باش بەت > ئۇنىۋېرسال > «ئاكادېمىك» توغرىسىدا
20دېكابىر

«ئاكادېمىك» توغرىسىدا

«ئاكادىمىك»  توغرىسىدا 

论院士

ئاپتورى: بوستاني

«ئاكادېمىك»، مەلۇم بىر ئاكادېمىيە تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالى شەرەپنىڭ نامى. ھەم بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۆھبىكار خادىمنىڭ شەرەپلىك نامى .   «ئاكادېمىك» دىگەن سۆزنىڭ كىلىش مەنبەسى مۇنداق:

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،قەدىمقى گىرىتسىيەدە ئۆتكەن بىر پەم-پاراسەتلىك باتۇر، گىرىتسىيە خەلقى ئۈچۈن بولغان كۆرەشتە قۇربان بولغان.كىيىنكى كىشىلەر،بۇ باتۇرنى خاتىرلەش ئۈچۈن بىر مەقبەرە سالغان. بۇ مەقبەرەگە «ئاكادېمي» دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئاكادېمي ناملىق مەقبەرەگە كەلگەن كىشىلەر، باتۇرنى خاتىرلەش بىلەن بىرگە،باتۇرلۇق،ئەقىل پاراسەت،پەم پاراسەت ھەم شۇ قاتارلىق ئىلىم ۋە بىلىم مەسىلىلەرى توغرىسىدا سۆزلەيدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئاكادېمي بىر مۇنبەرگە ئايلىنىپ،بۇ يەرگە كېلىدىغان كىشىلەر توپىدىن ئىلىم تەشكىلاتى شەكىللەنگەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ جاي، ئىلىم توغرىسىدا ھەپىلىشىپ،نۇتۇق سۆزلەيدىغان ياكى دەرىس سۆزلەيدىغان، ئۆگىنىدىغان بىر ئىلمي ئورۇنغا ئايلانغان. كىيىنكى دەۋىرلەردە فرانسىيە خانلىق ئاكادىمىيەسى، بۇ ئاكادىمىيە دە خىزمەت قىلىپ كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئالىمنى تۇنجى قىتىم «ئاكادېمي» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن كىيىن، ئەنگىلىيە، چاروسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنى «ئاكادېمي» دەپ ئاتىغان. شۇنداق قىلىپ، ئاكادىمي، دىگەن نام، پەننىي ئىلىم، ئىنجېنىرى ئىلىم  ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، تەتقىقاتچى، پروففىسسور لارغا، ئىلىم ساھەنىڭ ئەڭ ئالى ئورگانى بولغان ئاكادېمىيە تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالى شەرەپنىڭ نامى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ خۇددى «دۆلەت قەھرىمانى»،«1-ماي ئەمگەكچىلەر نەمۇنچىسى» دىگەنگە ئوخشاش، ئىلىم ۋە ئىنجېنىرى ساھەسىدە بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقۇرى شەرەپنام. بۇرۇنقى «ئاكادېمي» دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈشتە ، ھازىر، خەلقئارادا «ئاكادىمىك» دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچىدا «يۋەنشى،y院士» دەپ ئاتايدۇ (بۇرۇن学部委员 دەپ ئاتىغان). ئۇيغۇرچىدا،  «ئاكادىمىك» دەپ ئاتالغان.

مەنبەلەرگە قارىغاندا، جۇڭگودا، 1948 -يىلى بىجىن ئۈنىۋېرسىتېت، چىڭخۋا ئۈنىۋېرسىتېت، جېجياڭ ئۈنىۋېرسىتېت، مەرگىزى ئۈنىۋېر- سىتېت ۋە مەرگىزى تەتقىقات مەھكىمەسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنى ئاساس قىلغان ئاكادېمىكلار قوشۇنى قۇرۇلغان. كىيىنكى تەرەققىياتلار جەريانىدا، ئىلىمنىڭ تەتقىقات خاراكتېرى ۋە ئوبىكىتىغا قاراپ، جۇڭگودا، پەننىي ئاكادېمىيە ۋە ئىنجېنىرى ئاكادېمىيە دەپ ئاتالغان ئىككى خىل ئاكادىمىيە قۇرۇلغان. شۇڭا، مۇشۇ ئىككى خىل ئاكادېمىيە تەرىپىدىن نام بېرىلگەن «ئاكادېمىك» قوشۇنى شەكىللەندى. بۇلارنىڭ بىرى جۇڭگو پەنني ئاكادېمىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاكادېمىك شەرەپنامى.(中国科学院院士). يەنە بىرى، جۇڭگو ئىنجېنىرى ئاكادىمىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاكادېمىك شەرەپنامى. (.«中国科学院院士». 

