ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

تۈر: غىزا رېتسىپلىرىكۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

تۈرك چېيى دەملەش ئۇسۇلى

 

 

تۈركچە چاي دەملەپ ئىچىش ئارزۇيىڭىز بولسا ياكى ھەۋەس قىلىپ قالغان بولسىڭىز يۇقۇرقى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك چەينىكىڭىز بولىشى كېرەك. تۈرك چېيى دەپ چايقۇرنىڭ ھەر خىل چايلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئۆيدە ھەر قانچە قىلىپ چايخانىلاردىكىدەك دەملىيەلمىگەن چايخۇمارلار يالغۇز مەنلا بولمىسام كېرەك. چايقۇرنىڭ چايلىرىدىن چاققانراق بىر چەينەك قايناق سۇغا ئىككى قوشۇق، بەلكىم ئۈچ قوشۇق چاي سىلىپ خىلى ئۇزۇن قاينىتىپمۇ تۈزۈك تەمى، رەڭگى پەيدا بولماي ئاخىرى زىرىكىپ تاشلاپ قويغانلار ئەمدى مەن دېگەندەك قىلساڭلار چوقۇم تۈركچە ئاشخانا، چايخانىلاردىن قىلىشمىغۇدەك چاي دەملەشنى ئۈگۈنۈپ كېتەلەيسىلەر.

[تەپسىلاتى]

ھەر خىل ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئوزۇقلۇق-غىزانى مىزاجى ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس تەڭشەش ئىنتايىن موھىم بولۇپ دورا ئارقىلىق داۋالاشقا يانداشتۇرىلىدۇ. بەزى كېسەللەر ھەتتا تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ تۈزۈپ بەرگەن رېتسىپلىق غىزالىرىنى بىر مۇددەت ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىقمۇ سەللىمازا شىپا تېپىشى مومكىن. بۇ خىل داۋالاش ئەندىزىسى ھازىرقى دۇنيادا ئەمدىلەتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ <<ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كېسەل داۋاش>> نامىدا تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل قىممەتلىك بايلىقى مىڭ يىللار بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىتلاردىن بىزلەرنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بىرىپ كەلگەن. بىرزات ئۇستام بۇندىن كىيىن 80خالتا بلوگىدا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا مۇناسىپ بولغان تاماق-غىزا رېتسىپلىرى بىلەن تورداشلارنى بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن تۇنجى قەدەمدە زېققە بىمارلىرى ئۈچۈن - چامغۇر شورپىسى تونۇشتۇرىلىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چامغۇر، زېققە

‹ئېچكى كىسەللەر› ژورنىلىدىكى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ خىللىق ۋېتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دارىلار بەلكىم سىزنىڭ ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋىتىشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۆتكەن 22 يىلدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاياللار (ئەمما بۇ نەتىجىنىڭ ئەرلەرگىمۇ ماس كىلىدىغىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن) دىن بىرنەچچە قېتىم ۋىتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دورىلانى ئىستىمال قىلىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان سالامەتلىك ئەھۋالى توغۇرلۇق ئۇچۇلارنى توپلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئالىملار بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ۋە ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خاتىرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ...

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ۋېتامىن ئوزۇقلۇق

سۈت ئىچسە زىيان قىلىدىغان بىمارلار

1. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى بمارلىرى . يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ھەزىم يولىدا ئىككىلەمچى تۆمۈرگە ئايلانغاندا ئاندىن بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ . سۈت ئىچسە ، بەدەندىكى ئىككىلەمچى تۆمۈر بىلەن سۈتتىكى كالتىسى ، فوس تۇزلىرىدىن ئېرىمەيدىغان بىرىكمە ھاسىل بولۇپ ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسىز بولىدۇ.

2. يېنىش خاراكتىرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى بىمارلىرى :

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: سۈت

كالا سۈتى ئىسسىقمۇ-سوغۇق؟

ئوخشاش يېمەكلىكنىڭ ئوخشىمىغان ئادەمگە تەبىئەت جەھەتتىن(ماددىي تەسىرىنىڭ پەرقى ھەققىدە ئايرىم توختىلامىز) ئوخشىمىغان تەسىر بېرىشى، كالا سۈتىگە ئوخشاش مۆتىدىلگە يىقىن مىزاجلىق يېمەكلىكلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. مۆتىدىلگە مايىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىق مىزاجلارغا ئىسسىقلىق، سوزۇق مىزاجلىقلارغا سوغۇقلۇق تەسىر بېرىشى ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ ئىسسىقلىققا سەزگۈر، سوغۇقجانلارنىڭ سوغۇقلۇققا سەزگۈرلۈكتىن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئاشقازان ۋە بۆرەك مىزاجى سۇۋۇغان سوغۇقجان كىشىلەر كالا سۈتىنىڭ سوغۇق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ؛ جىگەر ۋە ئۈچەي مىزاجى ئىسسىپ كەتكەن ئىسسىقجان كىشىلەر، ئەكسىچە سۈتنىڭ ئىسسىق كەلگىنىنى ئېيتىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كالا سۈت ئىسسىق سوغۇق

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﺋﯘﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ بولۇپ ،ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻛﯜچلەندۈرۈپ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ . ﻣﯩﯖﻪ- ﻳﯘﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ،ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻱ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ،  ﺯﯨﻴﺎﺩﻩﺳﯩﻤﯩﺰلىككە مەنپەئەت قىلىش، ﺋﯚﻣﯘﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺶ، ﺋﯚﭘﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞەﺗﻠﻪﺵ، ﻛﯚﺯﻧﻰ ﺭۇﺷﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.  تۆۋەندە قوناق پولۇسىنى ئېتىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرىلىدۇ:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: قوناق پولو

زەيتۇن مېيىنىڭ تېبابەت كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسلىقى ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻳﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯘﺗﯘﺵ، ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻳﯘﻣﺮﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ دېگەندەك بولۇپ ﺑﯘﻧﻰ 12 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﯧﺮﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﭘﺎﻟﻪﭺ ،ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﭺ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋيىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىغا ئەگىشىپ ھازىر بازارلاردا تۈركىيە، ئىتالىيە، ئىسپانيەلەردىن كىرگۈزۈلگەن زەيتۇن مايلىرى كۆپىيىپ قالدى. ئاڭلىسام زەيتۇن مېيىدا قورۇما ۋە ھەرخىل تائاملارنى، سوغۇق سەي-سالاتلارنى تەييارلايمىش. ئائىلىدە تائاملارغا زەيتۇن مېيى ئىشلىتىش تەجىربىسى بار خانىم - چوكانلار تەلىم بەرگەن بولساڭلار! زەيتۇن مېيىنى قانداق قورۇما-تائاملارغا ئىشلەتسە تائامنى ئوخشىتىدۇ؟ زەيتۇن مېيىنى تائامغا ئىشلەتكەندە ئادەتتىكى مايلار بىلەن ئوخشاش نىسبەتتە ئىشلىتىلەمدۇ ياكى پەرق قىلامدۇ، زەيتۇن مېيىنىڭ سۈپەت پەرقىنى قانداق ئايرىيمىز؟؟؟

______________ بىرزات

يۇلتۇزلۇقنىڭ ئىنكاسى: زەيتۇن مىيىدا پولۇ بىلەن ھالۋا قىلسىڭىز ئەڭ ئوخشايدۇ. ئۇندىن باشقا ھەر خىل سالاتلارنى قىلسا بەك ياخشى، چوقۇم  يىرىم تال لىمۇن سىقىۋەتسىڭز كاتتا بولۇپ كىتىدۇ سالاتلىرىڭىز. مەن ئادەتتە نورمال مايدىن سەل ئازراقلا ئىشلىتىمەن. لىكىن باشقا قوروملارنى بۇ مايدا قورۇشنى ياخشى كۆرمىدىم سەۋەبى بۇ ماي بەكلا كۈچلۈكتەك ھېس قىلدىم. زەيتۈن مېيىنى ھەرگىز قاتتىق قىزدۇرۋەتمىگەيسىز.

مەستۇرەنىڭ ئىنكاسى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: خانىملار، سىلەر زەيتۇن يېغىدا قانداق قورۇما-تائاملارنى پۇشۇرىسىلەر؟

مىنىرال ماددا ناترىينىڭ ئارخىپى

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش : ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن 90 گرام ناترىي بار بولۇپ ، بارلىق ھۈجەيرىلەردە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ . ئۇ كالىي بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئېلىكترولىت ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ . ئادەم بەدىنىدىكى %80 ناترىي ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇققا تارقالغان ، %20 سى ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ۋە يىلىككە تارقالغان ، ناترىي ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

ئاساسلىق رولى مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى ، نىرۋا فۇنكىسسىيىسى
شىكەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى قاتارلىق فىزىئولوگىيەلىك فۇنكىسسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، نىرۋا سىستىمىسى ۋە مۇسكۇللارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىدۇ . كالتسىي ۋە باشقا مىنىرال ماددىلارنى قاندا ئىرىتىدۇ .
ھاۋانىڭ زىيادە ئىسسىق بولۇشىدىن كىلىپ چىقىدىغان....

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ناترىي

قۇرئان كەرىم 47-سۈرە <<مۇھەممەد>> دە جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان بولۇپ ھەسەل بىلەن سۈتكە ئالاھىدە ئورۇن بىرىلگەن: تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن)  ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .(15) تۆۋەندە سۈت بىلەن ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى ھەمدە ئاياللارغا ئالاھىدە ماس كىلىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان قىلىمىز.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ھەسەل سۈت ساغلاملىق گۈزەللىك

توخۇ تۇخۇمى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بارىلىق ئوزۇقلۇق ئامىللار بار، شۇڭا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن«كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق ئامبىرى»،«مۇكەممەل ئاقسىل ئەندىزىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇرۇقلانغان بىر دانە توخۇ تۇخۇمىدىن، تاشقى مۇھىتتىن ھىچقانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسىمۇ، بىر جۈجە يېتىلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىن توخۇ تۇخۇمىدا ئوزۇقلۇق يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

تېما تەييارلىغۇچىدىن:
80خالتا بىلوگ بېتىمىزدە ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئەنئەنىۋى قاراشلىرىمىزدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنىڭ بىرسى بولغان جىنسىي تەلەپكە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەم ئاسىرايدىغان بەزى تەبئىي دورا-دەرمەك، يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز ھەققىدە بايانلار ئىلان قىلىنغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان << ئەشىيالار خاسىيتى ۋە ۋېسال لەززىتى>> دېگەن كىتابنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىمۇ بار.
تۆۋەندە ياۋرۇپالىق تېببى پەنلەر دوكتۇرى ت. خ. ۋىئان دې ۋېلىدىنىڭ ياۋرۇپالىقلارنىڭ 16-17-ئەسىرلەردىكى بەزى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى يازمىلارنى تەھلىل قىلىپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بايانلىرى بولۇپ دوكتۇر ئاخىرقى بايانلىرىدا: << كۈچلۈك سۈنئىي ئۇسۇللار جىنىسىي تەلەپ ۋە نورمال جىنسىي ئىقتىدارنى زورمۇزور كۈچەيتىش ھامان بىر كۈنى كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ . جىنسىي ئىقتىدارى ۋاقتىنچە ئاجىزلاشقان ئەرلەر ئايالىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش يۈزىسىدىن شۇ خىل نەرسىلەرگە موھتاج بولۇپ قالغان بولسا ، ئەڭ ياخشىسى ، يۇقىرىقىدەك تاماق بىلەن قۇۋۋەتلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك. >> دەپ ئەسكەرتىش بىرىدۇ. ئەنئەنىۋې تېبابەت ئەۋزەللىكىمىز، قۇۋۋەتلىك ئېسىل غىزا-ئوزۇقلىرىمىز بار بىزدەك خەلققە بۇ يېڭىلىق گەپ بولمىسىمۇ ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئەۋج ئىلىپ قىلىۋاتقان سۈنئىي ھوزۇرلاندۇرۇش، جىنسىي تەلەپنى زورمۇ-زور قوزغىتىدىغان دورا ۋە ۋاستىلەرنى كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىق سالامەتلىككە سەلبى ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر قاتار ئىشلار بىزنى يەنە بىر قېتىم ئۆزىمىزنىڭ تەبئىي، پاكىزە بولغان ئېسىل قۇۋۋەتلىك نىئمەتلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتەيلى. ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى دەپ چاقىرىق قىلىشىمىزغا تۈرۈتكە بولماقتا.
_______________________ مۇھەممەد تۇرسۇن ( بىرزات )

تۆۋەندە ياۋرۇپالىق تېببى پەنلەر دوكتۇرى ت. خ. ۋىئان دې ۋېلىدىنىڭ يېمەك -ئىچمەكلەرنىڭ جىنسىي تەلەپ ۋە جىنسىي قابىلىيەتكە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى بايانلىرى:

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: جىنسىي، يېمەك-ئىچمەك


بەزىلەر بىر خىللا ئوزۇقلانغان، بەزىلەر پارچە- پۇرات يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرگەن، بەزىلەر ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ شۇمۇرۇۋىلىنىشىغا دىققەت قىلمىغان. مۇشۇنداق خىلمۇ- خىل ئەھۋاللار نورمال بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تولۇقلىنىشغا تەسىر يەتكۈزگەن. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىك كېسەللىگى شەكىللەنگەن. بۇ يەردە ئاغرىقلارنىڭ پىلانلىق ھالدا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىشى ئۈچۈن ئاقسىل، ماي، شېكەرلەرنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېلىپ چىققان ئالامەتلەرنى تونۇشتۇرۇلدى.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىگە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلەردىن: گۈلقەنت، بېھى شەربىتى، ھەسەل، زەنجىۋىل مۇرابباسى قاتارلىقلار باردۇر.

[تەپسىلاتى]


ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا چامغۇرنى شورپىغا سالسا بولىدىغانلىقىنى، قۇرۇمىلارغا ئىشلەتسە، تەمىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. چامغۇردا سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار كۆپرەك بولۇپ، بۇنداق تەركىبلەر ياغدا ئېرىمەيدۇ. سەۋزىنى قۇرۇغاندىكى تەم ئۇنى شورپىغا سالغاندىكى تەمدىن ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ياغدا ئېرىيىدىغان ۋىتامىنلار كۆپ. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىمىي ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇللىرى ئىچىدىكى مۇھىم بايقاش ئىدى.

ئەجدادلىرىمىز ياشىغان شارائىتىغا قاراپ ئوزۇقلۇق تۈرلىرىنى سەرخىللاشتۇرغان. ئۇماچ، سۇيۇقئاش، تېرىق ئۇمىچى، گۈرۈچ تائاملىرى، كۆكتاتلاردىن چامغۇر، كاۋا، سەۋزە قاتارلىقلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياشايدىغانلارنىڭ ئاساسىي ئوزۇقلۇقى بولسا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياشىغانلار گۆش، سۈت، قېتىق، پىشلاق ۋە ئۇچار -قانات گۆشلىرىنى ئاساسىي ئوزۇقلۇق قىلغان.

[تەپسىلاتى]


ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن 90 گرام ناترىي بار بولۇپ ، بارلىق ھۈجەيرىلەردە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ . ئۇ كالىي بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئېلىكترولىت ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ . ئادەم بەدىنىدىكى %80 ناترىي ھۈجەيرە سىرتىدىكى سۇيۇقلۇققا تارقالغان ، %20 سى ھۈجەيرە ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ۋە يىلىككە تارقالغان ، ناترىي ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ناترىي، مىنرال، ئېلمېنت


يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ نورمال فۇنكىسسىيىسىنى ساقلاپ ، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش ، ، يۈرەك ئۆتكۈزۈشچانلىقى تۇسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال سۇ مىقدارىنى ساقلايدۇ ، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تۆۋەنلىتىدۇ ، نورمال قان بېسىمىنى ساقلايدۇ .

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كالىي ، ئېلمېنت ، مىنرال ، ۋېتامىن

ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى


ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق بەدەنگە سۇ ۋە ئوزۇقلىق تولۇقلاش ئادەتلىرى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ ، يەنە ھەرخىل جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا ياشاپ كەلگەن ھەرقايسى مىىللەتلەر ئۆزلىرىگە خاس بولغان يېمەك - ئىچمىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىچىملىكلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . شۇڭا ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ ھەرخل ئۆسۈملىك ۋە گۈل - گىياھلاردىن ياسالغان چايلارنى ئىستېمال قىلىپ ، ئۇلارنىڭ پايدىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىگىلەپ ۋە قىممىتىنى تەدرىجىي تونۇپ يېتىپ ئۆزگىچە چاي مەدەنىيتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .

[تەپسىلاتى]

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىمىزدىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بەتلەرگە چاپلىماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز! ئەگەر ئىجادىي ئەمگىكىمىزنى كۆزگە ئىلمىسىڭىز كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

يەر پوستىنىڭ سىرتقى يۈزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 90 نەچچە خىل ئېلېمېنتنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئادەم بەدىنىدىن تاپقىلى بولىدۇ. ( ئەلۋەتتە، ئادەم تۇپراقتىن بىرىكتۈرۈلۈپ ئاپىرىدە قىلىنغان ) زامانىمىزدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش جۈملىدىن كالتىسىي ، ۋېتامىن ۋە باشقا مىنېرال ماددىلار - ئوزۇقلۇق ئېلېمىنتلارنى چۈشۈنۈش ئارقىلىق ئىلمىي ئوزۇقلىنىپ تەن ساقلىقىمىزنى ئاسىراش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. بۇندىن كىيىن مىنېرال ماددىلار-ئوزۇقلۇق ئېلېمىنتلارنى چۈشۈنۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىدۇر. كالتىسىي مىنېرال ماددىلار ئىچىدىكى ئادەم ئەڭ ئىھتياجلىق، كەم بولسا بولمايدىغان موھىم بىر ئېلېمىنت بولۇپ تۆۋەندە بايان قىلىنماقچى بولغىنى دەل مۇشۇ كالتىسىينى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ۋە تەبئىي ئوزۇقلۇقلىرىمىز بىلەن تولۇقلاش ھەققىدە بولىدۇ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كالتىسىي، ئوزۇقلۇق، غىزا

تۇخۇملارنىڭ شىپالىق رولى


تۇخۇم تۇرمۇشىمىزدا يىمەكلىك سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىنغاندىن باشقا ئۇيغۇر تىبابىتىدە ساقلىقنى ساقلاش، كىسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلتىلىدۇ.
1. تۇخۇ تۇخۇمى
ئېقى ھۆل سوغۇق، سېرىقى ئىسسىق بولۇپ،تۇخۇ تۇخۇمىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان رولىنى (بۇ ئادرىسقا كىرىڭ!)كۆپچىللىك ئوبدان بىلىدۇ، بىراق سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى كىسەللىكى، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك كىسەللىكى ۋە باشقا ئىسسىقتىن بولغان كىسەللەر بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ ھەم ئىسسىق مىزاج كىشلەرنىڭ تۇخۇ تۇخۇمىنى ئستىمال قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تۇخۇم

قارا شىكەرنىڭ رولى

(80 خالتا تورىغا يوللانغان ئەسەر-تورداشلار يوللانمىسى)
قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، (قان كۆپەيتىش، بەدەنننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بولغان ئىزخىردىن10گرام، بادرانجابۇيادىن 15گرام،ئوغىرى تىكەندىن 15گرامنى قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ .
قارا شېكەرنى ئارپا، بەدىيان بىلەن دەملەپ ملەپ ئىچىپ بەرسە، قاننى كۆپەيتىپ، بەدەننى سەمىرىتىپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. ئاياللارنىڭ سوغۇقى ئېشىپ، بەدەن ئاجىزلاشتىن كىلىپ چىققان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكىمۇ شىپا قىلىدۇ .

[تەپسىلاتى]

ئۇيغۇرلاردىكى تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش ، كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ يېمەك -ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش ، پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق كېسەلگە خىل كەلمەيدىغان تاماقلارنى چەكلەش ئارقىلىق كېسەلنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەر خىل شىپالىق يېمەك – ئىچمەكلەرنى بېرىش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ تېزرەك ساقيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان .
ئۇيغۇرلار كېسەلنى تاماق بىلەن داۋالاشتا ، كېسەلگە مۇۋاپىق تاماقنى ئۈچكە بۆلىدۇ:
(ا) غىزايى مۇتلەق: ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر .
(2) داۋائى غىزايى: ئالدى بىلەن داۋالىق رولىنى ، كېيىن ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان داۋالىق يېمەكلىكلەر.

[تەپسىلاتى]

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻨﻰ <<ﺋﻮﯓ ﺩﻭﻍ>>، ﻣﯘﺯ، ﻗﯧﺘﯩﻖ، ﺷﯩﻜﻪﺭ ﻗﯩﻴﺎﻣﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻨﻰ << ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺩﻭﻍ >> ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ.
<<ﺋﻮﯓ ﺩﻭﻍ>>ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﺧﯩﻠﯩﻼ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺳﻮﻏﯘﻕ، << ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺩﻭﻍ>>ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﻮﻏﯘﻕ. ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﺩﻭﻍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻳﺎﺯﻧﯩﯔ ﭘﯩﮋﻏﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ. ﮬﻪﺳﻪﻝ ﺩﻭﻏﻨﯩﯔ << ﺋﻮﯓ ﺩﻭﻍ>>، <<ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺩﻭﻍ>> ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ- ﮬﻪﺳﻪﻝ ﺩﻭﻏﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﻣﻮﺗﯩﺪﯨﻞ. ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻤﺎﻳﺪﯗ. ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯜﮔﯜﺗﯜﭖ ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ. ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﮬﻪﺳﻪﻝ ﺩﻭﻏﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺭﺵ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ:
ﻣﯘﺯ: ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ( ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 200-300 ﮔﯩﺮﺍﻡ)

[تەپسىلاتى]


قەشقەردە بۇ ئىچىملىكنى ئاساسلىقى خۇۋەينى ئۈرۈكنىڭ گۈلىسىدە تەييار قىلىپ ئىستىمال قىلىدۇ. ھازىر يۇقۇرى قان بېسىم، قان قويۇقلۇققا ئوخشاش ھەرخىل پاراغەت كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ ئائىللەردە ئۈرۈك گۈلىسىگە چىلان، شاپتۇل قېقى قوشۇپ چۈلە شەربىتى تەييار قىلىپ ئىچىش ئومۇملاشماقتا.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چۈلە


تۆۋەندىكى تېزىملىك بويچە تەپسىلىي توختىلىمەن.
زەپە ، 1.قەھۋە ؛ 2.زاراڭزا چېچىگى؛ 3.قىزىل گۇل ؛ 4.جىگدە چېچىگى؛ 5.رەيھان؛ 6.پىننە؛ 7.يالپۇز؛
8.لاچىندانە؛ 9.ئارپابەدىيان؛ 10.قەلەمپۇر؛ 11.پىل-پىل؛ 12.سانا؛ 13.ئانار چېچىگى؛ 14.كاسىنە؛

[تەپسىلاتى]

ئەنئەنىۋى نانلىرىمىزنىڭ بېرى - كۆمەچ


كۆمەچ — ئۇيغۇر خەلقى بولۇپمۇ خوتەننىڭ يېزا – قىشلاقلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئۇزاقتىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى نان .
        
     خوتەنلىكلەر ئاساسلىق ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان كۆمەچ تۈرلىرى : قىيما كۆمەچ ( سوقتا كۆمەچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، پېتىر كۆمەچ ۋە قازان كۆمىچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كۆمەچ

كالىي ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە


ئىلمىنت  بەلگىسى : K
تۈرى  ماكرو ئىلمىنت
قىسقىچە  تۇنۇشتۇرۇش : كالىي  بەدەن  ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0.35تىن%0.2 نى تەشكىل  قىلىدۇ . ئۇ مۇسكۇل ، نىرۋا  ھەمدە قان ھۈجەيرىلىرىگە  كەڭ  تارقالغان  بولۇپ سۆڭەك  مۇسكۇلى ، نىرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ، ھەتتا  يۈرەك  مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى  بىلەن  زىچ  مۇناسۋىتى  زىچ ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مېنىرال  ماددىدۇر .

[تەپسىلاتى]


تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىچە، كۈندە كۆپ مىقداردا كولا ئىچىدىغانلاردا مۇسكۇل كېسەللىگى، يۈرەك سوقۇش نورمالسىزلىشىش، ھەتتا پالەچ بوپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن، چۈنكى كولانى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى كالىي كۆپ مىقداردا خوراپ كىتىدىكەن.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۈنىگە 2 لىتىردىن 10 لىتىرغىچە كولا ئىچكۈچىلەردە قاندا كالي كەم بولۇش ئۈنۋىرسال كېسەللىگى پەيدا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كولا قاتارلىق ئىسپىرىتسىز گازلىق ئىچملىكلەر نۆۋەتتە كوپ كۆرۈلىدىغان چىش كېسەللىكلىرى، سۆڭەك يۇمشاش، مىتابولىزم ئۈنۋېرسال كېسەللىكى ۋە دىيابىت قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرى ھىساپلىنىدىكەن.

[تەپسىلاتى]


كاۋاپ بىلەن كولانى بىللە ئىستېمال قىلغاندا كولا تەركىبىدىكى كوفېئىن كاۋاپ تەركىبىدىكى كاربوننىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ ، بەدەندىكى كالتىسىيىنىڭ كۆپ مىقداردا خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن خورىغان كالتىسىيىنى تولۇقلاش ئۈچۈن زور مىقداردا سۆڭەك ھۈجەيرىسى ئىشلەپچىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ خىل نورمالسىزلىق ئاسانلا سۆڭەك راكىنى پەيدا قىلىدۇ .

      كاۋاپنى يېڭى كۆكتاتلار ۋە مېۋە – چېۋىلەر بىلەن ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . كۆكتاتلاردىن پالەك ، كەرەپشە ، كاۋا ؛ مېۋىلەردىن : ئالما ، مايمۇن شاپتۇلى ، لىمۇن قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن B ، ۋىتامىن C لار راك ھۈجەيرىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

[تەپسىلاتى]


تونۇر كاۋىپى

ئىككى ياشلىق پاقلان ئىككى دانە، ئاق ئۇن 105 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بەش دانە، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.

[تەپسىلاتى]


يومدان (قوناق ئۇنى سۇيۇق ئېشى) يۇرتۇم قەشقەردە، بولۇپمۇ قەشقەر كونا شەھەر، يېڭى شەھەر ناھىيلىرىنىڭ جەنۇبى يىزىللىرىدا، يېڭىسار، ئاقتۇ ناھىيلىرىدىكى يىزىلاردا كەڭ ئېتىلىدىغان بىر تۇرلۇك ئەنئەنىۋى تاماق تۇرىدۇر. يومداننىڭ تارىخى 500يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە تاماق تۇرى بولۇپ، تەييارلىنىشى، خۇرۇچقا قويغان تەلىۋى ئاددى، شىپالىق رولى چوڭ تاماقتۇر. ئادەتتە ھەر قايسى نوپۇزلۇق تېببى ئورۇنلار ئادەتتىكى ئوزۇقلىنىشقا دورىلۇق ئورنىدا بۇيرۇيدىغان، ئەتىۋارلىق تاماقتۇر. ئومۇمى شەكلى خۇيمىيەن بىلەن ئوخشاش.
شىپالىق رولى:
ئسسىق قايتۇرۇش، قان بىسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ۋە بەدەندىكى ماينى سېرىش، قەۋزىيەت، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان بەدەندىكى ئاغرىقلارنى تۇگۇتۇپ ھاردۇق چىقىرىش، ئىشتاھا ئېچىش رۇلىغا ئىگە.

[تەپسىلاتى]


گۆشلۈك پولۇ

گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

[تەپسىلاتى]


     ﺯﺍﻣﺎﻧﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ، ﻣﻮﮬﯩﺖ -ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ؟
ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﯩﻤﻪﻙ -ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﯩﻼﺗﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ -ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﻣﻪﻥ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: غىزا پەرھىز