تۇنجى قېتىملىق جىمائ


بىز گەپنى تويدىن باشلايمىز. يۈزى ئىچىلمىغان بىر قىز ئۈچۈن توي كېچىسى قىزلىقىدىن ئايرىلىشتەك موھىم ئىش بولمىسا كېرەك. توي قىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىسىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئادەتلىنىپ بولغان ئاياللار ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ گەپلىرىمىزنىڭ ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق بولسىمۇ ، ئازىراق مەزمۇنلار چېتىلار. لىكىن يۈزى ئىچىلمىغان قىز بىلەن توي قىلغان يېگىت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قىزنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا تۇنجى قېتىم يېقىنلىشىشى خىلى باش قاتۇرىدىغان ئىش. ئۇ ئىمكان قەدەر سىلىق بىر يول تۇتۇشى كېرەك.
يېگىت قىزنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ياقتىكى ئىككى خىل قارشىلىقىغا دۇچ كىلىدۇ.
مەيلى ئۇ قىزنىڭ مۇھەببىتى قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن ، مەيلى ئۇ قىزنىڭ نەزىرىيۋى بىلىملىرى قانچىلىك مۇكەممەل بولسۇن ، ھەتتا ئۇ قىز ئېرىگە شۇنچىلىك ئىشەنسىمۇ ، تۇنجى جىمائدا ئۇ قىزدا روھىي ۋە جىسمانىي ياقتىكى قارشىلىق ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇردۇ. ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ ئەرنىڭ ئەمىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ شۇ قارشىلىقتا بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ قورقىدىغىنى قىزلىق پەردىنىڭ يېرتىلىشىدىن بولىدىغان ئاغرىقلا ئەمەس، يەنە تېخىمۇ موھىم بىر نەرسە بار، ئاغرىقتىن قورقۇشقا قارىغاندا كېيىنكى بىر نۇقتىدىن قورقۇش خېلىلا پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ. ئاشۇ خىل قارشىلىقلارغا ئۇچراپ ئاۋارچىلىق ھېس قىلىۋاتقان ئەرلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، تۇنجى قېتىملىق جىمائ قىزلىق ھاياتتا موھىم بىر بۇرۇلۇشنىڭ ، ئۆزگىرىشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش باشلانغان ئىكەن، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلۇشۇپلا كېلىدىغىنى-مەسئۇلىيەت ۋە خەۋپ.
مەيلى ئۇ قورقۇنچ ئاڭسىز ياكى ئىنتايىن كىچىك دەرىجىدىكى ئاڭ بىلەن بولغان بولسۇن، ھەر قانداق ئەھۋالدا ، ئەر ئۇ قىزنى چۈشۈنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. لىكىن بۇ يېگىتكە توي كېچىسى ئايالى قارشىلىق قىلىپ تۇرۇۋالسا ، ھەسرەت چېكىپ ياكى ئىچ ئاغرىتىپ قاراپ ئولتۇر دېگەنلىك ئەمەس.
تۇنجى قېتىملىق بۇ جىمائ يېگىتكە ئوڭاي توختىمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئەتراپلىق، پۇختا ئويلاپ ئىش قىلىشى، تازا پەم بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك. شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى ، ئائىلىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇش-بولماسلىقى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇشۇ تۇنجى قېتىملىق جىمائنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىغا باغلىق. مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز بار ئىكەن: << يېڭى تۇتقان ئۆينىڭ ئۆي بولۇپ كېتىشى توي كېچىسىگە باغلىق>>.
توي كېچىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى توسالغۇ پەقەت قىزلىق پەردىسىدىلا بولىدۇ. يېڭى توي قىلغان قىز ھەر خىل قارشىلىقلارنى قىلىپ ، ئۆزىنى ئەپقىچىپ ياكى پۇتىنى مەھكەم قىسىۋالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئاشۇنداق رەت قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ، دېمەك قىزنىڭ روھىي تەييارلىقى تېخى پۈتمىگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا يېگىت قىزغا داۋاملىق كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ ئۇنى ماقۇل دەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشى كېرەككى ، ھەرگىز ئالدىراپ جىمائ قىلىشقا ئالدىراپ ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.
<< لەززەت سىرلىرى>> دا بايان قىلىنىپتۇكى:
<<ئايال كىشى بىلەن شېرىن سۆھبەت قۇرۇپ ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلماي تۇرۇپ ، ئوپۇل-توپۇل ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئايالىغا نىسبەتەن قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە زۇلۇم ھېسابلىنىدۇ. سەۋەب شۇكى، ئىنسان بالىسى باشقا ھايۋانلاردىن ھەر بىر ئىشتا ئالاھىدە پەرقلىنىشى كېرەك. ناتىقلىق، شىرىن سۆزلۈك بولۇش ئىنسانىي مۇئامىلە ئالامەتلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغلىرىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىدىكى شەرم -ھايانى ھېسابقا ئىلىپ ئەر كىشى سۆز باشلىشى ، ھەر خىل مۇقەددىمە بىلەن سۆھبەتنى قىززىتىپ، ئايالىنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىشى زۆرۈردۇر>>.
توي كېچىسى جىمائدىن ئاۋۋالقى يەڭگىل سۆھبەت ئارىدىكى قورۇنۇش ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ. خۇشپۇراق، تەملىك چايدىن بىرەر پىيالىدىن ئىچكەچ ئىلىپ بىرىلغان سۆھبەت قىزنىڭ چۈشۈنۈش، ئاڭقىرىش دائىرىسىدە شىرىن سۆزلەر بىلەن ئىلىپ بىرىلسا بولىدۇ.
مەسىلەن :بىر يېگىت توي كېچىسى ئىش باشلاشتىن ئاۋۋال ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئەجدادى ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنى يارىتىپ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇھەببەت ئېستىكى، جۈپلىشىش ئېستىكى سىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى كۆپەيتىپ بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغانلىقى دېگەندەك پەلسەپىۋى بايانلارنى قاملاشتۇرۇپ دېگەندەك ئايالىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ، ئايالىنىمۇ پىكىر بايان قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ يۈرۈپ كەيپىياتنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ توي كېچىسىنى ناھايىتى مۇۋەپىقيەتلىك ئۆتكۈزگەن ئىكەن. چۈنكى ئۇلار ھەر ئىككىلىسى دىنىي ئىتقادى كۈچلۈك بولغاچقا يۇقۇردىكى سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان.
يۇقۇردىكىسى توي كېچىسى يېگىتلەرنىڭ قانداق سۆز باشلاشنى بىلەلمەي جىددىيلىشىپ كېتىشىگە قارىتا كۆرسىتىلگەن بىر مىسالدۇر.
<< نىكاھ ۋە جىنسىي تۇرمۇش >> دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىپتۇكى:
ياۋاشراق قىزلار تۇنجى جىمائدا كۆپرەك نۇرمال ھالەتتە ياتىدۇ. بۇ چاغدا زەكەرنى جىنسىي يول دالانچىسىنىڭ يۇقۇرىسىدىن چۆرىسىنى بويلاپ قىيپاش ماڭغۇزۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا زەكەر بېشى جىنسىي يول دالانچىسىغا سۈركىلىپ جىنسىي يول ئېغىزىغا بارىدۇ. جىنسىي يولغا زەكەرنىڭ بېسىمى ئاشقانسىرى قىزلىق پەردە قاتتىق بىر تارتىشىپ ئاندىن ئوڭ-سول ئىككى تەرەپكە بۆسىلىدۇ. بۇ چاغدا، ئەلۋەتتە قىز مەلۇم دەرىجىدىكى ئاغرىقنى ھېس قىلىدۇ، لىكىن قىزلىق پەردىسىنىڭ قېلىن-نېپىزلىكى نورمال، نېرۋا سەزگۈلىرىمۇ نورمال بولسا ، بۇ ئاغرىققا چىدايدۇ، بۇ ئاغرىقمۇ ناھايتى قىسقا ۋاقىتلىق بولىدۇ. ئەر قىزلىق پەردىسىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغاندا زەكەرنى قوپاللىق بىلەن بىراقلا سانجىۋەتمەسلىكى كېرەك.ھەركەت سىلىق بولغاندىلا ئايالنىڭ ئاغرىق سېزىمىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.ئەگەر مۇشۇ چاغدا ئايال قورۇنماي، قورقىماي ئاكتىپ ئىنكاس بىلدۈرسە ، زەكەر نىختاپ كەلگەندە قايتۇرما نىختاش ئارقىلىق قىزلىق پەردىنى ئەپچىلگىنە بۇزۇپ ئاغرىق سېزىمىنى تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرەلەيدۇ.
قىزلىق پەردىنىڭ بۇزۇلىشىدىن كەلگەن قان ئادەتتە بەك ئاز بولىدۇ ھەم ناھايتى تېز توختايدۇ. پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردىلا قان نېسبەتەن كۆپ ھەم ئۇزۇن كىلىشى مومكىن. بۇنداق چاغلاردا ئايال تېنچ، تۈز يېتىپ ئىككى پۇتىنى مەھكەم قىسىۋېلىشى، جىنسىي يول ئېغىزىنىڭ سەل تۆۋىنىنى پاختا بىلەن چىڭ بېسىۋىلىشى كېرەك.
شۇنداق قىلغاندا قان توختايدۇ. دوختۇرخانىغا بارمىسا بولمايدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
بەزى قىزلاردا قىزلىق پەردە ئۆزلىكىدىن بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى << جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق >> سەھىپىمىزدىكى << قىزلىق پەردە ھەققىدە>> يازغان ماقالىمىزدىن كۆرۈپ بىلىۋالغايسىز!!
ئەگەر توي كېچىسى قىزلىق پەردىنى بۇزغىلى بولمىسا ، يەنە ئىككىنجى، ئۈچۈنچى كۈنلىرى ھەركەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. لىكىن قىزلىقنى ئىلىش كەينىگە سۈرۈلگەنسىرى ئەرنىڭ جىمائ ھەركىتى كەينى -كەينىدىن بولىدۇ ھەم قوپالراق تۈس ئالىدۇ. بۇنداقتا ئايالدىكى ئاغرىق ۋە قورقۇنۇچ كۈچىيىپ كېتىدۇ. جىمائمۇ قىيىنلىشىدۇ.شۇڭا ئەر بەك كۈچىمەي پەم بىلەن ئىش قىلىشى ، ئەگەر ئايالنىڭ قىزلىق پەردىسى بەك چىڭ بولسا ياكى جىنسىي ئەزاسى بەك ئاغرىپ ، ئۆزى ناھايىتى قورقۇپ كېتىۋاتقان بولسا ، دەرھال جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىش كېرەك .
بۇنداق ئەھۋالدا جىنسىي مۇناسىۋەت تەجىربىسى يوق، ئۆزىنى پاك ساقلىغان يېگىتلەردە ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچنى يوقۇتۇش، قاملاشتۇرۇپ قىلالمايۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ ئۆزىنى ئەيىپلەش تۇيغۇسى كۈچۈيۈپ ئازابلىنىپ كېتىشى مومكىن. مۇشۇنداق كۈن بېشىغا كىلىپ قالغان يېگىتلىرىمىزگە << جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق >> سەھىپىمىزدىكى << توي كېچىسى ھەققىدە پاراڭ>> دېگەن ماقالىمىزنى كۆرۈپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
<< ئەڭ موھىمى كۆيۈنۈش ۋە ھالىغا يېتىش! جىنسىي ھەۋەس بىر شاش ئات، ئۇنى باشقۇرۇشنى بىلىشىڭ كېرەك. ئاللا ساڭا ئالىيجاناپ، كەڭ كۆڭۈل-كۆكسى ئاتا قىلغان بولسا ، بۈگۈن ئەپلەشتۈرەلمىسەڭ ئەتە قىل ياكى ئۆگۈن قىل>> . مانا بۇ مەشھۇر مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرى ئۆمەر خەلىپىنىڭ بۈيۈك ئەسىرىدە ئېيتىلغان سۆز دەپ يازىدۇ 1928-يىلى ئەنگىليىدە نەشىردىن چىققان << كۆڭۈلدىكىدەك نىكاھ >>نىڭ ئاپتۇرى، دوكتۇر ۋىئان دې ۋېلدې. ئاندىن ئارقىدىن ئۇلاپ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ:
تۇنجى قېتىملىق جىمائ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇھەببەت ئالاقىلىرىدە شەرقلىقلەر بىز غەرپلىكلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىمىزگە قارىغاندا ئەقىللىق، ئۆزىنى تۇتۇپ، خەقنىڭ ھالىغا يېتىپ ئىش قىلالايدۇ. خېلى نۇرغۇن غەرپلىك ئەرلەر خەقنىڭ ئۆزىنى << جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىز >>، << ئىشلىمەيدۇ>> دەپ قىلىشىدىن قورقۇپ ، يېڭى توي كېچىسى خوتۇنىمىزنى نېمە قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. شەرقتىكى نۇرغۇن مىللەتلەردە تۇنجى جىمائنى توينىڭ ئىككىنجى، ئۈچۈنجى كۈنلىرى قىلسىمۇ ئوخشاش بولۇۋېردىغانلىقىنى دىنمۇ ، جەمئىيەتمۇ ئېتىراپ قىلغان.
بىراق ، قەدىمدىن كېلىۋاتقان مۇنداق بىر پرىنسىپقا ئەمەل قىلمايمۇ بولمايدۇ: << ھەر قانداق ئىشنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى>>. تۇنجى ئۇتۇقلۇق جىنسىي مۇناسىۋەتنى بەكمۇ كەينىگە سۈرۈۋېتىش نۇرغۇن جەھەتلەردىن قارىغاندا زىيانلىق. ئەگەر بىرەرى بۇ ئىش قانچىلىك سوزۇلسا بولىدۇ، ئېنىق ۋاقتى بارمۇ دەپ سورىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دەيمەنكى ، ئەگەر تۆتىنجى كۈنى كېچىسىمۇ ئۈچ-تۆت قېتىم ھەپىلىشىپ ئىش ۋۇجۇتقا چىقمىسا ، ئەر-ئايال ئىككىسى ئۇستا بىر ئاياللار كېسەللىكى دوختۇرىغا كۆرۈنۈشى كرەك. ئۇ دوختۇر ھەم جىنسىيەت پىسخولوگىيسىگىمۇ كامىل بولىشى كېرەك. مۇنداق ئىشلارنى دەل مۇشۇنداق مۇتەخەسىس بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ يا قىزلىق پەردىسىنى كېسىپ كىچىك ئىككى-ئۈچ تۆشۈك ئىچىپ قويار؛ يا بولمىسا پىسخىكىلىق جەھەتتىن يېتەكلەپ ئۇلارنى بىر توغرا يولغا سالار ياكى ئىككىلا ئۇسۇلنى تەڭلا قوللىنار.
ئەگەر زۆرۈرىيەت بولسا ، ئۇ دوختۇر ئەرگە بەزى ئەقىللەرنى ئۈگەتسە ياكى ئۇنى داۋالىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلار ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا ، روھىي جەھەتتىكى جاراھەت ۋە قىسمەن جايدىكى ئاغرىقتىن كېلىپ چىققان ئازاب ۋە قورقۇنۇچ قوشۇلۇپ ئەرنىمۇ، خوتۇننىمۇ پەرىشان قىلىۋېتىدۇ.
ئەگەر زەكەر جىنسىي يولغا ئۇتۇقلۇق كىرەلىسە، ئادەتتە ئازراق سۈركىلىشتىن كىيىنلا مەنى كىلىدۇ. بۇ جىنسىي ھاياجانلىنىشنىڭ بەك زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولغان ئىش. بۇ جىمائدا زەكەرنىڭ سۈركۈلىش ھەركىتى ئايالنى جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يەتكۈزەلىگۈدەك دەرىجىدە بولمايدۇ. ئايالغا كەلسەك، ئۇنىڭدا مەلۇم دەرىجىدە جىنسىي ھاياجانلىنىش بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن روھىي ۋە جىسمانىي ياقتىكى جىددىيلىك ئۇنىڭ جىنسىي تەلىپىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋېتىدۇ.. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى چوكانلىق دۇنياسىغا قەدەم قويغۇزىدىغان مۇشۇ تۇنجى قېتىملىق جىمائدا ئالاھىدە قانائەت تېپىپ كەتمەسلىكى مومكىن. شۇنداقتىمۇ جىنسىي ئەزالارنىڭ سۈركىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. قانىغان قىزلىق پەردىسى زىيادە سۈركۈلىشنى كۆتۈرمەيدۇ. مېنىڭچە، قانىغان يەرنىڭ ساقىيۋېلىشى تۇنجى قېتىملىق جىمائدىن تاپقان لەززەتتىن مۇھىمراق بولسا كېرەك.
لېكىن، بەزىلەر مۇنداقمۇ سۇئال قويۇشى مومكىن: ئەگەر تۇنجى قېتىملىق جىمائدا ئايال جىنسىي يۇقۇرى پەللىدىكى لەززەتكە ئېرىشەلمىسە، ئۇنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنى سۆيۈش ياكى سىيلاش ئارقىلىق ئۇنى جىنسىي قانائەتكە يەتكۈزۈش كېرەكمۇ، يوق؟ مەن بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بىرىمەن: ئەگەر ئەردىن مەنى كىلىپ بولغان، ئايال جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېقىنلىشىپ قالغان بولسا ، ئەر-ئايالنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېقىن، بىر-بىرىدىن بەك ھېيىقمايدىغان بولسا ،ئايالدىمۇ ئەرنىڭ قىلماقچى بولغان ھەركىتىگە رۇشەن قارشىلىق ئالامىتى بولمىسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئايالنى سۈنئىي غىدىقلاپ جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يەتكۈزسە بولىدۇ. لىكىن قولىنى قىزلىق پەردە بار يەرگە ، جىنسىي يول ئېغىزىغا تەككۈزۈشكە بولمايدۇ. پەقەت قولىدا دىلچىقنى يەڭگىل غىدىقلاشقىلا بولىدۇ.
شۇنداقتىمۇ تۇنجى قېتىملىق جىمائدا ئەرنىڭ ھەركىتى بەكمۇ تاپتىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۇ يېتەكچى ئورۇندا، ئايال تارتىنچاق ھەم تەجىربىسىز. يېڭى توي قىلغان ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە روھىي بېسىم سېلىپ قويۇشتىن، قارشى تەرەپنى توغرا تاپمىغان قىلىقنى قىلىشقا زورلاشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئايال كېشىنىڭ تارتىنچاقراق بولغىنى ياخشى، ئۇمۇ ئاياللىقنىڭ زىننىتى. بەزى بىر زامانىۋى ئادەتلەر ئاياللارنىڭ بۇ تەرىپىگە سەل قارايدۇ. يەنىلا ئەرلەرنىڭ بۇنى -_ئاياللارنڭ تارتىنچاقراق بولىشىنى ھۆرمەتلىگىنى ياخشى.
تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەر ئايالنى ئېرىتىۋاتقاندا ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىشى كېرەك. كىرشىش باسقۇچىدا ئەر ئايالغا ئىمكان قەدەر مۇھەببەتلىك ، تاتلىق گەپلەرنى قىلىشى، ئۇنى سۆيۈشى، قۇچاقلىشى، سىلىق سىلاپ ئەركىلىتى كېرەك. تەنلەر يالىڭاچلانغاندا تۇرۇپ-تۇرۇپ جىنسىي ئەزالارنىمۇ غىدىقلاپ قويۇشنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. تارتىنىپ تۇرغان ئايالغا- مەيلى ئۇ ئېرىنى قانچىلىل ياخشى كۆرۈپ كەتسىمۇ-كۆز ئالدىمدىلا كىيمىڭنى سال دېيىش تولىمۇ يولسىزلىق ۋە تەنتەكلىك بولىدۇ. ئايال يالىڭاچ تەننى كۆرۈپ ئۆگەنمىگەن چاغدا ئەرنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ياپ-يالىڭاچ تۇرۇشىمۇ ئۇنى قورقۇنۇچقا سالىدۇ.
ئەلۋەتتە ، توي قىلغان قىزلارنىڭ ھەممىسىلا بىر خىل تارتىنچاق بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار جىنىسي مۇناسىۋەتكە يېڭىياچە، شۇڭا ئۇلارغا ئكزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا تەمكىنلىك ھەم ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

توي كېچىسىدىن كېينلا << شېرىن ئاي >> ئۇلىشىپ كىلىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر بۇ مەزگىلگە تەلپۈنىدۇ، بولۇپمۇ توي قىلمىغان ياشلار. ئۇلار توي قىلغان بىرىنجى ھەپتىدىن باشلاپلا جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىپ بارانىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن بولغان.شېرىن ئاي - ئۆگۈنۈش مەزگىلى، پىراكتىكا (مەشىق)مەزگىلى.


تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)




[Birzat بۇنى 2010-06-04 08:43 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي، توي، شەھۋەت،

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماSALH[2012-02-01 07:55 AM | del]
[face41][face29] چ چ 2446000728
回复قايتۇرماparixtam[2011-10-26 11:23 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.مەن توي قىلغىلى بۈگۈن 3 ئاي بولىدى.بويۇمدا قالغىلى 40كۈندىن ئاشتى.مەن يولدىشىم بىلەن بىرگە بوپ كەلدىم ،باشقىلاردىن ئاڭلىسام بويىدا قالغاندىن كىيىن يولدىشى بىلەن بىرگە بولسا بويدىن ئاجراپ كىتىدىكەن.مەن قورقۇپ كەتتىم بۇ گەپ راسمۇ مەن زادى قانداق قىلشىم كىرەك.بىرگە بولماي دىسەم مۇناسىۋېتىمىزگە تەسىرى بوپ قالارمۇ؟مەن جاۋابىڭىزغا مۇھتاج بوپ قالدىم.قانداق قىلسام بولىدۇ،تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن دوختۇر.
回复قايتۇرماihsan000[2011-07-22 09:13 PM | del]
مەن سىزژىن مەسلىھەت سۇرىماقچى ئىدىم!
回复قايتۇرماsali[2010-10-05 02:52 PM | del]
<< جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق >> سەھىپىمىزدىكى << توي كېچىسى ھەققىدە پاراڭ>> دېگەن ماقالىمىزنى كۆرۈپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مۇشۇ مەز مۇنلىنىڭ ئادرس نىمۇ بىللە يوللاپ قويمام لا دەيمە !
<< جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق >> سەھىپىسى بۇتوبە تتىن تاپ قىلى بولمايۋاتىدۇ. رەخمەت......


چچ ؛494012917
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.