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئۇيغۇرلادىن ھازىرغىچە جۇڭگو پەننى ئاكادېمىيە تەرىپىدىن نام بېرىلگەن ئاكادېمىك يوق. جۇڭگو ئىنجېنىرى ئاكادېمىيە تەرىپىدىن نام بېرىلگەن ئاكادېمىكدىن بىرلا كىشى بار، ئۇ بولسىمۇ، شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتېت پروففىسسورى ھۇشۇر ئىسلام ئەپەندى.

ئومۇمەن ئالغاندا، «ئاكادېمىك»دىگەن بۇ ئاتالغۇ، پەننىي ئىلىم ۋە ئىنجېنىرى ساھەسىدە زور تۆھبە قوشقان  مۇتخەسلەرنىڭ خىزمەت نېتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىلىم ساھەنىڭ ئەڭ ئالى ئورگانى بولغان ئاكادېمىيە تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالى شەرەپنىڭ نامى.  بۇ شەرەپنام، ئىلىم ساھەسىدىكى تۆھپىكارلار ئىچىدىن نامزات كۆرسۈتۈش ۋە ئاكادېمىكلارلار قۇرۇلتىيىدا بىلەت تاشلاپ سايلاش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. «ئاكادېمىك» دىگەن شەرەپنامغا ئېرىشىشنى بارلىق ئالى ئۇنۋانى بار مۇتخەسلەر ئۈمۈت قىلىشىدۇ. ئەمما، بۇ شەرەپنامغا ئېرىشىش ھەممە تۆھبىكار مۇتخەسلەرگە نېسىپ بولمايدۇ. چۈنكى، بىر دۆلەتتە، سايلىنىدىغان ئاكادېمىك نامزات سانى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ. شۇڭا، تۆھپەكارنىڭ ئىچىدىكى تۆھپەكارلا ۋەكىل بولۇپ، بۇ شەرەپنامغا ئىگە بۇلىدۇ. «ئاكادېمىك» دىگەن نام، ھەرگىزمۇ كەسپى ئۇنۋان نامى ئەمەس. ئۇ پەقەت ئىلىم ساھەسىدىكى بىر ئەڭ ئالى شانشەرەپ نامىدىنلا ئىبارەت. 

تۆھپەكار ئاكادىم، پروففېسسور قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بەزىلىرى پەننى ئاكادېمىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن «ئاكادېمىك» شەرەپنامىغا، بەزىلىرى، ئىجېنىرى ئاكادېمىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن «ئاكادېمىك» شەرەپنامىغا، بەزىلىرى ھەر ئىككىلا ئاكادېمىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن  ئىككى « ئاكادېمىك » شەرەپنامغا ئىرىشكەن بولىدۇ. مەيلى قانداق شەرەپنامغا ئېرىشمىسۇن، بۇ كىشىلەر، بۇرۇنقى خىزمەت ئورنىدا ئەسلىدىكى پروففىسسور ياكى ئاكادىم دىگەندەك كەسپى ئۇنۋان نامى بىلەن ئۆز ساھەسىدىكى ئىلىم تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللۇنىدۇ. بۇلارغا يىڭىدىن ئېغىر ۋەزىپىلەر، مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئىلىمدە، ئەدەب-ئەخلاقتا، پەلسەپە، سىياسى مەۋقەدە نەمۇنە بولۇش تەلەپلىرى ئۆزلىكىدىن ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا، بۇلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە تېخىمۇ كۆپرەك ئېرىشىشى لازىم بولىدۇ. مىنىڭچە، بىز «ئاكادېمىك»لارنى، «ھەممىگە ماھىر، ياكى ھەممىگە قادىر» دىگەندەك سىرلىق تونغا ئوراپ قويماسلىقىمىز لازىم. بىر كىشىنىڭ «ئاكادېمىك» شەرەپنامىنى ھۆرمەت يۈزىسىدىن پەخىرلىك سورۇنلاردا قوللانغىنىمىز ياخشى. ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئاتاش ياكى چاقىرىش ياخشى ئەمەس دەپ قارايمەن. ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ تەرىپلەش ياخش ئىش ئەمەس. ياكى ئۇدۇل كەلگەن سورۇنغا تەكلىپ قىلىش، ئۇلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى مۇقەددەس دەستەك قىلىۋالماسلىقىمىزلازىم. چۈنكى «ئاكادېمىك»لار بۇنداق ئىشلارنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەردۇر.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 10,963 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=75
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز