ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-27

    ئىككىمىز سۆيۈشكەنچە ئۆلۈپتۇق جانان - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     ئىككىمىز سۆيۈشكەنچە ئۆلۈپتۇق جانان

     

      ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ

     

    يىراقتا زەڭگەر رەڭ ئاسماندۇر كۆزۈڭ،

    نىھايەت، سەن مېنى كۆرۈپ قالىسەن...!

    ئەينەكنىڭ ئالدىدا كېچىدۇر يۈزۈڭ،

    ئاھ كېچە! سەن مېنى سۆيۈپ قالىسەن.

    سەن مېنىڭ چۈشۈمسەن، پىنھان بىر چۈشۈم،

    تاڭ سەھەر، ھەممىنى كۆرۈپ قالسىەن.

     

    قىپقىزىل ئالمىدەك ئىدىڭ بىر چاغلار،

    بەس، مېنى قىينايدۇ لەۋلەرنىڭ ئىزى.

    بوينۇڭدا زەنجىر بار، كۆكسۈڭدە تاغلار،

    بىلمەيمەن، كىملەرنىڭ بولدۇڭ نەرگىزى.

    قىلىچتەك پارقىراپ تۇرىدۇ داغلار،

    بىلمەيمەن، گۈزەلسەن، گۈزەل ھەربىرى.

     

    گۈللەردىن بەرگلەر تۆكۈلدى بىر-بىر،

    ئاھ مېنىڭ بۇ قەدەر ھاراقكەشلىكم.

    كوچىدا قان قۇسۇپ ياتىدۇ تەقدىر،

    تاش باردۇر كۆزۈمدە بىلمەيدۇ ھېچكىم.

    مەن شاللاق بىر ئەرگە ئايلاندىم ئاخىر،

    كەچۈرگىن سۆيگىنىم، كەچۈر سۆيگىنىم.

     

    ھىلال ئاي باغرىدا يۇلتۇزلار خىرە،

    بىر ئەسكى ئاتالدىم، ئەسكىلىك يامان.

    كوچىلار كوچىلارغا سېلىپتۇ گىرە،

    مەن سېنى ئۆلگىچە سۆيەرمەن ھامان.

    ئۇ كۈنى ھاياتنى قىلىپ مەسخىرە،

    ئىككىمىز سۆيۈشكەنچە ئۆلۈپتۇق جانان.

     

    مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى

     

     

    分享到: