خەلقىمىزدىكى غىزا بىلەن كېسەل داۋالاش ئەنئەنىسى


ئۇيغۇرلاردىكى تاماق بىلەن كېسەل داۋالاش ، كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ يېمەك -ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش ، پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق كېسەلگە خىل كەلمەيدىغان تاماقلارنى چەكلەش ئارقىلىق كېسەلنى يەڭگىللىتىش ۋە ھەر خىل شىپالىق يېمەك – ئىچمەكلەرنى بېرىش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ تېزرەك ساقيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان .
ئۇيغۇرلار كېسەلنى تاماق بىلەن داۋالاشتا ، كېسەلگە مۇۋاپىق تاماقنى ئۈچكە بۆلىدۇ:
(ا) غىزايى مۇتلەق: ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر .
(2) داۋائى غىزايى: ئالدى بىلەن داۋالىق رولىنى ، كېيىن ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان داۋالىق يېمەكلىكلەر.
(3) غىزايى داۋائى : ھەم ئوزۇقلۇق ، ھەم داۋالىق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر .
غىزايى مۇتلەق: ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان ۋە قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەر غىزايى مۇتلەق دېيىلىدۇ . بۇلار ، سۇيۇق ، يۇمشاق ، ئاسان سىڭىدىغان ، مىقدارى ئاز ، قۇۋۋىتى كۆپ يېمەكلىكلەر . مەسىلەن ، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ، كۆپ خىللىق دورا – دەرمان بىلەن تەييارلانغان گۆش شورپىسى ، كەكلىك ، قۇشقاچ ، چۈجە ، مۇجۇلغان ئۈزۈم شەربىتى ، ئانار ، ئالما ، ئامۇت ، نەشپۈت قاتارلىق مېۋە مۇراببالىرى ، بۇغداي ئۇنى تامىقى ، شوۋىگۈرۈچ ، سېرىقماي ، كالا سۈتى ، يۇمشاق پىشۇرۇلغان قوي گۆشى ، بېلىق ، پالەك ، يېسىۋىلەك ، شوخلا ، سۇڭپىياز قاتارلىقلار .
داۋائى غىزايى: قىزىلگۈل ، پىننە ، رەيھان بىلەن ياسالغان گۈلقەنت ، ھەسەل؛ قىياملار؛ ئەنجۈر ، ئالما ، بېھى ، ئامۇت ، سەۋزە ۋە باشقىلاردىن ياسالغان مۇراببا، شەربەتلەر؛ بادام ، نوقۇت ، ياڭاق تالقانلىرى قاتارلىقلار ئالدى بىلەن داۋالىق ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوزۇقلۇق رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەردۇر . گۈلقەنت - ئاشقازان ، ئۈچەي يوللىرى ، ھەزىم قىلىش تەس بولۇش ، جىگەر ، بۆرەك ، ئۆپكە سىلى ، ئۆپكە ھاۋا يوللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ، ئۆپكە يەللىك ئىششىقى ، دەم سقىلىش كېسەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .
غىزايى داۋائى: چامغۇر ، تۇرۇپ ، سەۋزە ، شوخلا ، پالەك ، يېسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتاتلار ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق ، ئاندىن داۋالىق رولىنى ئوينايدۇ . بۇلار سۈيدۈك ھەيدەش ، قەۋزىيەتنى يوقىتىش ، سەپرانى پەسەيتىش ، ئىشتىھانى ئېچىش رولىغا ئىگە .
مەنبە: ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.