ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-10

    نەۋائى داستانلىرىدىكى مۇھەببەت تراگېدىيىسى - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    nawaiنەۋائى داستانلىرىدىكى مۇھەببەت تراگېدىيىسى

    ئاپتور: مۇھەممەد ئىمىن(سەبۇرى(

    ئەلشىر نەۋائى (1441-1501)ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بەش يېرىم ئەسىردىن بۇيان خەلقىمىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى ۋە پەنمەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. نەۋائى يەنە جاھان ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىمۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە مەشھۇر گۇمانىستىك شائىر سۈپىتىدە پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى.

    نەۋائى ھاياتىدا زور ھەجىملىك 15 توم ئەسەر يازغان بولسىمۇ، لېكىن ‹‹خەمىسە›› نامى بىلەن يېزىلغان بەش داستانىنى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسەك چوققىسى دەپ قارايمىز. بۇ بەش داستان رەت تەرتىپى بويىچە ‹‹ھەيراتۇل ئەبرار›› (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى)، ‹‹پەرھاد – شېرىن››، ‹‹لەيلى – مەجنۇن››، ‹‹سەبەئى سەييار››(يەتتە يۇلتۇز)، ‹‹سەددى ئىسكەندەر››دىن ئىبارەت بولۇپ، 50 مىڭ مىسرادىن ئاشىدۇ.

    بىز نەۋائىنىڭ مۇھەببەت تراگېدىيىلىرىنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ‹‹پەرھاد – شېرىن››، ‹‹لەيلى – مەجنۇن››داستانلىرىدىكى ئوخشاشلىقلارنى بايقايمىز. يەنى، بىرىنچىدىن، باش قەھرىمانلار كۈچلۈك ھالقىما ئاڭغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالقىما ئېڭى مەنىۋى مۇددىئا جەھەتتە يۈكسەك پەللىگە يەتكەن. ئىككىنچىدىن، باش قەھرىمانلار ھېسسىياتىنىڭ پارتلىشى ۋە كۈلپەتلىك كەچۈرمىشلىرى ئۇلارنى ‹‹مەجنۇن›› (ساراڭ) قىلىپ قويغان. ئۈچىنچىدىن، داستانلاردىكى باش قەھرىمانلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ بەدىئىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىشىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىيىۋى قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن. تۆتىنچىدىن، داستانلار ۋەقەلىكىدە ئىپادىلەنگەن باش قەھرىمانلارنىڭ روھىي ھالەت ئامىللىرى ھەم ۋەقەلىكتىكى ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشلەر داستانلارنىڭ تراگېدىيىلىك كەيپىياتىنى كۈچەيتكەن.

    ‹‹پەرھاد – شېرىن›› نەۋائى ئەسەرلىرى ئىچىدىكى بەدىئىي سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ زور مۇھەببەت داستانى بولۇپ، شائىر ئۇنى ‹‹پىراقنامە››، دەپ ئاتىغان. شائىر بۇ داستانىدا چىن خاقانىنىڭ شاھزادىسى پەرھاد بىلەن ئەرمەنىستان مەلىكىسى شېرىن ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسىنى تولىمۇ تەسىرلىك تەسۋىرلەيدۇ. پەرھاد ئەسلى چىن خاقانىنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، ئون نەچچە يېشىدىلا بارچە ئىلىملارنى ئىگىلەپ، ھەربىي ئىشلاردا كامالەتكە يېتىدۇ. ئەمما ئۇ دائىم پەرىشان يۈرىدۇ. بىر كۈنى خاقان پەرھادنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى خەزىنىگە باشلاپ كىرىدۇ. لېكىن پەرھاد خەزىنىدىكى ئىسىل جاۋاھىراتلارغا كۆز قىرىنى سالمايدۇ، پەقەت بىر ساندۇققا كۆزى چۈشىدۇ ھەم دادىسىنىڭ ئۇنۇمىغىنىغا قارىماي ساندۇقنى ئاچىدۇ. ساندۇقتا بىر ‹‹ئىسكەندەر ئەينىكى›› بولۇپ، ئۇنىڭدىن بارچە ئىقلىمدىكى ئاجايىپ – غارايىپلارنى ۋە بىر گۈزەل قىزنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ پەرھاد ئىشىق ئوتىغا مۇپتىلا بولۇپ، ئاشۇ ئەلدىكى گۈزەل قىزنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئاغزىدىن ئوت پۈركەيدىغان ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىپ، خاسىيەتلىك شەمشەر بىلەن قالقاننى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئەھرەمەن دىۋىنى ئۆلتۈرۈپ ‹‹سۇلايمان ئەينىكى››گە، تۆمۈر كىيىملىك ئادەملەرنى مەغلۇپ قىلىپ‹‹جاھاننەما››ئەينىكىگە ئېرىشىدۇ. بۇلارنىڭ ياردىمىدە يىراقتىكى ئەل يۇنانغا كېلىدۇ ۋە سوقرات تۇرىدىغان غارغا كېلىدۇ، سوقرات پەرھادنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي مۇھەببەت، روھىي تاكامۇللۇق توغرىسىدا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ. پەرھاد سوقرات كۆرسەتكەن ئەقىل بىلەن ئەرمەنىستانغا كېلىدۇ. ئۇ بۇ يەردە تاغ ئارىسىدا قانال قېزىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىدۇ. پەرھاد تاغ كېسىپ قانال قېزىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار بۇ تاغنىڭ شەرقىدە بىر بۇلاق بولۇپ، بۇ بۇلاقتىن ئەرمەنىستانغا سۇ ئەكىلىش ئۈچۈن قانال قېزىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان پەرھاد تاغ كېسىش ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كېچە – كۈندۈز قانال قېزىپ، سۇنى ئەرمەنىستانغا يەتكۈزىدۇ ھەم بىر كۆل چاپىدۇ. قېزىلغان قانالنى ‹‹نەھرۇل ھايات›› (ھاياتلىق قانىلى)، چېپىلغان كۆلنى ‹‹بەھرۇل نىجاد›› (نىجاتلىق دېڭىزى) دەپ ئاتايدۇ. بۇ كاتتا ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئەرمەنىستاننىڭ ئايال پادىشاھى مېھىنبانۇ بىلەن ئۇنىڭ جىيەن قىزى مەلىكە شېرىن بۇ پالۋان ياراتقان مۆجىزىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن قانال قېزىلغان جايغا كېلىدۇ. شېرىن پەرھادنىڭ مېھنىتى ۋە پىداكارلىقى شەرىپىگە بېشىدىن جاۋاھىرلارنى چاچىدۇ. پەرھاد ‹‹ئىسكەندەر ئەينىكى››دە كۆرگەن قىزنىڭ دەل شېرىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ھوشىدىن كېتىدۇ. شېرىنمۇ بۇ مۇھەببەتكە مۇپتىلا بولىدۇ ھەم پەرھادقا خەت يېزىپ، ئىشىق دەردىدە ئېغىر بالالارغا مۇپتىلا بولغانلىقىنى، بۇ ئىشتا ئايال زاتىنىڭ تارتىدىغان ئازابىنىڭ ھەممىدىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىدۇ. پەرھاد بۇ خەتنى ئوقۇپ كۆزلىرىدىن ئىشقى – پىراق ياشلىرىنى تۆكىدۇ ھەم شېرىنغا جاۋاب خەت يازىدۇ. ئۇلار يېزىشقان بۇ خەتلەر ئۇشبۇ داستانغا يۈكسەك بەدىئىيلىك ۋە سېھرىي كۈچ ئاتا قىلغان.

    شۇ كۈنلەردە ئىران پادىشاھى خىسراۋ شېرىننىڭ گۈزەللىك تەرىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتىدۇ، شېرىن بۇنى رەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خىسراۋ ئەرمەنىستاننى قامال قىلىدۇ. ئەمما پەرھاد باشچىلىق قىلغان ئەرمەن قوشۇنى خىسراۋنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىسراۋ پەرھادنى سۇيىقەست يولى بىلەن يوقىتىش يولىنى تۇتىدۇ ۋە ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ پەرھادنى تۇتقۇن قىلىدۇ. نەتىجىدە پەرھاد بىلەن خىسراۋ ئوتتۇرىسىدا جىددىي توقۇنۇش – كۈرەش داۋام قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى سوئال – جاۋابتىن ئىبارەت بەس – مۇنازىرە كۈرىشى داستاننىڭ ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ ئالىي نۇقتىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىدا پەرھادنىڭ شېرىنگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك، يالقۇنلۇق ئىكەنلىكى، شېرىن ئۈچۈن ھەر قانداق ئازابقا ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ، خىسراۋ كۈنسىرى مەنىۋى ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. ئامالسىز قالغان خىسراۋ مەككار، ياۋۇز موماينى پەرھادنىڭ قېشىغا ئەۋەتىدۇ. موماي پەرھادقا خىسراۋ قوشۇنىنىڭ ئەرمانىستاننى بېسىۋالغانلىقىنى، مېھىنبانۇنىڭ ئىلاجىسىز ئۇنىڭ بىلەن ياراشقانلىقىنى، شېرىننى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى، ئەمما شېرىننىڭ بۇنىڭغا قوشۇلماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پەرھاد بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ نالە – پەرياد قىلىپ، ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. پەرھادنىڭ جەسىتى شاھ قەسىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ، جۇدالىق ئازابىغا چىدىمىغان شېرىن پەرھادنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلىغىنىچە ئاچچىق ھەسرەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. مېھىنبانۇمۇ قاتتىق بىر ئۇھ تارتىپ ھايات بىلەن خوشلىشىدۇ. چۈنكى شېرىن ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ ئامراق كىشىسى ئىدى.

    نەۋائى ‹‹پەرھاد – شېرىن››داستانىنى يېزىش جەريانىدا ئالدى بىلەن پارس كلاسسىكلىرىدىن فىردەۋسى، نىزامى گەنجىۋى، ھىندى شائىرى خىسراۋ دېھلىۋى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن ۋە ئوزۇق ئالغان. ئۇ نىزامى گەنجىۋى قەلىمى ئاستىدا ئىجابىي پېرسوناژ قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ئىران پادىشاھى خىسراۋنى زالىم، قانخور پادىشاھ قىلىپ، پەرھادنى ئىجابىي شەخس سۈپىتىدە ئاساسلىق قەھرىمان ۋە چىن شاھزادىسى قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ ھەم ئۇنى تارىختا ئوتتۇرا ئاسىياغا توختاۋسىز تاجاۋۇز قىلغان ئىران ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ۋەكىلى خىسراۋغا قارشى قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، نەۋائى ياشىغان 15 – ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئېڭىدا زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، تۈركىي تىلىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دولقۇنى قوزغالغان ۋە مىللىي ئەدەبىيات تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. شۇڭا نەۋائىنىڭ ئىران ھۆكۈمرانى خىسراۋنى سەلبىي ئوبراز قىلىپ تەسۋىرلىشى مۇقەررەرلىك ئىدى.

    نەۋائى پەرھاد ئوبرازىنى سەيياھ سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزى ياشاۋاتقان رېئال جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي توقۇنۇشىدىن، ئۆزىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىدىن ماتېرىيال ئېلىپ مۇكەممەل، يارقىن ئوبرازغا ئايلاندۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ ئىلغار گۇمانىستىك ئىدىيىلىرىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن. نەۋائىنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ بەخت – سائادىتى خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ۋە بەخت – سائادىتى بىلەن بىرلەشكەندىلا، ھەقىقىي قىممەتكە ۋە چىن مەزمۇنغا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ پەرھادنىڭ شېرىنگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە ئۆستەڭ قېزىپ، چۆلگە سۇ باشلاش ئىشىنى كۈچەپ تەسۋىرلەيدۇ. نەۋائىنىڭ قەلىمى ئاستىدا شېرىننىڭ ۋەتىنى پەرھادنىڭمۇ ۋەتىنى ئىدى. ئاشۇ ۋەتەن بەخت – سائادەتكە ئېرىشكەندىلا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى يېڭى مەنىلەرگە ئىگە بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا چىن شاھزادىسى پەرھاد سۆيگۈنى شېرىن ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىدى...

    نەۋائى داستانىدا بۇ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىگە يەنە سۇ مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى بايانلارنى قوشىدۇ، چۈنكى نەۋائى ياشىغان دەۋردە سۇ جىددىيلىكى مۇھىم مەسىلە ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى داستانىغا ئېلىپ كىرىپ، خەلقنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا يەنە شېرىننى ئەل – يۇرتقا ھاياتلىق بېغىشلىغان سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ تەشەببۇسچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان. دېمەك، پەرھاد – شېرىننىڭ مۇھەببىتى بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى زىچ بىرلىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭغا خەلق مەنپەئىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بىر خىل ئالىيجاناب روھ يوشۇرۇنغان.

    ئەمدى ‹‹لەيلى – مەجنۇن››داستانىغا كەلسەك، نەۋائى بۇ داستانىنى يېزىشتا پۈتكۈل شەرق خەلقلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان لەيلى ۋە مەجنۇن توغرىسىدىكى خەلق رىۋايىتىنى ئاساس قىلدى، ئۇنى بىر قانچە يېڭى ۋەقەلىكنى قوشۇپ بېيىتتى ۋە تۇنجى قېتىم تۈركىي تىل بىلەن بۇ داستاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقتى. شۇنداقلا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدا لەيلى بىلەن مەجنۇننىڭ مۇكەممەل بەدىئىي ئوبرازىنى ياراتتى.

    ئەرەب دىيارىدىكى بەدەۋلەت قەبىلىسىنىڭ باشلىقىنىڭ قەيىس ئىسىملىك ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىشىق – مۇھەببەتنىڭ جىلۋىسى كېلىپ تۇراتتى. بالا مەكتەپ يېشىغا يەتتى، ئەپسۇس، بۇ قەبىلىدە مەكتەپ بولمىغاچقا ئۇنى ھەي قەبىلىسىدىكى مەكتەپكە بېرىشكە توغرا كەلدى. بۇ مەكتەپتە كۆپلىگەن ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ قىز – ئوغۇللىرى ئوقۇيتتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق، سۈلكەت، سالاپەتلىرى كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان، ئاي يۈزلۈك بىر قىز بولۇپ ئىسمى لەيلى ئىدى. بۇ قىزنىڭ دادىسى بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقى ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەيىس بىلەن لەيلى ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، ھەر ئىككىيلەننىڭ يۈرىكىدە كۈچلۈك مۇھەببەت ئوتى پەيدا بولىدۇ. بىر كۈنى ساۋاقداشلار باغ سەيلىسى قىلغاندا قەيىس گۈلزارلىققا بېكىنىۋېلىپ ئاھ ئۇرىدۇ. بۇ جايغا تۇيۇقسىز بېرىپ قالغان لەيلى ئۇنىڭدىن ھال سورىغىنىدا قەيىس ئۇنىڭغا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ ھوشىدىن كېتىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ قەيىس بىلەن لەيلىنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. قەيىس ھەر كۈنى كېچىدە لەيلىنىڭ دەرگاھى تەرەپكە كېلىپ، ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ، تۇپراقنى سۆيۈپ ئاھ ئۇرىدى. ئۇ مۇشۇنداق سەۋدايىلىقى بىلەن ئۆز ئىسمى ۋە قەبىلىسىنىمۇ ئۇنتۇپ، پەقەت ‹‹لەيلى، لەيلى›› دەپ زارلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان لەيلىنىڭ ئاتىسى قەيىسنىڭ ئاتىسىغا پوپوزا قىلىپ، ئوغلىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇشنى تاپىلايدۇ. قەيىس زەنجىر بىلەن باغلىنىدۇ، ئۇ زارلىنىپ پىغان چېكىدۇ. ئۇنىڭ تېنى شۇ قەدەر ئاجىزلاپ كېتىدۇكى، باغلانغان زەنجىرمۇ بوشاپ كېتىپ، ئۆزى چۆل – باياۋانغا قاراپ كېتىپ قالىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ سەۋدايىلىقىغا قاراپ ئۇنى ‹‹سەۋدايى›› دەپ چاقىرىدىغان بولىدۇ، ئاخىرىدا ئۇنىڭغا مەجنۇن ئىسمى قويۇلۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا لەيلىگە دۆلەتمەن، ئابرۇيلۇق يىگىت ئىبنى سالام ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. لەيلىنىڭ ئاتىسى ئەلچىلەرگە ماقۇل بولىدۇ.

    قەيىسكە كەلسەك، ئۇ تاغۇ – تاشلىقلارنى ماكان تۇتۇپ، لەيلى شەنىگە ئاتاپ كۆپلىگەن غەزەل – شېئىرلارنى يازىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ نەۋبەل ئىسىملىك زاتقا ئۇچراپ قالىدۇ. نەۋبەل كىشىلەردىن قەيىسنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانىدى. نەۋبەل قەيىسكە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەگەر قەيىس لەيلىگە ئېرىشەلمىسە ئۇنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەجنۇن لەيلىنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن نەۋبەلنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولىدۇ. نەۋبەل لەيلىنىڭ ئاتىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ لەيلىنى قەيىسكە ياتلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ئەمما لەيلىنىڭ دادىسى بۇنى رەت قىلىدۇ. غەزەپلەنگەن نەۋبەل لەيلىنىڭ ئاتىسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. قەيىس جەڭدە نەۋبەل بىلەن بىللە ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۇرۇشتا نەۋبەل قوشۇنى غالىب كېلىدۇ. بۇ چاغدا لەيلىنىڭ ئاتىسى جەڭدە مەغلۇپ بولسا قىزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلغان قەيىس لەيلىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن نەۋبەلدىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇرۇش توختايدۇ، قەيىس يەنە دەشتكە قاراپ يول ئالىدۇ. ئۇ بۇ يەردە لەيلى قەبىلىسىدىكى بىرەيلەننى ئۇچرىتىپ قالىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى زەيىد ئىدى. قەيىس بۇ ئادەمدىن لەيلىگە سالىمىنى ئېيتىدۇ، لەيلى زەيىد ئارقىلىق مەجنۇنغا خەت ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىق ئوتىدا داۋاملىق ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. داستاندىكى مەجنۇننىڭ لەيلىگە، لەيلىنىڭ مەجنۇنغا يازغان مەكتۈپلىرى، غەزەلشېئىرلىرى بۇ داستاننىڭ ئەڭ تەسىرلىك، ئەڭ مۇڭلۇق، ئەڭ دولقۇنلۇق جايلىرىدۇر.

    شۇ كۈنلەردە مەجنۇننىڭ ئاتىسى نەۋبەلگە ئەلچى ئەۋەتىپ قىزىنى سورايدۇ، ئىككى ئائىلىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەجبۇرىي ھالدا ئىككى ياشنىڭ تويى بولىدۇ. ئەمما نەۋبەلنىڭ قىزى مەجنۇنغا: ‹‹سىزنىڭ لەيلىگە بولغان مۇھەببىتىڭىزگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن، مېنىڭمۇ ھەقىقىي سۆيگۈنۈم بار، ئىجازەت بەرسىڭىز مەنمۇ شۇ بىچارىنىڭ ھالىغا يەتسەم ››دەيدۇ. مەجنۇن قىزغا ئىجازەت بېرىپ، ئۆزى چۆل – باياۋانغا يول ئالىدۇ.

    شۇ كېچىسى لەيلى بىلەن ئىبنى سالامنىڭمۇ تويى بولىدۇ. تويدا ئىبنى سالام مەينى كۆپ ئىچىۋەتكەچكە خاپىغان كېسىلى قوزغىلىپ بىھۇش بولۇپ يىقىلىدۇ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ بىلەن ئاۋارە بولۇپ لەيلىنى ئۇنتۇيدۇ. لەيلى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باياۋان تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن لەيلى ۋە مەجنۇن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، بىر – بىرىنىڭ ۋەسلىگە يېتىدۇ. تاڭ ئاتقاندا ئۇلار نائىلاج ئايرىلىدۇ.

    مەجنۇننىڭ توي كېچىسى دەشت – باياۋانغا كېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئاتا – ئانىسى غەم – قايغۇدا كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. جۇدالىق دەردىدە لەيلىمۇ تاماقتىن قېلىپ كۈندىن – كۈنگە زە

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us