تۇخۇملارنىڭ شىپالىق رولى



تۇخۇم تۇرمۇشىمىزدا يىمەكلىك سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىنغاندىن باشقا ئۇيغۇر تىبابىتىدە ساقلىقنى ساقلاش، كىسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلتىلىدۇ.
1. تۇخۇ تۇخۇمى
ئېقى ھۆل سوغۇق، سېرىقى ئىسسىق بولۇپ،تۇخۇ تۇخۇمىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان رولىنى (بۇ ئادرىسقا كىرىڭ!)كۆپچىللىك ئوبدان بىلىدۇ، بىراق سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى كىسەللىكى، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك كىسەللىكى ۋە باشقا ئىسسىقتىن بولغان كىسەللەر بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ ھەم ئىسسىق مىزاج كىشلەرنىڭ تۇخۇ تۇخۇمىنى ئستىمال قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس.
2. قىرغاۋۇل تۇخۇمى
ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئومۇمي بەدەننى، جۈملىدىن بۆرەك جىگەر، ھەزىمنى كۈچەيتىش، پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، ھەمدە تېرىدىكى داغلارنى چۈشۈرۈش تەسىرىنى بىرىدۇ. كەم قانلىق، يۈرەك، بۆرەك، جىگەر ئاجىزلاش، سۈيدۈك كۆپ كىلىش، ئۇنتۇغاقلىق، يۈزگە داغ چۈشۈش، چاچقا ئاق كىرىش، ماغدۇرسىزلىق، تۇغۇتتىن كىيىنكى بەل ئاغرىش قاتارلىق كىسەللەر بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا ماس كىلىدۇ
3. قۇشقاچ تۇخۇمى
ھۆل ئىسسىق بولۇپ، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋەتلەش قان كۆپەيتىش، نىرۋا خىزمىتىنى ياخشىلاش تەسىرىنى بىرىدۇ.
4. كەپتەر تۇخۇمى
قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش، باھ، يۈرەك مىڭىنى قۇۋۋەتلەش، قان سۈت، مەنىي پەيدا قىلىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش،يارىنى ئېغىز ئالدۇرۇش تەسىرىنى بىرىدۇ.
5. ئۆردەك تۇخۇمى
ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۇخۇ تۇخۇمىدىن يۇقىرى. پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىنغاندا، ئۆپكىنى تازىلاش، يۈتەلنى پەسەيتىش، بەلغەمنى بوشىتىش تەسىرىنى بىرىدۇ.
6. بۆدۈنە تۇخۇمى
ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئىستىمال قىلىنسا، باھ بۆرەكنى قۇۋەتلەش، سۈڭەكنى چىڭىتىش تەسىرىنى بىرىدۇ، بەش ئەزا خىزمىتى ئاجىزلاش، ئۆپكە سىل كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا ماس كىلىدۇ.




[Birzat بۇنى 2010-05-25 09:54 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۇخۇم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماzayda[2010-07-19 05:00 PM | del]
回复قايتۇرماsabiha[2010-06-02 09:58 PM | del]
     بودۇنىنڭ تۇخۇمى ئەمەس ئۇزىمۇ بەك ياخشى .ھەم بەك ئسسىق .نۇرغۇن كىسەللەرگە شىپا قىلىدۇ .
回复قايتۇرماuyghuri[2010-05-31 12:39 AM | del]
توخۇلارغا ئانىلىق ھورمونى ئۇرۇپ ،تۇخۇملىرىنى يىگۈسىز قىلىۋەتتىدە!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.