ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-10

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-2 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسىكىن):

    توغراققا ئايلانغان ئادەملەر-2


       نىھايەتكى، ھېچقانداق ۋاقىت ھېسابلانمايدىغان بۇ يۇرتنىڭ مەلۇم يىل، مەلۇم ئاي، مەلۇم   كۈنىدە بۇ يۇرتقا بىر ئادەم، يەرلىكلەرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتىقاندا، بىر ئاجايىپ «مەخلۇق» كىرىپ كەلدى.  شۇنىڭدىن بۇيان بۇ يۇرتنىڭ تىنىچلىغى بۇزۇلدى. خەلقنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئادەملەرنىڭ نىيەت-ئىقبالى بۇزۇلدى. قىسقىسى موشۇ ئادەتتىكى بىر كۈنى بۇ يۇرتنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى. بۇ باشقا كۈنلەردىن ھېچقانداق پەرىقلەنمەيدىغان بىر كۈن بولۇپ، بۇۋايلار قېرى چىنار دەرىخىنىڭ سايىسىدا گۇڭۇر-مۇڭۇر مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشاتتى. تۇيۇقسىز دەسلەپتە غۇڭۇلدىغان، كېيىن «دۈت، دۈت» قىلغان ، بۇ يۇرت خەلقى ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان ياڭراق بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ كوچېنىڭ نىرىقى بېشىدىن تۆت پۇتى غىرىلداپ ئايلىنىپ ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە ماڭىدىغان، ئالدىدا ئىككى «كۆزى» پارقىراپ تۇرىدىغان، ئۈستىدىكى ئورۇندۇقتا ئاجايىپ غەلىتە كىينىگەن بىر ئادەم ئولتۇرۇپ، بىر يۇمىلاق نەرسىنى ھەدەپ ئۇياق بۇياققا تولغىغان ھالدا كىرىپ كەلدى. دەل شۇ مىنۇتلاردا بۇ «مەخلۇق»نى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قورقۇنچ، ھەيرانلىقىنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ھويلىلىرىدا ئۆي كارى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ئاياللار قورققىندىن جايىدىلا ئولتۇرۇپ قېلىشتى ياكى ھوشىدىن كەتتى. كوچىدىكى بالىلار ئوۋچىغا ئۇچرىغان توشقاندەك ئۆزلىرىنى ھويلىلىرىغا ئېتىشتى. يىگىتلەرنىڭ يۈرەكلىرى پۇلاڭلاپ، تۇرغان جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. بۇۋايلار چىشسىز ئېغىزلىرىنى ئاچقىنىچە ئەس-ھوشىنى يوقاتتى. ھېلىقى غەلىتە «مەخلۇق» غىرىلداپ مېڭىپ چىنار تۈۋىدە غارتىلداپ توختىغىنىدا، پەقەت قېچىپ كېتەلمەي قالغان بىر نەچچە بوۋاي كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، غالىلداپ تېترىگىنىچە تەسۋىيلىرىنى چىڭ سىقىمداپ نېمىلەرنىدۇر ئوقۇشقا چۈشكەن ئىدى. ھېلىقى «مەخلۇق» نىڭ ئۈستىدىكى كۆزلىرىگە يۇمىلاق قاپقارا نەرسە تاقىۋالغان، بېشىغا قاپقارا رەڭلىك چىلاپچىغا ئوخشاش بىر نەرسە كىيىۋالغان ئادەم ئالدىرىماي «مەخلۇق» ئۈستىدىن چۈشۈپ كۆزىگە تاقىۋالغان قاپقا بىر نەرسىنى قولىغا ئېلىۋىلىپ ، ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى ۋە بېشىدىكى چىلاپچىنى قولىغا ئېلىپ، بۇۋايلارغا قاراپ بىر خىل دوستانە ھېسىياتتا سالام بەرگەندەك ھەركەت قىلدى. ھەم كالدىرلاپ بىر نەرسىلەرنى دېدى. بۇۋايلار كۆزىنى ئېچىپ غەلىتە كىينكگەن ئادەمنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمنىڭ كەينىدە «ھومىيىپ» تۇرغان يوغان «مەخلۇققا» قورقۇنچ بىلەن قاراپ قويدى-دە، كەشلىرىنى كىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ، پەشلىرىگە پۇتلۇشۇپ كۆزدىن غايىپ بولدى. ھېلىقى ئادەم ھەيران بولغاندەك ئەتىراپقا قارىدى. كوچىلاردا خۇددى بۇيەردە ئەزەلدىن ئادەم ياشىمىغاندەك ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيىتتى.  بۇ ئادەم «مەخلۇق» نىڭ ئۈستىگە چىقىپ غۇڭۇلداپ ئاۋاز چىقارغىنىچە كوچىلارنى بىرەر قۇر ئايلاندى-دە، كەلگەن يولى بىلەن كېتىپ قالدى. شۇ كۈنى كەچ كىرىپ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر ھېچكىم سىرىتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئەتىسى سەھەردە ئىشىكلەرنىڭ يۇچۇقلىرىدىن، ئەنجان تاملارنىڭ كەينىلىرىدىن باشلار كۆرۈنۈپ، سەل يۈرەكلىكلەرنىڭ باشچىلىغىدىكى ئەرلەر  بىر بىرلەپ، ئىككى ئىككىلەپ، بىر بېسپ، ئىككى بېسىپ چىنار تۈۋىگە يىغىلىشتى. بىردەمنىڭ ئىچىدە بۇيەر ۋاراڭ-چۇرۇڭ، تالاش-تارتىش دەستىدىن قايناۋاتقان قازانغان ئوخشاپ قالدى. «بۇ زادى  كىم؟ ئالۋاستىمۇ ياكى ئەزرائىلمۇ؟ ئۇ مىنىۋالغان مەخلۇق قانداق مەخلۇق، ئۇلار زادى قەيەردىن ، قانداق مەقسەتتە كەلگەن؟ » تالاش –تارتىشنىڭ تېمىسى موشۇ ئىدى. ئاخىرىدا نەچچە يۈز ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېگىز، قاتاڭغۇر، ئاپئاق ساقاللىق يۇرت ئاقساقىلى ئەتىدىن باشلاپ بارلىق يىگىتلەر ئوقيا، قېلىچ، نەيزىلەر بىلەن قوراللىنىپ، ھويلىلىرىدا، تام كەينىلىرىدە مۇداپىيەدە تۇرۇش، قېرىلار، ئاياللار، بالىلار ۋاقتىنچە سىرىتقا چىقماسلىق، ھېلىقى غەلىتە ئادەمنىڭ دۈشمەنلىك غەرىزى بولسا دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتۈش، بولمىسا چېقىلماسلىقنى جاكارلىدى. خاتىرجەملىكى، تۇرمۇش رىتىمى، روھى تىنىچلىغى بۇزۇلغان جامائەت تەشۋىش ئىلكىدە ئۆيلىرىگە قايتىپ ئەتىكى جەڭگە تەييارلىق قىلىشىتى. دېگەندەك ئەتىسى ئوخشاش ۋاقىتتا يۇرتنىڭ بېشىدىن ئاۋال غۇڭۇلدىغان، ئاندىن «دۈت، دۈت» قىلغان ھەيۋەتلىك ئاۋاز ئاڭلىنىپ ، ھېلىقى غەلىتە «مەخلۇق»قا مىنگەن غەلىتە ئادەم مەھەللىگە كىرىپ كەلدى ۋە چىنارنىڭ تۈۋىدە توختىدى. بۈگۈن ئۇ ئاغزىغا كىچىك نەيچىسىمان بىر نەرسە چىشلىۋالغان بولۇپ، بۇ نەرسىدىن ھەدەپ ئىس چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئاغزىدىكى نەرسىنى پات-پات شوراپ، ئىسىنى سىرىتقا پۈۋلەپ قوياتتى. ئۇ «غەلتە مەخلۇق»نىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى. كوچىلار بوپ –بوش ۋە جىمجىت بولۇپ، ئىنىس-جىننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيىتتى. لېكىن تام ئارقىلىرىدا، دالدىلاردا نەچچە يۈزلىگەن جۇپ كۆزلەر بۇ ئادەمگە ھۇشيارلىق بىلەن تىكىلىپ، ئوقيالىرىنى بەتلەپ تۇراتتى. بۇ ئادەم ئۇيان بۇيان كىڭىپ ھويلىلارغا، ئۆيلەرگە بويۇنداپ قاراپ قويدى. بىرنەرسىلەرنى كالدىرلاپ ۋاقىراپ، ئۆيلەرگە قاراپ بىر كىملەرنى چاقىرغاندەك قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى. ھېچقداق ئىنكاس بولمىغاندىن كېيىن ئەپسۇسلانغاندەك بېشىنى چايقاپ قويۇپ ھىلىقى مەخلۇق تەرەپكە قاراپ ماڭدىيۇ يەنە توختاپ ئاغزىدىكى ئىس چىقىۋاتقان نەرسىنى يەرگە تاشلاپ دەسسىۋەتتى. ئاندىن يانچۇقىدىن كىچىك تۆت چاسا نەرسىنى چىقىرىپ بېشىدىن ئىگىز كۆتۈردى. قارىغاندا ئۇ بۇ ھەركەتلىرىنى باشقىلار كۆرسۇن دەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ قولىدىكى نەرسىنى بارمىقى بىلەن بېسىۋىدى دەرھال «لاپپىدە» قىلىپ كىچىككىنە ئوت يالقۇنى پەيدا بولۇپ، پىلىلداپ كۆيۈشكە باشلىدى. مۈكۈنۇپ تۇرغان يىگىتلەر چۈچۈپ بۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلكىنى ئاڭقىرالماي، قوراللىرىنى بەتلەشتى. ھېلىقى كىشى قولىدىكى نەرسىنى نەچچە قېتىم بېسىپ ئوت ياندۇرۇپ ئۆچۈرۈپ كۆرسەتكەندىن كىين يەدىن بىر تال ياغاچنى ئېلىپ ھېلىقى نەرسە بىلەن ئوت تۇتاشتۇرۇپ يەنە بىر قتىم كۆرسەتتى-دە، بۇ نەرسىنى چىنارنىڭ تۈۋىگە ئاستا قويۇپ قويۇپ، «مەخلۇق»قا مىنگىنىچە غۇڭۇلداپ كېتىپ قالدى. بۇ قېتىم يىگىتلەر خېلىلا يۈرەكلىك ھالدا دالدىدىن چىقىپ چىنار تۈۋىگە كېلىشىتى. لېكىن يەردە تۇرغان ھېلىقى كىچىك نەرسىگە يېقىنىشالماي ئۇنىڭغا يىراقتىن قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قېلىشتى.شۇ ئارىدا يۈرەكلىكرەك بىرى ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ ، چىنارنىڭ ئاستىغا كەلدى-دە، بۇ نەرسىنى ئىھتىيات بىلەن قولغا ئالدى. باشقىلارمۇ ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئۇلىشىپ ھەممىسى قولدىن قولغا ئىلىپ كۆرۈشتى.  بۇ نەرسە زادى نېمىدۇ؟ ئارىدا بېرى ھېلىقى كىشىنى دوراپ، بۇ نەرسىنىڭ باش تەرىپىنى بېسىۋىدى «چارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ «لاپپىدە» ئوت ياندى. بۇ كىشى قورققىندىن ھېلىقى نەرسىنى ئىختىيارسىز يەرگە تاشلىۋەتتى. باشقىلارمۇ ۋارقىراپ بىرنەچچە قەدەم كەنىگە داجىشتى. لېكىن ھېچقانداق باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىدى. ھېلىقى نەرسە يەردە جىمجىت ياتاتتى. ئۇلار يەنە يېقىنلاپ كېلىپ بۇ نەرسىنى ئالدى-دە، ئاستا-ئاستا بېسىپ ئوت چىقىرىشقا كۆنىۋالدى. ئەسلىدە بۇ ئوت تۇتاشتۇرىدىغان نەرسە ئىكەندە! بۇ نەرسە بولسا كۈنلەپ، ئايلاپ، يىللاپ، ئەسىرلەپ چوغ ساقلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەندە! ئۇلار بۇ مۆجىزىگە ھاڭ تاڭ قېلىشىتى. ۋەھەممىسى قوللىرىغا ئېلىپ ئوت ياندۇرۇپ سىناپ بېقىشتى. بىرقىسىملىرى غەلىتە ئادەم شوراپ، ئىس چىقرىپ تاشلىۋەتكەن نەرسىنى ئىلپ، پۇراپ، تىلىغا تەككۈزۈپ بېقىشىتى. ئىچىدە ئۇۋاقسىمان ئاچچىق بىر نەرسە بولغان بۇ سىرلىق نەرسىنىمۇ زادى بىلەلمىدى. چىنارنىڭ ئاستى يەنە پۇرۇقلاپ تۇرغان قازانغا ئوخشاپ قالدى. نورغۇن تالاش-تارتىش قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر «بۇ ئادەم بىزگە دۈشمەنلىك قىلمايدىغان ئوخشايدۇ.ئككى كۈندىن بېرى ئۇنىڭ ھەركەتلىرىدىن دوستانىلىك چىقىپ تۇرىدۇ.ھەتتا بىزگە ئوت ئەكىلپ بەردى»دەپ ھېسابلاشتى. يۇرت ئاقساقىلى ئاخىرى ھۆكۈم چىقىرىپ «ئەتە بۇ كىشى يەنە كەلسە، كۆرۈشۈپ باقايلى. لىكىن يەنىلا ئېھتىياتچان بولۇپ، ھوشيار تۇرايلى» دېدى ۋە ھېلىقى ئوت ياندۇرىدىغان مۆجىزىنى ئىلپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى. باشقىلارمۇ تارقاشتى. ئەتىسى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا مەھەللىنىڭ بېشىدىن غوڭۇلدىغان كەينىدىن «دۈت، دۈت» قىلغان ئاۋاز ئاڭلېنىپ، ھېلىقى غەلتە «مەخلۇق»قا مىنگەن غەلىتە ئادەم مەھەللىگە كىرىپ كەلدى ۋە چىنار تۈۋىدە توختىدى.

     

    -داۋامى بار

    分享到: