ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-14

    ئانام ئاپپاق ئەتىرگۈل ئىدى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     ئانام ئاپپاق ئەتىرگۈل ئىدى

    مەسئۇد ئىيسا

     


    سىرتتا تۇرۇپ سەپسالدىم

     

    ھۇررەك باسقان قوللىرى بىلەن

     

    ئوتتۇز يىللىق سېكىلىكى بىلەن

     

    ئاشماقتا جىلتە

     

    ...

     

    مارت!

     

    ئۇ كېلىشىمىزنى كۈتەر

     

    ...

     

    بىر چاغلاردا

     

    ئانام ئاپپاق ئەتىرگۈل ئىدى

     

    بىز ئۈچ چۈجە

     

    يۇمران ئىدۇق

     

    بەڭباش ئىدۇق

     

    ئاچكۆزلۈك بىلەن

     

    مېھرىنى پاك- پاكىزە

     

    بىر چىنە ئاش ئورنىدا

     

    قويماي ئىچىپ تۈگەتتۈق

     

    پەسىللەر كەلدى، كەتتى...

     

    كېيىن قانات چىقاردۇق

     

    ئۆز پەرۋازىمىزغا مەستانە بولدۇق

     

    يىگانە ئانام- مېھرىبان دەرىخىمىز

     

    كونا ئۇۋىمىزنى كۆتەرگىنىچە بەستىدە

     

    ساقلاپ قويغان كىيىملىرىمىزدىكى

     

    ھېدلىرىمىزنى پۇراپ

     

    تەشنالىق دالىسىدا قالدى

     

    چىكىپ ئىزتىراپ

     

     

    مارت بۈگۈن!

     

    ئانام ئىشتىياق بىلەن

     

    ئاچماقتا جىلتە

     

    (ئامما كۆزى ئىشىكتە)

     

    مەن سىرتتا تۇرۇپ سەپسالدىم

     

    ئاشۇ كىچىكىنە سېكىلەككە

     

    سىڭىپ كېتىپتۈ ئانامنىڭ ئۆمرى!

     

    مەنبە : يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us