ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-13

    بايئابدۇللا سارنوغايېۋ شېئىرلىرى - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    بايئابدۇللا سارنوغايېۋ شېئىرلىرى

    قىرغىزىستان ئەدەبىياتىدا ئاتنىڭ قاشقىسىدەك كۆزگە كۆرۈنگەن، ئاقىن بايئابدۇللا سارنوغايېۋ 1932-يىلى تالاستا تۇغۇلغان. 13 ياش ۋاقتىدا «باھار كەلدى» دېگەن شېئىرى بىلەن ئەدەبىياتقا كىرىپ كەلگەن. 1951-يىلى ئۇنىڭ «شۇڭقار»، 1955-يىلى «دوستلىرىمغا»، 1956-يىلى «باياز»، 1961-يىلى «ئاق قالپاق»، 1970-يىلى «سۆزلىشىش» دېگەن شېئىر توپلاملىرى «قىرغىزىستان» نەشرىياتى تەرىپىدىن، 1982-يىلى «داۋان ئاشقاندا بەرگەن ئاتچوتۇم» دېگەن توپلىمى «ئەدەبىيات» نەشرىياتىدا يورۇق كۆرگەن. رۇس تىلىدا 1958-يىلى ۋە 1987-يىلى ئىككى توپلىمى موسكىۋادىكى سابىق «س.س.س.ر يازغۇچىلىرى» نەشرىياتىدا يورۇق كۆرگەن. 1951-يىلى سابىق س.س.س.ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەلىقۇل ئوسمانوۋ نامىدىكى جۇمھۇرىيەت مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى ساھىبى بولغان. 

    ئەلگە مۇراجەت

    ئوقتەك ئۇچسام دەيمەن ھېلىھەم،

    شامال بىلەن بىرگە يايراپلا.

    ئەرزان باھا بەردىم ئۆزۈمگە،

    يەتمەي قېلىپ مەقسەت سوڭىغا.

    سوكۇلداپ قالدىم بىرقانچە يىل،

    «يەم» چۈشۈپ[①] كەتكەچكە پۇتۇمغا.

     

    ئەرزان باھالىق ياقنى يەل ھەيدەپ،

    «يەم» چۈشكەن پۇتۇم ساقايدى.

    ياخشى چېپىپ بەرگۈم بار ساڭا،

    نىشانىڭ يېقىنمىدى، يىراقمىدى؟

    چەۋەنداز ئېلىم تاپلاپ كۆر!

    سېغىنىپ قالدىم بەيگىنى.

     

    يامان شېئىر يازسام كۆيدۈرۈپ،

    قارغىساڭ مەيلى قارغىغىن سەن.

    ياخشى شېئىر يازسام سۆيدۈرۈپ،

    ماختىساڭ مەيلى ماختىغىن سەن.

    بۇلبۇل سەن، دېسەڭ مەن بۇلبۇل،

    قاغا سەن، دېسەڭ قاغاڭ مەن.

    يـىـرلــىـرىـمـغـــــا[②]

    ئورتاقمەن خۇشالىغا، ئازابىغا،

    يىرلىرىم تارقاۋەرگەي يوللارغا.

    ئۇلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن يازغىنىم يوق،

    ياشىغاي ۋەتەن، يۇرتنىڭ ئاراسىدا.

     

    بايقىماي تۈن كىرگەننى، تاڭ ئاتقاننى،

    ھەممىڭلارنى ئۇيقۇسىز ياراتقان مەن.

    ئەل قارىغان بېتىمنى يەر قارىتىپ،

    ئاڭلارمەن ئوقۇرمەننى ياداتما سەن.

     

    گاھىڭلار ئەل كۆڭلىنى ئالۇرسېلەر،

    يۈزلىگەن يۈرەكلەرنى ياندۇرۇرسېلەر.

    گاھىڭلار ئۆلۈم تەگكەن كۈچۈككە ئوخشاش،

    كېرەكسىز، تاشلاندۇق بولۇپ قالۇرسېلەر.

     

    سېلەرنى جان دۇنيادىن ياساپ ئالدىم،

    پالۋانلارنى دۇئالاردىن بېرەرمەن.

    قايغۇرسام سېلەر بىلەن تەڭ قايغۇرۇپ،

    ياشارسام سېلەر بىلەن ياشىرارمەن.

    توختىماستىن كۆرۈلىدىغان پاقىلار،

    ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ئاتاق ئالار.

    ئۇچۇڭلار ئۇۋاڭلاردىن پەرزەنتلىرىم،

    سېلەرنىڭ مەن ئاتاڭلار، مەن ئاناڭلار.(سېلەرنىڭ ئاتاڭلارمەن، ھەم ئاناڭلار.)

