ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-07

    يولدىكى زەپەرى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    يولدىكى زەپەرى

    قاسىمجان ئوسمان غازى

     زەپەرىنىڭ شىئېر ئىجادىيتىدە لېرىك شېئىر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەپ كەلدى. گەرچە ئۇنى شائىر خەلق تونۇپ يەتكۈدەك دەرىجىدە يېڭى پەللە ياراتتى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تور ئەدەبىياتىدىكى تېنىمسىز ئىزدىنىشلىرى، ئوقۇرمەن دوستلارغا مىننەتسىز ھالدا نادىر يازمىلىرىنى سۇنۇپ تۇرىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭدا يۇشۇرۇنۇپ ياتقان كۈچلۈك شىئېرىي ھارارەتنىڭ بىزگە ئۈزلىكىسىز ئۈمىد ئاتا قىلىۋاتقانلىقىدىن شەكلىنەلمەيمىز.
     زەپەرى شېئىرلىرىدىكى ئىزچىللىق، تېمىدىكى كەڭلىك، پىكىردىكى ساپلىق، ھېسسىياتىدىكى قايناقلىق ۋە جۇشقۇنلۇق، قۇرۇلمىدىكى ئەركىن شەكىل، شىئېرىي تىلدىكى ئويناقلىق ھەم  كىشى ئويلىمىغان تەسەۋۇر  كەڭلىكلىرىدە  ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىلىرىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
    يېڭى شېئىرىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، زەرەتلىنىپ كەلگەن ھەم مۇشۇ خىل شارائىتتا شېئىرىيەتكە قەدەم قويغان بۇ ياش قەلەمكەش ئاڭلىسام ھازىر دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇنلانغاندىن باشقا قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەنمۇ شوغۇللىنىدىكەن. ئەمما، ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان تەرىپى ئۆز روھىيتىدىكى ساپلىقنى، ئىزتىراپلىرىنى شېئىر ئارقىلىق ئاۋازغا ئايلاندۇرۇشتا ئۇ ھەممىنى قايرىپ ياشىيالايدىكەن. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئېيتىش كېرەككى، ھازىرقى شارائىتتا ئوقۇشنى تېزلا تاماملاپ خىزمەت كۈتىۋاتقان زىيالىيلاردىمۇ بۇ خىل روھ كەمدىن - كام ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بىر خوتۇننى ئېلىپ ئۈچ بالىنىڭ دادىسى بولۇپلا، دۇنيا مەئىشەتلىرىنىڭ بارى مۇشۇ دەيدىغان ماددىيەتچىلىك كۆز قارىشىنىڭ قۇربانلىرى  بولۇپ، ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە قېرىلىققا قاراپ كېتىۋاتقان دىھقان ياشلاردا نە بۇنداق روينىڭ ئومۇمىيلىقىنى كۆرگىلى بولسۇن...؟!
             خوش، گېپىمىزگە كەلسەك، يېڭى شىئىرىيەتنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلى بويلىرىنىڭ خۇشئاۋازى ئىچىدە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان شائىر زەپەرىنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىمىزگە دەلىلىنى "قىزىمنىڭ ئۇسسۇلى"دىن كۆرۈپ باقايلى: 
     
    قىزىمنىڭ  ئۇسسۇلى

    1
    قىزىم ئۇسسۇل ئوينايدۇ،
    پەرىشتىلەر ئەتراپىدا
    ئۇنىدورايدۇ ...
    2
    قىزىم ئۇسسۇل ئوينايدۇ،
    ئېتىكىگە ئېسىلىپ ۋاقىت
    ئۇنى چوڭبولۇشقا ئۈندەيدۇ ...
    3
    قىزىم ئۇسسۇل ئوينايدۇ،
    پەرىزاتنى تېخى بىلمەيدۇ.
    دادىسىنىڭ كۆزىدە
    پەرىزاتقا ئايلانغانلىقىنىتۇيمايدۇ ...
    4
    قىزىم ئۇسسۇل ئوينايدۇ ،
    دادىسىنىڭ مەڭزىدىن
    بىر تامچە ياشنىڭ سىرغىپ چۈشكەنلىكىنى تۇيمايدۇ ... 
                                                                                                                                                                  
         قاراڭ! بۇ شىئېردا، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىز ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇر بوشلىقى  ( تۆت كەڭلىك ) دا، ئوخشىمىغان ھالەتتە مەۋجۇد بولىدۇ. بىراق، باشتىن - ئاياق ئۇنىڭ بالىلىقى ساقلاپ قېلىنغان. ئۇ ھەر بىر بۆلەكتە "كۆپ ئىشلارنى سەزمەيدۇ، بىلمەيدۇ". لېرىك قەھرىمان بولمىش ئاتا قىزىنىڭ ئۇسۇلىدىن كۆرە، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئۆزگۈرۈشكە دىققەتتە بولىدۇ.  <<پەرىشتىلەر ئۇنى دورۇيدۇ >> دېيىش ئارقىلىق شائىر 1 - بۆلەكتىكى قىزئۇسۇلىنىڭ ماكانىنى گوياكى  جەننەتتە تەسەۋۋۇر قىلىپ، پەرىشتىلەرنىمۇ بالىلارچە تۇيغۇدا ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈىدۇ. بىز بىرىنچى قەدەمدىلا شىئېردا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان پەرىشتە قىزنىڭ رىئاللىقىدىن يىراقلاپ كېتىمىز - دە، << ئىتىكىگە ئېسىلىپ ۋاقىت، ئۇنى چوڭ بولۇشقا قىستى>> ىغاندىلا ئۆزىمىزمۇ بىلمەي ( سەزمەي ) يەنە رىئاللىققا قايتىپ قالىمىز. كۆز ئالدىمىزدا پەرىشتىلەردەك خىيالىي بىر قىز كۆلەڭگۈسىنىڭ داۋامى بىزنى ئەس قىلىۋاتقانلىقىدىن لەرزىگە كېلىمىز. بۇ لەرزە شۇقەدەر سىھېرلىككى، بوژغۇنلاپ ئېقىۋاتقان، چوڭقۇرلىقىدا قاينام ھاسىل قىلىپ ئۈزگۈچىنى گاھ يۇقىرى ئېلىپ چىقسا، گاھ ئەڭ ئاستىغا سۆرەۋاتقان ئۆركەشلىك دەريانىڭ توختاۋسىزلىقىغا ئەسىر قىلاتتى. بىز بۇ ھەيرانلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، "ئۇسسۇلدىكى قىز"-- "دادىسىنىڭ نەزەرىدە "پەرىزادقا ئايلىنىپ"كەتتى... بىز يەنىلا چوڭقۇر ئوھ ئىچىگە غەرق بولماي قالمايمىز:
             قىزىم ئۇسسۇل ئوينايدۇ - دا، شائىر سۆزلەيدۇ، مانا بۇ شئېرنىڭ تۇغلۇشىغا باشتىن ئاخىر ھۆكمىران تۇيغۇ ھەركىتى بولسا "دادىسىنىڭ مەڭزى"دىيىلمىگە كۆچكەندە بولسا، لېرىك قەھرىمان "ئۇسسۇلدىكى قىز"نىڭ يېنىدا باشقا بىر مىھىر سىيماسى زاھىر بولدى. بۇ دەل سىز (ئوقۇرمەن)ئىدىڭىز.
               ھەسرىتا، ئاتا قىزىنى مەڭگۈ چوڭ بولمىسىكەن، غەم - غۇسسىدىن يىراق پەرى سۈپەت ئۆتسىكەن ... يەنە ئاللىقانداقتۇر ئېيتىپ ئىپادىلىگۈسىز پاكلىق ئىچىدە ياشاپ قالسىكەن، دېگەن ئۈمىدلىرىنى كۆز يېشىغا ئىلتىجا قىلىپ بىزدىن يىراقلاپ كەتتى!!!
            مانا مۇشۇنداق، رېئاللىق بىلەن خىيالىي دۇنيانى شىئېر ئارقىلىق ئىپادىلەشتىكى سېھرىي كۈچنىڭ دەل تەسسەۋۇر ئىكەنلىكىنى، چېچىلغان ئىزتىراپلارنى سەنئەت نۇقتىسىدا  بىرلىككە ئىگە قىلىپ، ئۇنتۇلغۇسىز ھاياجانغا سالالايدىغان ئازابكار ئادەم دەل شائىر !
            شائىر تىل ئىشلىتىش جەھەتتە يۈكسەك پەللىگە يېتىشنى، تىلنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ ساپ شىئېرلارنى، خام خىيال ۋە گۈزەللىكنى يارىتىشتا يەنىلا سۆزگە ئەڭ ئىتىبار بېرىشىنى، سىرلىق تۈستىكى سەنئەتنى قانداق ئختىرا قىلىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىش كېرەك.( خاتىرەمدىن )
              يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن زەپەرى شىئېرلىرىنىڭ ھەر بىر ئالاھىدىلكىگە مىسال ئېلىپ مېڭىشقا يەنىلا ۋاقىت كېرەك - ئەلۋەتتە. بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىدە پەقەت ئۆزىگىلا ئوخشايدىغان شائىر بولىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، "مەڭگۈلۈك ئارىلىق، بىز ئاداشقان يول، ئىشىكنى ياپ، سۇمبۇل چاچلىق قىز، دەريا بويىدىكى ناخشا، ئاي ناخشىسى ..."غا ئوخشاش مەززىلىك تۇيغۇلاردىكى يولىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، تېخىمۇ يېڭى قىياپەتتە قەلەم تەۋرىتىپ، ئۈمىد چىرىقىمىزنى مەشئەلگىچە ئۇلاپ بېرىشىغا نۈسرەت تىلەيمىز!...

    سۇمرۇغ ئەدەبىيات تورى

     

    2008 - يىلى 24 - ئاۋغۇسىت

    (بۇ تەقرىز ئەينى ۋاقىتتا سۇمۇرغ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان)

    مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us