ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-08

    ئابدۇمىجىت مۇھەممەد : قارا مارجان Ⅵ - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئابدۇمىجىت مۇھەممەد :

    قارا مارجان


    ساپسېرىق ياپراقلار تۇپراق قوينىغا باغرىنى چىڭ يېقىپ، ۋىسال لەززىتىنى سۈرىۋاتقان كەچ كۈز ئاخشىمى، قارا مارجانلىرىڭ كېچە ئاسمىنىنى بېزەۋاتقاندەك يىراقتا پىلدىرلىماقتا ئىدى. قولۇمدا قارا مارجانلىرىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆتكۈزگەن بىر يىللىق تەنتەنە دەستىسى ، مەن ئۇنى ساڭا، سىېنىڭ نۇرلۇق قارا مارجانلىرىڭغا سۇنماقچى ئىدىم!

     تىنىقلىرىڭغا قوشۇلۇپ چېلىنىۋاتقان قەلب كۈيلىرىمنى لەۋلىرىم ئارقىلىق سۈرتكەن سۈزۈك ياشلىرىڭغا قوشۇپ قاپقارا رومالىڭ تەكتىگە چۆككەن ئەۋرىشىم چاچلىرىڭنىڭ كېچە قوينىدىكى دولقۇلىرىغا قوشۇۋەتمەكچى مەن...

     ئىھ، مىنىڭ گۈزەلىم! ماڭا ھەدىيە قىلغان ئالەمچە سۆيگۈڭگە ئىلاھى تىنىقلىرىڭغا رەھمەت! سىنىڭ ھەقىقەتنى كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق مارجانلىرىڭنىڭ پېقىر يۈرىگىمنى ئەرىك كۆيىگە  تەۋرىتىپ ئەتراپىدىكى بىچارىلىك كەچمىشىگە چىلىشىپ غېرىپلىقا دەشتىگە يول سالغۇچى قېرىنداشلىرىمنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن! مەن سەندىن سۆيۈنىمەن جېنىم. ساپسېرىق ياپراقلار ئانا يەر قوينىدا يېنىك تەۋرىنىپ، مۇڭلۇق پىچىرلاپ سۆيگۈ قىسەلىرىنى ۋىسال خاتىرىسىگە پۈتكىنىدەك، مەنمۇ كۆز ئاخشىمىدىكى پىنھان تاش ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرۇپ ئوتلۇق ھېسلىرىمنى پۈتىۋاتىمەن. يۈرەك تىتىرەتكۈچى قىسقا ئەمما ھەسرەتلىك شىرىن كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئەسلەش ئارقىلىق ساڭا بولغان مۇھاببىتىمنى ئەسلەش قىياپىتىدە ئوتلۇق مۇھاببىتىمىزنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىگە سۇنماقچىمەن.

    ئۆكتەبىر!... مەكتەپ بېغىدىكى سېرىق ياپراقلارنىڭ ئېيتقان جۇدالىق ناخشسى مېنى ھەسرەتلىك كەچۈرمىشلىرىم قوينىغا ئىتتىرىۋاتقان كەچ كۈز ئاخشىمى خانەمدە سۈكۈت قوينىغا چۆمگەن ئىدىم. ياتاقداشلىرىم ئۆگۈنۈش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن قانداقتۇر غەملەردە ئۆز ئېستەكلىرى تۈرىتكىسىدە نەلەرگىدۇر يوقالغان ئىدى. سەككىز كارۋات، سەككىز ئۈستەل ئۆچۈرۈلگەن نەي لامپا مېنىڭ ھەسرەتلىرىمگە جۆر بولالمايدىغاندەك، مەن بىلەن سىردىشالمايدىغاندەك قىياپەتتە كۆرۈنەتتى! ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان مۇڭلۇق كۈيلەر يۈرەك رېتىمىم بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەك يۈرەك تومۇرلىرىمنى تىترىتەتتى. قەلبىمنى چىرمىغان غېرىبلىق ئۆزۈم ھەققىدىكى ئەسلىملەرگە ئورۇن بەرمەيتتى. ئابدۇمىجىت، بۇ بىر بىچارە ئىنسان! دەيتتىم پىچىرلاپ. ئىنسان ئازابىنىڭ مەنبەسى بولغان يېتىملىك باغرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى، ئۇنىڭ ھاياتى ھېچكىمدە، ھېچقانداق تەسىر قالدۇرالمايىتتى. يىغلىسا يىغلايدىغان، كۈلسە كۈلىدىغان ئادىمى يوق، ھايات كالىندارىنىڭ 18-19-بېتىنى ئۈن-تىنسىز ئۆتتى، ئەمما ئىلىم يولىدا تېنىمسىز ئىلگىرلىگەنسىرى، كۈننى تۈنگە ئۇلىغانسىرى ئازاپلىناتتى.نىملەرگىدۇر ئالدىرايىتتى. نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەنمەي، ۋە ياكى چۈشەنسىمۇ چۈشىنىش ئىچدىكى ئازاپ-ھەسرەت يۈرىكىمدە چۇقان سالاتتى. ئۇ ئۇ يەنىلا بالىلىقتىكى چۆچەكلەر دۇنياسىدا ياشايتتى. ياشلار سېپىگە كىرگەندە بولسا ئىجادىيەت، خىيال قوينىدىن ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدىغان بولدى. ئەمما ياشنىڭ چوڭېيىشى ئۇنىڭ يۈرىكىگە قانداقتۇر بىر مۇھتاجلىق ئوتىنى ياقتى.

    ناخشا:

    ئۇكىلىرىم ئاكاڭلارنىڭ دەردى تولا، ئىشىمۇ تولا

    چوڭ بولدى ئەجەپ شېرىن ، چۈشىمۇ تولا

    -مەن يىگانىلىق قوينىغا چۆككەن ئوخشايمەن!مېنى ھېچكىممۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، مەن سۆيگەن قىزمۇ تېپىلمايدۇ- دەيتتى ئۇ، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا ئويناپ ئولتۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ «... بىچارە بالام، سىز تولىمۇ يۇۋاش، چوڭ بولغاندا قانداقمۇ قىز تاپارسىز!تاپقان تەقدىردىمۇ، ئاپا مەن توي قىلىمەن دەپ قانداقمۇ ئېيتارسىز! »

    - ياق ئاپا، مەن ئېيتمايمەن!

    - ئېيتمايمەن! ھەئە، مەن تويۇمنى باشقىچە قىلسام دەيمەن! مەن ياخشى كۆرگەن قىزنىمۇ سىزگە باشقا ئۇسۇل بىلەن كۆرسىتىمەن! مەن چوڭ بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن شۇنداق بىر قىزنى باشلاپ كېلىمەن، چاچلىرى ئىنچىكە 40 تال ئۆرۈلگەن، ئوماق تەبىئەتلىك، ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خاراكتېرى بار،  بېشىغا دوپپا، ئۈستىگە ئەتلەس كۆينەك كىيگەن...  ئەشۇ قىزنى كۆرسىڭىز ئوغلۇم توي قىلىدىكەن دەپ ئويلاڭ! مەن توي قىلغاندا ماشىنىدا ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن. مەن تويۇمنى مەپىدە يۆتكەيمەن! ئاتقا مىنىمەن، ئايالىممۇ ئاتقا مىنىدۇ! دادام بىلەن سىزنى بىرىنچى مەپىگە ئولتۇرغۇزىمەن!

    - ئوغلۇم بىزنىڭ ئېتىمىز يوق، قەيەردىن تاپىمىز!  

    - خاتىرجەم بولۇڭ ئانا، ئاكام ماڭا بەك ئامراق، ئاكام بېرىدۇ، مەنمۇ جىق پۇل تاپىمەن! جىق نەرسىلەرنى يازىمەن! ھەممە ئادەم مېنى ياخشى كۆرسە ئاتلىرنى بېرىدۇ! ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈشتىن، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشدىنمۇ قورقمايمەن. قاراڭ ئانا، ئاكام بەك كۈچلۈك! ...

    ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تامغان نەچچە تامچە ياش كېچە ئارىلىقىغا سېڭىپ كەتتى! -ياق،- دېدى ئازاپ بىلەن. ئاپسىنىڭ ئەشۇ سۆزلىرى ئۇنىڭغا قىلغان ئاخىرقى سۆزلىرى بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ كېيىن بىر نەچچە قېتىم بۇ ئارزۇسىنى ئاكسىغا، دوستلىرىغا ئېيتىپ بەردى، ئاكىسىنىڭ كۈلۈمسىرەپ قويغىنىدىن باشقا ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا ئانسىدەك تەسەللىي، ئىشەنچ بەرمىدى. ئاپىسى ئۇنىڭغا«سىز چوقۇم تاپىسىز ئوغلۇم»-دېگەن بولسا، باشقىلار ھەييارلارچە كۆزلىرىنى قسشىپ، بۇ بىر خىيال دەپ ئۇنىڭ ساددا خىياللىرىنى زالىملارچە رەت قىلىشتى...

    ئۇنۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىلى مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئازابلىق بىر يىل بولدى. مېنىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتام مېنى بۇ شەھەرگە ئېلىپ كېلىپ «پۇلنى بۇزۇپ چاچماڭ! ئۈرۈمچىدە سۆسۈن چاينى كۆپرەك ئىچىپ ئازراق تاماق يەڭ.» دەپ كېتىپ قالغاندىن كېيىن ھايات مۇساپەمدىكى ئازاپلىق سەپىرىمنى باشلىۋەتتىم! كىملەردىندۇر، مەدەت تىلىدىم! نىېملەردىندۇر ئۈمىد كۈتتۈم. ئاخىرى ئىگە بولغىنىم جالالىدىن رومىينىڭ «سېنىڭ سىرتىڭدا دۇنيادا ھەر نەرسە بولسا يوقتۇر، سەن ئىزدىمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۆزۈڭدىن ئىزدە، چۈنكى ھەممە نەرسە ئۆزۈڭدىدۇر» دېگەن يەكۈن بولدى.

    كۈنىگە سەككىز سائەت ئوقۇش يېزىش بىلەن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزدۈم. ئەمما قەلبىم ھامان بىر خىل سېيمانى « ئىنچكە قىرىق ئۆرۈم چاچ ، قارا كۆز، ياراشقان دوپپا» نى ئىزدەيتتى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۈمىدسىزلىنىشكە، ئازاپلىنىشقا باشلىدىم. چۈنكى مەن بۇ چوڭ شەھەردىكى ئۇنۋېرسىتېتقا كەلگەندىن كېيىن كۆرگەنلىرىم قسقا، خىلمۇ-خىل رەڭگا-رەڭ بويالغان چاچلار، ئوچۇق يوتا، يالىڭاچ بەدەنلەر بولدى. دوستلىرىمنىڭ «ئۇ بىر خىيال1» دېگەن سۆزلىرى قەلب خاتىرەمنى ئىگىلەپ مېنى ئازاب زىندانىغا ئىتتىرىدىغان بولدى. «خەپ ئەگەر ئاشۇنداق بىر سېيمانى تاپمىسام توي قىلمايمەن! ئەشۇ ئارزۇ يولىدا بويتاق ئۆتۈپ كەتسەممۇ مەيلى»دەيتتىم ئىچىمدە. ئەمما قانداقتۇر بىر سېزىم مېنى ئۈمىدلەندۈرەتتى. ئەشۇ ئۆمۈدلىرىم كۆز ئالدىمدا ئاماننىساخان، ساھىبجامال (ساھىبجامالنىڭ ئۆلىمى فىلىمىدىكى) سىياقىدىكى بىر گۈزەلنى نامايان قىلاتتى.

    كۈنلىرىم ئوخشاش رېتىمدا ئالدراش، ئەمما سۇلغۇنلۇق ئىلكىدە داۋاملىشاتتى. نامرات بولغاچقا پۇلۇممۇ، دوستۇممۇ يوق. پەقەت ئازاب!... گاھى ئۆلىۋىلىشنىمۇ ئويلايتتىم. بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى رولى نېمە؟ بەلكى مەۋجۇتلۇق ھالىتى ھېچ نەرسىگە چېتىشلىق بولمىغان قىياسى بولسا كېرەك، پەقەت ئاستا-ئاستا چىقىۋاتقان نەتىجىلىرىم، ئىنگلىزتىلى تەپەككۇرلىرىم، مېنى ئىلھاملاندۇراتتى، -خەپ دەيتتىم ئۆزۈمگە، مەن ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىنسان بولمايمەن. دۇنيادىن نام-نىشانسىز كەتمەيمەن.

    ئۈرۈمچىدە يېڭى قار ياغقان، قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى نېمىشقىكىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم كۈتۈپخانىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ، ئۆزۈمنى تاغدىن چۈشۈۋاتقان «زورۇ ئاستىر»دەك كۈچلۈك سېزەتتىم. ئەتراپ ئاپئاق ، ئوقۇغۇچىلار قاياقتىندۇر ئالدىراش. ئىشقىلىپ بىرەرمۇ يالغۇز ئادەم يوق. ھەممىسى جۈپ، ئىككى ئوغۇل ئىككى قىز ياكى ماسلاشقان قىز- يىگىت. كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم تۇيۇقسىز ئازاپ ھېس قىلدىم!

    ھەممە ئەل جۈپتى بىلەن

    يەككە يىگانە داغدا مەن.

    تۆۋەندىكى مىسرالارنى پىچىرلاپ تۆۋەنگە چۈشتۈم.پۈتۈن بىر كۈن كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشمىدى، تىپتىنچ كوچىلارنى ئارىلىدىم، ھايات ئىزلىرىمنى ئەسلەپ چىقتىم. مېنىڭ ئارزۇيۇم، نېمىشقا بىر قېتىم بولسىمۇ چاقناپ قويمايدۇ؟ دۇنيادا زادى شۇنداق قىز بارمۇ ؟دەپ ئويلىدىم... كۈنلەر شۇنداق تىز ئۆتمەكتە ئىدى... 

    ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئىلىمگە تەشنا دىلىم ئۆزىگە تەسەللى دۇردانىلەرنى ئىلىم بېغىدىن تاپقان ئىدى، دىلىمدىكى يېڭى ئىدىيەلەر، بىلىملەر سىرتقا چىقىپ، ئۆزىنى نامايان قىلشنى ئىستەيتتى! ياشلىقنىڭ ئوتلۇق ئىلھامى ۋە يىگىتلىك تەۋەككۈلچىلىكنىڭ ئىلھامىدا ناھايتى ئاستا، ناھايتى  كىچىك بىر تىنىق ئالدىم! ئەشۇ تىنىقنىڭ تۆھپىسىدە باشقىلار مېنى ئاكاش، مۇئەللىم دەپ ئاتايدىغان بولدى، ئۆزۈمنى قايتىدىن تۇغۇلغاندەك ھېس قىلىدىغان، ئۆزۈمدىن رازى بولىدىغان، تىرىشچانلقلارنىڭ بىكار كەتمىگىنىگە ئىشىنىدىغان بولدۇم. مېنى تولىمۇ خۇرسەن قىلغىنى سىنپىمدا بىرىنچى پارتىدا دائىم بىر قىز ياق، بىر پەرىشتە كۆزلىرىنى پارقىرتىپ ئولتۇراتتى! مېنى مۇئەللىم! دەپ چاقىراتتى! ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى؛ ئۆزگىچە قارا رومالغا ئورىغان قاپقارا چاچ، توشقان چىش، پىيالە كۆز ، مېنىڭ خىيالىم، چۈشلىرىم ئەسلىگە كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. قايسدۇر بىر كېچە شۇنداق بىر چۈش كۆردۈم!

    «يىراق بىر يېزا، قولتۇقۇمغا بىر باغلام بېدىنى قىستۇرۇپ ئالدىراپ ماڭغىدەكمەن. خىيالىمدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئېتى ئاچ قالغانمىش، مەن ئۇنىڭغا ئوت-سۇ ئېلىپ مېڭىپتىمىشمەن! گۇگۇم! يېزىدىكى كونا ئۆينىڭ ئىشىكىنى يېنىك چېكىپتىمەن!