    بـىـراۋغـــــا

    قىمەتتۇر بىزنىڭ ئاپئاق چاچلىق ئاقىنلار،

    خىيالى پاكىز، ياقۇت سۆزلۈك ئېسىللار.

    ئۆز دەۋرىدە پاڭقۇش تۈننى يورۇتقاچقا،

    تىز پۈككەن ھەۋىتىگە سانسىز داۋانلار.

     

    ئەل نومۇسى بايراق بولۇپ پۇلاڭلىغان،

    ۋەتەنگە ۋە مەقسەتكىمۇ ھۈرپەيگەن ئارسلان.

    تاش ئېرىپ كېتەر لىراسىغا[③] ئۇلارنىڭ،

    باھاردا ياغار قىشتا ياغقۇچى قار-بوران.

     

    «تالانت مەن»، دەپ كۆكرەك كېرىپ، گېدىيىپ،

    تامچە سۇدەك تامچىپ ئاقساڭ سەن ئەپلەپ.

    پەيتى كېلىپ قارا بوران سىياقلىق،

    ياتلار تۆكەن ئالتۇن يىر چۈشەر چېلەكلەپ.

     

    ئىككى سۆزنىڭ بېشىنى جۆندەپ قۇرالماي،

    ماختىنىسەن ئاقىنمەن، دەپ ھېچ ئۇيالماي.

    ئۆزگىلەرگە تەنقىد-تەلەپ قويىسەنغۇ،

    ئۆزۈڭ يېتىپ تۇخۇم ئىچىدىن چىقالماي.

     

    قېرىلارنى قاپاقباش دەپ پۈتتۈردۈڭ،

    چۈشەنگىن شۇ سۆزدىكى ئۆزۈڭ بولما.

    مەنمۇ سېنىڭ مېڭىگە يۇقماس، بوش يۇلۇن،

    تۈكۈردۈم بۇقا سۈيدۈك يىرلىرىڭغا.

    كـۆرگـەن كەمـچـىـللـىـك

    سۆز ئورۇنسىز تۇيۇلماس،

    راستىنى دەپ بەرگەن بىلەن.

    زېرىكىپ قاچما! جايمۇ بار،

    يالغان سۆزگە كۆنگەن سەن.

    بار قىرغىزغا تەئەللۇق،

    بۇ كەمچىللىك ئۆزۈم كۆرگەن.

     

    بىر ئۆي كۆردۈم قوچقاردىن[④]،

    نەچچە ئۆينىڭ ئالدى ئىكەن.

    قاراپ تۇرۇپ قالغۇدەك،

    قانداق ئۇستا سالغان ئىكەن.

    گىلەمگە باي، ئاھ! بىراق،

    كىتاب دېسە گاداي ئىكەن.

     

    خوشامەتلەپ ئۆي ئىگىسى،

    جاي كۆرسىتىپ ئولتۇردى.

    قېقىپ-سىلكەر بالىلىرىنى،

    خالاشماس، دەپ ئوقۇشنى.

    كىتابلىرى يوق تۇرسا،

    گىلەملەرنى ئوقۇمتى؟

     

    ئېشىپ كەتسە يۈز كىتاب،

    بىر قوينىڭلا ئاقچىسى.

    ئېيتىپ قوياي، دەپ تارتىنىپ،

    دېمەي تىم بولدۇم، شۇنى.

     

    ئىككى ئۆي كۆردۈم جۇمغالدىن[⑤]،

    نەچچە ئۆينىڭ ئالدى ئىكەن.

    باي بولسىمۇ يوتقانغا،

    باغ، دەرەخكە گاداي ئىكەن.

     

    ئۇ يەر بۇ يەرنى پۇتاپلا،

    چۆپنى چالا ئورغان.

    باغچىسىنىڭ ئىچىدە،

    ئارقانلىغان ئات ياتقان.

     

    قىيىن بولسا يۈز كۆچەت،

    بىر قوينىڭ ئىكەن خۇنى.

    غىجىرىغا تەگمەي دەپ،

    ئېيتماي تىم تۇردۇم ئۇنى.

     

    كۆڭۈل يېقىن دوست بولغاچ،

    مېھمان قىلدى ئانار باي.

    تەمتىرىدىم يەر ئىزدەپ،

    خالاسىنى تاپالماي.

     

    خالىي يەرگە شۇ كەپە،

    بىر قوينىڭ يېرىم پۇلى.

    يامان كۆرەر ئىكەن دەپ،

    ئېيتماي تىم بولدۇم بۇنى.

     

    بۇرۇن كۆچمەن ئەل ئىدۇق،

    بىلىملىكلەر كۆپەيدى.

    ئاتىقىمىز ئاي يانداپ،

    ئالدىنقى ئەلگە تەڭشەلدى.

    قاچان تاغلىق بىلەرمىز،

    分享到: