، كىتابخاننى تەبىئىي ھالدا سالامنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ. ئەسەردىكى سالام شەھەردە تۇغۇلغان، ئەمما ئانا مېھرىدىن ھېچقانچە ئۇزۇق ئالمايلا دادىسى بىلەن چۆلگە كېلىپ چۆلدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مۇھىتتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىر بالا. ھەتتا ئۇ باشتا ئۆزىنىڭ ئانىسى بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. «ئانا ھەققىدە چۈشەنچىسىمۇ، ھېسىياتىمۇ يوق ئىدى. ئانا دېگەننىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنىمۇ، ئۆزبالىلىرنى قانداق باقىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.»كېيىن بارا –بارا چوڭ بولۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭمۇ ئانىسى بولىدىغانلىقىنى، ئانىنىڭ بالىنى ئېمىتىپ چوڭ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئۇنىڭ گۆدەكلىك مەزگىلى تەكلىماكان قوينىدا تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ، چۆلدىكى ھەر بىر شەيئىدىن تارتىپ جانلىقلارغىچە ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىدە ئاجايىپ ساپ مېھېر–مۇھەببەتنى يىتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق شاد كۈلكىسى، قايغۇ-ھەسرىتى چۆلگە گىرەلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا دادىسىدىن ئايرىلىپ شەھەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىمۇ ئىزچىل چۆلدىكى تۇرمۇشىنى ئويلايدۇ. كۆرۈشكە شۇنچە تەققازا بولۇپ، پەقەت يىراقتىن بىر قېتىم كۆرۋېلىشقا پۇرسەت بولغان ھەقىقى ئانىسى تۇيۇقسىز قازا قىلغاندىمۇ چۆلنى، چۆلدىكى ئۆزى ئېمىۋالغان ئاھۇ ئانىسىنى ئويلايدۇ. ئۇنىڭ شاد كۈلكىلىرىگە ئوخشاشلا ئەڭ زور تىراگىدىيسىمۇ يەنە شۇ چۆلگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يەنە شۇ يەردە كىچىگىدە ئېمىۋېلىپ ئانام دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئاھۇ ئانىسىدىن، چۆجىلىرىدىن مېھىرىبان دادىسىدىن ئايرىلىدۇ. چۆل ئۇنىڭ بارلىق شادلىقى ۋە دەھشەتلىك پاجىئەسىگە شاھىت بولۇپ، گوياكى مېھىرىبان ئانىدەك ئۇنىڭ سەبيلىكتىن پىشىپ يېتىلىشىدە چەكسىز مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

      ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇۋەپىقىيىتى كىتاپخانلارنىڭ قوبۇل قىلىش چېكىگە ماس بولغان تىراگىدىيە قۇرۇلمىسىنىڭ بولغانلىقىدا بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر بالىلار پروزىچىلىقىدا بوش تۇرۋاتقان ئۆلۈمنى ناھايىتى مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا بالا ئوقۇرمەنلەرگە يېزىپ كۆرسەتكەن. ئەمما يازغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە ياش ئالاھىدىلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوقۇرمەن بىلەن ئەسەر پېرسۇناژلىرىنىڭ ئارلىقىنى ئىمكانقەدەر يېقىنلىتىپ ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان. ئالايلۇق؛ئەسەرنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدىلا يازغۇچى شېئرىي پۇراققا تۇيۇنغان پېرسۇناژنىڭ ياشاش مۇھىتىنى يېزىش ئارقىلىق ئوقۇرمەننى تەبىئىي ھالدا ئەسەر ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ. سالام قۇملۇقلاردا سوزۇلۇپ ياتقاندا، سۇغا چۆمۈلگەندە، چۈجىلىرى بىلەن سىرداشقاندا ئوقۇرمەنمۇ خۇددى شۇ مۇھىتتا تۇرىۋاتقاندەك شادىيانىلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ. سالام ئاھۇ ئانىسىنى ئەمگەندە بىزنىڭمۇ بېرىپ ئېمىۋالغۇمىز كېلىدۇ. سالامنىڭ چۆجىلىرىدىن ئەنسىرەشلىرى بىزنىمۇ تەبىئىي ھالدا تەشۋىشكە سالىدۇ. سالامنىڭ دادىسىدىن ئايرىلىپ ئوقۇشقا كىرىشى بىزگە ئايرىلىش ئېلىپ كېلىدىغان ئازابنى ھېس قىلدۇرسا، سالامنىڭ ھەقىقى ئانىسنىڭ قازا قىلىپ كېتىشى قەلبىمىزدە داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. قەلبىمىزدە سالامغا ئوخشاش ئاھۇ ئانىمىزدىن، دادىمىزدىن، چۆجىلىرىمىزدىن تەسەللىي ئىزدەيمىز. ئەمما ئاخىرىدا چۆلگە قايتىپ قەلبىمىزگە تەسەللىي تاپقان ئاشۇ نەرسىلەردىنمۇ ئۈزۈل-كىسىل ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا بولسا سالامغا ئوخشاش«ئادەم بالىسى ئاڭلىسا پۈتۈن ۋۇجۇدىي جۇغۇلداپ كەتكۈدەك ئېچىنىشلىق» نالە قىلىمىز. بىز شۇندىلا ھەقىقىي ئايرىلىشنى، ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا يالغۇز كېلىپ يالغۇز كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تۇنۇپ يېتىمىز. ئەمما ھاياتلىق ھەققىدىكى ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچىيدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتلەر پۈتۈنلەي تۇرمۇش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭلاشقا، يازغۇچىنىڭ ھايات تىراگېدىيسىنى بۇنداق يىراقلىقتىن يېقىنلىققا، غۇۋالىقتىن روشەنلىككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققى قىلدۇرىشى ھەرگىزمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىش چېكىدىن ئېشىپ كەتمىگەن دەپ ئېيتالايمىز.

    پوۋېستتا قولغا چىققۇدەك ۋەقەلىك يوق. ئەمما باشتىن–ئاخىر خاراكتېرنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدە كام بولمايدىغان دېتاللار بار .ئالايلۇق؛ئومۇمىي سەككىز بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئاساسىي بايان تەرتىۋى تەرتىپلىك بايان. ئەمما ئىككىنچى بۆلەك،ئۈچىنىچى بۆلەك، تۆتىنچى بۆلەك ، بەشىنچى بۆلەكلەردىكى چۈجىلەر تۇغرسىدىكى، سالامنىڭ ئاھۇ ئانىسى توغرسىدىكى ۋە ئۆز ئانىسى تۇغرسىدىكى  قىستۇرما بايان، چىكىنمە بايان شەكىللىرى سالامنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان موھىم دېتاللار ھېسابلىنىدۇ. ئەسەردە تەبىئەت ناھايتى زور ئىجتىھات بىلەن يېزىلغان. يازغۇچى تەبىئەتنى ئىنسان ھاياتىنىڭ ناھايتى مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى، سەمىيمىلىكى، مېىھىرىبانلىقى بىلەن ئىنسانلار جەمئىيتىنى سېلىشتۇرما قىلىپ تەسۋىرلەپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ياراتقان. پۈتۈن ئەسەرگە بىر خىل كەيپىيات، بىر خىل ھېسىيات- مۇڭ ئارىلىشىپ بارىدۇ. يازغۇچى مۇڭنى بەك كۆپ، بەك مۇۋەپىققىيەتلىك يازغان، شۇڭا ئەسەرنىڭ ھېسىيات كەيپىياتى،  لىرىكىلىقى تولىمۇ گەۋدىلەنگەن. شۇڭا««چۆل ئوغلى»نى بىر پوۋېست دېگەندىن كۆرە، ئۇنى ئىنسان بېشىغا كېلىدىغان ئېغىر مۇڭلار ئىپادىلىنىپ ، تەقدىرنىڭ كاجلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان بىر كۈي دېسىمۇ بولىدۇ.»

     سېلىشتۇرما ئەدەبىيات نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ھەر قانداق ئەدەبىيات مەيلى ئۇ قايسى دەۋر ياكى مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قوشنا مىللەتلەرنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر ئەدەبىيات ئەندىزىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئەدەبىيات سەمەرىلىرى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بايلىق سۈپىتىدە، ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرى تەرىپىدىن ئىجادىي قۇبۇل قىلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ئىش. ئۇيغۇر ۋە قىرغىز خەلقلىرى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر بولۇپ، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئەدەبىيات دىئالوگى قىرغىز ھازىرقى زامان يازغۇچىسى چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

    چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ «جەمىلە»،«ئاق پاراخوت»، «قىيامەت»، «سەرۋى قامەتلىك دىلبىرىم»،«يەر ئانا»، «ئالا ئىت قىياسى» قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز ئىزناسىنى قالدۇردى.

    تۆۋەندە بىز چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ «ئاق پاراخوت» ناملىق ئەسىرى بىلەن نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «چۆل ئوغلى» پوۋېسىتى ھەققىدە قىسقىچە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يوقۇرىقى سۆزىمىزنى دەلىللەيمىز:

    «ئاق پاراخوت» قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا يېزىلغىنى پاراخوت ياكى دېڭىز ھەققىدىكى ھىكايە بولماستىن، بەلكى ئورمانلىقتا ياشايدىغان بىر بالىنىڭ ھىكايىسى. ئەمدىلا يەتتە ياشقا تولغان "مەن" ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى ئورمانلىقتىكى تولىمۇ گۈزەل، گۈل-چىچەككە پۈركەنگەن جەننەتتەك بىر ماكاندا ياشايدۇ. قارىماققا تولىمۇ جىمجىت ۋە تىنىچ كۆرۈنىدىغان بۇ ماكاندىمۇ ئىنسانلار تىراگىدىيەدىن خالىي بولالمايدۇ. ئەكسىچە ئىنسانلارنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئاچكۆزلۈكتىن خالىي بولالماسلىقتەك ئومۇمىي تىراگىدىيە بۇ يەردىمۇ مەۋجۇت. ئەسەر مۇئەللىپى دەل مۇشۇ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى خۇنۇكلۇقنى "مەن" دىن ئىبارەت سەبىي بالىنىڭ كۆزىدە كۆزەتكۈزۈپ، كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەسەرنىڭ تىراگىدىيە تۈسىنى قۇيۇقلاشتۇرغان. ئالايلۇق: ئەسەردىكى "مەن" ئەمدىلا يەتتە ياشقا تولغان، كاللىسىدا ئەمدىلا ئابىستىراكىت تەپەككۇر شەكىللىنىشكە باشلىغان، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە ئوخشاش ھاياتلىق، "سۆزلىيەلەيدىغان"، "تاماق يىيەلەيدىغان" كونكىرىت ئوبىيكتىپلىق دەپ چۈشىنىدىغان بىر بالا. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىسىدىكىلەر بولسا، ئەتراپىدىكى مۇھىتنى، ئورمانلارنى، ھايۋانلارنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىلكىدىكى، ئۆزلىرىنىڭ ياشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كونكىرىت ماتېرىيال دەپ چۈشىنىدىغان ئاتالمىش چوڭلار. شۇڭا چوڭلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بۇغا ئانىغا قىلغان خىيانىتى بالىنىڭ غۇبارسىز بالىلىق قەلبى سىغدۇرۇپ بولالمايدىغان ئېچىنىشلىق رېئاللىق بولۇپ، ئۇ «ياق، مەن يەنىلا بېلىققا ئايلىنىپ قالغىنىم تۈزۈك، مەن بۇ يەردىن ئۈزۈپ كېتىمەن، يەنىلا بېلىققا ئايلىنىپ قالغىنىم ياخشى!»دەپ ئىنسانلار دۇنياسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ. بالىنىڭ تىراگىدىيسى بىزگە ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي تىراگىدىيىسىدىن شەپە بېرىدۇ. ئىنسانىيەت قاچان ئۆزىدىكى ئاچكۆزلۈكتىن خالىي بولۇپ، تەبىئەتنى ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ ئانا سۈپىتىدە سۆيمەيدىكەن ئىنسانىيەت بۇ خىل تىراگىدىيىدىن ھەرگىز خالىي بولالمايدىغانلىقىدىن بىشارەت ئېتىدۇ.

    بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پروزا ئىجادىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «چۆل ئوغلى» پوۋسىتى ئوخشاشلا دۇنيا، ھايات، ئادەملەر بالىلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆزىتىلگەن، بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسى، ئىدىيىۋى ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن پوۋسېت بولۇپ، كىشىگە بالىلارنىڭ قەلبىدەك سەمىمىي، غۇبارسىز، چەكسىز، ھېسىياتلىق تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ ئەسەر يەنە مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئەسەردە ئاساسلىق قىلىپ سالام ئىسىملىك بالىنىڭ بىپايان چۆللۈكتىكى ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ. ھېسىياتنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن كۆڭۈللۈك ئائىلىسىدىن سوۋۇشقا باشلىغان ئاتا بىلەن ئانا تۇرمۇشقا يەڭگىلتەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، تېخى قىزىل ئەت سالامنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىدۇ. سالام دادىسىغا ئەگىشىپ ئادەمسىز چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇرۇلغان سۇ ئامبىرى بويىدا چوڭ بولىدۇ. ئۇ تەبىئەت قوينىدا ياشايدۇ، چۆل قوينىدا يۈرۈپ، چۆل، كۆل، قۇمۇشلۇق، قۇملۇقلاردا ئېغىناپ، ئاھۇ سۈتلىرىنى ئىچىپ،ئۇنىڭ ئوغلاقلىرى بىلەن ئوينايدۇ. ئۇ مانا مۇشۇنداق ياشاپ تەبىئەتنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بارلىق خوشال كۈلكىلىرىگە ئوخشاش، ئەڭ زور بەخىتسىزلىكىمۇ دەل مۇشۇ چۆل، كىيىك ئانىسى، ئاققۇلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ. ئوخشاشلا بىر تۈركۈم چوڭلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى بالىنىڭ ئاخىرقى تىراگىدىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما چۆل ئوغلى سالام ئەسەرنىڭ يېشىمىدە قايتا بىر ياشاشقا ئۈمىد تاپقاندەك ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ يېشىدىمىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق بولۇپ، نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ سالامغا قايتا ياشاش ئىشەنچىسىنى بېرىشى ئەسەرنىڭ پۈتۈن تىراگىدىيە قۇرۇلمىسىدىن ئېيتساق مەنتىقىغە ئۇيغۇن. چۈنكى سالام بىر قېتىمدا شۇنچىۋالا كۆپ تىراگىدىيەگە يولۇققىنى يوق. بەلكى يازغۇچىنىڭ چەبدەس قەلىمى ئاستىدا سالام تىراگىدىيەسى تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ، خىرەلىكتىن روشەنلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىپ بارغان. ئاخىرىدا سالام ھاياتنىڭ شۇنداق سىرلىق ئەگىرى توقايلىقىنى، ئازابلىقلىقىنى ھېس قىلالىغان، ھەمدە قايتا ياشاشقا بەل باغلىيالىغان. ئەمما ئوخشاشلا ئىنسانلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان غۇبارسىز قەلىبنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەسى بىزگە ئىنسانلار ۋۇجۇدىدىكى پەرۋاسىزلىق، ئاچكۆزلۈك، رەھىمسىزلىك، تەبىئەتنى سۆيمەسلىك...كە ئوخشاش ئىللەتلەر توغرىسىدا قايتا بىر پىكىر قىلىپ بېقىش تەقەززاسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

    ھەر ئىككى ئەسەردە ئىنسانلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەبئىي ئىكولوگىيە مەسلىسى زىددىيەتنىڭ ئاساسىي مەركىزىگە قويۇلغان بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە يازغۇچىلارنىڭ تەبىئەت قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.بۇ ھەم بىزنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.بۇ ئىككى يازغۇچنىڭ مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىمۇ، يەنە ئەسەردىكى مەركىزى مەزمۇننى ئىپادە قىلىش شەكلىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. ئالايلۇق، ھەر ئىككىلا ئەسەردە ئۇستىلىق بىلەن تەرتىپلىك بايان، قىستۇرما بايان ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان، تەسۋىرلىرى شۇ قەدەر جانلىق ۋە لىرىكىغا باي بولۇپ، ئەسەرنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسىدىن بىر خىل ھېسىيات تېمىپ تۇرىدۇ. ھەر ئىككىلا ئەسەرگە باشتىن ئاخىرى بىر خىل كۈچلۈك تىراگىدىيە تۈسى بېرىلگەن. تەبىئەت كۈچ بىلەن تەسۋىرلەنگەن. بەدىئىي ئوبرازنىڭ خاراكتېر ئىندۇۋىدۇئاللىقىنى يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك كەچۈرمىشلىرى، نازۇك ھېس تۇيغۇلىرى ناھايىتى يارقىن ئېچىپ بېرىلگەن.

    يوقۇرىقىلارنى بىزنىڭ ئىككى ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سېلىشتۇرمىمىزنىڭ تېز سىزمىسى دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. چۈنكى ئىككى مىللەت ياشىغان تۇرمۇش مۇھىتى، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تەبئىي شارائىتتىكى پەرقلەر تەبئىي ھالدا ئىككى مىللەتنىڭ ئادەملىرىدە، ئۇلار ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئىجادىيەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. قىرغىز مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئوخشاشلا شەرق مىللەتلىرىگە تەۋە يەنە كېلىپ قوشنا مىللەتلەر بولسىمۇ،ئەمما تەپەككۇر شەكلىدە ھامان ئىنىچكە پەرقلەر مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. يەنە كېلىپ چىڭغىز ئايىتماتوۋ مەلۇم دەرىجىدە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يازغۇچى. بۇ ئىنىچكە نۇقتىلارنى ھىسابقا ئالغان ھالدا، بۇ ئىككى ئەسەرگە قايتىدىن قاراپ چىقساق، تېخىمۇ نۇرغۇن نۇقتىلارنى بايقىشىمىز تامامەن مۇمكىن. شۇڭا مەن بۇ يەردىكى يەكۈننى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى خۇلاسە دەپ قارىمايمەن، بەلكى ئىزدىنىشىمنىڭ باشلانمىسى دەپ قارايمەن.

    مەنبە : يازغۇچىلار تورى

     


    收藏到:Del.icio.us