ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-08

    رېئالىزىمدىن «ماناس»قا نەزەر - [ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە فولىكلور]

    رېئالىزىمدىن «ماناس»قا نەزەر

    ئابلىمىت ئابدىراخمان

     

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! ئۇستازلار،تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىلەر ياخشىمۇ سىلەر!

    مەن بۈگۈن ئانا مەكتىۋىم شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىدا ئىسانىيەتنىڭ غەيرى مەدىنىي مىراسلىردىن بولغان «ماناس» داستانىنىڭ قۇتلۇق تويىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكىدەك مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆپچىلىك بىلەن جەم بولغانلىغىمدىن ھەم ماقالە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلغانلىقىمدىن ئۆزەمنى تولىمۇ بەخت ئىلكىدە ھىس قىلماقتىمەن. ئەسەرنىڭ ئانا تىل نۇسخىلىرىنى كۆرۇپ چۇشىنىش سەۋىيىسىگە ئىگە بولالمىغان بولساممۇ، لىكىن  ئۇزغالچا قىدىرباينىڭ قىرغىزچە شېئىرى شەكىلدىن ئۇيغۇرچە نەسىرى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغان نۇسخسىنى رېئالىمنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۇپ ھىس قىلغان بۇ ھەقتىكى ئاددىي قاراشلىرىمنى ئۆتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

    ھەمممىگە مەلۇمكى ھەرقانداق نەزەرىيۋى يەكۈن ئەمىلىيەتتىن كېلىدۇ. رېئالىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ «رېئالىزىم» دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدىن ۋە بۇ ھەقتىكى نەزەرىيۋى خۇلاسىلەردىن خېلىلا ئىلگىرى باشلانغانىدى. ياۋرۇپادا ئەڭ دەسلەپكى رىئالىستىك ئەسەر ھومىرنىڭ «ئودىسسا» ناملىق ئېپوسى ھىسابلانسا، خەنزۇ ئەدىبىياتىدا رىئالىسىت ئەدىبىياتنىڭ دەسلەپكى نامايەندىلىرى «نەزمىنامە» بۇلۇپ ھىسابلاندى. ئۇيغۇر ئەدىبىياتى يەنى تۇركىي تىللىق مىللەتلەر ئەدىبىياتىدا رېئالىزىملىق ئىجادىيەتنىڭ باشلىنىشىمۇ ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەرگە بېرىپ تۇتىشىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغزاكى  شەكىل بىلەن ئىجاد قىلغان ۋە تارقاتقان قەدىمكى دەۋىرلەردىكى  ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا بېغىشلانغان قوشاقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئەسىر ئىلگىرىلا دۇنياغا كەلگەن «تۇركىي تىللار دىۋانى» غا كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋىلىشقا بۇلىدۇ. دىمەك «رىئالىزىم» دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئەدىبىيات ئەمىلىيتىدىن خېلىلا كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. رېئالىزىم دىگەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم گىرمانىيەلىك شائىر شېللىر تىلغا ئالغان. ئۇ 1795-يىلى يازغان «ساددا شېئىر ۋە ھەسرەتلىك شېئىر» دىگەن ماقالىسىدە، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى «ساددا شېئىرلار» بىلەن « ھەسرەتلىك شېئىرلار» نىڭ ئورتاقلىقى ۋە پەرىقلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق شەرھىلىگەن. فىرانسىيە ئەدىبىيات –سەنئەت نەزىرىيەچىسى شافېللى 1850-يىلى يازغان «سەنئەتتىكى رىئالىزىم» دىگەن ماقالىسىدە، فىرانسىيە رەسسامى كوبىرنىڭ رەسىملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، رىئالىزىمنى بىر خىل ئېقىم ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.ⅩⅪـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدا روسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئەدىبىي تەنقىدچىلىرىدىن بېلىنىسكىي،چېرنىشېۋىسكىي،دوبروليوبوفلار رېئالىزىم چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇدى. ماكىسىم گوركىي ئۆزىنىڭ « ئەدىبىيات توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە:« ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىسىدىن  ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئېلىش بىلەن بىللە، ئۇنى ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەپ كۆرسەتسەك، رىئالىزىمغا ئىگە بولالايمىز» دەپ كۆرسىتىپ، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى رېئاللىقنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس- ئەتتۇرۇش ئىكەنلىگىنى ئۆتتۇرىغا قويغان.

    مېنىڭچە،«ماناس»تىكى رىئالىزىملىق ئۇسۇلىنى تۇۋەندىكىدەك نۇقتىلار بويىچە كۆرۇپ ئۆتىشكە بولىدۇ.

    1.«ماناس»تا ئەكىس-ئەتتۇرۇلگەن بەدىئى مۇھىت رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رىئال تۇرمۇش كارتىنىسى سىزىپ چىققان. ئەسەردە ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە ... قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ مۇۋاپىق دەل جايىدا قوللىنىلغانلىقى ئەسەر بايان تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەسەردىكى رېئال مۇھىت ۋە رېئال پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىغان.  

    مەسىلەن:« شۇ چاغلاردا قارا خىتاي-قالماقلارنىڭ ئالوكە دېگەن خانى بار ئىدى... ئۇنىڭ ئوڭكۇردەك قاپىقىدىن قار، قازاندەك قارا تۈكلۈك يۈزىدىن شىۋىرغان، قېلىن كالپۇكلىرىدىن ياۋۇزلۇق يېغىپ تۇراتتى»①. ئۇ يەنە ئورازدۇخاننىڭ ئۆلگەن خەۋرىنى ئاڭلىغاندا « ئۇنىڭ كۆزلىرى قۇدۇقتىكى سۇدەك پارقىراپ كەتتى»②.

     يۇقارىقىدەك ئوخشىتىش ۋە جانلاندۇرۇشلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىنتايىن زالىم، قارا نىيەت، ياۋۇز تاجاۋۇزچى خان ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت خاراكتىرى ناھايىتى جانلىق ھەم مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىپ بىرىلگەن. ۋەھشىي قالماق قالدايلىرى قىزغىلارنى باستۇرۇپ تالان-تاراج قىلغاندىن كىيىن، ئۇلاردىن بىر خاقاننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىپ، خەلىقنى قارىتىپ تۇرۇپ ھامىلدار ئاياللارنىڭ قوسىقىنى يىرىپ، ئەمدى تۇغۇلغان بۇۋاق بالىلارنىڭ بالقانلىرىنى تىلغانلىقى، ھامىلدار بولمىغان ئاياللارنىمۇ تۇغمايدىغان قىلىۋەتكەنلىگىدىن ئىبارەت ۋەھشىلەشكەن زالىملىقىنى ۋە شۇ خىل مەنزىرىنى بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە تۆۋەندىكىدەك ئوخشىتىشلار ئارقىلىق جانلىق يۇرۇتۇپ بىرىلگەن. مەسىلەن:

    «كۆرگەنلەرنىڭ يۈرەكلىرى تۇرماق،جىگەرلىرى داغلىنىپ تۈتەپ كەتتى. ياش بالىلار چۈجە قۇشتەك چىقىراشتى، بوتىدەك بوزلاشتى. ئاياللار ئالا قاغىدەك چۇرقۇراشتى، چىل بۆرىلەردەك ھۆۋلاشتى. ئەرلەر ئۆكۈزدەك ھۆركىرىشىپ، يەرگە يېتىپ ئېغىناشتى...»③.

    ياقۇپ ئايالىم تۇغىدىغان بولدى دەپ خۇشال بولۇپ تۇغاندا تۇغۇت ئانىسى مۇماي بۇۋاق ئەمەس، بەلكى يۇپ-يۇمىلاق كۆك بىر تۇلۇم ياتقىنىنى كۆرىدۇ. ئەتراپتا تۇرغانلارمۇ ھەيران بولغىنىدىن ياقىسىنى تۇتقان پېتىچە كۆزلىرىنى پارقىرتىپ تۇرۇپ قالىدۇ. ياقۇپ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بىر خۇشاللىقنى ساقلاۋاتقان ياقۇپ بۇنى كۆرۇپ يىغا زار قىلىپ تەڭرىگە نالە قىلىشقا باشلايدۇ.

    «ياقۇپنىڭ يىغىسىغا تاغ-تاشلارمۇ چىدىيالماي گۈرۈلدىدى، يايلاقلاردىن ئۇشقىتىپ بۇران چىقىتى...»④.

      بۇ بەدىئىي ۋاستىلەر يەنى بۇ يەرە قۇللىنىلغان جانلاندۇرۇش ياقۇپنىڭ بۇ ۋاقىىتىكى ھىسياتىنى تېخىمۇ جانلىق يۇرتىپ بەرگەن.

     يۇقارقىلارغا ئوخشاش بەدىئىي ۋاستىلەردىن يەنى مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق قۇللىنىلىشى «ماناس» نىڭ ئىپادىلەش كۆچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. مەسىلەن:

    «باق دۆلەت ئالدىرىغىنىدىن ئۆزىنىڭ بىر يېڭى كۆڭلىكىنى تېپىپ كەلدىدە، بالىنى ئوراپ يەردىن كۆتۇرمەكچى بولغانىدى، بىراق كۆتۈرەلمىدى. ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىنى كۆتۈرەلمىگىنىگە نۇمۇس قىلىپ، يەنە قاتتىق كۈچەنگەنىدى، پۇتلىرى ئىگىلىپ، قۇۋۇرغىلىرى غاراسلاپ، ئومۇرتقىلىرى غىچىلاپ  كەتتى...»⑤.

    «بالا يەنە قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى گولدۇرمامىدەك چىققاتتى... بۇلاقلار ئېگىزلىككە ئېتلىپ چىقتى، يەر تەۋرەپ، تاغلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە تاس قالدى»⑥.

    «ئوڭ-سولغا بىرىن شىلتىقاندا ئىككى يۈزدەك باشىنى ئالىدىغان، گەۋدىسىگە ئۇرۇلسا زېلىم بىلەن باشنى يارىدىغان، باشنى ئەمەس تاشىنى يارىدىغان، تۆمۈرنى ياغاچتەك توغرايدىغان، چاپقاننى كەسمەي قويمايدىغان، ئۇرۇش كۇنى ئۇزىرايدىغان، ئۇچى چوغدەك قىزىرىدىغان، غىلپىغا سالغاندا يەتتە غېرىچ قىسقىرايدىغان، غىلىپىدىن ئالغاندا قىرىق ئەرشىندەك ئۇزىرايدىغان، تشنى خېمىردەك كىسىدىغان ...»⑦.

    رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئەمىلىيەتتە ھەرگىزمۇ تۇقۇلما ۋە مۇبالىغىلەرنىڭ بولۇشىنى چەتكە قاقمايدۇ. «گىيوتىنىڭ سوھبەت خاتىرىلىرى»دا ئۇنىڭ مۇنداق بىر سۆزى خاتىرىلەنگەن:« سەنئەتكار بەزى دېتاللارنى سۈرەتلىگەندە ئەلۋەتتە تەبىئىيلىككە سادىق بولۇشى، تەبىئەتكە تەقلىق قىلىشى لازىم... بىراق بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا كەلگەندە، بىر پارچە رەسىمنى ھەقىقىي بىر سەنئەت بويۇمى قىلىپ چىقىرىش ئۈچۈن سەنئەتكار توقۇلمىغا مۇراجئەت قىلىپ ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلسا بولىدۇ». بىز ھەرقايسى ئەللەر ئەدىبىياتىغا قاراپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىنجىلىرى ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەسىلەن: ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇشۈننىڭ «ئا Qنىڭ رەسىمىي تەرجىمھالى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، بازۇڭ بېگىمنىڭ قولىدا تۆمۇرنىڭ  سۇنۇقى بولمىغان ئا Qنى تۇتۇش ئۇچۈن بىر توپ ساقچى ۋە ئادەملەرنى ئەۋەتكەنلىگى، ئۇلارنىڭ بىرى ئا Qنىڭ ئىشىكىگە پىلىمۇتنى توغرىلاپ قويغانلىقىلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئېنىقكى، بۇ يەردە مۇبالىغە ئۇسۇلى قوللىنىلغان. بۇ ھەقتە لۇشۇن ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دىگەن:« مېنىڭچە تېخى‹ ئا Qنىڭ رەسىمىي تەرجىمھالى›غا بىر ئارىلاشما بېرگادا ۋە سەككىز دانە مىنامىيۇتنى قوشۇپ قويساقمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمەن». بۇ ئارقىلىق لۇسۇن ئەپەندى توقۇلما ۋە مۇبالىغىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۇرۇپ بەرگەن. بىز يۇقارىقىدەك نەزىيە ۋە ئەملىيى ئىجادىيەتنىڭ  كىىسىشمىسىدە تۇرۇپ رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن «ماناس»نى تەكشۇرگەندە، ئۇنىڭدا قوللىنىلغان ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە ... قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ  ئەسەردە دەل جايىدا ھەم مۇۋاپىق ئىشلىتلگەنلىكى «ماناس»نىڭ رېئالىستىك ئالاھىدىلىگىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينىغان.  

