جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ پەيتنى تاللاش



ئەر-خوتۇننىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ جىنسىي تەلىپى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ناھايىتى تېز پەيدا بولىدۇ.
1-كۆڭلى ئازادە،خوشال-خۇرام ۋاقىتلاردا، ئائىلىدە بىرەر خوشاللىنارلىق ئىش بولغاندا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قارشى تەرەپ ئالاھىدە سۇيۇملۇك ۋە قەدىرلىك يېقىن تۇيۇلغان ۋاقىتلاردا ناھايتى ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ ياكى قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلالايدۇ.
2- تەن ساقلىقى ئىنتايىن ياخشى ۋاقىتلاردا ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ. ئەگەر تەن ساقلىقى راسا ياخشى بولمىسا ياكى بىرەر يېرى بىئارام بولۇۋاتقان بولسا ئۇنىڭدا ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ.
3-ھاۋا ئىللىق(ئىسسىق)كۇنلەردە ئاسانلا جىنسىي تەلەپ قوزغىلىدۇ. ئەگەر ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولسا كېشىلەر توڭلاپ تۇگۇلۇپ جىنسىي تەلەپنىڭ قوزغىلىشى تەس بولىدۇ.
ئەگەر ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسا ئادەم تەرلەپ،ئىسىسپ كېتىپ جىنسىي تۇرمۇشتىن سەسكىنىشى،سالقىنراق يەردە يېتىۋىلىشىنى خالايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4-تىپتىنىچ مۇھىتتا ئاسانلا جىنسىي تەلىپى قوزغىلىشى مۇمكىن، ئەگەر ئولتۇراق ئۆي، بىنا ئەتراپىدا تاراق - تۇرۇق ئاۋاز، كېچىسى قۇرۇلۇش قېلىۋاتقانلارنىڭ ھەرخىل شاۋقۇنلىرى بولسا كېشىلەرنىڭ روھى ھالىتىگە تەسىر يەتكۇزۇپ بىئارام قىلىشى، جىنسىي تۇرمۇشىغا تەسىر كەلتۇرشى مۇمكىن، ئەتراپ،مۇھىتى تىپتىنىچ بولسا ئەر-ئاياللارنىڭ شەخسى پىچىر - پىچىر شېرىن پاراڭلىرىغا ئوڭايلىق تۇغۇلۇپ، دىققەت ئىتىبارى ئاسانلا جىنسىي ئالامەت تەرەپكە يېغىلىدۇ.
5-سىرىتقى تەسىر،غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا جىنسىي تەلەپ ئاسانلا قوزغىلىدۇ. مەسىلەن:كىنو،تېلىۋزىيە تىياتىرلىرىدىكى مەلۇم كۆرىنىشلەر،بىر قىسىم رەسىم سۇرەتلەر،ھېكايە، رومانلاردىكى مەلۇم ۋەقەلىكلەر ئەر خوتۇنلاردا جىنسىي ھاياجانلىنىشنى قوزغىتىدۇ.
ئۆزىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئارزۇسى توغۇلغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ ئۆز جورىسىغا بېشارەت بېرىش كېرەك؟ ئادەتتە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئارزۇسى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆز جورىسىغا سۆز ياكى ھەركەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بىشارەت بېرىشكە بولىدۇ. سۆز- بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق سۆزدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. بىۋاستە سۆز بىلەن ئۆز تەلىپىنى ئېنىق ئېيتسا بولىدۇ. ۋاستىلىق ھالدا مەسىلەن:ئۆز جورىسى بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدىكى پاراڭلارنى سېلىشش، شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي تەلىپى قوزغىتىش ياكى جورىسىنىڭ بالدۇرراق كارىۋاتقا چىقىپ يېتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق يۇشۇرۇن بىشارەت بېرىش، سۆز-ھەرىكەت بولسا ئۆز يولدىشىنى قۇچاقلاش،سۇيۇش،سىلاش قاتارلىق مۇھەببەت ھەرىكەتلىرى ياكى مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل بىلەن بېشارەت بېرىشلەردىن ئىبارەت. ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى بىشارەت ئېنىقراق بولۇشى، ئوقۇشماسلىقلار سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىشى، ئورتاق تۇرمۇش جەريانىدا بۇ جەھەتتىكى قانۇنىيەتلەرنى ئۆز-ئارا ياخشى ئىگىلىۋىلىشى لازىم.
جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئەڭ ياخشى ۋاقتى كەچلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىن ئىبارەت. چۇنكى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنكى شېرىن ئۇيقۇ ئارقىلىق كېشىنىڭ جىسمانيي كۇچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ. بەزىدە ئەرنىڭ كۇندىلىك خىزمەت ئېغىر بولۇپ ھارغىنلىق ھېس قىلسا، جىنسىي ئالاقىدا مەنىنىڭ بۇرۇن چىقىپ كېتىپ جىنسىي تەلەپنىڭ قانماسلىقىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئەڭ ياخشى كەچتە بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ئاندىن جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ.





يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmihray[2010-12-04 07:04 PM | del]
[face03][face16]م:ن
回复قايتۇرماظايصولات[2010-12-03 12:54 AM | del]
مةن هازعر هامعلدارلعقنع كذتعؤاتعمةن ، شذنداق ظوغذل تذققذم بار ظعدع، حذنكع مئنعث 2قعزعم بار ، بعر قعزعم ظاجزراق ،يعمةكلعك جةهةتتة ؤة باشقا ظعشلاردا شذثا مةسلعهةت بةرسعثعز ،
回复قايتۇرماmgmgt[2010-07-26 01:00 PM | del]
مەن مەزى بېزى  ياللۇغى بۇلۇپ قالدىم
回复قايتۇرماyamgur[2010-07-24 07:02 PM | del]
مەن  يولدېشېم بلەن بللە  بولسام  ىاستېڭېز  بەك چوڭ دەيدو   ؟؟؟؟؟怎么办???مەن  غەنززۇچە  وكۇغان  
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.