قىزلىق پەردە ھەققىدە


بەزىلەنىڭ قىزلىق پەردە ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرى جاۋابسىز قالغان ئىدى. پايدىلىنىپ قالسۇن دەپ تۆۋەندىكى ماتېرياللارنى رەتلەپ قويدۇم.

قىزلىق پەردىسى جىنسىي يول سىرىتقى ئاغزىنى توسۇپ (يېپىپ)تۇرىدىغان بىر پارچە ئوتتۇرسى بوش،نېپىز پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1-2مىللىمىتىر كېلىدۇ.پەردىنىڭ سىرىتقى ۋە ئىچكى يۇزى سىلىق شىللىق پەردە بولۇپ،بۇ ئىككى قەۋۋەت شىللىق پەردە ئوتتۇرسىدىكى تۆشۇك قىزلىق پەردە تۆشىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۆشۇكنىڭ چوڭ-كېچىكلىكى، پەردىنىڭ قېلىن-نېپىزلىكى ۋە ئەۋرىشىمچانلىقى ھەر قانداق قىزلاردا ئوخشاش بولمايدۇ.قىزلىق پەردىدىكى تۇشۇكنىڭ دىئامىتىرى تەخمىنەن1-1.5 سانتېمېتىر كېلىدۇ.ئۇنىڭ شەكلى كۆپىنچە يۇمىلاق، سوقىچاق،بەزىدە يېرىم ئايسىمان بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ پەردىسىدە ئىككى تۆشۇك بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى-تۆۋەن ياكى ئوڭ سولدا قاتار ھالەتتە بولىدۇ. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇششاق تۆشۇكلەر بولۇپ خۇددى خەلۋىرنىڭ تۇشۇكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.قىزلىق پەردە سىرتىدىكى پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنىڭ جىنسىي يولغا كېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جىنسىي يولنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.قىزلارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىن كېيىن تۇخۇمداننىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بەدەندە ئاياللىق ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ بارىدۇ. جىنسىي يولنىڭ قارشىلىق كۇچى كۇچىيىپ قىزلىق پەردىسى تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىدۇ.قىزلىق پەردىدىكى تۇشۇكلەر فىزىئولوگىيلىك جەھەتتە ئىنتايىن زۆرۇر بولۇپ، قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ھەر ئايدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھەيىز قانلىرىنى مۇشۇ تۇشۇك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. ئەگەر قىزلىق پەردىدە ئۇششاق تۇشۇكلەر بولمىسا ھەر ئايدا كېلىدىغان ھەيىز قانلىرى توسۇلۇپ قېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقالمايدۇ. بۇ تىببى پەندە پۇتەي پەردە دېيىلىدۇ.ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ۋاقتىدا سېزىلمىسە ھەيىز قېنى جىنسىي يول ئىچىدە يېغىلىپ قېلىپ، ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپىيۋىرىپ يۇقىرى ئكرلەپ، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم تۇشۇش(ئۆتۇش)نەيچىسى ئارقىلىق ھەتتا قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كېرىشى ،تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى ،ئۇچەينىڭ چاپلىشىىپ قېلىشىنى،قورساق بوشلىقىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېڭى نىكاھلانغان توي كىچىسى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى يىگىتنىڭ زەكىرىنىڭ قىزنىڭ جىنسى يولىغا كىرىشى بىلەن ئىتتىرىلىپ يىرتىلىدۇ. قىزلىق پەردىنىڭ يىرتىلىشش شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئوتتۇرسىدىن تۆت ئەتراپقا قاراپ تۇۋىگىچە يېرتىلسا بۇ ‹‹پۇتۇنلەي بۇزۇلۇش ››دېيىلىدۇ. بەزىدە يىگىتلەرنىڭ زىيادە قاتتىق كۇچىشى ،ئىتتىرىشى بىلەن قىزلىق پەردە بىلەن بىللە جىنسىي يول دىۋارلىرىمۇ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. تۇغقان ئاياللاردا بالا جىنسىي يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۇچۇن قىزلىق پەردە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇلۇپ ئانچە-مۇنچە تاتۇق ياكى قالدۇق بەلگىسى قالىدۇ بۇ قىزلىق پەردە تاتۇقى دېيىلىدۇ.
يېڭى نىكاھلانغان توي كىچىسى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى يىگىتنىڭ زەكىرىنىڭ قىزنىڭ جىنسى يولىغا كىرىشى بىلەن ئىتتىرىلىپ يىرتىلىدۇ. قىزلىق پەردىنىڭ يىرتىلىشش شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئوتتۇرسىدىن تۆت ئەتراپقا قاراپ تۇۋىگىچە يېرتىلسا بۇ ‹‹پۇتۇنلەي بۇزۇلۇش ››دېيىلىدۇ. بەزىدە يىگىتلەرنىڭ زىيادە قاتتىق كۇچىشى ،ئىتتىرىشى بىلەن قىزلىق پەردە بىلەن بىللە جىنسىي يول دىۋارلىرىمۇ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. تۇغقان ئاياللاردا بالا جىنسىي يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۇچۇن قىزلىق پەردە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇلۇپ ئانچە-مۇنچە تاتۇق ياكى قالدۇق بەلگىسى قالىدۇ بۇ قىزلىق پەردە تاتۇقى دېيىلىدۇ.
ئادەتتە قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندىن كېيىن ئۇنى قىز دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس. خېلى كۆپ ھاللاردا راسىت قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى بۇزۇلغان بولىدۇ. ھالبۇكى بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى گەرچە پۇتۇن(بۇزۇلمىغان )بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئاللىبۇرۇنلار قىز ئەمەس-چوكان بولىدۇ.ئۇ خىلدىكى چوكانلارنىڭ قىزلىق پەردە تۇشۇكى نىسبەتەن چوڭ ،ئەۋرىشىملىكى ياىشى،پەردە ئىچىدە قان تومۇر ئاز بولىدۇ. جىنسىي ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا ئەرنىڭ ھەرىكىتى سىلىق،سىپايە بولۇپ، كۆپ قېتىم جىنسىي ئالاقە ئۆتكۇزسىمۇ قىزلىق پەردىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكىسچە بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى كۇتۇلمىگەن ياكى ئويلىمىغان بەزى سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن:بەزى قىزلار بالا مەزگىلىدە بىلمەسلىك سەۋەبى بىلەن ئۇششاق ئۇيۇنچۇقلارنى جىنسىي يولىغا كىرگۇزىۋىلىپ قىزلىق پەردىسىنى بۇزىۋىتىدۇ.بەزىلىرىنىڭ تاسادىپى سىرىتتىن زەخمىلىنىدۇ. بەزىلىرى قولى بىلەن لەززەتلىنىش(ئانالىزىم قىلىش)، يۇيۇنۇش ياكى جىنسىي يولغا دورا كىرگۇزۇش قاتارلىقلار بىلەن زەخمىلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ قىزلىق پەردىسى ئەسىلىدىلا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ توي قىلىشتىن بۇرۇن توپ ئويناش،يۇگۇرەش،ئىگىزگە سەكرەش،ئاتقا مېنىش،ۋېلىسپىت مېنىش،چامباشچىلىق قاتارلىق نىسبەتەن ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بۇزۇلۇپ كېتىشىى مۇمكىن. شۇڭلاشقا قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ قىز ياكى پاك ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشكە بولمايدۇ.

مەنبە: داۋائىي

مەلۇم بىر تورداش بۇ ھەقتە مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى:

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ. ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻏﻪﻡ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪ، ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ - ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﺩﺍ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ. ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﺰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﺰ. ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﻰ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﻜﺎﺭ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺴﯩﺰ. ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﯓ. ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺗﯘﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚﻣﺮﯨﯖﯩﺰ ﻏﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ. ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻳﻠﻰ.

تەقۋا ئىسلام تورىدا بىر ئايالنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاپ بىرىلىپتۇ:

سوئال:

مەن مۇسۇلمان بىر ئايالمەن. پۈتۈن ئىشلىرىمدا ئاللاھتىن قورقىمەن. خۇددى ئۆزۈمدەك ئېسىل بىر ئەرگە ياتلىق بولغانتىم. مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئىدى. مۇھەببەت، بىر - بىرىمىزنى ھۆرمەتلەش، ئىناقلىق، ئائىلىمىزنى سۆيۈش ھەممىسى تولۇق ئىدى. لېكىن ئەپسۇسكى، شامال كېمە خالىمىغان تەرەپتىن چىقىپ قالدى. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ قىز ئەمەسلىكىمنى بايقاپ قالدۇق. لېكىن مەن زىنا قىلغان ئەمەسمەن. مۇشۇ ئېرىمدىن باشقا ھېچكىم مېنىڭ قولۇمنىڭ ئۈچىنى تۇتۇپ باققان ئەمەس.

جاۋاب:

ئېرىڭىز دىيانەتلىك ۋە ئەقىللىق كىشى بولۇپ، سىزگە راستىنلا ئىشەنسە، ئۇنىڭ سىزنىڭ سۆزىڭىزگە ئىشنىشى كېرەك. چۈنكى قىزلىقنىڭ يوقىلىشى جىنسىي ئالاقە بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن بولىدۇ. قىزلىقى يوقالغان قىزنىڭ ھەممىسىنى زىنا قىلدى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ سىلەرنىڭ بىرلىكتە سىزنىڭ قىز ئەمەسلىكىڭىزنى كەشپ قىلغىنىڭلارغا ئاساسەن شۇنداق. ئەمما بەزىدە ئاراڭلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكەن بولسىمۇ قىزلىق پەردىسى يىرتىلمايدىغان، قان چىقمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ قىزلىق پەردىسىنىڭ ھەممە ئايالدا ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبتىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ پەردىسى رېزىنكىدەك سوزۇلىدىغان قاتتىق كېلىدۇ. مۇنداق پەردىلەر جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش بىلەن يىرتىلمايدۇ. ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىشكە توغرا كېلىدۇ. دوختۇرلارغا بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىقتۇر.

قىزلىق پەردىسى پەقەتلا ماددىي بىر ئالامەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايال كىشىنى قىز ياكى يولدىن چىققان دەپ باھالىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەھكىمىلەردە ئاياللارنى قىزلىق پەردىسى يىرتىق چىققانلىقى سەۋەبلىك ئېيىبلىمايدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن يىرتىلىپ كېتىدۇ.

ئۇنداقتا قىزلىق پەردىسىنىڭ يىرتىلمىغانلىقى ئۇ ئايالنىڭ قىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئەكسىگە دەلىل بولالمايدۇ. سىلەرنىڭ دوختۇرغا بېرىپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.





[Birzat بۇنى 2011-05-07 12:26 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 40 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماSABAT[2014-06-08 04:45 PM | del]
نەقىل مەنبەسى kunupka نەقىل مەنبەسى kunupka
ئەمەلىيەتتە سىرىتقى قىياپىتىگە قاراپلا قىز ياكى قىز ئەمەسلىكنى ئېنىقلىغىلى بۇلىدۇ. (مەسىلەن: كۆزى، چېچى، يۈز تېرىسى......   دىگەندەك) قىزىقىدىغانلار خەنزۇچە توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
回复قايتۇرماsABAT[2014-06-08 04:43 PM | del]
ئەمەلىيەتتە سىرىتقى قىياپىتىگە قاراپلا قىز ياكى قىز ئەمەسلىكنى ئېنىقلىغىلى بۇلىدۇ. (مەسىلەن: كۆزى، چېچى، يۈز تېرىسى......   دىگەندەك) قىزىقىدىغانلار خەنزۇچە توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بۇلىدۇ.hey bundak dep sile kandak bilgilibulidu emdi?????
回复قايتۇرما531783750[2014-06-01 01:38 AM | del]
[quote=xaxkiz]QQ KAQEL GA    414125841 MAN DAP BERAY
回复قايتۇرما531783750[2014-06-01 01:34 AM | del]
نەقىل مەنبەسى ruxan نەقىل مەنبەسى ruxan
مەن يىقىندا توي قىلماقچى مەن بەك ھېسياتلىق توي كىچىسى يىگىتمگە ماسلىشىپ كەتسەم مېنڭ باشقىچە ئويلاپ قالارمۇ
                     heeeeeeeeeeeeeeeee unda bop kat mas
回复قايتۇرما98aslema[2014-01-19 05:46 PM | del]
مەندە ھەيىز كەلمەيۋاتدۇ مەسلىھەت بەرسەڭلا بۇپتىكەن
回复قايتۇرماruxan[2012-12-02 01:12 PM | del]
مەن يىقىندا توي قىلماقچى مەن بەك ھېسياتلىق توي كىچىسى يىگىتمگە ماسلىشىپ كەتسەم مېنڭ باشقىچە ئويلاپ قالارمۇ
回复قايتۇرما.uyHur1[2012-10-15 07:37 PM | del]
silani kollayman
回复قايتۇرماجذشقذن[2012-10-09 02:41 AM | del]
ءةگةر حذتذنذم قئز بذمئسه  ءاجرئشئش كئرةكمذ
回复قايتۇرما,mb[2012-09-25 01:00 AM | del]
ئەسىلاممۇ ئەلەيكۇم
回复قايتۇرماjgfid[2012-09-17 01:26 AM | del]
توي كىچىسى زھكەر قىزلارنىڭ جىنسى يولىغا قانچىلىك كىرسە ئاندىن  قىزلىق پەردىسى بۇزۇىدۇ ؟!؟!
回复قايتۇرماorma[2012-08-16 09:53 AM | del]
[face04]
回复قايتۇرماtowa√[2012-08-14 00:25 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم!مۇشۇ كۈنلەردە بىر سۇئال مېنى بەك قىيناپ كەتتى،خۇدانىڭ ھەققىدە سىزدىن ئۆتۈنەي،بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە بىلدىغىنىڭىزنى مەندىن ئايىماي ماڭا ياردەم قىلسىڭىز،جۈمە كۈنى تۇغۇلغان قىزنىڭ قىزلىقى بولمايدۇ دىگەن قاراش توغرۇلۇق  قۇرئان كەرىم ياكى ھەدىسلەردىن بىرەر ئاساس تېپىلامدۇ-يوق؟ ياكى بۇ بىر ئۇيدۇرمىمۇ؟ (جاۋابىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن!!!)ئاللاھ ھەممىمىزگە ئاسايىشلىق ئاتا قىلسۇن،ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچى ۋە بىلىپ تۇرغۇچى بۈيۈك زاتتۇر!!!
回复قايتۇرماsaklax[2012-08-11 10:28 AM | del]
جۈمە كۇنى تۇغۇلغان قىزلا نىق قىزلىق پەردىسى يوق تۇغۇلامدۇ؟مەسلىھەت بەگەن بوسىڭىز
回复قايتۇرماaili88[2012-07-18 03:00 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن قىزلىق پەردىسى توغرىسىدىكى ماقالىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئاخرىدا دوختۇرغا تەكشۇرتۇش تەۋسىيەڭىزنى كۆرۇپ ئىنىق چۇشەنچىگە ئىرىشىش ئۇچۇن بۇ ئۇچۇرنى قالدۇردۇم ،ئەيىپكە بۇيرىمىسىڭىز!  
توي كىچىسى ئايالىم بىركۇن بۇرۇن ئاغرىپ قالغانلىقىنى ھەمدە توي كۇنى دورا يەپ توختاتقانلىقىنى ئىيتتى،تۇنجى مۇناسىۋەتتىن كىيىن زەكىرىمدە قاندىن قويۇقران شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ يۇقۇپ قالغىنىنى كوردۇم،دەرۋەقە،بىر ئاي توشقاندا ئايالىم ئككى كۇن كىيىن يەنە ئاغرىپ قالدى،مىڭەمدە ئەجەبا بۇ قىزلىق نىشانىمۇ ياكى ئاغرىق سەۋەبىدىنمۇ دەيدىغان بىر گۇمان ئەۋج ئالدى ،سىزنڭچە دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتۇش ئارقىلىق ئىنىقراق جاۋاپقا ئرىشىشكە ئامال بارمىدۇ؟ ئىغىر كورمەي مەسلىھەت بەرسىڭىز!!! بىر ئۆمۇر گۇمان بىلەن ئۆتكىلى بولمايدۇ ئاخىر ،ياردەم بەرسىڭىز!
回复قايتۇرما南疆风云[2012-06-20 04:10 PM | del]
1042841828
18097672257
回复قايتۇرماmgmgt[2012-05-29 06:51 PM | del]
ياخشى
回复قايتۇرماpintak[2012-05-14 04:22 PM | del]
nurgun enkaslar bar ekan, muxularning hammisiga jawabi barmu,  man koralmidim
回复قايتۇرماxaxkiz[2012-05-10 01:28 AM | del]
جۈمە كۇنى تۇغۇلغان قىزلا نىق قىزلىق پەردىسى يوق تۇغۇلامدۇ؟مەسلىھەت بەگەن بوسىڭىز!!!!
回复قايتۇرماwesal[2012-05-09 07:32 PM | del]
回复قايتۇرماwesal[2012-04-27 11:14 AM | del]
回复قايتۇرماwesal[2012-04-27 10:32 AM | del]
回复قايتۇرماwesal[2012-04-26 08:11 PM | del]
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.