    2. «ماناس» دا تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى چىنلىق بىلەن يارىتىپ چىقىلغان. «ماناس» نىڭ بىرىنچى بابىنىڭ بېشىدىلا  يىنسەي ۋادىسىگە دەششەتلىك كېزىك كېسىلى تارقىلىپ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئۇلۇپ مال- ۋارانلارنىڭ ئىگىسىز قالغانلىقى، بۇ كىسەل ئورازدۇرخانغىمۇ يامىشىپ خاننىڭ قېرىلىققا يەتمەيلا ئۇلۇپ كەتكەنلىگى،  يىغازارە قىلىپ ئۇلۇغ خاننىڭ ئۆلۈمىنى  ئۇزاتقانلى بىلەن ئەسەر باشلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئورازدۇرخان ھەرقانچە ئۇلۇغ خان بولىسمۇ ئەسەردە ئۇ يەنىلا ئىسان سۇپىتىدە يارتىلغان، يەنە ئۇ ئىنسان تەبىئەتلىك بىر پىرسۇناژ. شۇڭا ئۇ باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش كىسەك بولىدۇ ھەم كىسەل سەۋەبلىك ئاددىي پۇقرالار بىلەن ئوخشاش كىسەلگە چارىسىز ئۈلۈپ كىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئا.پ.چىخوف «چىخوپ ئەدىبىياتى توغرىسىدا» دىگەن ئەسىرىدە رىئالىزىملىق ئەدىبىيات « تۇرمۇشنى تۇرمۇشنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تەسۋىرلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەتسىز ۋە ئۇچۇق –ئاشكارە چىنلىقتۇر» دەپ ئېيىتقىنىدەك. ئەسەرنىڭ بېشىدىلا قوللىنىلغان، چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغان رىئال مۇھىت ۋە رىئال پىرسۇناژلانى ئوبرازى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ «قۇيۇق ھىدى» ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەردە يارتىلغان رېئال مۇھىتقا  باشلاپ كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسەردىكى پىرسۇناژلار سىھىرلىك ياكى غايىبانە  تۇستە ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ساقلىنىپ، ئۇلارنىڭ خاراكتىرى رىئال مۇھىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلگى بويىچە ھەركەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياقۇپ باينىڭ پۇلغا ئامراقلىقى، ئارزۇ قىلىپ ئىرىشكەن ئوغلىنىڭ كۆتكەن يىرىدىن چىقماي پۇل دۇنياسىنى بۇزۇپ چىچىشى، ئۇنىڭ ئوغلىدىن نارازى بولشى ، بېخىللىغى تىپ مۇھىت ئىچىدىكى تىپىك پىرسۇناژلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىئالۇگلىرى ئارقىلىق يۇرتىپ بىرىلگەن بولغاچقا ئەسەرنىڭ چىنلىق كۈچىنى ئاشۇرغان. مەسلەن:

     «ھازىرقى بالام چوڭ جىندى مېنىڭ كۈتكىنىمدەك چىقمىدى ئاران يىغقان مېلىمنى ھەر كۈنى بۇرۇپ –چېچىۋاتىدۇ! قانداق قىلارمەن خالايىق! يۇقىتاي دىسەم ئۆز بالام، يوقايماي دىسەم دۇنيا-بايلىقمنىڭ بېشىغا چىقىدىغان يالماۋۇز بولدى...»⑧.

    «ماناس» نىڭ ئۆسۇپ يىتىلىش جەريانى دادىسنىڭ ئارزۇسى بويىچە پۇل-مال خۇمار بولماستىن، بەلكى كىچىكىدىنلا جىدەل خۇمار، قەيسەرلىكنى، باتۇرلۇقىنى سۇيىدىغان، مال دۇنيانى دوست تۇتىمايدىغان ئۆزىنىڭ خاراكتىرى ئالاھىدىلگى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن:

    «... جىدىلىدىن جان چىقىتى، تۇتقىدىن قان چىقتى. ئاۋۇلدىكى ھەمممە بالىلارنى قورقىتىپ، ئۇرۇپ سوقۇپ بويسۇندۇرۇپ گېپىنى ئاڭلايدىغان قىلدى... ھەركۈنى جەڭگە جىدەل كۆپەيدى... بەزىلەرنىڭ پۇتىنى سۇندۇردى، بەزىلەرنىڭ قولىنى يۇلۇۋالدى، بەزىلەرنىڭ قۇلىقىنى ئۈزۈۋالدى...».

    «چوڭ جىندى( ماناس) يىلقىچىلار بولسۇن، ئەتراپىدىكى پۇقرالار بولسۇن ـــ قىيىنچىلىقى بارلىكى ئادەملەرگە يىلىقىلاردىن تارتۇق بەردى، خالىغانچە ئۆتىنىگە بېرىپ ، خالىغىنىچە خەجلىدى».⑨

    «ماناس»تا يەنە قىرغىزلارنىڭ ئەنى ۋاقىتتىكى دۇشمىنى بولغان قالماقلارنىڭ كۆكتەي ئاتلىق قوماندان باشلىقى بولۇپ، ئۇ نەچچە ئون مىڭ لەشكىرىنى يېغىپ ماناسنىڭ باشچىلىقىدا ئورازدۇ (قىرغىزلارنىڭ ئىلگىرىكى خانى)نىڭ توغى قايتا تىكلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ ناھايىتى غەزەپلىنىپ،ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇرۇش قىلىش ئۇچۇن يامغۇرچىغا (قىرغىزلارغا) ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى جەڭگە چارقىرىدۇ. ئۇ ناھايىتى زەبەردەست، پالۋان ئادەم بولۇپ جەڭ قىلىپ نۇرغۇن پالۋانلارنى يېڭىۋالغان، لىكىن ئۆزى بىر قېتىممۇ يېڭىلىپ باقمىغان.

    «...مەن ئۇلارغا قىلىچىمنىڭ تەمىنى بىر تېتىتىپ قوياي، ئۇلار مىنىڭ قىلىچىمنىڭ ئىتتىكلىگىنى ئۇنتۇپ قېلىشپتۇ، بالدۇرقى بىچارە ھالىتىنى سېغىنىشقان ئوخشايدۇ!»⑩.

    « كۆرەڭلىگەن بۇرۇتلار خۇدىنى بىلىپ، بۇرۇنقىدەك تىنىچ پۇقرالىقنى قىلىپ، منىڭ ھۆكۈمۈمگە بويسۇنسۇن. ئەگەر دومبىلىرى قىچىشىپ قالغان بولسا، مەرھەمەت. ئۇرۇشىدىغان جايىنى تاللىسۇندە، قېلىچ-نەيزەمنىڭ بىسىدىن ئاغرىنمىسىۇن! ئۇۋال-ساۋابنى ئۆزىدىن كۆرسۇن... ».

     يۇقارىقى كۆكتەينىڭ تىلدىن ئۇنىڭ تەلۋەلارچە مۇشتۇمزورلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. تۈۋەندىكى بايان ۋە پىرسۇناژ تىلى ئۇنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرنى تېخىمۇ ئېنىق ئېچىپ بەرگەن.

    «قەھرىلىك كۆكتەي قالماقلاردىن چىققان تەڭداسسىز باتۇر ئىكەن، ئۇنىڭ قالقىنى دۇمبىسىدە غالدىرلاپ، ئۇزۇن پۇتى ئۇزەڭگىدىن ساڭگىلاپ، قارا تىللىق قارا گاڭدىن سوقۇلغان نەيزىسىنى تۇتۇپ، قەۋەت-قەۋەت تۆمۈر كىيىملەرنى كىيگەن...».

      « ھەي قىرغىزلار، مانا سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن باتۇرۇڭلار! ھالىڭلار مۇشۇمىدى؟ ئەگەر سەنلەر  مېنىڭ بىلەن سوقۇشىدىغان نىيتىڭلار بولسا، ئانچە-مۇنچە قول قىچىقىمنى چىقارغۇدەك ئادەم چىققىرىڭلا! بولمىسا بىكاردىن-بىكار ئاۋارە بولۇشماي، قۇرۇقتىن-قۇرۇق داۋاڭ سېلىشماي، ئالدىمغا كېلىپ تىز پۈكۈپ تەسلىم بولۇڭلار!».

    جەڭگە كىرگەندە ئۇ جەڭدە سەمەتنى يېڭۋىلىپ خۇدىنى بىلمەي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغان، مەمەددانلىغى  قۇزغىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۇرۇشخۇماي، دۇشمەنلىرىنى كۆزگە ئېلمايدىغان، پىرسۇناژلار خاراكتىرىمۇ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق ، ئوبرازلىق يارتىلغان. «ماناس»تا ئىجابى پىرسۇناژ قەھرىمان ماناسنىڭ ئوبرازى ياكى قىرغىزلارنىڭ پىرسۇناژلار ئوبرازنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىپلا قالماي، بەلكى «ماناس»تىكى سەلبىي پىرسۇناژلاردىن ئۇلارنىڭ رىقىبلىرى بولغان قالماقلار ۋەياكى ئۇلارنىڭ باشقا دۇشمەنلىرىنىڭمۇ پىرسۇناژلار ئونرازىنىڭ مۇۋاپقىيەتلىك يارتىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن.

    رېئالىستىك ئەسەرلەردە يارتىلغان سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازلىرىمۇ ئۆزلىرىگە تۇرمۇش رىئاللىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرى تۇرمۇش ئەمىلىيتىدىن ئېلىنغان بولغاچقا كىشىگە «سۇنئىي»ۋە «ياسالما» تۇيۇلمايدۇ. رېئالستىك ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلارنىڭمۇ نۇمالسىز كەيپىياتى ۋە روھىي ھالىت، غەلىيتە قىلىق، غەرىي ھەرىكەتلىرى بولىدۇ. مەسىلەن:ⅥⅩ-ⅦⅩ ئەسىردىكى ئىسپانىيىنىڭ مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچىسى سېرۋانتىسنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى دونكىخوت ئەنە شۇنداق پىرسۇناژ ئىدى. بىز «ماناس»تا بىرىنچى بابىدىلا تىلغا ئېلىنىدىغان قالماقلارنىڭ خانى ئالوكە، قالماقلارنىڭ لەشكەر قوماندانى دىۋەخان، قالماقلارنىڭ قەھرىلىق تەڭداشسىز پالۋانى كۆكتەي، شورۇقخان، تۇز كور ۋە قار نىيەت ئاتا-بالا كۆز-قامان بىلەن كۆكچە كۆز... قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن بۇ خىل ئامىللار روشەن كۆرىنىپ تۇرىدۇ.

    ئېنگىلىس ئېيتقاندەك:« رىئالىزىمنىڭ مەنىسى، دىتاللارنىڭ چىن بۇلۇشىدىن تاشقىرى، تىپىك شارائىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس-ئەتتۇرۇشتۇر».  رىئالىزىملىق ئەسەرلەر مۇئەييەن پىرىنسىپ، گوروھ ياكى مەلۇم دەۋىرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس-ئەتتۇرگەندىن سىرت، يەنى پىرسۇناژلار تىپىك خاراكتىرىنى شەكىللەندۇرىدىغان ئىجتىمائىي، تارىخىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى يۇرتۇپ بېرىشى، پىرسۇناژ، مۇھىت ۋە دەۋىرنىڭ بىرلىكى ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسىنى كۆرسىتەلىشى كېرەك. «ماناس»تا ماناس، كۆكتەي، يامغۇرچى، شىغايباي، كۆكچە كۆز، قارماناپ، كۆكۆتۆي، ئاي جاڭجۇن... قاتارلىق بىرتۇركۈم بەدىئىي ئوبرازلارنى ماھىرلىق بىلەن يارتىپ بىرىلگەن. بۇ ئەملىيەتتە ئەسەردە تىپىك مۇھىتتىكى، تىپىك پىرسۇناژلار خاراكتىېرىدىكى سىنىپىي، دەۋىرى ۋە ئىجتىمائى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يۇرۇتۇلىشى ئۇلارنىڭ تىپىك خاراكتىرىنى شەكىللەندۇرۇش تىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، بۇ بەدىئىي  تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ  ئىپادىسى. بۇ خىل تىپىك مۇھىتىتىكى تىپىك ھېسيات، تىپىك كەيپىيات، تىپىك تەسرات قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەينى دەۋىر تۇرمۇشنىڭ ماھىيتى ۋە قانۇنىيتى ئەكىس-ئەتتۇرۇپ بىرىش مەخسەت قىلغان. «ماناس» تىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن تارىخي چۇڭقۇرلۇقلىرى ، ئۆزىنىڭ خاراكتىرچىنلىقى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بەدىئىي پىرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق يارتىلغان بۇلۇپ، مۇناسىپ ھالدىكى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش، پىسخىك ئادەت، مىجەز-خولۇققا ئىگە. ئۇلار ئەسەر ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆز خاراكتىر بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. رېپىن:« قەھرىمانلار نىڭ ھەممىسىنى ‹بىغۇبار سۇزۇك ئاسمان›دەك قىلىپ سۈرەتلىمەسلىك كېرەك. ئۇستا سەنئەتكارلار ئۆز قەلبىدە چوقۇنىدىغان قەھرىمانلىرىنى نۇرانە قىلىپ تەسۋىرلىمەستىن، بەلكى تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ قىياپىتى بۇيىچە تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ‹سەت يېرى›ۋە ‹تارتۇق›لىرىنى يۇشۇرمايدۇ» دەپ ئېيتقىندەك، ماناس، يامغۇرچى، شىغايباي، كۆكچە كۆز، قارماناپ، كۆكۆتۆي، ئاي جاڭجۇن... قاتارلىق پىرسۇناژلار خاراكتىرىنىڭ يارتىلىشى ئەسەرنىڭ بايان تىلىدا چۇشەندۇرۇش ياكى تەرجمىھال ئۇسۇلىدا ئەمەس بەلكى ئەسەردىكى رېئال تپىك مۇھىت ئىچىدە ئەركىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆزنىڭ سۆز- ھەركىتى، خاراكتىر ئالاھىدىلىگى بويىچە  ئوتتۇرىغا چىققان.

    مەسىلەن: ماناسنىڭ دۈشمەنلىرىدىن بولغان كۆكچە كۆز بىلەن دادىسى كۆز قامان ماناسنى                                           قەستلەپ ئۆلتۇرمەكچى بولىدۇ. بۇنى خانىكەي ئاڭلاپ قىلىپ ماناس قا دەيدۇ. ماناس بۇ ئەھۋالنى بىلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئالدىدىن تەدبىر قوللانمايدۇ. ھەمدە قاراملىق كۆز قاماننىڭ  تەكلىۋى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا بارىدۇ. زەھەر سىلىنغان ھاراق قۇيۇلۋاتقاندا خانىكەي ئالدىن پىلانلاپ ئەۋەتكەن ياساۋۇلنىڭ چاقىرىشى بىلەن ماناس بىر قېتىملىق بالا-قازادىن ئامان قالىدۇ. كۆز قامان ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەۋەتكەن ھاراقتىن راستىنلا زەھەر چىقىدۇ. لىكىن ماناس ئەتىسى ئەتتىگەندە بىخارامان داقا-دۇمباق چىلىپ ئوۋغا ماڭىدۇ. كۆز قامان ئاققۇلانى قالدۇرۇپ باشقا ئاتلارنى ئېلىپ قېچىپ كىتىدۇ. ماناس بۇنىڭ بىرەر سەۋەبىنى ئويلاشماي ئۆزى يالغۇز ئاق ئولپۇق توننىمۇ كىيمەي، ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنىمۇ تاقىماي قاراملىق بىلەن دۇشمەننى قوغلاپ ماڭىدۇ. نەتىجىدە دۇشمەننىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ يارلىنىدۇ.

    دىمەك، دوستويېۋىسكى:« بەدىئىي كۆچ چىنلىقتا ۋە ئۇنى يارىقىن ئەكىس ئەتتۈرۈشتە نامايان بولىدۇ. بەدىئيلىك ئەسەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدا، ئوبرازلىرىدا ئۆز پىكىرىنى شۇ دەرىجىدە يارقىن ئىپادە قىلىش قابىلىيتىدىكى، يازغۇچى يېزىۋىتىپ قانداق ئۇيلىغان بولسا، ئوقۇغۇچى ئۇقۇۋىتىپ ئۇنى شۇنداق چۈشىنىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتقىنىدەك،  ماناس ھەرگىز غايىۋى، سىھىرلىق ئادەم ئەمەس. ئۇ ئۆزىگە خاس مۇھەببەت- نەپرەت، ئارتوقچىلىق-ئاجىزلىق، قەيسەر، باتۇرلۇق بىلەن بىرگە كالتا پەملىك، ئادىراڭغۇلۇق، قىزىقىقانلىق، تېڭىرقاشدەڭ ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىدىكى ئارتۇقچىلىق  ۋە ئاجىزلىقلىرى زىچ گىرەلەشكەن. ماناس نىڭ ھەمىشە دۈشمەنگە نەپرەت بىلەن كەڭ قوساقلىق،جەڭگۇۋارلىق بىلەن قاراملىق، ئالدۇراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاڭ، ئىككى خىل پۇزىتسىينىڭ تۇقۇنۇشى ئىچىدە تۇرىدۇ. مەسىلىلەرنى كۆزەتكەندە نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويغانلىقىنى غۇۋا سەزسىمۇ، بىراق مەسىىلىەرنى ئۈزۈل- كىسىل ھەل قىلىۋەتمەيدۇ ياكى ئۆزى قىززىقانلىق بىلەن تەدبىر كۆرىدۇ. لېكىن، رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغاچقا ئۇ بەزىبىر ئاۋارىگەرچىلكتىن  قۇتۇلالمايدۇ. شۇنىڭغا كىتابخانلار ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ۋە غەلبىسى ئۇچۇن خۇشال بۇلۇپ شادلىنىدۇ، مەدەتتە بولىدۇ. قايغۇسى ۋە پاجىئەسى ئۇچۇن ئازابلىنىدۇ، نەپرەتلىنىدۇ. مېنىڭچە، بۇنى دەل پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغانلىقىنىڭ نەتىنجىسى دىرىشكە بولىدۇ.

    3. «ماناس»تا تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە خاسلىق زىچ بىرلەشتۇرۇلگەن. ئېمىل زولا ئېيتقاندەك:« ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا  دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن،  ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتىقىنى تۈزۈك». ماناس داستاننىڭ نەسىرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇلىشى ماھىيەتتە قايتا ئىشلەش ئىجادىيتىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ ئىجادىيەت تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇش، پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۆزۈپ تەسۋىرلىگەن. كەڭ تارىخىي بىلىملەردىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىپ، ئەسەر ۋەقەلىكىگە، پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى بىرلەشتۇرۇپ، چىن بولغان تارىخىي ماتىرىياللار مەنبەسىنى بەدىئىي ئەدەبىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۇرۇپ، رىئال تۇرمۇش ۋەقەلىكىنى ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۈزەتكەن. چىنلىق بىلەن خاسلىق تۇيغۇسى بىر گەۋدىگە ئايلانغان بەدىئىي كۆچ بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى «ماناس»تا يارتىلغان ئەدەبىيات كارتىنىسىغا باشلاپ كىرگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئىستېتىك زوقىغا خاس تەپەككۇر بوشلۇقى يارتىلغان.  بىز مەيلى قىرغىزلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆرلۈك-ئەركىنلىگى ئۇچۇن مورىنى-مورىگە تىرەپ ، بىر نىيەت-بىر مەخسەتتە ئەقىل-پاراسەتى بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىكى قەھىرمانلىق ئىش-ئىزلىرى بولسۇن، ۋەياكى قالماقلارنىڭ قازاقلارغا ھۇجۇم قىلىشى ياكى ئۆز-ئارا ئىچكى نىزالار بولسۇن بۇخىل ۋەقەلەر تارىخىي چىنلىق  ئاساسىدا يارتىلغان بولغاچقا ئەسەرنىڭ بەدىئىي چىنلىق كۆچىنى ئاشۇرغان. مەسىللىلەرنى ماتېرىيالىزىملىق نوقتىنەزەر بىلەن كۈزىتىلگەن. دېئالىكتىكلىق مېتود بويىچە تەھلىل قىلىنىپ توغرا ۋە ئىلمىي كۆز قاراشلارنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە توغرا بولغانلىقى، مەزمۇنى ۋە ماتىرىيالارنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسەرنىڭ چىنلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە تەتقىقات قىممىتىنىمۇ ئاشۇرغان. نۇقىل ھالدىكى تارىخىي ماتىرىياللارنىڭ دۆۋىسى بولۇپ قىلىشتىن ساقىلىنىپ، بەدىئىي چىنلىق ئىچدە يارتىلغان چىنلىقى كۆچلۈك بولغان سىيوژىت دىتاللىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خاسلىقنى يارىتپ چىقالىغان. ئېنگېلىس:« ئاساسىي پىرسۇناژ مۇئەييەن سىنىپىي خاھىشچانلىقنىڭ ۋەكىلى. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت- پائالىيەتلىرى نوقۇل ھالدا پەقەت شەخسىي ھەۋەس، مۇددىئانىلا چىقىش نوقتىسى قىلمايدۇ. بۇ ھەرىكەت- پائالىيەتلەر ئۇلارنىڭ مەنسۇپ بولغان تارىخىي ئېقىمىدىن كېلىپ چىقىدۇ» دەيدۇ. «ماناس»تا تارىخ ھەقىقتىنى، ھاياتلىق پەلسەپىسىنى ۋە ئۆتكۈر پىكىر-كۆز قاراشلىرىنى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئوبرازلار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ، رىئال تارىخىي قەھرىمانلار پروتوتىپىنى كەڭ بەدىئىي زىمىن ئىچىگە قۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. يەنى بەدىئىي چىنلىق ئارقىلىق تارىخىي چىنلىق ئىچىدىن ماناس، يامغۇرچى، شىغايباي، كۆكچە كۆز، قارماناپ، كۆكۆتۆي،

    分享到: