ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: 80خالتا مەھسۇلاتلىرىكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

 

 

ھەسەل دېگەننى زاۋۇتتا ئىشلىگىلى بولمىغاندىكىن ھەر يىلى چېچەك پەسلىدە ھەسەل ھەرىلىرىنى يايلىتىپ ھەسەل يېغىدىغان ئىش ئىكەن. ھەسەل ھەرە كۆنىكىگە يېغىلىپ پىشىپ تەييار بولغۇچە يەنە خىلى ۋاقىت ئۆتىدۇ. ھەسەل كۆنەكتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا ھەسەل مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بىلەن سۇ مىقدارى ھاۋاغا ئۆرلەپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. ھەسەل مىقدارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بازارغا تېز ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن كۆنەكتىن ئالدىراپ ئىلىنغان ھەسەل مىقدارى كۆپ، ئۆزى سۈيۇق، خام بولىدۇ. بۇنداق ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. ساقلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ.

ساپ ھەسەللەرنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە بولۇپ ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ھەسەل ، سۈت

بىرزات دۇكىنىدىكى ساپ ھەسەللەر

ھەسەل دېگەننى زاۋۇتتا ئىشلىگىلى بولمىغاندىكىن ھەر يىلى چېچەك پەسلىدە ھەسەل ھەرىلىرىنى يايلىتىپ ھەسەل يېغىدىغان ئىش ئىكەن. ھەسەل ھەرە كۆنىكىگە يېغىلىپ پىشىپ تەييار بولغۇچە يەنە 40 كۈن ۋاقىت ئۆتىدۇ. ھەسەل كۆنەكتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا ھەسەل مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بىلەن سۇ مىقدارى ھاۋاغا ئۆرلەپ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. كۆنەكتىن ئالدىراپ ئىلىنغان ھەسەل مىقدارى كۆپ، ئۆزى سۈيۇق، خام بولىدۇ. بۇ ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ.


ساپ ھەسەللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى  ئاساسلىقى بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ھەم ئوزۇقلۇق مىنىرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، چىرايىنى نۇرلۇق قىلىپ كەيپىياتنى تىتكلەشتۈرىدىغان  بولسىمۇ چېچەك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. داۋاملىق ھەسەل ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ھەسەل

  80خالتا دۇكىنى يېقىندا 3-قېتىملىق كۆچۈشنى تامام ئەتتى. بالدۇرقى ئىككىسى ئىجارە دۇكانلار بولۇپ ئىجارىنىڭ قالايمىقان ئۆستۆرلىشى سەۋەبلىك مۇقىم بولماي قالغان ئىدى. مانا ئەمدى 2-قەۋەتتىن بولسىمۇ سېتىۋالغان دۇكاندا خاتىرجەم ئولتۇرۇشقا نېسىپ بولغاي!

ئەمدى ، مۇشۇ شەھەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ تورغا ئۇچۇر يېزىپ مەسلەھەت سورىغان تورداشلىرىمىزنى ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش ئىمكانىيتى بولغان ئىشخانامغا تەكلىپ قىلىمەن. بىر پىيالە قىززىق چىيىمىز ياكى بىر ئىستاكان مۇزدەك شەربەتلىرىمىز بوسۇغىمىزدىن ئاتلىغان ئىكەنسىز سىزگە بەرگەن ھاردۇق سۈيىمىز بولىدۇ. خۇدا خالىسا دۇكىنىمىزغا كىرگەن ھەر بىر مىھمانلىرىمىز ئۈچۈن شۇنداق ئازادە كەيپىيات بىرەرمىز دېگەن ئۈمۈدىمىز بار. تور بېتىمىزگە كىرگەن مىھمانلىرىمىزغا قىززىق چاي، مۇزدەك شەربەتلىرىمىز بولمىسىمۇ سەمىمى كۆڭلىمىز ھەم گۈزەل تىلەكلىرىمىز بار. تورداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىمىز! تورداشلارغا رەھمەت! 

 

 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: 80