ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا

تۈر: شىپالىق گىياھلاركۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

قان بېسىم دېگەن بىر قېتىم چۈشۈرۈپ قويغانغا جايىدا جىم تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا قان بېسىمنى تىزگىنلەشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بولۇشى، دورا ۋە يېمەكلىكلەرنى، مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەنلەرنى تەرتىپلىك ئىلىپ بىرىش كېرەك. كەندىر يوپۇرمىقى ۋە ئۇرىقىنىڭ قان بېسىمىنى مۇئەييەن چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار. لىكىن بۇنى ئۇزۇن مۇددەت قاينىتىپ ئىچكىلى بولمايدۇ. نېرۋا سىستېمىسىغا باشقا زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن. قان بىسىمغا دورا ئىچىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە رېتسىپلىق دورا ئىچىپ بىرىشى كېرەك. قان بىسىمىنى چۈشۈرىدىغان ئادەتتە ئىستىمال قىلسا بولىدىغان، ئۆزى ئەرزان، تېپىشقا ئاسان نەرسىلەردىن لىمون (تىلىپ قايناق سۇغا سىلىپ ئىلىدۇ)، قوناق ساقىلى (چاي دەملەپ ئىچىدۇ)، كەرەپشە (چىڭسەي)، پەمىدۇر، تۇرۇپ، قارا ئۈرۈك، گىلاس، تاۋۇز، ھەسەل، چىلان، قېتىق قاتارلىقلار.

يۇقۇرى قان بىسىم بىمارلىرى دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قان بىسىم

ھېكايەت: نامراتنىڭ گۆشى-چامغۇر

بىر يۇرتتا ئۇيغۇر تىبابىتى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بۇلۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىنى قانداق كۈتۈش، نېمە كېسەلگە نېمە شىپا بۇلۇشتىن تارتىپ بىلىدىكەن. بۇ يۇرتتا كامالەتكە يەتكەن بىر تىۋىپ بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بار ئىكەن. شاگىرتلىرى ئىچىدە ئىخلاسمەن، تىرىشچان، بىلىمى تېز يۈكسېلىۋاتقان بىر شاگىرتى ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتىدىكەن. ئۇستاز تېۋىپ بىر كۈنى شاگىرتىنى چاقىرىپ:‹‹سېنڭ تىۋىپلىق ئىلىمىڭ خېلى كامال تاپتى، ئۆز ئالدىڭغا ئەمخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىساڭ بولىدۇ. شۇڭا ساڭا بېرىدىغان مەسلىھەتىم، بۇ يەردىن يىراق بىر جايدا تۇرپان دىگەن يۇرت بار، ئۇ يەردىن بوران كۆپ چىقىدۇ، ھاۋاسى توپا-چاڭ، بۇنداق مۇھىتتا كېسەل كۆپ كۆرۈلىدۇ، سەن شۇ يۇرتقا بېرىپ كىشىلەرنى داۋالىغىن›› دەپ دۇئا بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاگىرت بۇ يۇرتقا كېلىپ ئەمخانا ئېچىپتىكەن، بىر يىلغىچە تۈزۈك كېسەلمۇ كىرمەپتۇ. قارىسا كىشىلەر چامغۇرنى سۇيۇقئاشقا توغراپ سېلىۋاتقانلىغىنى، گۆش پىشۇرسا شورپىغا چامغۇر سېلىۋاتقانلىغىنى ۋە يەنە باشقا ئۇسوللار بىلەنمۇ كۈندە ئىستىمال قىلۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنىڭ كېسەل بولماسلىق سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئۇستازىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇستازى قايتىپ كېلىش سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن،...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چامغۇر، زېققە

بىرزات ئىلاۋىسى: ھەر قايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىت، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى، گېن-ئىرسىيەت ئامىلى دېگەندەك پەرقلەر سەۋەبلىك ھەر قايسى ئىقلىملاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەب ھەر قايسى جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈك-كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: جۇڭگۇ تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنىڭ تەبئىتىنى ئىسسىق ياكى ئىسسىققا مايىل دەپ تەبىر بىرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنى ئۆتكۈر دەرىجىدە سوغۇق دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىلا قاراشنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە

مۇشۇ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە دورا دۇكانلىرىدا زۇكام ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ئېلانلىرىنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى قىش پەسلى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ بىر ئېنىق ئىپادىسى بولسا كىرەك.مۇبادا سىز قىش پەسلىدىكى تۈرلۈك كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز،سىز چۇقۇم يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ بۇنى كۈندىلىك پائالىيەت تەرتىپىگە كىرگۈزۋېلىڭ. نىيوروك شەھرى ۋېلككورنىل تىببى ئىنىستۇتى(Weill Cornell Medical College) نىڭ پىروفىسورى، ئىممۇنىت ۋە مىكرو بىئولاگىيە كەسپىنىڭ تىببى پەنلەر دوكتۇرى ئاننا موسكونا(Ane Moscona) مۇنداق دەيدۇ::

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىممۇنېت يېمەكلىك

ئۈزۈم بۇرۇندىن مەشھۇر مېۋە بولۇپ ئادەتتە مېۋە ئورنىدا ئىستىمال قىلىنغاندىن سىرت ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە ئۈزۈمدىن ھەر خىل شاراب-ئىچىملىكلەرنى، شىرنە، سىركە دېگەندەكلەرنى تەييارلاپ ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەل داۋالاشتا ئەتۋارلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. ياشانغان كىشىلىرمىز ئارىسىدا ئەتتىگەندە ناشتىدا ئۈزۈم بىلەن نان يېسە ئادەمنى ياشارتىدۇ دەيدىغان قاراش بار. ئۈزۈم بىلەن نان يېسە سۈننەت دەيدىغان گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ مەيلى قۇرۇق ئۈزۈم بولسۇن ياكى ھۆل ئۈزۈم بولسۇن نان بىلەن يېسە ئالاھىدە ئېسىل ۋە يېيىشلىك بولىدۇ. ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە ئۇيغۇر تېبابەت مەنبەلىرىدە شۇنداق بايانلار بار:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۈزۈم

لىموننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە

لىمون تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 ، ۋىتامىن C، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتىسىي، تۆمۈر، كالىي، ناتىرىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. لىمون شىرنىسى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى توسىدۇ، ھەتتا شەككىللەنگەن تاشنى ئىرىتىۋېتەلەيدۇ.

 لىمون يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. كالتىسىي ئىئوننىڭ قاننى ئۇيۇتۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يۇقۇرى قان بېسىم ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.

لىمون ئارتېرىينىڭ قېتىشىشى ۋە قان نۆكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ. نىترىتلارنىڭ شەكىللىنىشىنى تورمۇزلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

لىمون ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: لىمون lemon (níng méng) 柠檬

بۇ ئامۇت ئائىلىسىگە تەۋە مېۋىلىك دەرەخ - قوتۇر ئامۇتنىڭ مېۋىسى بولۇپ ئاساسلىقى قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە-يېزىلىرىنىڭ ھەر بىر ئائىلىلىرىدە دېگۈدەك باغ-ھويلىلىرىدا ئەھيا قىلىدىغان بىر تۈرلۈك يەرلىك مېۋە سورتى. بۇ مېۋە يەنە خوتەن ۋە ئاتۇشنىڭ قىسمەن جايلىرىدىمۇ ئەھيا قىلىنىدۇ. قوتۇر ئامۇت ئاساسەن 8-9-ئايلاردا پىشىدۇ. بۇ مېۋە تەمىنىڭ شىرىنلىكى، شىپالىق ۋە ئوزۇقلۇق رولىنىڭ يۇقۇرى بولىشى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشكەن. قوتۇر ئامۇت ھەققىدە كىتاب-ماتىرياللار ۋە تور تۇنياسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بىرىلمىگەن بولغاچقا بۇنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە شىپالىق رولى ھەققىدە ئۆز تەجىربەم ئاساسىدا بايقىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ ھەقتە يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇر -مەلۇماتلاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ 80خالتا بلوگىغا ئىشتىراك ئېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

قوتۇر ئامۇتنىڭ تەبئىتى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قوتۇر ئامۇت قەشقەر مېۋە شىپالىق

ئۇلۇق رامىزان مۇبارەك كىلىش ھارپىسىدا ھاۋا بۆلەكچىلا ئىسسىپ راھەتكە كۆنگەن تەنلەرنى، سالقىنلىق ئىزدەپ ئارانلا تۇرىدىغان نازۇك جانلارنى قاقشاتقىلى تۇردى.  رايۇنىمىزدا يىلدىن -يىلغا پىژغىرىم ئىسسىققا قاراپ كىلىۋاتقان رامىزان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تاقىتىنى، نەپسىنى تىزگىنلەپ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ھارغىنلىققا قارشى ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان چوڭ بىر سىناق.  ئىپتاردا مۇزدەك تاۋۇز ياكى شاپتۇل سۈيى ئىچىۋالسا روزىدارلىقتىكى تەشنالىقنى باسسا ئەجەپ ئەمەس. كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك راھەت قوغلىشىپ ھەر خىل تەم ھەر خىل رەڭدىكى سانائەت ئىچىملىكلىرىنى ئىچىۋەرسەك ساقلىقىمىزغا بولغان زېيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولغۇدەك. چۈشتە ئۆيگە كىلىپ توڭلاتقۇدىكى قوغۇننى قىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچەي دەپ قاپتىكەنمە، ئەتتىگەن كېيگەن مايكىنى <<ۋەيران>> قىپتىمەن. شۇڭا بايا رامىزانغا ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق كۆرۈپ قوياي دەپ بازاردىن مېۋە سىقىش ماشىنىسىدىن بىرنى سىتىۋالدىم. ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز باياتىن بىرى سېقىش ماشىنىسىدا 4 خىل مېۋە سۈيى تەييارلاپ باقتىم. 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: مېۋە، شەربەت، ئىچىملىك، شاپتۇل، تاۋۇز، قوغۇن، سەۋزە

ئاچچىقسۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

 ئاچچىقسۇ جۇڭگۇدا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىنىش تارىخىغا ئىگە. ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل ھەم كۈچلۈك، پۇرىقى مەززىلىك ھەم يېقىشلىق بولۇپ، تەم تەڭشەشتە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل تەم تەڭشەش ماتىريالىدۇر.
ئۇنىڭ تۈرلىرى ئاساسلىقى گۈرۈچ ئاچچىقسۇ،سۈرلەنگەن ئاچچىقسۇ، شېكەر ئاچچىقسۇ، ھاراق ئاچچىقسۇ، ئاق ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.ئاچچىقسۇنىڭ چۈچۈمەل تەمىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ۋىتامىنB2،كالتىسىي،فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
ئاچچىقسۇ قورۇمىنىڭ يېڭى، تاتلىق، مەززىلىك قاتارلىق تەمىلىرىنى ئاشۇرۇىدۇ، غەيرىي پۇرىقىنى تۈگىتىدۇ، خام ماتىريال تەركىبىدىكى ۋىتامىنCنىڭ زىيانغا ئۇچرىشنى ئازايتىدۇ،توخۇ سۆڭىكى، بېلىق قىلتىرقىنى يۇمشىتىدۇ، خام ماتېرىيال تەركىبىدىكى كالتىسىي،تۆمۈر،فوسفورنىڭ ئېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىتپ چىقىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاماق سىڭدۇرىدۇ.
ئاچچىقسۇنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك باكتېرىيە تىزگىنلەش رولى بار بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يىرڭلاتقۇچى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، تولغاق قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى، كېزىك، تارقىلىشچان زوكام ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
ئاچچىقسۇ چارچاشنى تۈگتىپ، ....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئاچچىقسۇ

سامساق مايسىسى(蒜苗) يەنە سامساق كۆكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ سامساقنىڭ يۇمران مايسىسى يېتىلىپ مۇئەييەن مەزگىلگە يەتكەن چاغدىكى كۆك مايسىسىدىن ئىبارەت. ئۇ سامساقنىڭ خۇش پۇراق ئاچچىق تەمىگە ئىگە، ئەمما ئۇنىڭدا سامساقنىڭ غىدىقلاشچانلىقى يوق بولۇپ، ئادەتتە كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىلىتىلىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: سامساق

جىگدە گۈلىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ جاراھەتلەرگە تېڭىش ياكى قاينىتىپ موپاسىل، سۇسلاپ كەتكەن پەيلەرنى ياغلاش پايدىلىق، ئۇ يەنە چاچنى ئۆستۈرىدۇ. جىگدە چېچىگى گۈلقەنتىنىڭ ئەر-ئاياللاردىكى بەل-بۆرەك، بالياتقۇ، ئاشقازان سوۋۇپ ئاجىزلاشقان، شەھۋەت (جىنسىي ھەۋەس) سۇسلاشقا مەنپەئىتى ئالاھىدە ياخشى. جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئىشەنچلىك جىگدە چېچىگى ھەسىلىمۇ بولىدۇ. ھەسەل چوقۇم كۆنەكتە ياخشى پىشقان، ھېچقانداق ئارلاشما بولمىغان ئىشەنچلىك ھەسەل بولىشى كېرەك.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﭘﯘﺭﺍﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﻩﻙ.

ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىگدە

ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻝ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻳﻰ ﺑﯩﺮﻩ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻏﻮﻟﻰ ﺗﯩﻚ، ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﺗﻘﺎﻝ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﮔﯜﻝ ﺑﻪﺭﮔﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﺘﻪ <<ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻝ>> ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ<<ﮔﯜﻟﺴﯘﺭﯗﺥ>>ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯘ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ 玫瑰花
ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﻨﻰ 月季花
ﺩﻩﭖ ﺋﺎﭘﺘﯘ. ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ.
ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﺴﯩﻨﻰ : rose flower ﺩﯦﺴﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ red flower ؟
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قىزىلگۈل

ﺷﯘﻣﺒﯘﻳﺎ ﺋﺎﺋﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ، 10-50 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯩﺘﯩﯧﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﺗﺎﭖ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﯧﻨﻰ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻮﻏﯘﻥ -ﺗﺎﯞﯗﺯﻻﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻣﺒﯘﻳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﺎﺭﺍﺯﯨﺖ، ﺯﯨﻴﺎﻧﺪﺍﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ : lie dang 列当

ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﺶ، ﭘﻪﻱ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﯧﯖﯩﺘﯩﺶ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ:

[تەپسىلاتى]

ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺷﺒﯘﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﮬﻪﺯﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ، ﻳﻪﻝ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﺋﯧﻐﯩﺰ ﭘﯘﺭﺍﺵ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﯩﺴﯩﻠﯩﺶ، ﮬﻪﺯﯨﻢ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺵ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ،ﮬﻪﺯﯨﻢ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﭘﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. لاچىندانە ئادەتتە چايخانىلارنىڭ ئاساسلىق ئېسىل چاي خۇرۇچلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندە لاچىندانە تەركىبلىك بىر نەچچە خىل چاي رېتسىپى تونۇشتۇرىلىدۇ:

 بىرزات بۇرادەرلەر چايلىقى

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: لاچىندانە

بىھىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىشىقىغا چېپىپ بېرىلسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار ، ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئېستىمال قىلسا پايدىلىق .

ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بىھى

قوغۇننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰدىكى ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻏﯘﻥ.
قۇغۇننىڭ تەركىبىدە شېكەر، ئاقسل،كالىتېسىي، فوسفور ۋە باشقا ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ، قوغۇننى ئېتىدىن تارتىپ، ئۇرۇق، شاپىقىغىچە ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قۇغۇن داڭلىق مېۋە بولۇپ، تاتلىق، سۇلۇق، يىپسىز كېلىدۇ. قوغۇن ئادەمنىڭ ئىچىنى يۇمشىتىش، سۇسىزلىنىشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش، بۆرەك، دوۋسۇندىكى تاشلارنى ئېزىش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، بەدەنگە تېز تارقاش، تاماق ھەزىم قىلدۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ...

قوغۇن ئۇرۇقى- جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇش، بۆرەك، دوۋسۇن، ئۈچەيلەرنى تازلاش، ئادەمنىڭ مىجەزىنى ياخشىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قوغۇن

ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ.
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻳﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﭼﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ، ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: رەيھان گۈلقەنت

 شاپتۇل مېغىزىنىڭ تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
شاپتۇل مېغىزنىڭ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان ماددىسى قان قېتىشقا قارشى تەسىرگە ئىگە ھەم ئاجىزراق ھالدىكى قان ئېرىتىش تەسىرىمۇ بار .
خۇسۇسىيىتى : چاچنى قۇۋۋەتلەش ، يۆتەل پەسەيتىش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش ، سۈيدۈك ھەيدەش، چاچ ئۈندۈرۈش .
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ھەيز تۇتۇلۇش ، ھەيز كەلمەسلىك ياكى ھەيز قېنى مونەك - مونەك كېلىش، سۈيدۈكتىن قان كېلىش، قورساق ئاغرىقى ، قەۋزىيەت ، ئۈچەي يارىسى ، قۇلاق ئاغرىقى ، بۇۋاسىر ، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسسۇلى :
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: شاپتۇل

قەدىمكى زامانلاردا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە «تۇز ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك» ھېسابلىناتتى. قەدىمكى مىسىرلىقلار تۇزدىن ساپ تۇز مونەكچىلىرىنى ياساپ، ئۇنىڭغا بەلگە سېلىپ پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان قەدىمكى رىم دەۋرىدە، ئەسكەرلەر تۇز يوللارنى چارلاپ مۇھاپىزەت قىلغان، ئۇلارنىڭ مائاشى ئۈچۈن ئالتۇن، كۈمۈش ئەمەس، بەلكى تۇز بېرىلگەن. يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاش تۇزىغا باشقا تاۋارلارنى ئالماشتۇرغان. چىخ ۋە سلوۋاكىيە خەلقلىرى ئارىسىدا «تۇز ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك» دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان. ئادەملەر كۈنىگە10  گرامدىن12  گرامغىچە تۇز ئىستېمال قىلغاندا ئاندىن پائالىيەتلىرىنى نورمال داۋاملاشتۇرالايدۇ. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى تەر كۆپ چىققاچقا، بەدەندىكى تۇزلار تەر بىلەن بىرلىكتە چىقىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تۇز كۆپرەك ئىستېمال قىلىنمىسا، ناترىي كەملىك تۈپەيلىدىن ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى ھارارەتلىك شارائىتتا ئىشلەيدىغانلارنىڭ تۇزلۇق گازلىق سۇنى ئىچىشى تۇز تولۇقلاش ئۈچۈندۇر. ئادەم تېنىدىكى قاندا %0.9 تۇز بار بولۇپ، بۇ تۇز قاننى بەلگىلىك ئوسموتىك بېسىمدا ساقلاپ، ئادەم تېنىدىكى نورمال ماددا ئالمىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا دوختۇرلار بىمارلارغا بېرىدىغان فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى قويۇقلۇقى %0.9 بولغان ئاش تۇزىنىڭ ئېرىتمىسىدىن ئىبارەت. ئاش تۇزى يەنە ناھايىتى مۇھىم سانائەت خام ئەشياسى، شۇڭا ئۇ »سانائەت خام ئەشيالىرىنىڭ ئانىسى« دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭدىن تۇز كىسلاتا، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار قاتارلىق مۇھىم سانائەت خام ئەشيالىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.1  توننا تۇز كىسلاتا ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن5 .1 توننا ئاش تۇزى كېرەك بولىدۇ،1  توننا كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن2  توننا ئاش تۇزى كېرەك بولىدۇ. تۇز كىسلاتا ۋە كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئاساسلىق خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى، تۇز بولمىسا خىمىيە سانائىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. تۆۋەندە تۇزنىڭ ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇنى ئىستىمال قىلىشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە تەپسىلاتلار دىققىتىڭىزدە بولىدۇ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تۇز 咸盐 xianyan

كاۋاۋىچىن(花椒)ئەسلى شىمالىي شەنشى ئەتراپلىرىدىن چىقىدىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان بىرخىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخنىڭ مىۋىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مىۋىسى دۈگىلەك، ماش چوڭلۇقىدا بولۇپ، پوستى خۇشپۇراق ماتىريال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، تەم تەڭشىگۈچى ماتىريال ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كاۋاۋىچىن تەركىبىدە ۋىتامىنB2، كاروتىن، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتىسىي، فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كاۋاۋىچىن

گازىرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

گازىر ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇنى پارچە-پۇرات يېمەكلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پىچىنە -پىرەنىكنىڭ خام ئەشياسى قىلغىلىمۇ بولىدۇ. گازىر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ بولغاچقا، ئۇ يەنە مۇھىم ياغ تارتىش خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بويان گازىر يېغى ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئالىي دەرىجىلىك ساغلاملىق يېغى بولۇپ قالدى.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:

[تەپسىلاتى]

ﺑﯘ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﮔﯜﻟﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ، ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ( ﮔﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ)، ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﯩﻘﻰ، ﻳﯧﻠﺘﯩﺰﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﮔﯜﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪﺭﻩﺱ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

بەسەي تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2،ۋىتامىنC،ۋىتامىنE،كالتىسىي، فوسفور،تۆمۈر،سىنىك قاتارلىقلار بار.
بەسەي تەركىبىدىكى كالتىسىي ۋە ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى نەشپۈت ۋە ئالمىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى، سىنىكنىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئارسىدا بارماق بىلەن سانىغىدەكلا بولۇپلا قالماي، ھەتتا گۆش ۋە تۇخۇمنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
بەسەينىڭ بەدەندىكى زەھەر(توكسىننى تازىلاش)، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ،يۆتەل، كىكىردەك ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا: بېلىق ئىسسىق پەيدا قىلىدۇ، گۆش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، بەسەي،دۇفۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ دىگەن گەپ بار.
بەسەي سېرىق قوڭۇر داغ، قېرىلىق دېغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. بەسەي بىئاراملىقنى تۈگىتىپ،..

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قىچا يېغى قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ،نېرۋا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
قىچا يېغى تەركىبىدە سىناپىك كىسلاتا مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بىر خىل ياغ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىغا ياغ ئولتۇرۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان-چىقارمايدىغانلىقى ۋە يۈرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان-ئۇچراتمايدىغانلىقى ھەققىدە نۆۋەتتە تېخى تالاش-تارتىش مەۋجۇت. تاجىسىمان ئارتېرىيلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بىسىمغا گىرىپتار بولغانلار يەنىلا قىچا يېغىنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم.

قېچا يېغى ئېستىمال قىلىشتا دېققەت قىلىدىغان ئىشلار:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قىچا يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

پالەك كۆزنى نۇرلۇق ۋە چىرايلىق قىلىدۇ،ناماز شام قارىغۇسى كېسىلى ۋە جاۋىغاي ياللۇغىنى داۋالايدۇ.
پالەك كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ چىكىنىش خەۋپىنى ئازايىتىپ،بۇ ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ.
پالەك قان بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ،كۆپ خىل راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار پالەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ،چۈنكى ئۇ ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھامىلىنىڭ غەيرىي نورمال توغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.پالەك تۆمۈر يېتىشمەسلىك خارەكتىرلىك قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.
پالەك ئاشقازان ئۈچەينى تازىلاپ، بەدەننى زىلۋالاشتۇرىدۇ.
پالەك قېرىشقا قارىشى تۇرۇش، ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، قېرىلىقتىكى دىۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
پالەك ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىدىكى ئىسسقلىق زەھىرىنى تازلايدۇ؛جۇڭيى تىبابەتچىلىكى، تەبئىتى سوغۇق بولۇپ، قاننى تولۇقلايدۇ، قاننى توختىتىدۇ، مەنپىيىلىكنى چەكلەپ، قۇرۇقلۇقنى ھۆللەيدۇ، بۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ،ئادەمنىڭ چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ھەسەل تەملىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئىگە.

  1. ھەسەل ناھايتى مۇقىم ماددا بولۇپ، ياخشى ساقلىغاندا نەچچە يۈز يىلغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئوزۇقلۇقىمۇ ئىسراپ بولمايدۇ.

  2. ھەسەل يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىغا يىغىلىپ قالغان ياغنى ئازايتىدۇ.

6. ھەسەل ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى خورىتىدىغان ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىۋەتسە، ئېغىرلىقنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار.

......... ھەسەلنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ ، بەدەننىڭ ئېممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . ئاجىز ، ئوڭاي ئاغرىيدىغان ھەمدە سالامەتلىكى ناچار بالىلارغا بەك ماس كېلىدۇ . ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار بىر سوتكا ئىچىدە 30-50 گرامغىچە ھەسەلنى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ، ئىچىپ بەرسە راخت كېسەللىكىنى داۋالايدۇ . ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا ، ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچكۈزسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئەگەر بالىلارنىڭ بېشى ئاغرىپ ، مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولسا ، ئەتىگەن ، كەچتە 30 -50 گرامغىچە ھەسەلنى ئىچىپ بەرسە ، ناھايتى پايدىلىق.
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ھەسەل

ﺑﯘ ﻛﺎﯞﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﭘﯩﻠﻪﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺭﺧﻪﻣﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ، ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ، ﻳﯧﻠﺘﯩﺰﻯ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺳﻪﭘﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﯜﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺗﯧﺮﯨﮕﻪ ﺟﯘﻻ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ، ﺗﺎﺵ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تەرخەمەك

ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ: 构纪子 gou ji zi
ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ: wolfberry

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئالقات

بۇ تۆگە ئائىلىسىدىكى مەشھۇر ھايۋان قوش لوكىلىق تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ گۆشى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ .
تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : « تەبىئەت»نى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، يەللەرنى تارقىتىش ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش ، قىزىتمىنى پەسەيتىش ، كونا - يېڭى باش ئاغرىقىنى قالدۇرۇش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، قان توختىتىش .
ئىشلىتىلىدىغان كىسەللىكلەر :

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تۆگە گۆشى

ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﻩ -ﭼﯩﯟﻩ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ .

1. كاۋا. كاۋىنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە  ﻗﻪﻧﺖ ﺳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.

15. ئۈجمە يوپۇرمىقى: ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قوغداپ ، ئىنسۇلىننىڭ نۇرمال ئاجىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە يۇقۇرى قان بېسىمنى ياخشىلاپ خولىستېرىن ۋە تىرىگلىتسېرىدنى ئازايتىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: دىئابېت

كۆممىقوناق ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە تۈرتكە بولۇپ، گەندە- سۈيدۈكنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىنى تېزلىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، قەۋزىيەت، ئۈچەي ياللۇغى، ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنىڭ ئادىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
كۆممىقوناق تېرىنى ئاسراش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان زەردابىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، تېرىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قېرشنى كىچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىشنى يەڭگىللىتەلەيدۇ.
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ﺑﯘ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ <<ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ>>، ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ << ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ>> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﭘﻮﺳﺘﻰ ﻧﯧﭙﯩﺰ، ﺳﯘﻟﯘﻕ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﯩﺸﻘﯩﻨﯩﺪﯗﺭ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ

شىپالىق رولى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: شاپتۇل

باناننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

بانان ئىسسىق بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى رايۇنلاردىن چىقىدۇ. بانان غەمكىنلىكنى تۈگىتىدىغانلىقتىن، ياۋرۇپالىقلار ئۇنى<<شادلىق مېۋىسى>> دېيىشىدۇ، قىزلار بولسا باناننى ئورۇقلاش مېۋىسى دەپ قارايدۇ.
بانان يەنە << ئەقىل-پاراسەت مېۋىسى>> دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسى ساكيامۇنى بانان يېگەنلىكتىن ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولغان ئىكەنمىش.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بانان

ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ -ﮔﺎﻟﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻞ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﺎﺩﺍﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ( ﺋﺎﯕﮕﯩﻨﺎ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺩﺍﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯﮔﻪ ﭘﯜﺭﻛﯜﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺩﺍﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﯘﻟﯘﻕ.
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ﺯﻩﻧﺠﯩﯟىلنىڭ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

كاۋىنىڭ شىپالىق رولى

ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﯩﻠﻪﻙ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻛﺎﯞﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯜﺭﻯ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﺎﯞﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ، ﺗﻪﻛﻰ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ ، ﻣﺎﻧﺘﺎ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ، ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ ، ﺳﻪﻱ ﻛﺎﯞﯨﺴﻰ...ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﺎﻣﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. (ﻛﺎﯞﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪ، ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯜﺯﯛﺗﯜﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ).

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كاۋىنىڭ شىپالىق رولى

ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ

تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: ھەر قانداق مىجەزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. بۇغداينىڭ تەرىپى ھەققىدە ھەكىم سۇلتان ئەلى دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن ئىكەن: ﻏﯩﺰﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻧﺪﯗﺭ.
قوناق ئۇنى|
تەبئىتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ماينى پارچىلايدۇ. قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. گۆش - ياغنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە تولىمۇ ياقىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بار كىشىلەردە مەيدە ئىچىشىش، سۇ يىنىش، ئىچى سۈرۈش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مومكىن. ئۇندىن باشقا بۆرەك، مەزى بېزى كېسىىلى بىلەن ئاغرىغان، زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
گۈرۈچ:
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ

ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە كالتىسىي،فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.
ئۆرۈك مېغىزى ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكىلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۆرۈك مېغىزىنىڭ مۇئەييەن ھۆسۈن گۈزەللەشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، تېرىنىڭ مىكرو قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى قىزىل ھەم سىلىق قىلىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۈرۈك مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺕ، ﺧﺎﻧﯘ-ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. <<چېكىملىك ئەپيۇننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەپيۇنگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان.لىن زېشۈي جۇڭگو تارىخىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەپيۇنغا قارشى تۇنجى جەڭ ئېلان قىلغان مىللىي قەھرىمان.ئۇ خەلقنىڭ كۈلپىتى،مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،خەلقنى يېتەكلەپ،ئەپيۇننى چەكلەش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىپ،خۇمېندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ شانلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن.>>
ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﮬﻪﻡ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﺘﺎ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻩﺭﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
 

[تەپسىلاتى]

ئالمىنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇشتۇرۇش

ﺑﯘ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ << ﺋﺎﻟﻤﺎ >> ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﯩﺸﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﭼﯜﭼﯜﻣﻪﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ.
ئالىمىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن A، B1، B2، PP، Cلار، لىمون كىسلاتاسى، تاننىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

شىپالىق خۇسۇسىيتى:

[تەپسىلاتى]

بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قىممەتلىك كان بايلىقى ئالتۇن بولۇپ بۇنىڭ كۈشتە قىلىنىغىنى، داغلاپ سۇغارغان سۈيى، مەخسۇس تەييارلىنىدىغان ياپراقچىلىرى  تېبابىتىمىزدە موھىم دورىلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئاق، قېزىل، سېرىق رەڭلەردە بولۇپ ئادەتتە دورىلىققا سېرىق ئالتۇن ئىشلىتىلىدۇ.
تەبئىتى: قۇرۇق ئىسسىق

ئالتۇن قىز-چوكانلارنىڭ كۆڭلىگە خوشلۇق يەتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكىم كۆپلىگەن كېسەللەرگىمۇ شىپا بولىدۇ.
شىپالىق رولى:

[تەپسىلاتى]

تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : قان كۆپەيتىش ، ئۇزۇق بولۇش ، بەدەننى سەمرىتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : قان ئازلىق ، تال ئاجىزلىقى ، ئورۇقلاش ، ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قارا شېكەر ۋە ئۇنىڭ تېبابىتىمىزدە ئىشلىتىلىشى

پىستە ئاساسلىق سۈرىيە، ئىراق، ئىران، روسىيىنىڭ غەرىبىي جەنۇبىي قىسىم رايۇنلىرى ۋە جەنۇبىي ياۋرۇپادىن چىقىدۇ، جۇڭگۇ بويچە پەقەت دىيارىمىزدىلا تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن بۇرۇنقى5-ئەسىردە گرېتسىيە-پارىس ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارسلار تامامەن مۇشۇ قاتتىق پوستىلىق مېۋىنى يېيىشكە تاينىپ ئەسكەرلىرىنىڭ كۈچ -قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇپ ئۇدا غەلبىلىك جەڭ قىلغان. ئەينى چاغلاردا پارس پادىچىلار پادا باققاندا، يېتەرلىك پىستە ئېلىۋالغاندىلا،ئاندىن يىراقراق جايلارغا يۆتكىلىپ تۇرمۇش كەچۈرەلىگەن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: پىستە

يازمىلاردا ھورۇنلارغا باھانە بولۇپ بىرىدىغان "تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ" دەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتىش مودا بولدى. شۇنىڭ بىلەن قىز-چوكانلار ئەرلىرى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پەلەي، پايپاق، پوپايكا توقۇپ بىرەلمەيدىغان توغرىسى توقۇيالمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىغۇ مەيلى دەيلى قازان بېشىدا تاماق ئېتىشنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ كەتسە بىر نېمە دېمىسەك بولمايدۇ ئەركەكلەر. نان ناۋايخانىدا تەييار، لەغمەننىڭ پىلتىسى بازاردا، كېسىگلىك ئۈگرە بازاردا، پىلتە قۇيماق بازاردا، سوغۇق سەيلەر بازاردا... ھەممىسى بازاردا بولۇپ كەتسە خوتۇن - قىزلارنىڭ ئەرلىرى، پەرزەنتلىرىگە مىھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغانغا يەنە نېمە قالدى؟!!! قىز-چوكانلار سىلەر ھورۇنلۇق قىلىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ئەرلەرنى تالىشىش رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمايۋاتىسىلەر. ئەرلىرىڭلارغا ئائىلىدىن تولۇق زوق ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىڭلار. سىلەرگە خىيانەت قىلىش يولىغا ماڭغىلىۋاتقان بولسا (ما گەپ سەل ئىشىپ كەتتى لىكىن سەل قارىغۇلۇق ئەمەس)، مانا ئەمدى سىرتتا زوقلانغۇدەك نەرسە قالمىغانلىقىنى تونۇپ يەتسۇن! خەيرىلىك ئىشنى كېچىكتۈرمەي يا بىسمىللا دەپ ھازىرلا ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ - ئېرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ جەلىپكار خوتۇن، پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ مىھرىبان  ئانا بولۇش ئۈچۈن قازان بېشىغا ئۆتۈڭ، - دە ئۆز قولىڭىز بىلەن ئوخشىتىپ ھېيتلىق پىلتە قۇيماق (ساڭزا) سىلىڭ! بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويچە سىلىشنى ئۈگۈنۈڭ: بولسا ھېيتلىق پىشۇرۇق ۋە باشقا ئۆزگىچە ئىسىل ، مىزىلىك تائاملىرىمىزنى ئىتىشنى بىلىدىغان خانىملار شۇ خىل تاماقنى ئىتىشنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ تەلىم بەرگەن بولساڭلار (ئاياللىرى تورغا چىقمايدىغان بىزدەكلەر ئۈگۈنىۋىلىپ خوتۇنلارغا ئۈگەتسەك!!!)

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: پىلتە قۇيماق (ساڭزا)

ئانار دەرىخى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى يەتتە مىتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتى ۋە مەنزىرە قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
پىشقان ئانارنىڭ پوستى ئوچۇق قىزىل ياكى ھال رەڭدە بولۇپ ، كۆپىنچە يېرىلىپ، قاشتىشىغا ئوخشاش جىلۋېلىنىپ تۇرىدىغان ئانار دانىلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ تەمى چۈچۈمەل تاتلىق،شىرنىلىك بولۇپ ، گەرچە ئۇنى يېيىش ئاۋارىچىلىق بولىسىمۇ، ئەمما تەمى ئېغىزدا قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، دانىلىرى كۆپ ۋە تولغان بولغانلىقتىن، ھەمىشە تەبرىكلەشكە ئىشلىتىلدىغان مىۋە دەپ قارىلىپ، بەخىتلىك بولۇش، گۈللەپ ياشناشقا سىموۋىل قىلىندۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قەدىمكى دەۋىرلەردىكى كىنىزەكلەر ئانار شەربىتىنى ئەڭلىك ئورنىدا ئىشلەتكەن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئانار-ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى Nutritional Value of Pomegranate

ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ زەئىپلىشىشنى كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش ، مەنپىيىلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، قاننى تولۇقلاش،ئۆپكىنى سىلىقلاپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئۆردەك تۇخۇمى مەنپىيىلىك زەئىپلىششتىن ئىسسقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۆردەك تۇخۇمىنى ئوبدان پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك، چۈنكى خام ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ بەزىلىرىدە سالمونېللا باكتېرىيىسى بولىدۇ، ئۇ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:

[تەپسىلاتى]

كەرەپشە ئادەمنىڭ جىنسىي قوزغىلىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، غەرپلىكلەر ئۇنى«ئەر- خۇتۇن كۆكتاتى»دەپ ئاتايدۇ، يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى، كەرەپشە قەدىمكى گرېتسىيىدە راھىبلارنىڭ يېيىشى مەنئىي قىلىنغان يېمەكلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. يەنە تايلاندىكى بىر تۈلۈك تەتقىقاتتا،دائىم كەرەپشە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدىغانلىقى، شۇڭا كەرەپشىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىنلىكى بايقالغان.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كەرەپشە نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

تۇرۇپ(لوبو)نىڭ ئاق پوستىلىق، قىزىل پوستىلىق، كۆك پوستىلىق، قىزىل ئەتلىك قاتارلىق كۆپ خىل تۈرى بار. تۇرۇپ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان كۈتۈنۈش يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ھەم باھاسى ئەرزان. ئېلىمىز تۇرۇپنىڭ يۇرتى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈش، ئىستېمال قىلىش تارىخى ئۇزۇن.
تۇرۇپنى قورۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ، سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.مېۋە ئورنىدا خام يېيىشكىمۇ، چىلىغان سەي قىلىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئىنتايىن ياخشى ئىستېمال قىلىش، دورىلىق قىممىتى بار بولۇپ. «قىشتا تۇرۇپ، يازدا زەنجىۋىل ئىستېمال قىلساڭ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بولار سەن ساغلام، ئامان» دېگەن تەمسىل بار.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تۇرۇپنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

مۇشۇ قىزىل مۇچنىڭ ئادەم بەدىنىگە زادى زىيىنى بارمۇ يوق ؟
مەن ماتىريال كۆرۈش جەريانىدا ،يىمەكلىكلەر تەمىنىڭ تاتلىق ،ئاچچىق ،قىرتاق بولىشى ھەمدە كۆپ قىسىم تاتلىق يىمەكلىكلەرنىڭ بولۇپمۇ ھەسەلنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى بارلىقنى، ئاچچق يىمەكلىكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بەزىلىرىنىڭ پايدىسى يوق، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئادەم بەدىننى كاردىن چىقىرىدىغان ئامىللارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەمدى گەپكە كەلسەك بىزنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىدا قانداقلا تاماق يىسەك
قىزىل مۇچنىڭ مىقدارى ھەدىدىن زىيادە جىق

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قىزىل مۇچ ، لازا