ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: جىنسىي تۇرمۇشكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

80خالتا بلوگىدا ئانانىزىم ھەققىدە تېمىلار يېزىلغان ھەم تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىغا يېزىلغان جاۋابلار يوللانغاندىن كىيىن ئەر-ئاياللىق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ ئوخشاشلا ھاياجانلىنىش، مەنىي چىقىرىپ بوشىش جاريانى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئانانىزىمنىڭ قانداقلارچە زىيانلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنەلمەي مەندە چۈشەنچە تەلەپ قىلغانلار كۆپ بولغان. يەنە تۈنۈگۈن بىر تورداش تۆۋەندىكى سۇئالنى سوراپتۇ:
ئانانىزىم بىلەن ئادەتتىكى نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىدە قانداق پەرىقلەر بار ، ئەجىبا يول ئوخشىمىغان بىلەن مەنزىل بىرغۇ ؟
نەچچە ۋاقىتتىن يىزىلغان بۇ ھەقتىكى قاراشلارنىڭ يەنىلا قانائەتلىنەرلىك بولمىغانلىقى ھەم بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىش پەيتى كىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك <<ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئانانىزىمنىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان پەرقلىق تەسىرلىرى >> دېگەن سىلىشتۇرما ماقالىنى يېزىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇم. تەكلىپ-پىكىر بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
___________________ بىرزات

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئانانىزىمغا خۇمار

ئانانىزىمغا خۇمار بولغۇچىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى لايىھە مىسالى

كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايان بولغىنىدەك ئۇزۇن يىللىق ئانانىزىم ئادىتىدىن قالغان جىسمانىي ۋە روھىي ئاسارەتلىرىنى داۋالاپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن بولغان بىر جەريان بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن كېتىشى، دورا ئۈنۈمىنىڭ ئاستا بولىشىمۇ بىماردا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچنى سۇسلىتىپ تېخىمۇ پاسسىپ بولغان روھىي كەيپىيات تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن خىلى يىللاردىن بىرى كۆپلىگەن ئانانىزىم خۇمارى سەۋەبىدىن تېنى ئاجىزلاپ ھەر خىل ساقسىزلىقلارغا دۇچار بولغۇچى ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ.

ئاسارەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغۇچىلارغا نىسبەتەن ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكىچە لايىھە تۈزۈپ داۋالاش قىلغىنىمىزدا ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ بىمارنىڭ ساغلاملىقىدا ئىلگىرلەش زور بولدى. بۇ خىل داۋالاش لايىھەسىدىن ئانانىزىمغا ئۇزۇن مۇددەت ئادەتلىنىپ قىلىپ قانداق قىلىپ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بېشى قاتقان ۋە ياكى قالايمىقان دورا يەپ قويۇپ تۈزۈك ئۈنۈمىنى كۆرەلمىگەندىن كىيىن تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچار بولغانلار ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى ياش، ئۈگەنچى تېۋىپ-دوختۇرلارغا پايدىسى يېتىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بلوگىمغا يوللاپ قويدۇم. بۇ تېمىنى ئوبدان چۈشۈنۈپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئالاي دېسىڭىز چوقۇم 80خالتا بلوگىدا ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان تۆۋەندىكى تېمىلارنىمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىڭىز كېرەك:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: خۇمار

 

6. جىنسىي ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش غەرىزىدە ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزىدىن ئىمتاھان ئىلىپ مەغلۇپ بولسا ئۆزىدە بۆرەك ئاجىزلىقى بار دەپ قاراش؛ بۇ خىل قاراش توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلاردا ئېغىرراق بولۇپ ئۆزىگە قورقۇنۇچلۇق روھىي بېسىم يۈكلىۋالىدۇ. شۇ سەۋەبلىك توي قىلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان، داۋاملىق بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان توي قىلسىمۇ ئالدىدىكى پىسخىك توسالغۇ سەۋەبلىك جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە جىنسىي تۇرمۇش مۇئەييەن مۇھەببەت ئاساسى بولۇشنى، ھېچبولمىغاندا ئازادە كەيپىياتتىكى مەستخۇشلۇق ھەم بىر-بىرىگە ئىنتىلىش ئىستىكىنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى سىناش غەرىزدە <<ئىمتاھان>> ئىلىپ بېقىش مۇسۇلمان پەرزەنتىگە نىسبەتەن بىر ھارام ئىش ھەم بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق مۇھەببەت ئاساسى بولمىغان بولغاچقا گۇناھ تۇيغۇسى ۋە ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى نېرۋىدىكى سەگەكلىك ھالىتى بۇ جىنسىي مۇناسىۋەت (زىنا)نىڭ مۇۋەپىقيەتلىك بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مانا بۇ تۇنجى قېتىملىق يامان ئاقىۋەت تۇنجى قېتىم جىنسىيەت بوسۇغىسىدىن قەدەم ئالغان ياشلارغا نسىبەتەن پىسخىك مەسىلە پەيدا قىلىدۇ، دە ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق بار ئىكەن دەيدىغان خاتا قاراشقا ئىلىپ كىلىدۇ. 

[تەپسىلاتى]

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ تۇنجى قېتىمدا كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى بەزى ياشلاردا ئاز بولمىغان پىسخىك مەسىلە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق باردەك، مەزى بېزى ياللۇقى بولۇپ قالغاندەك گۇمانلاردا بولۇپ كەيپىياتى جايىدا بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالىدۇ دە، جىددىيلىشىپ بىئارام بولۇشقا باشلايدۇ. جىددىيلەشكەنسىرى ئىش تېخىمۇ قاملاشمايدۇ. بەزىلەر شۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە جىددىيلىشىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويىدۇ، دە ھەر قېتىملىق مۇناسىۋەتكە كىرىشكەندە دەسلەپكى تەسىر كاللىسىغا كىرىۋىلىپ ئەندىشە ئىچىدە قالىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: توي كېچىسى

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: مۆھتىرەم بىرزات ئەپەندىم، يېقىندىن بىرى سىزنىڭ 80خالتا بلوگىڭىزدا بەزى تورداشلارنىڭ سۇئال سوراشتا چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك جىنسىيەتكە ئائىت مەسىللەردە جاۋاب يېزىشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالدىم. دېمىسىمۇ بەزى سۇئاللار شۇنداق بەزەپ. لىكىن مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ قۇرۇلۇپ تورداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلىرى، باشقىلارغا يۈز-تۇرانە ئېيتقىلى بولمايدىغان تۇرمۇش مەسىللىرىنى سىز بىلەن مۇڭدىشىپ ھەل قىلغىنى بەك كاتتا ئىش بولغان ئىدى. شەخسەن مەن شۇنداق قارايمەن. لىكىن يېقىندىن بىرى بەلىكم ئالدىراش بولۇپ كەتكەندۇرسىز، ياكى بەزىلەرنىڭ سىزنى ئەيىپلىشى ۋە ياكى باشقا ئىشلار باردۇ - شۇ سەۋەبلىك بلوگىڭىزدا تورداشلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب يېزىلماپتۇ. سىزدىن ھېساب ئىلىشقا ھېچقانداق ھەققىم يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن. سىزنى تور دۇنياسىدىكى يېقىن بىر دوستۇم ھەم كۆپۈنچە تورداشلارنىڭمۇ سىرداش دوستى دەپ بىلگەچكە شۇنداق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قالدىم. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولساممۇ يەنىلا سۇئال سوراي دېدىم.
جىنسىي ئالاقە جەريانىدا باشنىڭ بەزىدە قاتتىق ياكى يىنىكرەك ئاغرىشى نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟ كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالىمەن. مۇناسىۋەتتىن كىيىن ئارقا مېڭەم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كېتىدۇ. بەزىدە يىرىم سائەت بەزىدە بىر سائەتلەردە ئاران قويۇپ بىرىدۇ. مۇشۇ باش ئاغرىشنى ئويلىسام جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. مۇشۇ ھەقتە مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت!!!

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي مۇناسىۋەتتە باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەبلىرى

جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن بەدەن ساغلاملىشىدۇ،خۇشاللىق ھاسىل بولىدۇ،كۆڭۇل راھەتلىنىدۇ،ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىدىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ،جىنسى مۇناسىۋەت ئەسلىدە مۇنداق ئۇچ ئاساسى مەقسەتنى چىقىش قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان:

1.ئىنسان نەسلىنى ساقلاش ۋە ئۇنى ئاللا موشۇ دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەقدىر قىلغان ۋاقىتقىچە داۋاملاشتۇرۇش؛

2.ئۇنى توختىتىۋىلىش، تۇتۇپ قىلىش بەدەنگە زىيانلىق بولغان سۇيۇقلۇقنى چىقىرىۋىتىش؛

3.جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق خۇشاللىققا ئىرىشىپ، ئاللاھنىڭ نىئمىتىنى تىتىش.››

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ مەنپەئەتى-ئىنساننىڭ كۆزى ۋە جىنسى ئەزاسىنى پاك ساقلاش،ھارامدىن قىچىشقا كۇچ قۇۋۋەت ھاسىل قىلىشتۇر، بۇ ئىشلار ئايال ئۇچۇنمۇ ئىشقا ئاشىدۇ، ئەر ئۆزىمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ ۋە ئايالنىمۇ مەنپەئەتلەندۇرىدۇ، شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئادەتلەنگەن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغۇردا مۇنداق دەيدۇ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەبلىرى

بەدەن ئەزالىرى ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن باشقا،كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىكى مەسىلە كۆپىنچە روھىي بېسىم، كەيپىيات ۋە بەدەن كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقىنى ياخشىلاشتا, داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئالدى بىلەن جىنسىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش، تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش، ئۆزىنى ئەركىن- ئازادە تۇتۇش ھەمدە جورىسى بىلەن بىللە جىنسىي ھەۋەسنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللارنى ئۇگىنىش لازىم.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش Sexual Function Problems in Men

ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدا سۆز ، ھەركەت - قىلىق ۋە پائالىيەت دائىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار پەرھىزلىك چەكلىمىلەرنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ئەر -ئايال ئىككى جىنسىنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپلا قالماستىن ، مۇھىمى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئاسانلا يۈز بېرىدىغان جىنسىي خاھىشقا ئەگەشكەن ھالدا مەيدانغا چىقىدىغان ئېزىقتۇرۇش ۋە جەلپكارلىقنى توسۇشتىن ئىبارەت .

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي

سۆزنەك - تارقىلىش دائىرىسى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن، يۇقۇش سۈرئىتى تېز يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ يۇقۇردىكى مۇناسىۋەتلىك ئىستاستىكىلىق ماتېرياللاردا ئېيتىلىشىچە پۈتۈن دۇنيادىكى سۆزنەك باكتىريىسى بىلەن يۇقۇملانغان كېشىلەرنىڭ سانى 1999-يىلى 62 مىليون بولغان. 2005-يىللىق يەنە بىر ئىستاستىكىدا 270 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.

يۇقۇردا كۆرسىتىلگەن جەدۋەلدىكىسى سۆزنەك بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ يېشى ئىستاستىكا قىلىنغان بولۇپ 15 ياشتىن يۇقۇرى 19 ياشتىن تۆۋەنلەر ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بۇ خىل باكتىريە بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

```````````````````````````````````````````````````````````````````

تارقىلىش يولى :
ئاساسلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يەنى يات جىنىسلار ، ئوخشاش جىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي ھەركەتلەردىن يۇقىدۇ . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانىنىڭ تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ ؛ ئاز قىسىمدىكىلەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى ئۇچۇرشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ ، مەسىلەن : سۆزنەك شارچە باكتېريىسى بىلەن بىلەن بۇلغانغان كالتە ئىشتان ، لۆڭگە ۋە مۇنچا بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋاستىلىك يۇقۇملىدۇ .
تارقىلىش ئالاھىدىلىكى :
قۇرامىغا يەتكەن جىنسى ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەرنى ئاساس قىلىدۇ ، ئەرلەردە ئاياللاردىن كۆپرەك بولىدۇ .

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: سۆزنەك

كۈنىمىزدە چەتئەلنىڭ سېرىق شەھۋانى كىنو-فىلىملىرىنىڭ ئىنتىرنېت تورى ۋە ياكى باشقا يوللار بىلەن ئارىمىزغا سېڭىپ كىرىشى، بەزى ياشلىرىمىزنىڭ شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى يوشۇرۇن ئىزدەپ ئوغۇرلۇقچە كۆرۈشى ئاقىۋېتىدە ساغلام بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت قارىشى شەكىللىنىپ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە زەئىپلىشىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقماقتا. بۇنىڭ تېپىك مىسالى تور بېتىمىزدە ئىزچىل ئوتتۇرغا چىقىپ قىلىۋاتقان ياش قىز-ئوغۇللاردىكى ئانانىزىم (جەلق ) ئادىتىدۇر.
خەلقىمىز كىشىلىرىدە نېمە ئۈچۈن ئەرلەر-ئاياللار كېسەللىكلىرى شۇنچە كۆپۈيۈپ كېتىدۇ؟ نېمە سەۋەب بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە مەزى بېزى كېسەللىكلىرى قىززىق نۇقتا بولۇپ قالىدۇ؟ دېگەندەك سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرراق چۈشۈنۈش ئۈچۈن تېبابەت ساھەسىدىن ھالقىپ مەدەنىيەت، پىسخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىلىرىدا تۇرۇپ كەڭرەك توختىلىشقا ئەرزىيدۇ ھەم شۇنداق قىلىش زۆرۈر.

سۇئال:  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلغاي .مەخسەتكە كەلسەك ، مەن تېخى نىكاھلانمىغان، ئەمدى توي قىلىماقچى بولىۋاتىمەن، مەن ئايالىم بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش ئالدىدا جىنسى ئەزاسىنى سۈيۈپ جىنسى تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تاپساق بولارمۇ ؟

 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي

ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ ئوخشاش بولمىغان سەۋەبىگە قارىتا ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي

ياخشىمۇسىز بىرزات ھەكىم :مېنىڭ بىر دوستۇم يېقىندا بىر توي قىلىپ ئاجىرىشىپ كەتكەن بىر ئەر بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ، ئۇ ئەرنىڭ بۇرۇنقى ئايالىدىن ئىككى بالىسى بار ئىكەن . لىكىن ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئەرئايالىنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرۇپ باقمىغانكەن .ئايالى بىلەن بىللە بۇلۇشقىمۇ رايىمۇ يوق ئىكەن ، ھەر قېتىم مەس بولۇپ قالغان چاغلىرىدا ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسا كېرەك. لىكىن ۋاقتى بەك قىسقا ئىكەن بىرەر مىنوتقىمۇ بارمايدىكەن ، مېنىڭ بۇيەردە سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم بەزى بىر پىسخىك سۇئالى بولۇپ 1: بىر ئادەم بىر ئادەمنى ياخشى كۆرمىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇسى كىلەمدۇ؟ ئايالارغۇ ئامالسىزكېلىدۇ . لېكن ئەرلەرچۇ؟ 2: ئەگەر مەسلىكتە قىلىپ قويدۇم دىگەن ھالەتتىمۇ بىر قېتىم بۇلۇپ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن يەنە ئايالىنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ ئىككىنچى بالىغىمۇ قورساق كۆتەرگۇزۇپ قويسا بۇ ئادەمنىڭ ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيتىم دىگىنى يالغانمۇ قانداق ؟ 3.قورساقتىكى بالىمۇ شۇ بىرەر مىنوتقا يەتمىگەن جىنسى تۇرمۇشتىن قېلىش ئېھتىمالى بۇلامدۇ؟

[تەپسىلاتى]

ئەسلىدە 60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە يۈز بىرىدىغان مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ بارغانسىرى ياشلىشىپ 15-16 ياشتىكى ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ كۆرۈلىشى ھەم مەزى بېزى ياللۇقى، جىنسىي ئاجىزلىق دېگەندەك تېمىلارنىڭ جەمئىيەتتە قىززىق نۇقتا بولۇپ قىلىشىنىڭ بىر تەرپىدە مانا شۇ سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈش ، سېرىق موھىتتا يۈرۈشلەر تۇرۇپتۇ. بالاغەتكە يەتكەن ھەر قانداق بىر ئەركەك زاتىدا شەھۋەت قوزغالغان ۋاقىتتا نېرىپلار جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ ئەرلىك ئەزالارغا قان تولىدۇ، مەنى خالتىسى ئىتىپ چىقىرىشقا تەييار بولۇپ مەنى ئاقىدىغان ئىرىقچىلار تولىدۇ. شەھۋەت بىسىققاندىن كىيىن ئارقىغا يانىدۇ. سېرىق مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە سېرىق موھىت - قىزلار بىلەن تولا قول تۇتۇشۇش، سۆيۈشۈش، سېلىشىش ، ئىشقى-مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىشىش دېگەندەك ئىشلار سەۋەبىدىن يۇقۇردا ئېيتىلغان ئەرلىك ئەزالارغا قان تولۇش يەنە بوشاش ئەھۋاللىرى تەكرار داۋام قىلغاندا دوۋساق، ئۇرۇقدان چىڭقىلىپ، بىئارام بولۇپ بەزى بىر بىنۇرماللىقلار كۆرىلىدۇ. ئېغىرلىرىدا مەزى بېزى، ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىش، مەنى ئېقىپ كېتىش دېگەندەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىشى مومكىن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: سېرىق شەھۋانىي

بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قارىساق خۇددى بۇ ئالەمدە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ئالاقىدىن باشقا ئىش ‏يوقتەك، ھەممە ئەر - ئاياللار پەقەت ئاشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ياشاۋاتقانلىقىنى بايقىماي قالمايمىز. بۇ بىزنىڭ ‏ئالدىمىزدىكى رېئاللىق. ئۇيغۇرلار بىر يەردە سورۇن تۈزىسىلا گەپ ئاشۇ تېمىدا بارىدۇ. باشقا تېمىدىكى ھەر قانداق گېپىڭىز سورۇننى ‏قىزىتالمايدۇ. ئەر - ئاياللار بىر - بىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالسا بىر - بىرىنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئايال بىلەن ‏بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدىن پەخىرلىنىپ، سورۇنلاردا داۋراڭ سالىدۇ. بىراق ئادەم ھاڭ - تاڭ قالىدىغان يېرى شۇكى سىز جىنسىيەت ھەققىدە ‏مەتبۇئاتلاردا بىر نەرسە دەپلا سالسىڭىز ھەممە ئادەم يېغىرلىرىغا تۇز سەپكەندەك بولمايلا قاقشاپ كېتىدۇ. ئاشۇنداق ھەرىكىتى بىلەن ‏گېپى ئوخشىمايدىغان، قىياپىتىدە ئەخلاقلىق ئەمەلىيەتتە جىنسىي قىلمىشلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىۋېتىدىغان ساختا ئەخلاقچىلارنىڭ ‏توسالغۇسى تۈپەيلىدىن مىللىتىمىز جىنسىي ھالەتنىڭ بالا قازاسىغا ئۇچرىماقتا.‏
ئۇيغۇرلاردىمۇ خۇددى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرگە ئوخشاشلا جىنسىيەت ھەققىدە تەتقىقاتلار بولىشى كېرەك ئىدى. ‏بىراق قالاقلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىك تۈپەيلىدىن بۇ بىر چەكلەنگەن تېما بولۇپ قالدى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىيەت، ئەيدىز

كۆپچىلىككە مەلۇم، ئەيدىز كېسىلى ئەڭ خەتەرلىك كېسەل ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم بەخىتكە قارشى بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالسا، ئۇ ھالدا ئۇ ھالدا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرغۇچى ۋىرۇس (HIV) مەنىي ياكى جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇق ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇ جىنسىي ئەزالار ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇدۇ. بولۇپمۇ ئېغىز زىناسى قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئېغىز، زىنا جىنسىي

ئادەتتىكى ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى بارلىق ھەركەتلەرنى ئاساسەن ئەرلەر تاماملىغاچقا،ئەرلەر بۇ جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئايالىنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا تەڭشەش(ئۆزگەرتىش)ئېلىپ بارىدۇ. ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيتى بىر قەدەر ئازراق بولۇپ، ئاياللار ئۆزىنىڭ پۈتكۈل خىيالىنى پەقەت پىسخىكا پائالىيتىگە ئاتاپ، جىنسىي ھۇزۇرلىنىشتىن بەھرىمان بولىدۇ ۋە جىنسىي ھۇزۇرلىنىشنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي، مەنىي ھېسيات

ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە جىنسىي قۇشۇلۇشنى ئادا قىلىشتا ئەر _ خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئىشلىرىنى مۇكەممەل بىلىش ۋە تۇلۇق ئىگىلەش ئىنتايىن زۈرۈر .
ــــــــــــ
ئەڭ مۇھىمى كۈيۈنۈش ۋە ھالىغا يىتىش ، جىنسىي ھەۋەس بىر شاش ئات . ئۇنى باشقۇرۇشنى بىلىشىڭ كىرەك . ئاللاھ ساڭا ئالىيجاناپ ، كەڭ كۆڭۈل - كۆكسى ئاتا قىلغان بولسا ، بۈگۈن ئەپلەشتۈرەلمىسەڭ ئەتە قىل ياكى ئۆگۈن قىل .
_______ خەلىپە ئۆمەر

شەھۋەت جىنايەت ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە . ئۇ ھاياتلىققا بولغان تىۋىنىش ، ئۇ خۇدانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلغان سوۋغىتى ، ئۇ خۇددى باھار ۋە يازنىڭ غۇر - غۇر شامىلى . بىز ناھايىتى سەگەك كۆڭۈل بىلەن ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭدىن لەززەت ئېلىشىمىز كىرەك . پىشىپ يىتىلگەن بارلىق ساغلام ئەر - ئاياللار ئۇنىڭغا تەشنا ۋە مۇھتاج .
________  گۇستاۋ فېرىنسون

[تەپسىلاتى]

توي قىلىشقا ئاز قالغاندا بولسا تەربىيىنى بىر باسقۇچ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ جىنسىيەت ۋە ئائىلە ھەققىدە تەربىيلەش ئىلىپ بارىدىكەن. مەسىلەن: ئەر-ئاياللارنىڭ توي قىلىپ بىرگە بولىشىنىڭ ئەھمىيتى، ئەر خوتۇنچىلىقتىكى ئەدەبلەر، ئاياللارنىڭ فىزئولوگىيلىك بەدەن تۈزۈلىشى، خۇي-مىجەزى ۋە ئۇلارنى قانداق ئىگەللەش، تازىلىق، ئەرنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى، ئايالىنى ئاسراش قاتارلىقلاردىن تارتىپ تەن-ساقلىق ۋە مىجەزىگە ماس ئوزۇقلىنىش دېگەندەكلەرگىچە كۈندە مەلۇم بىر ۋاقىت چىقىرىپ تەلىم بىرىدىكەن.

[تەپسىلاتى]


تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ جىنسىي ئالاقىنى ئازايتىشى ياكى جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىشى لازىم.
1-ئېغىر كېسەل بولۇپ ساقىيىپ، تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئادەتتە ھەرخىل كېسەل مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ، چۇنكى ساقنىڭ جىنسىي تەلىپى قانغان بىلەن كېسەلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن يېنىك بولغانلارمۇ ئادەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى كېرەك. كېسەللەرنىڭ تۇرلىرىمۇ ناھايتى كۆپ، كېسەلنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشى بۇ ھەقتە دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.
2-زىيادە ھېرىپ-چارچىغاندا،مەست ۋاقىتىدا ياكى روھىي كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ،ئەرلەر زىيادە ھاراق ئېچىپ مەسىت بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىدا غەيرىلىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئايال تەرەپ ھامىلدار بولۇپ قالسا ئۇنداق ھامىلىنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ غەلىتە تۆرەلمە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

[تەپسىلاتى]


ئەر-خوتۇننىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ جىنسىي تەلىپى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ناھايىتى تېز پەيدا بولىدۇ.
1-كۆڭلى ئازادە،خوشال-خۇرام ۋاقىتلاردا، ئائىلىدە بىرەر خوشاللىنارلىق ئىش بولغاندا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قارشى تەرەپ ئالاھىدە سۇيۇملۇك ۋە قەدىرلىك يېقىن تۇيۇلغان ۋاقىتلاردا ناھايتى ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ ياكى قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلالايدۇ.
2- تەن ساقلىقى ئىنتايىن ياخشى ۋاقىتلاردا ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ. ئەگەر تەن ساقلىقى راسا ياخشى بولمىسا ياكى بىرەر يېرى بىئارام بولۇۋاتقان بولسا ئۇنىڭدا ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ.

[تەپسىلاتى]

تۇنجى قېتىملىق جىمائ

بىز گەپنى تويدىن باشلايمىز. يۈزى ئىچىلمىغان بىر قىز ئۈچۈن توي كېچىسى قىزلىقىدىن ئايرىلىشتەك موھىم ئىش بولمىسا كېرەك. توي قىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىسىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئادەتلىنىپ بولغان ئاياللار ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ گەپلىرىمىزنىڭ ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق بولسىمۇ ، ئازىراق مەزمۇنلار چېتىلار. لىكىن يۈزى ئىچىلمىغان قىز بىلەن توي قىلغان يېگىت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قىزنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا تۇنجى قېتىم يېقىنلىشىشى خىلى باش قاتۇرىدىغان ئىش. ئۇ ئىمكان قەدەر سىلىق بىر يول تۇتۇشى كېرەك.
يېگىت قىزنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ياقتىكى ئىككى خىل قارشىلىقىغا دۇچ كىلىدۇ.
مەيلى ئۇ قىزنىڭ مۇھەببىتى قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن ، مەيلى ئۇ قىزنىڭ نەزىرىيۋى بىلىملىرى قانچىلىك مۇكەممەل بولسۇن ، ھەتتا ئۇ قىز ئېرىگە شۇنچىلىك ئىشەنسىمۇ ، تۇنجى جىمائدا ئۇ قىزدا روھىي ۋە جىسمانىي ياقتىكى قارشىلىق ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇردۇ. ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ئەرنىڭ ئەمىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ شۇ قارشىلىقتا بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ قورقىدىغىنى قىزلىق پەردىنىڭ يېرتىلىشىدىن بولىدىغان ئاغرىقلا ئەمەس، يەنە تېخىمۇ موھىم بىر نەرسە بار، ئاغرىقتىن قورقۇشقا قارىغاندا كېيىنكى بىر نۇقتىدىن قورقۇش خېلىلا پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ. ئاشۇ خىل قارشىلىقلارغا ئۇچراپ ئاۋارچىلىق ھېس قىلىۋاتقان ئەرلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، تۇنجى قېتىملىق جىمائ قىزلىق ھاياتتا موھىم بىر بۇرۇلۇشنىڭ ، ئۆزگىرىشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش باشلانغان ئىكەن، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلۇشۇپلا كېلىدىغىنى-مەسئۇلىيەت ۋە خەۋپ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي، توي، شەھۋەت،

قىزلىق پەردە ھەققىدە

بەزىلەنىڭ قىزلىق پەردە ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرى جاۋابسىز قالغان ئىدى. پايدىلىنىپ قالسۇن دەپ تۆۋەندىكى ماتېرياللارنى رەتلەپ قويدۇم.

قىزلىق پەردىسى جىنسىي يول سىرىتقى ئاغزىنى توسۇپ (يېپىپ)تۇرىدىغان بىر پارچە ئوتتۇرسى بوش،نېپىز پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1-2مىللىمىتىر كېلىدۇ.پەردىنىڭ سىرىتقى ۋە ئىچكى يۇزى سىلىق شىللىق پەردە بولۇپ،بۇ ئىككى قەۋۋەت شىللىق پەردە ئوتتۇرسىدىكى تۆشۇك قىزلىق پەردە تۆشىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۆشۇكنىڭ چوڭ-كېچىكلىكى، پەردىنىڭ قېلىن-نېپىزلىكى ۋە ئەۋرىشىمچانلىقى ھەر قانداق قىزلاردا ئوخشاش بولمايدۇ.قىزلىق پەردىدىكى تۇشۇكنىڭ دىئامىتىرى تەخمىنەن1-1.5 سانتېمېتىر كېلىدۇ.ئۇنىڭ شەكلى كۆپىنچە يۇمىلاق، سوقىچاق،بەزىدە يېرىم ئايسىمان بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ پەردىسىدە ئىككى تۆشۇك بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى-تۆۋەن ياكى ئوڭ سولدا قاتار ھالەتتە بولىدۇ. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇششاق تۆشۇكلەر بولۇپ خۇددى خەلۋىرنىڭ تۇشۇكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.قىزلىق پەردە سىرتىدىكى پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنىڭ جىنسىي يولغا كېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جىنسىي يولنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.قىزلارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىن كېيىن تۇخۇمداننىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بەدەندە ئاياللىق ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ بارىدۇ. جىنسىي يولنىڭ قارشىلىق كۇچى كۇچىيىپ قىزلىق پەردىسى تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىدۇ.قىزلىق پەردىدىكى تۇشۇكلەر فىزىئولوگىيلىك جەھەتتە ئىنتايىن زۆرۇر بولۇپ، قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ھەر ئايدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھەيىز قانلىرىنى مۇشۇ تۇشۇك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. ئەگەر قىزلىق پەردىدە ئۇششاق تۇشۇكلەر بولمىسا ھەر ئايدا كېلىدىغان ھەيىز قانلىرى توسۇلۇپ قېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقالمايدۇ. بۇ تىببى پەندە پۇتەي پەردە دېيىلىدۇ.ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ۋاقتىدا سېزىلمىسە ھەيىز قېنى جىنسىي يول ئىچىدە يېغىلىپ قېلىپ، ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپىيۋىرىپ يۇقىرى ئكرلەپ، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم تۇشۇش(ئۆتۇش)نەيچىسى ئارقىلىق ھەتتا قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كېرىشى ،تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى ،ئۇچەينىڭ چاپلىشىىپ قېلىشىنى،قورساق بوشلىقىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېڭى نىكاھلانغان توي كىچىسى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى يىگىتنىڭ زەكىرىنىڭ قىزنىڭ جىنسى يولىغا كىرىشى بىلەن ئىتتىرىلىپ يىرتىلىدۇ. قىزلىق پەردىنىڭ يىرتىلىشش شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئوتتۇرسىدىن تۆت ئەتراپقا قاراپ تۇۋىگىچە يېرتىلسا بۇ ‹‹پۇتۇنلەي بۇزۇلۇش ››دېيىلىدۇ. بەزىدە يىگىتلەرنىڭ زىيادە قاتتىق كۇچىشى ،ئىتتىرىشى بىلەن قىزلىق پەردە بىلەن بىللە جىنسىي يول دىۋارلىرىمۇ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. تۇغقان ئاياللاردا بالا جىنسىي يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۇچۇن قىزلىق پەردە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇلۇپ ئانچە-مۇنچە تاتۇق ياكى قالدۇق بەلگىسى قالىدۇ بۇ قىزلىق پەردە تاتۇقى دېيىلىدۇ.

[تەپسىلاتى]