ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-14

    بابۇر تەۋەللۇتىنىڭ 528 يىللىقىغا قۇت بولسۇن - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    بابۇر تەۋەللۇتىنىڭ 528 يىللىقىغا قۇت بولسۇن

    بۈگۈن يەنى 2001-يىل 14-فىۋرال ئەدىب زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ تەۋەللۇتىغا 528 يىل تولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنى ياد ئىتىمىز.

    تۈركى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم نامايەندە شائىر، زامانىسىنىڭ ئالىمى، دۆلەت ئەربابى، سىياسىئون زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر(1483-1530) ئەمىر تۆمۈرنىڭ بەشىنچى ئەۋلادى بولۇپ،  1483-يىلى 14-فىۋرالدا فەرغانە ھۆكۈمدارى ئۆمەر شەيىخ ئائىلىسىدە ئەندىجاندا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئانا تەرەپتىن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە «تارىخىي رەشىدى»نىڭ ئاپتۇرى مىرزا ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە كېلىدۇ. ئۇ 1494-يىلى 12-يېشىدا تەخىتكە چىققان. ئۆمىرىدە ئاففانىستان ۋە ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئىستىلاھ قىلىپ، ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك دەۋىر سۈرگەن بابۇرىيلار(1526-1858) سۇلالىسى(يەنە بىر نامى بۈيۈك موغۇللار)نىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. 1530-يىلى ھىندىستاندا ۋاپات بولغان.

    بابۇر بىر ھۆكۈمدار بولۇپلا قالماي، زامانىسىنىڭ يېتىلگەن شائىرى، ئالىمى بولۇپ ئۇنىڭ بىزگە قەدەر 400 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى يېتىپ كەلگەن بولۇپ،  تولۇق بولمىغان بىر دىۋانى، ئىسلام دىنى ئاساسلىرىنى بايان قىلىدىغان «مۇبەييىننۇل زەكات» ناملىق شېئىرىي رىسالىسى، ئارۇز ئىلمى ھەققىدىكى «رىسالەئىي ئارۇز» ناملىق ئارۇزنىڭ 272 ۋەزنى، 21 بەھىرىگە ئىلمىي شەرھ كىتابى، خۇجا ئەھرار ۋەلىنىڭ «ۋالىدىيا» دېيىلىدىغان تەسەۋۋۇفقا ئائىت بىر كىتابچىنىڭ نەزىمىي تەرجىمىسى، ، ئۆز دەۋرىنىڭ مۇھىم تارىخىي خاتىرىسى ھېسابلىنىدىغان «بابۇرنامە» (يەنە بىر نامى«ۋاقىئە») ناملىق ئەسىرى، بابۇر ئىجاد قىلغان «خەتتى بابۇر» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئېلىپبە جەدىۋىلى قاتارلىق ئەسەرلىرى يېتىپ كەلگەن.

     

    تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر نەچچە پارچە غەزىلىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

    غەزەللەر

    نە كۆرەي تۇبانى* قەددى* خۇشخىرامنىڭ بارىدە؟!

    نە قىلاي سۇنبۇلى* خەتتى* مۇشكفامىڭ بارىدە؟!

    كىم خىزىر سۇيىن ئاغىزلەغەي لەبىڭنىڭ قاشىدە؟

    كىم مەسىھ ئەلفازىدىن* دېگەي كەلامىڭ بارىدە؟!

    ئاشىقىڭنى دەۋلەتى ۋەسلىڭ بىلە قىل مۇھتىرەم،

    بىزنى ھەم گاھى ساغىن شۇربى* مۇدامىڭ بارىدە.

    ئەي كۆڭۈل، گەر غەير سۆزى زاھىرى قاتىلدۇر، نى غەم،

    لەبلەرىڭدىن شەربەتى چۇھيىل – ئىزامىڭ بارىدە.

    تەركى نامۇس ئەيلىبان بەدنام بولغەلى ئىشق ئەرا،

    كم سىنى ئاشىق دېگەي نامۇسۇ نامىڭ بارىدە. *

    بابۇر، ئۇل گۇل كويىدە بۇلبۇل كەبى تاپتىڭ مەقام،

    بىر نەۋائى راسىت* قىل مۇنداق مەقامىڭ بارىدە.

    ----------------------------

    ئىزاھاتلار :

    * تۇبا(تۇبىي) – جەننەتتىكى رەڭمۇ رەڭ مېۋىلىك ۋە خۇشبۇي دەرىخ.

    * قەد(قامەت) – كۆڭۈلدىكى ۋەھدەت ئالىمىگە يۈزلىنىش، ئىلاھىي مۇھەببەتنىڭ ئۆزىگە جەلىب قىلىشى.

    * سۇنبۇل ـ ئىنچىكە بەرگىلىك، گۈللىرى تال – تال، قوڭغىراقسىمان ۋە خۇشبۇي ئۆسۈملۈك. مەشۇقنىڭ ساچى تال–تال، ۋە ئەتىر ھىدى تارىتىشى جەھەتتىن گۈلگە ئوخشىتىلىدۇ.

    * خەت – قىزلارنىڭ لېۋى ئۈستىدىكى يۇمران تۈكلەر. تەسەۋۋۇف مەنىسى غەيىب ئالەم.

    * ئەلفاز – سۆزلەر.

    * بادە – مەينىڭ ناملىرىدىن بىرى بولۇپ، تەسەۋۋۇفتا ئىشىق ۋە ئىرپان(مەرىفەت) مەنىسىدە بولۇپ كىلىدۇ.

    * شۇرب – ئىچىش؛ نېسىۋە، ئۈلۈش

    * ئىلاھىي مۇھەببەتنى ئەقىل ئەمەس، كۆڭۈل بىلەن ھېس قىلىش، تېپىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەسەۋۋۇف ئەدەبىياتىدا ئەقىل – ھۇشنى يوقىتىش ئۇلۇغلىنىدۇ.

    * بۇ يەردە راسىت سۆزى ئىككى مەنىدە كەلگەن بولۇپ، بىرى بىر ھەقىقىي نەۋا قىل، يەنە بىرى شەش مۇقامىنىڭ بىر بۆلىكى.

    ------------------------------------

    *********************************************

    كۆڭلۈمنى چۇ ئۇل پەرى ئالىبتۇر،

    دىۋانە بولۇرغە نە قالىبتۇر؟!

    بىدىل ئىكەنىمنى ئەمدى بىلگەي،

    چۈن بىر كىشى كۆڭلۈمنى ئالىبتۇر،

    كۆڭلۈمنى ئالىبتە غافۇلىن كۆر،

    بىلمەسكە ئۆزىنى نە سالىبتۇر.

    زۇلفۇڭ چىرىگىنى يىغكى جەمئى،

    بۇ فىتنەدىن ئەسرۇ كۆز غالىبتۇر.

    بابۇر، نىچە كۈن كۆڭۈلنى خۇش تۇت،

    بۇ ئالەم ئىشى چۈن مۇنقالىبتۇر.

    ------------------------------

    *********************************************

    چۈن فەلەك كۆيمەس مېنى بىر لەھزە ۋەسىل ئەييامىدە،

    تاڭ يۇق، ئەي بى مېھىر، ئەگەر ئۆلسەم فىراقىڭ شامىدە.

    ئەي كۆڭۈل، يۈزىن كۆرۈب، زۇلفى پەرىشانىن ساغىن،

    شامى ھىجراندىن تەۋەھھۇم* ئەيلە ۋەسىل ئەييامىدە.

    زۇلفىدەكىم مەسكەنى ئەتتىڭ، كۆر زەنەخدان* چاخىنى،

    ۋاقىف ئولغىلكىم، ئىرۇرسەن ئەجدەھرنىڭ كامىدە.

    غۇنچەدەك ئاغزىڭ غەمى كۆڭلۈمدە گەر يۇق، بەس نەدۇر

    چاك كۆڭلۈم ھەيئەتى گۇل غۇنچەسى ئەندامىدە*.

    يارىڭ پەيغامى ئەتكەچ، تاپتى جان فەرسۇدە تەن،

    ئىسە ئەئىجازى* مەگەر مۇزمەردۇرۇر* پەيغامىدە؟

    بابۇر، ئۇل گۇل زۇلفى ئاستىندە ئەمەستۇر خاللەر،

    جان قۇشىن سەييىد ئەيلەر ئۈچۈن دانەلەردۇر دامىدە.

    ---------------------------

    ئىزاھلار :

    * تەۋەھھۇم – ۋەھىمىگە چۈشۈش، قورقۇنچ.

    * زەنەخدان – زىناق. زەنەخدان چاھى – زىناق چوڭقۇرچىسى. تەسەۋۋۇفتا سالىكنى ئەبەدىيلىك چوڭقۇرلىقىدىن زۇلمەت چوڭقۇرلىكىگە سالىدىغان مەھبۇبىنىڭ ھىيلە نازلىق سۈپىتى.

    * ئەندام – كۆرىنىش.

    * ئەئجاز – مۆجىزە. ئىيا مۆجىزىسى – ئۆلۈككە جان ئاتا قىلىش.

    * مۇزمەر – پىنھان، مەخپى.


    收藏到:Del.icio.us