كۆممىقوناق ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە تۈرتكە بولۇپ، گەندە- سۈيدۈكنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىنى تېزلىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، قەۋزىيەت، ئۈچەي ياللۇغى، ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنىڭ ئادىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
كۆممىقوناق تېرىنى ئاسراش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان زەردابىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، تېرىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قېرشنى كىچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىشنى يەڭگىللىتەلەيدۇ.
 

" /> كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى - 80 خالتا بلوگى

كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى


 

كۆممىقوناق ئەسلىدە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كېلىپ چىققان، كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان، بۈگۈنكى كۈندە، بەزى رايۇنلاردا ئۇ ئاساسى يېمەكلىك قىلنىدۇ.

كۆممىقوناق قارا ئاشلىق ئارىسىدىكى ئېسىل ساغلاملىق بۇيۇمى بولۇپ ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئادەمنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. كۆممىقوناقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن ئايرىلغاندا، ئاشلىق ۋە يەم - خەشەك قىلنىدىغان تۈرى، كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىدىغان تۈرى، پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان تۈرى، دېنى ئېتىلدۈرۈلدىغان( مەخسۇس ئاقبالداق ئېتىلدۈرۈشقا ئىشلىتىدىغان) تۈرى بار.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

كۆممىقوناق تەركىبىدە ۋىتامىنA ۋىتامىنE، ۋىتامىنB1قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، كۆممىقوناق تەركىبىدىكى ۋىتامىننىڭ مىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، گۈرۈچ، بۇغداينىڭكىنىڭ5~10 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
كۆممىقوناق ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە تۈرتكە بولۇپ، گەندە- سۈيدۈكنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىنى تېزلىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، قەۋزىيەت، ئۈچەي ياللۇغى، ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنىڭ ئادىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
كۆممىقوناق تېرىنى ئاسراش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان زەردابىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، تېرىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قېرشنى كىچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىشنى يەڭگىللىتەلەيدۇ.
كۆممقوناق كۆزنىڭ قېرىشىغا ئۈنۈملۈك ھالدا قارشى تۇرىدۇ.
دائىم كۆممىقوناق ئىستېمال قىلىدىغانلار ئاسانلىقچە يۇقىرى قان بىسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئامېرىكا رايۇنىدىكى ئىندىئانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسلىگە گىرىپتار بولماسلىقى، ئېتىشلار غا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆممىقوناق ئىستېمال قىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
كۆممىقناق ساقىلنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار، كۆممىقوناق يېغى قان تەركىبىدىكى خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كۆممىقوناق تۆرەلمىسىنىڭ ئۇچ ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىدۇ، نېرۋا سېستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەڭشەيدۇ، تېرىنى يۇمران، سىلىق قىلىپ، قورۇق پەيدا بولۇشنى كىچىكتۇرىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بېلۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار

كۆممىقوناق دېنىدىن قورۇما، شۇرپا تەييارلاشقا بولىدۇ. كۆممىقوناقنى پىشۇرۇپ يېگەندە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، پىشۇرۇش داۋامىدا كۆممىقوناق تەركىبىدىكى قىسمەن ۋىتامىنCزىيانغا ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ئوكسىدلىنىشكە قارشى رېئاكتىپنىڭ ئاكتىپلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
كۆممىقوناقنى يېگەندە، كۆممىقوناق دېنىنىڭ تۆرەلمە ئۇچىنىمۇ قالدۇرماي يېيىش لازىم، چۈنكى كۆممىقوناق تەركىبىدىكى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلار مۇشۇ يەرگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ.
كۆممىقوناق كۆكىرىپ قالغاندىن كېيىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولىدۇ، شۇڭا كۆكىرىپ قالغان كۆممىقوناقنى ھەرگىز ئىستېمال قىلشقا بولمايدۇ.
تېرە كېسلىگە گىرىپتار بولغانلار كۆممىقوناق ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
يالغۇز كۆممىقوناقنى ئىستېمال قىلىۋەرگەندە قارا تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا كۆممىقوناق ئاساسى يېمەكلىك قىلىندىغان رايۇندىكىلەر پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم.




[Birzat بۇنى 2010-10-09 06:30 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.