ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-10

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-3 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسىكىن):

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-3


       كوچىلار يەنىلا ئادەمسىز، جىمجىت بولۇپ، ئەتىراپتا نەچچە يۈزلىگەن يۇشۇرۇن كۆز بۇ ئادەمنى ھوشيارلىق بىلەن كۆزىتىپ تۇراتتى. ھېلىقى ئادەم ئالدىنقى كۈنلەر دىكىگە ئوخشاش ئاستا مېڭىپ كوچىلارنى ئارلىدى. تاملارنىڭ ئۈستىدىن ھويلىلارغا قاراپ باقتى. چىنار تۈۋىگە قايتىپ كېلىپ كالدىرلاپ ۋاقىراپ، قوللىىرىنى بىر كىمنى چاقىرغاندەك ھالەتتە ھەركەتلەندۈردى. ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغاندىن كېيىن ئۆمىتسىزلەنگەندەك روھى ھالەتتە مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ «قورسىقى»غا ئېڭىشىپ ئۇزۇنچاق قورسىقى بار، ئىچىدە قىپقىزىل سۇيۇقلۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شەكلى قاپاققا سەل پەل ئوخشاپ قالىدىغان بىر نەرسىنى، يەنە كىچىكرەك غىدىرغا ئوخشايدىغان لېكىن كىچىك پۇتى بار، سۈپ-سۈزۈك بىرنەرسىنى ئېلىپ، چىنارنىڭ تۈۋىگە كىلپ ئولتۇردى. ئۇ كېشى ھېلىقى «قاپاق»نىڭ ئاغزىنى چىشلەپ ئاچتى-دە، ئۇنىڭدىكى قىپقىزىل سۇيۇقلۇقنى كىچىك «غىدىر»غا قۇيۇپ ئالدىرىماي ئىچىشكە باشلىدى.  قارىغاندە بۇ كىشى بۇيەردىن ھازىرچە كېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. پىنھان جايلاردا مۈكۈنۈپ تۇرغانلار سەۋىرسىزلىك بىلەن ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىرى چىقىپ بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ باقماقچى بولۇشتى. «بىزنى ئاتا بوۋىلىرىمىز ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان، كۈندە موشۇنداق ۋەھىمە ئىچىدە ياشايمىزمۇ؟ يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم، ئادەمنى دەم تارتىدىغان يالماۋۇز بولسىمۇ بىر ئېلىشىپ باقمايمىزمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ غەلىتە ئادەمدە ھېچ دۈشمەنلىك غەرىزى باردەك قىلمايدۇ» دېيىشتى.ئۇلار شۇنداق قىلىپ ، بىر خەۋەرچىنىڭ تاملاردىن ئارتىلىپ سۈڭگۈچلەردىن ئۆتۈپ، خەۋەر يەتكۈزۈشى بىلەن مۆكۈنۈپ تۇرغانلار ھەممە تەرەپتىن تەڭلا چىقىپ چىنار تۈۋىگە ھېلىقى ئادەمنىڭ يىنىغا يىغىلماقچى بولۇشتى. ھېلىقى ئادەم قولىدىكى سۇيۇقلۇقنى شۇنداقلا ئېچىۋىتىپ بېشىنى كۆتۈردى-دە، ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆردى: ھەممىلا كوچىلاردىن ئىگىز بوي، بەسىتلىك، ساقال-بۇرۇتلۇق، چىرايلىرى، بەدەن قۇرلۇشلىرى بىر-بىرىگە ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان، ئۈستىگە ئوخشاش ماتا كىيىملەرنى، پۇتىغا ھەرخىل چورۇقلارنى، بېشىغا ئىگىز تەكىي بۆكلەرنى كىيىۋالغان، مەيدىسىدە قاپقارا تۈكلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان، قوللىرىدا نەيزە، قىلىچ، ئوقيا تۇتقان كىشىلەر بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئۆزى تەرەپكە كىلىۋاتاتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل خەۋىپسىرەش، ئەنسىرەش، سەل ئىككىلىنىش، يەنە جەسۇرلۇق، تەۋەككۈلچىلىك، قورقۇمسىزلىق ئىپادىلىرى چىقىپ تۇراتتى. ھېلىقى ئادەم قىلچە خاتىرجەملىكىنى بۇزمىغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى ۋە قولىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە قويۇپ خۇشال بولغاندەك بىر خىل قىياپەتتە، ئىككى ئالقىنىنى بىر بىرىگە ئۇرۇپ، قايتا-قايتا ئاۋز چىقاردى. يۇرت ئەھلى بۇ ئادەمنىڭ ئەتىراپىدا چەمبەر ھاسىل قىلپ توپلاندى. ئۇ ئالدىدا تۇرغان كىشىلەرگە دوستانىلىك بىلدۈرۈپ، ئوڭ قولىنى چىقرىپ ھەربىر كىشىنىڭ ئوڭ قولىنى سىقىپ، ھەممىسى بىلەن بىر قۇر كۆرۈشۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئىما ئىشارەت كالدىرلاشلار بىلەن «سۆلىشىش» باشلىنىپ كەتتى. بۇ يۇرتتىكىلەر ئالدى بىلەن ھىلىقى كالىغا ئوخشايدىغان غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ نىمىلىكىنى سوراشتى. بۇ ئادەم قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ، غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ يېنىغا كىشىلەرنى مەجبۇرى تارتىپ ئىلىپ كەلدى ۋە بىرنەرسىلەرنى دەپ كالدىرلاپ، غەلىتە «مەخلۇق»نىڭ باشلىرىغا ئۇرۇپ،  قوللىرىنى ئۇلاڭلىتىپ، ئۈستىگە چىقىپ، ئۇياق-بۇياققا ماڭدۇرۇپ بېقىپ ، بۇ نەرسىنىڭ جېنى يوق ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈردى.

    يۇرت ئەھلى ئۇنىڭ گەپلىرىنى تولۇق بىلەلمىگەن بولسىمۇ بۇ «مەخلۇق»نىڭ ھېچقانداق خەتىرى يوقلىقىنى،  ئىگىسى ئۈستىگە چىققاندىلا «جان كىرىدىغانلىقىنى» ھېس قىلىشىتى. ئۇ كىشى يەنە بىلىكىگە تاقىۋالغان يۇمىلاق بىر نەرسىگە قاراپ قويغاندىن كىين چىنار تۈۋىگە قويۇپ قويغان قاپاقسىمان نەرسىنى ئېلىپ، ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى تاۋاقسىمان بىر نەرسىگە قۇيدى-دە، ئالدى بىلەن ئۆزى ئازراق تېتىپ باققاندىن كېيىن، باشقىلارغا تەڭلىدى. باشتا ھېچكىم ئۇنىمىدى. كېيىن بۇ كىشى رەنجىگەندەك بولۇپ، سۇيۇقلۇقنى قايتا قايتا ماختىغاندىن كىينلا بىرنەچچە كىشى ھېلىقى سۇيۇقلۇقنى دەسلەپتە ئاستا پۇراپ باقتى. سۇيۇقلۇقتىن شېرىن، كىشىنى مەست-خۇش قىلدىغان بىر خىل پۇراق چىقىۋاتاتتى. بىرنەچچىسى تىلىنى تەككۈزۈپ تېتىپ بېقىۋىدى، تەمى سەل قاڭسىق ئەمما تاتلىق ۋە لەززەتلىك بىلىندى. بىر نەچچىسى ئاز-ئازدىن ئىچىپ باققاندىن كېيىن، روھى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك، كاللىسىدىكى تەشۋىشلىك خىياللار تارقاپ كەتكەندەك، ئۆزلىرىنى يېنىكلەپ، ھاياجانلىنىپ قالغاندەك، قانلىرى قىزىۋاتقاندەك ھېس قىلىشتى.  ئەتىراپتىدىكىلەرگە بەس-بەستە ماختاپ بەردى ۋە يەنە ئىچىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھېلىقى كىشى دەرھال غەلىتە مەخلۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر ساندۇققا قاچىلانغان ئچىملىكنى ئىلپ كەلدى ۋە ھەممىنڭ ئاغزىنى ئېچىپ بەردى. كىشىلەر ئۆيلىرىدىن ياغاچ تاۋاقلىرىنى، ساپال غېدىرلارنى ئېلپ چىقىپ ،قىپقىزىل سۇيۇقلۇقنى ئىچىپ تۈگىتىشتى. ھېلىقى ئادەم ھەرخىل شەرەتلەر ئارقىلىق ئەتە يەنىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ غەلىتە «مەخلۇق»قا مىنىپ، غۇڭۇلدىغىنىچە كېتپ قالدى.

    شۇ ئاخشىمى بۇ مۆرىۋەتلىك يۇرتتا ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر يۈزبەردى.ھېلىقى سۇيۇقلۇقنى ئىچكەن كىشلەر ئۆزلىرىنى شۇ قەدەر ئەركىن، ھاۋادا ئۇچىۋاتقاندەك ھوزرۇلۇق ھېس قىلىشتىكى ئۇلارنىڭ موللاق ئاتقۇسى، ۋاقىرغۇسى، سەكرىگۈسى كىلەتتى. بەزىلىرىنىڭ قانلىرى قىزىپ كىملەر بىلەندۇر مۇشتلاشقۇسى كىلەتتى. بۇ يۇرتتىكى ھېلىقى سۇيۇقلۇقنى ئىچكەن ئەركەكلەر تۇنجى قىتىم باشقىلارنىڭ خوتۇنلىرىغا ئوغرىلىقچە كۆز تاشلاشتى ۋە باشقا ئاياللارنىڭ ئۆز ئاياللىرىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. تۇنجى قىتىم ئۆزلىرىنڭ بايلىقىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇشتى. تۇنجى قىتىم ئۆز قەۋمىدىكىلەر بىلەن مۇشىتلاشتى. تۇنجى قېتىم ئەنئەنىۋى ئەخلاق رامكىلىرىنى بۇزۇپ رەسۋايى ئەزەم بولۇشتى ۋە ئەتىسى تۇنجى قېتىم ئورۇنلىرىدىن ئىنتايىن ۋاقچە تۇرۇشتى. ئەتىسى ئاش ۋاقتى بىلەن سالپايغان، باشلىرى ئاغرىپ تۇرغان ئەركەكلەر بىرلەپ، ئىككىلەپ  چىنار تۈۋىگە يىغىلىشتى ۋە بىر بىرىنىڭ چىرايىغا قارىيالماي، ئاخشام نىمە قىلىپ قويغانلىقىنى ئەسلەشتى. بىراق ھەممىسىلا ھېلىقى سۇيۇقلۇقنىڭ ئىنتايىن شېرىن ، ئادەمنى جەننەت  ھوزۇرىغا باشلىغۇچى سېھرى كۈچىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى ۋە گاللىرى قىچىشىپ يەنە ئىچىش ئىستىگىدە بولىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلەشتى. تۈنۈگۈن كەچتىكى ھالەتلەرنى كۆرگەن مويسىپىتلار قانداقتۇر بىر خەۋىپنىڭ يۇرتقا باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقنى، ھېلىقى ئادەمنىڭ بۇ يۇرتقا ياخشىلىقتىن كۆرە يامانلىق ئېلىپ كېلىش مۆمكىنلىكنى ھېس قىلىشتى. ۋە ياشلارغا دەرھال نەسىھەت قىلىپ، بۇنڭدىن كىين ھېلىقى كىشى كەلسە ئۇنى قوغلېۋىتىشىنى ئىيتتى. بىراق بۇ چاغدا ئۇلار ئاللىقاچان كىچچىككەن ئىدى. بۇ يۇرتنىڭ ئوتتۇراياش، ياش ئەركەكلىرى ھېلىقى ئادەمگە شۈنچىلىك مەپتۇن  بولغان ئىدىكى، ئۇنى خۇددى بەخىت ئاتا قىلغۇچى «ئەۋلىيا» دەپ ئويلاشماقتا ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۈگۈن قورساقالىرىغا بىر نەرسە يىيىشنىمۇ قايرىپ قويۇپ، چىنار تۈۋىگە يىغىلىپ بۇ «ئەۋلىيا»نى كۈتمەكتە ئىدى.

     

    -داۋامى بار

    分享到: