مومىڭىزنىڭ رېتسىپلىرىدىن قانچىنى بىلىسىز؟


مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

ئائىلىدە كېسەل داۋالاش ئەنئەنىمىز مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز ئىچىدىكى ئېسىل نامايەندىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ھەم ئىقتىسادىي يۈكىنى ينىكلىتىشتە ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە. زۇكام، قىزىتما، يۆتەل، ئىچى سۈرۈش، بەل چىم بولۇش، سۆگەل، كۆڭلى ئىلىشىش، قەۋزىيەت، چىش ئاغرىقى،  قورساق ئاغرىقى، قوقاق، سىيگەكلىك، ئىسسىق ئۆتۈش، كىچىك باللاردىكى كۆزىنى چاپاق بىسىپ كېتىش،  قان ئازلىق دېگەندەك ساقسىزلىقلار ئانىلىرىمىز، مومىلىرىمىزنىڭ شىپالىق كۆرسەتمىلىرى، ئاددىي ئۇسۇل چارىلىرى بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ساقسىزلىقلارغا ئىشلىتىدىغان دورىلار شۇنداق ئاددىي ئىكەنكى شۇنچە ئېغىر بىلىنگەن ساقسىزلىققا شىپا بەرگەنلىكىگە ئىشەنگىڭىز كەلمەي قالىدۇ. تۈكۈرۈك، شۆلگەي، قازان قارىسى، ئېسرىق ، ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ كېسەللىك ئورۇننى ئۇۋلاپ بىرىش دېگەندەكلەر بەلكىم ئىنتايىن خوراپىي، كونا زاماننىڭ قالدۇقلىرى سۈپىتىدە كۆزىمىزگە سىغماسلىقى مومكىن. لىكىن بۇلارنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بىرىدىغانلىقى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈم بىرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندە كۆزىمىزنى ئىچىپ پارقىرتىپ قاراپلا قالىمىز.
ئانامنىڭ دەپ بىرىشىچە كىچىكىمدە بىر قېتىم كۆزۈمنى ئاچالمىغۇدەك چاپاق بېسىپ كەتكەن ئىكەن. كۈندە ئەتتىگىنى بىر ئۇزۇنغىچە پاكىز رەخىتتە سۈرتۈپ قايناق سۇدا يۇيۇپمۇ چاپاقنى پەقەتلا تۈگۈتەلمەپتۇ. ئۇخلىساملا كۆزۈمنى سېرىق چاپاق بىسىپ كۆزۈمنى پەقەتلا ئاجرىتالماي يىغلاپ كېتەتتىمكەن. بۇنىڭغا ھېچ بىر ئامال تاپالماي يۈرگەن كۈنلەردە چوڭ ئانامنىڭ ئېسىگە ئانىسىدىن ئاڭلىغان بىر چارە كەپتۇ: ئەتتىگىنى تاھارەت بىلەن ئولتۇرۇپ چاپاق بېسىپ كەتكەن كۆزلۈرۈمنى شۈمۈپ شوراپ سىرتقا تۈكۈرۈپ تازىلاپ مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە قېتىم داۋام قىلىپ بەرگەندە سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن ئىكەنمەن.
مۇشۇ تۈكۈرۈك-شۆلگەينىڭ يەنە بىر شىپالىق رولى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن ئىدى. 5-6 يىلنىڭ ئالدىدا ئانامنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇچىغا بىر جاراھەت چىقىپ يېرىڭداپلا تۇردى. يېرىڭ تازىلايدىغان، جاراھەتكە ئۈنۈم بىرىدىغان دورىلاردىن ئىشلىتىپ باقتىم ئۈنۈمسىز بولدى. دوختۇردا 4-5 كۈن ئوكۇل ئاستۇرۇپ باقتى پەقەتلا پايدىسى بولمىدى. ئاغرىق تۇتقاندا چىداپ بولغىلى بولمايدىكەن. بولۇپمۇ كېچىسى ئاغرىپ پەقەتلا ئۇيقۇ كەلمەيدىكەن. بىر كۈنى ئولتۇرۇپ مۇشۇنداق كېسەلگە ئوقۇپ قويىدىغان بىر ئادەمنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. بۇرۇندىنلا داخان-جىنكەشلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام ئاچچىقىم كىلەتتى. گەپ قىلماي سىرتقا چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كىرىپ ئانامنىڭ ينىدا ئولتۇرۇپ قولىنى سىيلاپ تۇرۇپ سۈرە فاتىھەنى بىر-قانچە مەرتە ئوقۇپ جاراھەتكە تۈكۈرۈپ بىردەم سىيلاپ بەردىم. ئانامنىڭ ئاغرىق دەستىدىن ئۇيقۇسىز كۆزلىرى يەنىلا بىر خىل ئۈمۈتسىز ھالەتتە قاراپ تۇراتتى. خۇدا شىپالىق بەرسە بۈگۈن ياخشى ئۇخلايسەن، دېدىم چوڭ بىر ئىشەنچ بىلەن. ئەتتىگىنى كىرسەم كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردۇ. قانداق دەپ سۇئال نەزىرىدە قارىدىم. ۋايتاڭ بالام، بۈگۈن ئاغرىمىغىسى كىلىپ قاپتىكەنمە دەيمە، كېچىدىن ئوبدان ئۇخلىدىم دېدى. شۇ تەرىقىدە كۈندە بىر سوراپ قويىمەن ھەم ھىلىقى چارىنى بىر قېتىم تەكرارلايمەن. ئاغرىق يوق، جاراھەتمۇ ئىككى-ئۈچ كۈندە سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى. ئەلھەمدۇلىللا، دېدىم.
بۇ گەپنى سىرتتا دەپ يۈرمەڭلار، كېسىلىنى ساقايتالمىغان خەقلەر مېنى<<ئوقۇيدىكەن>> دەپ ئۆيگە كىلىۋېلىپ ئاۋارە قىلىۋەتمىسۇن دەپ چاخچاق قىىشتۇق. نېمىلا بولمىسۇن ئانام ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇپ ساقىيىپ كەتتى. ھەممىمىز خۇرسەن بولۇشتۇق.
ئۇندىن باشقا ئېغىر جاراھەتلەرگە سۈيدۈك بولۇپمۇ كىچىك باللارنىڭ سۈيدۈكى ئاجايىپ ئىسىل دورا ئىكەنلىكىنى مومامدىن ئاڭلىغان.
كىچىك باللاردىكى ئورنىغا سىيىپ يېتىشقا قارىتا ياۋا توشقان گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يىگۈزۈپ داۋالاش، زۇكام بولۇپ قالسا ئىسسىق - سوغۇقتىن بولغانلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان رېتسىپتىكى شۆگۈرۈچ ئىتىپ ئىچكۈزۈپ داۋالاش، تەپ بولغان سەۋەبتىن كېچىلىرى پۇت، قول ئالقانلىرى قىززىپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالسا ئۈزۈم سىركىسى سۈرۈپ بىرىش ياكى غورىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ شۇنى سۈرۈپ برىش ئارقىلىق داۋالاش، قورسىقى ئاغرىپ قالسا ھەسەل ئىچكۈزۈش، ئىچى سۈرۈپ تولغاق بولسا گۈلقەنت، جىگدە يېگۈزۈش دېگەندەكلەرنى ھەر قانداق ئۇيغۇر ئائىللىرىدە چوڭلاردىن بىلمەيدىغانلىرى يوق دېيەرلىك.
ئانارنىڭ دانچىسىنى يەپ بولغاندا پوستىنى (شۆپىگىنى ) ساقلاپ قويۇڭ! ئىرىق بويىدىكى پاقا يوپۇرمىقىنى بىلىدىغانسىز ؟ ،خوتەنلىك تۇققانلار قۇمچاق يوپۇمىقى دەيدىغان، بۇمۇ بەلەن دورا
بىر چاغدا 60 ياشلارغا كىرىىپ قالغان يىزىلىق دىھقان ئايال پۇل كەتمەيدىغان ئۇسسۇل بىلەن قىزىدىكى بىر ئايدىن بىرى توختىمايۋاتقان ئادەتنى قانداق توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ كىرىپتۇ. گېپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەك قىينىلىپ قالغاندەك ئىدى.
- بىر دانە ئانارنىڭ يېرىم پوستى، پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى تال ئىلىپ قاينىتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا 3 قوشۇق شىكەر سىلىپ كۈندە بىر قېتىم، ئۇدا 5 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسۇن دەپ يولغا سالدىم. 15 كۈندىن كىيىن قىزى بىلەن كىرىپ رەھمەت ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.
ئانار پوستى بىلەن پاقا يوپۇرمىقى يەنە ئىچى سۈرۈش، بۇرنى قاناش، ئاق خۇن كۆپ كىلىش قاتارلىقلارغىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇنى قاينىتىپ ئىچىش قولايسىز بولسا بۇ رېتسىپنى سەل مۇرەككەپلەشتۈرىمىز:
ئانار پوستى، پاقا يوپۇرمىقىنىڭ ئۇرۇقى، موزا بۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ يۇمشاق ئىزىپ تاپالىساق ئانار چېچىگى گۈلقەنتى بولمىسا قىزىلگۈل گۈلقەنتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ بىر قوشۇقتىن كۈندە ئۈچ قېتىم يەپ بەرسە يۇقۇردىكى كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەگەر قورساق ئاغرىپ قالسا، ئىچى سۈرۈپ قالسا باشقا دورا تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىزىلگۈلقەنت بولسىمۇ يەپ قويسىڭىز خىلىلا مەنپەئىتىنى كۆرىسىز. ئۆپكە سىلى(تېبۇركۇليۇز) كېسىلىدىمۇ قىزلگۈلقەنتنى داۋاملىق ئىستىمال قىلسا ئوپكىنى قۇۋۋەتلەپ يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
زەھەرلىك ھاشارەت - چايان، ئۆمۈچۈك، يىلان دېگەندەكلەر چىقىۋالغان چاغدا ئۈزۈم سىركىسى بولسا زەھەر قايتۇرۇشتا ئۈنۈمى قالتىس بولىدۇ. زەھەرلىنىشنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە، ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ مۇۋاپىق ئىچىلىدۇ. تەخمىنەن يىرىم پىيالە ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر سىركە تاپالماي قالساق ھايۋاناتلارنىڭ خام سۈتى بولسىمۇ زەھەر قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ.
قېنى ، ئۇيغۇر مەدەنىيتنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ ۋارىسى بولغۇچى تورداش دەپ بىقىڭچۇ؟!! سىزمۇ ئاڭلىغان ياكى كۆز ئالدىڭىزدا كۆرگەن خەلق ئىچى رېتسىپلىرى، مومىڭىزنىڭ دەپ بەرگەنلىرىدىن قانچە رېتسىپ بىلىسىزكىن؟!!
بىز تورداشلار ئىچىدىكى ئەل ئىچى رېتسىپلىرىنى يېغىش، توپلاش ئۈچۈن بلوگىمىزدا << مومامنىڭ رېتسىپلىرى>> نامىدىكى بۇ سەھىپىنى تەسىس قىلدۇق. بۇ سەھىپىدە ئاددىي ، ئىشلىتىش قولاي، ئۈنۈمى ياخشى، ئەكىس تەسىرى بولمايدىغان رېتسىپ ، ئۇسۇل -چارىلەردىن كۈندە ئۈچتىن بەشكىچە تەييارلاپ يوللىماقچىمىز. ئىنشائاللا.
تورداشلارنىڭ ئۆزى بىلىدىغان رېتسىپ- داۋالاش چارىلىرىنى 80خالتا بلوگىمىزغا يوللاپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. شۇندىلا بلوگىمىز ئىسمى-جىسمىغا لايىق نېمە ئىزدىسە قولغا چىققۇدەك << 80خالتا>> بولۇپ قالغۇسى.




[Birzat بۇنى 2013-01-22 02:59 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەل ئىچى رېتسىپلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 17 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmihman[2010-07-08 05:23 PM | del]
مەنمۇ بوۋاق ۋاختىمدا چوڭ ئاپامنىڭ قولى سۇنۇپ كىتىپتىكەنمىش شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ كىچىك تەرىتىمنى ئۈچۈرۈپ ئاغرىق پەسەيىتكەننىڭ گىپىنى قىلىۋاتاتتى؟
回复قايتۇرماmihman[2010-07-08 05:39 PM | del]
بىزدە چىشى ئاغرىقىغا كىشى ئۆلمەس ،كىشى كۆرگىلى كەلمەس دىگەن ماقال تەمسىل بار ئەمەسمۇ؟
بۇ ماقال تەمسىلدىن چىش ئاغرىقىنىڭ ناھايىتى قاتتىق ئاغرىق ئىكەنلىگى ،چىدىماقنىڭ تەسلىكى ،داۋاسىنىڭ تەسلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ،شەخسەن مىنىڭ داداممۇ مۇشۇ چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى بەك تارىتقان ئىدى ئاغرىغاندا ئۆيدە دومىلاپ يىغلاپ كىتەتتى ،يا دوختۇرغا ئاپارساق ئۈنۈمى بولمىغان، يا تىۋىپقا كۆرسەتسەك ئۈنىمى بولمىغان بەك قىينالغان ئىدى .
ئاخىرى نىمە پايدا قىلدى دىمەمسىلەر ؟ ئې ۋېيجىڭ دىگەن ئاشخانىلاردا سەي قورىغاندا ئىشلىتىدىغان بىر نەرسە بار ئەمەسمۇ ؟شۇنى ئاغزىغا سېلىپ تۇرۇپ بەرسە ئاغرىق قوياپ بىرىدىغان بولغان ئىدى.
بۇنىڭغا يەنە بىر داۋانىڭ بارلىقىنى بىر يەردىن ئاڭلىغان ئەمما دادام قىلغىلى ئۇنىمىغان ،ئىشەك قۇرتىنى تۇتۇپ پاختىغا يۆگەپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ شۇ پاختىنى ئاغرىغان چىشقا بېسىپ بەرسە شۇ ھامان ئاغرىق توختايدۇ دەپ ئاڭلىغان ماۋۇ تىۋىپ بۇرادىرىمىز نىمە دەيدىكىن بۇ رىتسىپقا؟
回复قايتۇرماBirzat[2010-07-08 05:45 PM | del]
ئىشەك قۇرتىنىڭ چىش ئاغرىقىنى پەسلىتىدىغىننى بىلمەيدىكەنما، لىكىن كىچىكىمدە چىشىم بەك ئاغرىپ ئىككى كۈن بىر نەرسە يەلمىدىم. تاغامنىڭ ئايالى لەڭپۇڭنىڭ ئېقىنى ئاغرىغان چىشنىڭ يىنىغا بىسىپ بەرسىلە دېۋىدى ، سىناپ باقسام راستىنلا ئاغرىقنى قويغان ئىدى.
回复قايتۇرماYuksel[2010-07-08 06:27 PM | del]
رېتسىپ خالتامنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن. بوپتۇلا، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە مەيدە يانچۇقتىكى رېتسىپلاردىن بىرنى دەپ بېرەي:
يۆتەل بولغاندا بۇغداينى قاينىتىپ ئېزىلگەندىن كېيىن ئۇدا 3 كۈن ياتارچاغدا يەپ بەرسە يۆتەلدىن قۇتۇلغاي ، 3 كۈندە ئۈنۈمى بولمىسا دەرھال دوختۇرغا بارغاي.
مەھەللىمىزدىكى شابارات دەيدىغان ئاقساقال مۇنۇ رېتسىپلارنى دەپ بەرگەن ئىدى.
ئەگەر كىشى تۈلكىنىڭ جىگىرىنى قۇرۇتۇپ ئۇن قىلىپ چىشنىڭ تۈۋىگە باسسا ، ئۆمۈر بۇيى چىش ئاغرىقى كۆرمىگەي.
كونا يۆتەلگە ئۇدا يەتتە كۈن ناشتىدا سامساق پىشۇرۇپ يېسە شىپا كۆرگەي. كۆرمىسە دەرھال دوختۇرغا بارغاي.
چامغۇر چاچقا پايدا قىلۇر، ئىسسىق سۇ باشقا.
回复قايتۇرماmihman[2010-07-08 07:22 PM | del]
مەن كىچىكىمدە كۆك يۆتەل بولۇپ قېلىپ ناھايىتى ئۇزۇنغىچە ساقىيالماي ئاخىرى بىر كىشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە موزىنى غاز تۇخۇمىغا ئارىلاشتۇرۇپ يىيىش بىلەن بىرگە كۈندە ئۈچ ۋاخ قوينىڭ ئۆت سۇيۇقلىقىنى قايناق سۇغا تۆكۈپ ئىچىپ بىرىپ ساقايغان ئىدىم.
يۆتەلگە نىسبەتەن يەنە ياخشى بىر دورا بولسا يەرلىك كۆك ئامۇتنى كۈلگە كۆمۈپ پۇشۇرۇپ يىسە ۋە ياكى تىلىپ ناۋات بىلەن بىرلەشتۇرۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ھەم  ئامۇتنى يەپ بەرسە يۆتەلگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
回复قايتۇرماhasal[2010-07-08 09:10 PM | del]
ئاھ خۇدا، كالا گۆشى يىسە نىمە ئۈچۈن چىش ئاغرىيدىغاندۇ
回复قايتۇرمائەركىن[2010-07-08 11:46 PM | del]
مەن بۇ يىل 22ياش ، نىمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم 3 يىلچە بۇلۇپ قالدى ئەمچىكىم يوغانىپ قالدى ، بەك يوغان ئەمەس ، لېكىن باشقا نورمال ئەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا يوغان ، ھەم ئىچىدە بىر خىل بەزگە ئوخشاش نەرسىلەر بار ، تۇتۇپ باسسا بەزىدە ئاغىرىيدۇ ، بەزىدە ئاغىرمايدۇ ، توردىكى ماتىرىياللارنى كۆرسەم بۇنى ئانىلىق ھورمون ئېشىپ كەتتى دەيدىكەن ، لېكىن مەندە ئەرلىك بەلگىللىرىمۇ تۇلۇق ئۆزىم بىلەم تە ڭ ياشتىكى باللاغا سېلىشتۇرغاندا ساقال بۇرۇتلۇرۇممۇ شۇنداق قۇيۇق ، كۆكرىكىمدىمۇ شۇنداق قۇيۇق ، شۇڭا مەندە ئانىلىق ھورمون نورمالمىكىن دەيمەن ، لېكىن بۇخىل ئەھۋال يۇشۇرۇن ئۇرۇقدان چۈشمەسلىك دىمۇ يۈز  بىرىدىكەن ، مېنىڭ بىر تەرىپىمنىڭ ئۇرۇقدىنى تۇغۇلىشىمدىنلا يوق ، لېكىن يەنە بىر تەرىپى نورمال ، دوختۇرغىمۇ تەكشۈرىتتىم ، ئۇرۇق سۈپىتى نورمالكەن ، شۇڭا  مەن بىلەلمىدىم زادى نىمە ئۈچۈن بۇنداق بۇلىدۇ ، مەندە راستىنلا ئاياللىق ھورمىنى ئېشىپ كەتتىمۇ ، يا باشقا سەۋەپمۇ بارمۇ ، قانداق قىلسام بۇلا ، مۇشۇ ھەقتە بىر تەپسىلىيرەك مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا ، اللا ئىشلىرىنى راۋان قىلسۇ ن
回复قايتۇرماkeysarjan[2010-07-14 04:50 PM | del]
مۇمكىن بولسا قوقاقنى (ئېغىز ئەتراپىغا چىققان) تىز ئۇسۇلدا داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
  مەن ئىسسقلىق نەرسە يىسەم ئەتىسلا ئېغىز ئەتراپىمغا قوقاق چىقىپ قالىدۇ، لەڭپۇڭ دىگەندەك سوغۇق نەرسىلەرنى يىسەم پىشانە ، دۈمبىللىرىمگە دانىخۇرەك چىقىدۇ، مەن زادى قانداق تەڭشىشىم كىرەك ؟
回复قايتۇرمائەنۋەر[2010-07-14 06:16 PM | del]
جۇڭى تىبابەت كىتابدىن  سىزدىكى بۇ خىل ئالامەتنى خەنزۇچە《虚火》دەيدۇ .بۇنداق كىسەللىكلەر گە خەنزۇلار سامساقنى چاناپ پۇت ئالقىنىغا تېڭش ئارقىلق داۋالايدىكەن .سىز سىناپ بېىقىڭ بەلكىم ئەسقىتىپ قالار ،لىكىن تاڭغان ۋاقتىڭىز 10مىنوتىتىن ئشىپ كەتمسۇن ،بولىمسا پۇت ئالىقى قاپرىىپ قالىدۇ...
回复قايتۇرماabdilim[2010-07-18 06:04 PM | del]
بۇيا  ئۇرىقىدىن  40  - 50 تال  يەپ بەرسە  گال ئاغرىقىغا  مەنپەت قىلىدۇ .
回复قايتۇرماimaniy[2010-07-24 10:51 AM | del]
ئەگەر پۇتىڭىزنىڭ پىيى تارتىپ قويۇپ بەرمىسە، دەرھال داستىن بىرنى تەييارلايسىزدە، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىدىكى ئىسسىق سۇنى قۇيىسىز، ئاندىن ئۈستىگە ئازىراق ئاش تۇزى قويۇپ، 5 مىنۇت ئەتىراپىدا چىلاپ بەرسىڭىز، ياخشى مەنپەئەتكە ئىرىشىسىز...ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ!
回复قايتۇرماanayurut[2010-07-31 05:47 PM | del]
ئەسسالامۇ .ئەلەيكۇم ، گۈلقەنتنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز .
回复قايتۇرماuyhuriya[2010-08-01 11:48 PM | del]
ياخشىمۇسىز، بىرزازت ئەپەندىم! ئۇزۇندىن بۇيان سىزنىڭ بېكىتىڭىزنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن، سىزنىڭ سىلىق گەپلەر ئارقىلىق بىمارلارغا ئىللىقلىق ئاتا كېلىپ كېلىۋاتقىنىڭىزدىن سۈيۈنىمەن ھەم ئاللاھدىن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن! بىرزات ئەپەندىم، كېسىلىڭنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمۈڭ ئاشكارا دىگەن گەپ بار، شۇڭا سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن، مەن توي قىلغىلى خېلى بولدى، يېقىندىن بۇيان جىنسىي يولۇم تولا قىچىشىپ ئارام بەرمەي دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتكەنىدىم، مېنى <霉菌> بولۇپ قاپسىز دەيدۇ، ئادەتتە ئۇ جەھەتتە ئۆزۈمنى بەك پاكىز تۇتاتتىم، يولدۇشۇممۇ شۇ، دوختۇر دورا يېزىپ بەردى، ئىچىپ بولدۇم، لېكىن كىيىن يەنە قوزغىلىدۇ دەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇر بەرگەن دورىلارنى ئىچكەندىن كىيىن دەرھال بالا ئالسام بولمايدىكەن، شۇ كسەلگە مۇۋاپىق، ئاددىي، باشقا زىيانلىق تەسىرى يوق، ئەرزانراق، ئۆزۈم ياسىلايدىغان دورا بارمىدۇ؟ ئۈزۈل كېسىل داۋالايدىغان دورىلاردىن ئېيتىپ بەرسىڭىز، بېرزات ئەپەندىم، ئاجىزەنىڭ سوئالىنى يەردە قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!
回复قايتۇرماdilraba[2011-06-12 04:38 PM | del]
نەقىل مەنبەسى uyhuriya نەقىل مەنبەسى uyhuriya
ياخشىمۇسىز، بىرزازت ئەپەندىم! ئۇزۇندىن بۇيان سىزنىڭ بېكىتىڭىزنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن، سىزنىڭ سىلىق گەپلەر ئارقىلىق بىمارلارغا ئىللىقلىق ئاتا كېلىپ كېلىۋاتقىنىڭىزدىن سۈيۈنىمەن ھەم ئاللاھدىن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن! بىرزات ئەپەندىم، كېسىلىڭنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمۈڭ ئاشكارا دىگەن گەپ بار، شۇڭا سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراي دىگەن، مەن توي قىلغىلى خېلى بولدى، يېقىندىن بۇيان جىنسىي يولۇم تولا قىچىشىپ ئارام بەرمەي دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتكەنىدىم، مېنى <霉菌> بولۇپ قاپسىز دەيدۇ، ئادەتتە ئۇ جەھەتتە ئۆزۈمنى بەك پاكىز تۇتاتتىم، يولدۇشۇممۇ شۇ، دوختۇر دورا يېزىپ بەردى، ئىچىپ بولدۇم، لېكىن كىيىن يەنە قوزغىلىدۇ دەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇر بەرگەن دورىلارنى ئىچكەندىن كىيىن دەرھال بالا ئالسام بولمايدىكەن، شۇ كسەلگە مۇۋاپىق، ئاددىي، باشقا زىيانلىق تەسىرى يوق، ئەرزانراق، ئۆزۈم ياسىلايدىغان دورا بارمىدۇ؟ ئۈزۈل كېسىل داۋالايدىغان دورىلاردىن ئېيتىپ بەرسىڭىز، بېرزات ئەپەندىم، ئاجىزەنىڭ سوئالىنى يەردە قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!
回复قايتۇرماmatematek[2011-12-28 09:14 AM | del]
ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر شەنبە كۈنى دوستلىرىم بىلەن بىللە يارغا چىقتۇق ( بۇ يەردىكى يار دېگىنىم ، يەر يۈزىدىن 40 ~50 مېتىرل ئېگىزلىكتىكى توپىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈچ ئەتراپى پۈتۈنلەي مۇشۇنداق توپىلىق بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇ توپۇلۇقتا ناھايىتى نۇرغۇن مازارلىق بار) ، بۇ ياردا ئىنتايىن كۆپ مازارلىقلار بار ئىدى. بىر چاغلاردا بىر توشقاننى قوغلايمىز دەپ مازارلىقمۇ - مازارلىق قوغلاپ كەتتۇق. ھېلىقى توشقانمۇ خېلىغىچە قېچىن مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى ، مەن ئىككى پۇتۇمنى جۈپلىۋېلىشىمغا ئۇ توشقان پۇتۇمغا ئۈسۈپلا قېچىپ كەتتى.
ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ئوڭ پۇتۇم سەل ئاغىرغاندەك بىلىندى، قارىسام ئوڭ پۇتۇم ئۇشۇقۇمدىن يۇتامغىچە كۈپتەك ئىشىپ كېتىپتۇ ھەم سول پۇتۇمغا قارىغاندا ئازراق قىسقىراپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ رۇخسەت سوراپ دوختۇرخانىغا چىقتىم ، دوختۇرلار رىماتىزىم بار ئىكەن ، ئۇكۇل ئاسساقلا ئوڭشىلىدۇ دېدى. 20 كۈندەك ئۇكۇل ئاستۇردۇم ، پۈتۇم پەقەتلا ياخشى بۇلىدىغاندەك ئەمەس ، ئەكىسچە خېلىلا بەك قىسقىراپ قالدى، پۇتۇمدىكى ئۇشۇققنى بىگىز بارمىقىم بىلەن باسسام بارمىقىم ئوتتۇرىدىكى بوغۇمىغىچە پاتاتتى.
شۇنداق قىلىپ مەكتەپتىنمۇ 1 ئايدەك قالدىم. بىر كۈنى يېزىدىن چوڭ دادام (ئاپامنىڭ ئاكىسى) كەپ قالدى، ئۇ كىشى  ئىخلاسمەن دىنىي زات ئىدى . مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئۇققاندىن كېىيىن مازارلىقتا يۈرگىنىمنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى دەپ خېلىغىچە قاقشاپمۇ كەتتى. ئاندىن بىر پارچە لاتىنى پۇتۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، 7 پارچە پاختىنى 7 قېتىم كۆيدۇرۇپ دۇرۇت ئوقۇپ پۇتۇمنىڭ ئۈستىدىن ئايلاندۇردى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرسام پۇتۇم ساپمۇ ساق بولۇپ كېتىپتىكەن. مەن ھەيران قالغان ئىدىم .
回复قايتۇرماkarwan1234[2013-01-04 11:28 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم    مەن مۇنداق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىمغا 10نەچچە يىل بولدى،زادىلا قۇتىلالمايۋاتىمەن،دەسلەپتە مۈرەمنىڭ ئوتتۇرىسى قىچىشىپ باشلانغان،كېيىن يىرىكلىشىپ قارايدى،ئاندىن دۈمبەمگە،مەيدىلىرىمگە كېڭەيدى،قىچىشىدۇ،دوىتۇرغا كۆپ كۆرۇندۇم، ئۈنۈمى بولمىدى،
ئەمدى ئۈمۈدۈم   ئەل ئىچى رىتسىپلىرىدا قالدى،قېرىنداشلىرىم مۇنداق كېسەلنىڭ داۋاسىنى بىلسەڭلار ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلارياكى مۇۋاپىق دوختۇر-تىۋىپنى تونۇشتۇرغان بولساڭلار،بۇ ئازاپتىن قۇتۇلسام،ئاللا رەھمەت قىلسۇن.
回复قايتۇرمامەمەتچان[2013-01-04 06:35 PM | del]
بىر دىنى موللادىن مەسلىھەت سۇراڭ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.