    ئادەم يوق ھويلىنى كۆرگىدەكمەن! ھويلىدا ئاپئاق تۇلپار ئوقۇرغا باغلاقلىق، مېنى كۆرۈپ كىشنەپ كېتىپتۇ! ئۆيدە ئادەم يوقمۇ دەپ دېرىزىگە تىكىلىپ تۇرسام قىزىل غۇلجا دوپپىسى كىيگەن ئېگىز بوي بىرسىنى كۆرگۈدەكمەن، لۇتپۇللا تاغام ئۆيدىكەندە! ياخشىسى ئىشنى بىلمىسۇن، ئاستا كېتەي دەپ قولۇمدىكى بېدىنى ئات ئوقۇرىغا تاشلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئىشك ئېچىلىپ بىر قىز چىقىپتۇدەك، ئاھ ئۇ مەن ئىزلەۋاتقان قىز! –

    - مەن ، مەن- ئوت سۇ ئەكەلگەنىدىم!دېدىم،  ئاڭغىچە لۇتپۇللا تاغام :-مەن بۇ ئەلدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم، سېنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم! سەن قىيىن ئىشلارنى قىلالايسەن!–دېدى. «ھەممە سەندەك بولسا ئەل قۇتۇلىدۇ!» دېگۈدەك... چەكسىز خوشاللىق ئىلكىدە تولغىنپتىمەن!

    مېنى ھەيران قالدۇرغىنى چۈشۈمدىكى، خىيالىمدىكى، ئارزۇيۇمدىكى قىز سىنىپتا بىرىنچى پارتىدا ئولتۇراتتى، ئۇ سەن ئىدىڭ، دائىم ئوتتۇرا رەت ئالدىنقى ئورۇن سېنىڭ ئىدى. ئالدىنقى يىلى مۇشۇ كۈنلەر يېڭى ئۇنۋېرسىتېت بېغىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان بىر كەچ، گۇگۇم بىلەن تەڭ دەرسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتماقچى بولدۇم. تۇيۇقسىز كۆزۈم ساڭا قانداقتۇر بىر ئىللىقلىق ئىلكىدە مىدىر-سىدىر قىلماي  تۇرغان قىياپىتىڭگە چۈشتى. سەن ماڭا بىر نەرسە دېمەكچى ئىدىڭ. بۇنى بىلدىم بىلدىميۇ چاندۇرماي چىقىپ كېتىشكە ئورۇندۇم

    - مۇئەللىم!

    ئوماق ئاۋازىڭ مېنى ھۇشسىزلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالدى.

    - مۇئەللىم! سەن يەنە بىر رەت مېنى چاقىردىڭ.

    - مۇئەللىم توغرا،مەن مۇئەللىم دېدىم ئۆزۈمگە گەرچە سەندىن بىر-نەچچە ياش چوڭ بولساممۇ،تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن بولساممۇ. سېنىڭ ئىلىمگە تەشنا قەلبىڭگە  ئوت ياققۇچى مەن ئۇلۇغ سۆيگۈ ئەلچىسى بولغان«ئوقۇتقۇچىلىق»ماقامىغا لايىق كەلگەن ئىدىم! مەن نېمە ئويلاپ كەتتىم دېدىم!

    سەن يەنىلا جىمجىت تۇراتتىڭ!

    - نېمە ئىش دېدىم قىزىقىپ.

    - مەن، مەن رۇخسەت ئالاي دېگەنىدىم! قەشقەردىن ساۋاقداشلىرىم كەپتۇ؛ قايتا-قايتا تېلېفۇن قىلىپ... ئەتە يىغىلىشايلى دېگەن....

    - نېمە؟ يىغلىش! سىز نېمانداق دۆت، ئەشۇ ئىش ئۈچۈن دەرسنى تاشلامسىز! مەن بولسام ئۇنداق قىلمايتتىم دېدىم ،-قوپاللىق بىلەن. ئەمما قەلبىم سېنى ئەيىبلىگىنى ئۈچۈن قاتتىق ئازاپ ھېس قىلىۋاتاتتى. مەن نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم؟ ئەمدى ئويلاپ باقسام مەن سېنى سۆيگەچكە، تولىمۇ سۆيگەچكە شۇنداق قىلغان. سېنىڭ ھېچ كىشىگە ئوخشىمايدىغان قەلبىمدىكى ئالىي ئوبرازىڭنىڭ ئاتالمىش يىغلىشلاردا نامايەن بولۇشىنى، ئويۇنچىلار ئېقىمىغا ئايلىنىپ كېتىشنى خالىمىغاچقلا باشقىلاردىن سېنى قىزغىنىپ شۇنداق قوپاللىق قىلغان ئىكەنمەن!

    سۆزۈمنى ئېيتتىم،- دە ئارقامغا قايتتىم. بىراق ئوقۇش بىناسىنىڭ 1- قەۋىتىگە چۈشۈپ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم! قەلبىم قانداقتۇر بىر نەرسىنى سېنىڭ يىغلىغىنىڭنى سەزدى. دەرھال قايتىپ چىقتىم، ئىشك تاقاق! سەن سىنىپ ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرۇپسەن! مەن ئازاپلاندىم سېنى ئازابلغۇچى تىلىمنى قاتتىق چىشلىگۈم ،تامچە يېشىڭ ھەققى ئۈچۈن ئۈزۈپ تاشلىغۇم كېلەتتى، ئەمما خۇدا ھەققى جېنىم، قىلغانلىرىم ھەممىسى ساڭا بولغان سۆيگۈم ھەسەت ئوتىدىن بولغان ئىدى، - پاراڭلاشساق بولامدۇ،- دېدىم مەن پەس ئاۋازدا.سەن قارشىلىقسىز ماڭا ئەگەشتىڭ. يېنىك قەدەملەر بىلەن مەكتەپ بىناسىنى ئايلىنىشقا باشلىدۇق! سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېيتتىڭ! مېنىڭ كەچمىشىمنى سورىدىڭ مەن ئېيتتىم! سۆزلىرىمنى ئاڭلاۋېتىپ كۆز ياشلىرىڭنى يوشۇرالمىدىڭ، تۇيۇقسىز ماڭا تېخىمۇ يېقىنلاپ بىر نەرسە ئۆتۈنمەكچى بولدۇڭ. سىز مېنىڭ ئاكام بولۇڭ، دېدىڭ يىغلامسىراپ ! ياق، ياق دېدىم مەن! نېمىشقا ھەممەيلەن مېنى ئاكام بولۇڭ دەيدۇ؟ ئەسلى مەن باشقا نەرسە مەن باشقا نەرسىڭىز بولاي دېمەكچى ئىدىم! جېنىم ! ھاياتىمىزدا تۇنجى قېتىم ئايرىم پاراڭلىشىپ قايتتۇق. بۇ قېتىمقى پاراڭنىڭ ماڭا سېنى نۇرغۇن تەرەپلەردىن چۈشەندۈرۈپ بەردى. سېنىڭ خاسلىقىڭ، ئۆزگىچە پىكىرىڭ، مەندىن سۆيۈنۈپ مېنى« ماختانچاق» دەپ ئاتاشلىرىڭ يۈرەك قېتىمغا سېڭىپ كەتكەن ئىدى!ئەمما مەن ئانچە خۇشال بولالمىدىم! ساڭا بولغان مۇھەببىتىم چەكسىز دەرىجىدە كۈچىيىپ بارغان بولسىمۇ سەن ماڭا ئوقۇتقۇچۇلۇق مەسئۇليىتىدىن ئايرىپ«ئاكىلىق»مەسئۇلىيتىنى يۈكلەپ قويغان ئىدىڭ .

    ئەمما مەن سىنى باشقىچە بىر تۇيغۇدا، باشقىچە بىر ھېستا سۆيەتتىم. ئېھ، مىنىڭ قارا مارجانىم...

    2001-يىلى 9-ئاي ئاخىرى، دۈشەنبە   ئۈرۈمچى 

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    分享到: