ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: مومامنىڭ رېتسىپلىرىكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

ھەپتىدە 5 رېتسىپ - 13

بىر چىمدىم پاقايوپۇرمىقى ئۇرۇقىنى يۇمشاق ئېزىپ كالا سۈتى بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە مەنىي ئىقىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. خورما ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇپ يۇمشاق تالقانلاپ تەڭ مىقداردا شىكەر قوشۇپ يەپ بەرسە كۆپ ئىھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر شەھۋىتى كۈچىيىپ كېتىش، جىنسىي ھەۋەس سېزىمى ئىشىپ كېتىپ كۆپ ئىھتىلام بولسا قۇرۇق يۇمغاقسۈتنى يۇمشاق تالقانلاپ تەڭ مىقداردا شىكەر بىلەن كۈندە بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسە شىپا قىلىدۇ. ئەگەر شۇ سەۋەبتىن قولدا لەززەتلىنىشكە ئۈگۈنۈپ قالغان بولسا شەھۋەتنى تۆۋەنلىتىپ بۇ ئادەتتىن قول ئۈزۈش ئۈچۈن ھۆل يۇمغاقسۈتنى ئىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە بىر قوشۇقتىن ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە پەيدىسى بولىدۇ. شەھۋەت بىسقىغا چۈشكەندىن كىيىن يۈمغاقسۈت سۈيىنى داۋاملىق ئىچمەسلىك كېرەك.

بىر كىمنىڭ كۆزىدىن تولا ياش ئاقسا....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: رېتسىپ 5 ئەل

خوتەنگە بارغۇچە ئاپتۇبۇستا دېرىزە يېنىدا ئولتۇرغان چوپچوڭ بىر ئەر ۋاقىراپ كەتتى، قارىسام پاقالچىقىنىڭ پېيى تارتىشىپ قالغان ئىكەن، ھە دەپ پۇتىغا ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. مەن يېنىغا بىرىپ تارتىشىپ قالغان پەيگە ئۇرغان بىلەن قويۇپ بەرمەيدۇ، ماڭا بەرسىلە، چارىسىنى مەن قىلىپ باقاي دەپ پۇتلىرىنى تۈزلەپ بارماقلىرىنى ئارقىغا تەكرار قايرىپ بەرگەندىن كىيىن تارتىشىپ قالغان پەي ئەسلىگە كەلدى. تېۋىپ-دوختۇر بولمىسىمۇ ئادەتتىكى تېببى ساۋاتلاردىن خەۋەردار بولۇش تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.

2. بىر تونۇشۇم  قىرغىزىسىتاندىكى ۋاقىتتا كىتابتىن يۇقۇرى قان بېسىم، قان قويۇقلۇق ئۈچۈن مۇنداق بىر رېتسىپنى كىتابتىن كۆرۈپ ئىشلىتىپ ئوبدان ئۈنۈمىنى كۆرۈپتۇ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈندە بەش رېتسىپ

ئائىلىدە كېسەل داۋالاش ئەنئەنىمىز مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز ئىچىدىكى ئېسىل نامايەندىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ھەم ئىقتىسادىي يۈكىنى ينىكلىتىشتە ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە. زۇكام، قىزىتما، يۆتەل، ئىچى سۈرۈش، بەل چىم بولۇش، سۆگەل، كۆڭلى ئىلىشىش، قەۋزىيەت، چىش ئاغرىقى،  قورساق ئاغرىقى، قوقاق، سىيگەكلىك، ئىسسىق ئۆتۈش، كىچىك باللاردىكى كۆزىنى چاپاق بىسىپ كېتىش،  قان ئازلىق دېگەندەك ساقسىزلىقلار ئانىلىرىمىز، مومىلىرىمىزنىڭ شىپالىق كۆرسەتمىلىرى، ئاددىي ئۇسۇل چارىلىرى بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ساقسىزلىقلارغا ئىشلىتىدىغان دورىلار شۇنداق ئاددىي ئىكەنكى شۇنچە ئېغىر بىلىنگەن ساقسىزلىققا شىپا بەرگەنلىكىگە ئىشەنگىڭىز كەلمەي قالىدۇ. تۈكۈرۈك، شۆلگەي، قازان قارىسى، ئېسرىق ، ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ كېسەللىك ئورۇننى ئۇۋلاپ بىرىش دېگەندەكلەر بەلكىم ئىنتايىن خوراپىي، كونا زاماننىڭ قالدۇقلىرى سۈپىتىدە كۆزىمىزگە سىغماسلىقى مومكىن. لىكىن بۇلارنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بىرىدىغانلىقى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈم بىرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندە كۆزىمىزنى ئىچىپ پارقىرتىپ قاراپلا قالىمىز. تۆۋەندە 80خالتا بلوگىمىزدا بىر مەزگىل داۋاملىشىپ كىيىن توختاپ قالغان <<ئەل ئىچى رېتسىپلىرى>> سەھىپىمىزنىڭ داۋامى دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:

1.ئوغلاق تېرىسى:

[تەپسىلاتى]

كۈندە 5 رېتسىپ (11) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

ئەگەرچايان چېقىۋالسا سامساقنى تۇز بىلەن يانجىپ چايان نەشتەر ئۇرغان جايغا چاپسا مەنپەئەت قىلۇر.

ئەگەر ئەنجۈرنى سىركە بىلەن قاينىتىپ يېسە نەچچە يىللىق يۆتەلگە پايدا قىلۇر

چېچەك تارقالغاندا بالىلارغا قىلىدىغان سەۋەب: سۇماق يارمىسى يېدۈرگە.ئات، كالا، ئۆچكە گۆشلىرى ھەم تەستە سېڭىدىغان غىزالاردىن پەرھىز قىلدۇرغاي! ئاق ئارپىدا يوبدان، ئۇماچ ئىتىپ بەرگەي، قىزتمىسى ئۆرلىگەن ھامان قوغۇن ئۇرۇقى 5 گىرام، چىلان بىر سىقىم، نلوپەر 3.5، كاسىنە ئۇرىقى، بەدىيان 1.5 گىرامدىن، قەنت 14 گىرام سىلىپ شەربەت تەييارلاپ ئىچكۈزمەك كىرەك. ئەگەر بەدىنى قىچىشىپ بىئارام بولسا سەندەلنى سۈرۈپ چاپسۇن ياكى سىركىنى داكىغا قۇيۇپ بەدەنگە سۈرۈپ بەرسۇن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (11) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

كۈندە 5 رېتسىپ (10) Five Medical Prescriptions Every Day

1.رېتسىپ: تۆگە يۇڭى- بۇرۇن قاناش

2-رېتسىپ: ئەرلىك ئاجىزلىق - تۇخۇم سېرىقى، زەدەك ئۇرۇقى....

3.رېتسىپ: يۈزى ئىششىپ قىلىش- تۆگە سۈتى...

4.رېتسىپ: بالا ھەمرىيى چۈشمەسلىك - كالا تېزىكى

5.رېتسىپ: كۆيدۈرگە - قارنى يېرىلغان قۇچقاچ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (10) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

كۈندە 5 رېتسىپ (9) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

خوراز تاجىسى؛ سېمىز ئوت؛ قارا قوي يۇڭى؛ ئۇۋاق لازا؛ تەرخەمەك

 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (9) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

كۈندە 5 رېتسىپ (7) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


1.ئوغلاق تېرىسى
2.ئاشتۇزى بىلەن تەڭشەلگەن قايناق سۇ
3.ئوسما سۈيى
4.كۆك ئامۇت
5.سامساق

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (7) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

كۈندە 5 رېتسىپ (6) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


ئىسسىقتىن بولغان تىل ۋە ئېغىز ياللۇقى_____________________
ئاۋازنى ئۇز، سۈزۈك قىلىش ئۈچۈن_________________________
سەپرادىن بولغان كونا باش ئاغرىقى________________________
قۇرت يېگەنلىكتىن بولغان چىش ئاغرىقى___________________
ئاپتاپ ئۆتكەن، قىزتمىسى ئۆرلىگەن ئۈچۈن__________________

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (6) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

كۈندە 5 رېتسىپ (5) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


1.ئېغىز ئىچىگە يارا چىقىش___________قەلەمپۇر، پىلپىل
2.چىش ئاغرىقى __________________ زەمچە، كاۋاۋىچىن
3.باللادىكى ئىچ سۈرۈك______________پاقا يوپۇرمىقى
4.قوقاق _________________________ سېمىز ئوت
5. چايان ،ئۆمۈچۈك چېقىۋىلىش________سىركە

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (5) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

كۈندە 5 رېتسىپ (4) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


بالا ھەمرىيى چۈشمەسلىك_______ قېچا ئۇرىقى
سېيگەك __________________ تۆگە گۆشى
ئاپتاپ ئۆتكەن _______________ سىركە
بەلۋاغسىمان قوقاق ____________ سېمىز ئوت
چاچ كېپەكلىشىش ____________ تۆگە سۈيدۈكى

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەل ئىچى رېتسىپلىرى

كۈندە 5 رېتسىپ (3) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

پۇشۇرۇلغان ئۆپكە ________ قولتۇق پۇراش
ئاق يەر يېلان تۇخۇمى ________ سېرىق ئەت ئىششىقى
ئادراسمان ئۇرۇقى_______ دىئابىت
قوناق ساقىلى_________ بۆرەكتە سۇ يېغىلىش ؛ يۇقۇرى قان بېسىم
ئاق قۇچقاچ _________  جىنسىي ئاجىزلىق؛ كۆك يۆتەل

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەل ئىچى رېتسىپلىرى

كۈندە 5 رېتسىپ (2) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


1.رېتسىپ: توغراق سۈيىنى بىر قانچە ئاي ئىچىپ بەرسە ئاشقازان مەيدە ئىچىشىش، كۆپ كېكىرىش، تاماق سېڭمەسلىك قاتارلىق سوغۇق يەلدىن بولغان ئاشقازان كېسەللىكلىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.  
دەم سىقىلىش؛ قۇرۇتۇلغان تۆگە ئۆپكىسى؛ توغراق يېلىمى.
ناماز شام قارىغۇسى؛ قارا ئۆچكىنىڭ جىگىرى
ئاشقازان كېسەللىكى؛ توغراق سۈيى
كۆز ياشاڭغىراش؛ كالا ئۆتى

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

تۈكۈرۈك، شۆلگەي، قازان قارىسى، ئېسرىق ، ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ كېسەللىك ئورۇننى ئۇۋلاپ بىرىش دېگەندەكلەر بەلكىم ئىنتايىن خوراپىي، كونا زاماننىڭ قالدۇقلىرى سۈپىتىدە كۆزىمىزگە سىغماسلىقى مومكىن. لىكىن بۇلارنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بىرىدىغانلىقى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈم بىرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندە كۆزىمىزنى ئىچىپ پارقىرتىپ قاراپلا قالىمىز.
ئانامنىڭ دەپ بىرىشىچە كىچىكىمدە بىر قېتىم كۆزۈمنى ئاچالمىغۇدەك چاپاق بېسىپ كەتكەن ئىكەن. كۈندە ئەتتىگىنى بىر ئۇزۇنغىچە پاكىز رەخىتتە سۈرتۈپ قايناق سۇدا يۇيۇپمۇ چاپاقنى پەقەتلا تۈگۈتەلمەپتۇ. ئۇخلىساملا كۆزۈمنى سېرىق چاپاق بىسىپ كۆزۈمنى پەقەتلا ئاجرىتالماي يىغلاپ كېتەتتىمكەن. بۇنىڭغا ھېچ بىر ئامال تاپالماي يۈرگەن كۈنلەردە چوڭ ئانامنىڭ ئېسىگە ئانىسىدىن ئاڭلىغان بىر چارە كەپتۇ: ئەتتىگىنى تاھارەت بىلەن ئولتۇرۇپ چاپاق بېسىپ كەتكەن كۆزلۈرۈمنى شۈمۈپ شوراپ سىرتقا تۈكۈرۈپ تازىلاپ مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە قېتىم داۋام قىلىپ بەرگەندە سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن ئىكەنمەن.
مۇشۇ تۈكۈرۈك-شۆلگەينىڭ يەنە بىر شىپالىق رولى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن ئىدى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەل ئىچى رېتسىپلىرى

كۈندە 5 رېتسىپ (1) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


رېئاكسىيە خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇقى؛
1.رېتسىپ: ئەتىرەك ئۆمۈچۈكنى چوغقا تاشلاپ ئۇنىڭدىن چىققان تۈتۈننى پۇراپ بەرسە رېئاكسىيە خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇقىغا پايدىسى بولىدۇ. ( لىكىن بەك ئىچىنىشلىق. تېرىك جاننى ئوتقا تاشلاشتىنمۇ بەتەر ئىچىنىشلىق ئىش بولمىسا كېرەك)

رېماتىزىم؛
سۆگەل؛
چىش ئاغرىقى؛
ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى؛

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (1) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]