ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-12

    جولۇن مەھمۇدوۋ شېئىرلىرى (2) - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]

    بىر خاتا سان مىڭلاپ يىللار تۇرار ئۆچمەي

     تەرجىمان : يۈسۈپ ئىگەمبەردى

    بالىلاردەك ئويۇندا چۇرۇلدىغان،

    كېڭەيگەندە شەھەر چېتى مامانلانغان.

    دۇنيانىڭ ئەشۇ چەكسىز تۈزلەڭلىرىدە،

    قىيقىرساڭ قىيقىرىقىڭ ئۇقۇلمىغان.

     

    يىڭنىدەك ئۇچلۇق تەقدىر يارالمىغان،

    يۇلقۇنۇپ ئادەم ئويى بارالمىغان.

    چېتىدە چىڭ قاتقان مۇزلۇقلارنىڭ،

    ۋارقىرىساڭ ۋارقىرىقىڭ ئۇقۇلمىغان.

     

    بۈك شاخلى، زىلۋا چېچىڭ قالدى سەندىن،

    تېزلىكىڭ بولۇپ ئىلدام چېقىلغاندىن[1][1].

    يۇتۇلۇپ كائىناتنىڭ تەگسىز ھېڭىغا،

    يىغلايسەن ئانا يەرنى سېغىنغاندىن.

     

    ياشىسۇن سېزىمگە باي يېشىل ئالەم،

    ياخشىسى ئەسىرلەردىن ئاسرالغان.

    يىل بولۇپ ئۆمۈر بولۇپ كېرەكلىكچە،

    نۇر بولۇپ كېرەكلىكچە پارلانغان.

     

    ۋاقىت

    ئايدىڭ تۈندە ئايغا تىكىلىمەن ھەۋەستە،

    ئايلىنىمەن ئايدەك كۆڭلۈم تۇتۇلمىغانچە،

    بىراۋ تۇشلاپ ۋۇجۇدۇمنى قايغۇغا،

    ئاي بېتىدەك سەپكىن پەيدا قىلغانچە.

     

    كۈندۈز بولسا كۆكرىكىم كېرىلىپ،

    بوشلۇق چاچقان نۇرلارنى چاچار.

    قوللىرىمغا قارماپ ئالسام ئاق نۇرنى،

    تەنگە پاتماي بار ھۈجەيرەم ئوينار.

     

    دېرەكسىزلا سېنىڭ بىلەن كۆرۈشەرمەن،

    ياش ئۆمۈرنى ئۆلەشتۈرۈپ ئىرلارغا(ناخشا).

    يۈرىكىمگە دولقۇن كىرەر بىر ئۆستەڭ،

    يۈرىكىمدىن ئوخچۇپ چىقار بىر دەريا.

     

    بۇ چېكى يوق تەبىئەتنىڭ قولىدىن،

    قاچاندۇر بىر يارىلىمەن دەپ ئويلىنارمەن،

    ئالەم كېزىپ ئايلاندۇرما يول بىلەن،

    يېڭى باشتىن يېڭى ھاياتقا ئېرىشەرمەن.

     

     

    جولۇن مەھمۇدوۋنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە شېئىرلىرى ئويغۇرچىلاشتۇرۇشتا، «شىنجاڭ قىرغىز ئەدەبىياتى»نىڭ 2003-يىللىق 6-سانىدىكى توختىخان ئىسمايىل قىزىنىڭ «قىرغىزىستانلىق قىرغىز زىيالىلىرىنىڭ نەزەرىدىكى جوڭگۇ قىرغىزلىرى» ناملىق ماقالىدىن، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»نىڭ  قىرغىزچە مۇناسىۋەەتلىك سانلىرىدىن پايدىلىنىلدى.

     


     



    [1][1] چېقىلغان−چاقماق

    分享到: