شاكىلات ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ساپاسىنى ياخشىلايدۇ



شاكىلات-<<مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى>>،ئاياللار ئىزچىل ھالدا شاكىلات بىلەن جىنسىي ئاڭ، جىنسىي ھەرىكەتنى رومانتىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.
چۈنكى شاكىلات ئىستىمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ۋە جىنسىي جەھەتتىن قانائەتلىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولىدۇ. جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەن ئاياللار شاكىلات يېگەندىن كىيىن ھېسياتچان بولۇپ كېتىدۇ.
ئىتالىيەلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئۇزاق مۇددەت شاكىلات ئىستېمال قىلغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ئارزۇسى، جىنسىي ھېسيات ۋە جىنسىيەت ھەققىدىكى قانائەتلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقۇرى بولىدىكەن. ئىتالىينىڭ مىلاندىكى تەتقىقاتچى خادىملار 163 نەپەر ئايالنىڭ شاكىلات ئىستېمال قىلىشى بىلەن جىنسىي ھەرىكىتى ئوتتۇرسىدىكى  مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان. بۇ تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، ھەر كۈنى شاكىلات يەيدىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى شاكىلات يېمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا زىيادە يۇقۇرى بولىدىكەن. شاكىلات ئاياللارنىڭ جىنسىي ئالاھىدىلىكىدە ئاكتىپ فىزئولوگىيلىك رول ئوينايدىكەن. جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەن ئاياللاردا شاكىلات يېگەندىن كېيىن روشەن جىنسىي ئىنتىلىش پەيدا بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، شاكىلات ئادەمنىڭ خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىكەن. شاكىلات تەركىبىدىكى تىرىپتامىن قان پىلازمىسىنىڭ بىرىكىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىلار بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، شاكىلات تەركىبدىكى فېنىل ئاتسېتامىدنىڭ شەيدا قىلغۇچى دورا دېگەن نامى بولۇپ ، ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ ، جىنسىي ھەۋىسىنى يۇقۇرى دولقۇنغا  كۆتۈرىدىكەن.
تەرجىمىدە: تۇرسۇن مۇسا
مەنبە: ھاياتلىق

شاكىلاتنى كۆپ يېسە ئادەمنى سەمىرتىۋېتىدۇ دەيدىغان قاراش بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاكىلاتنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ بۇنىڭ قايسىسى ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە بىلىدىغان شاكىلات خۇمار دوستلارنىڭ شاكىلات ھەققىدىكى ھېس قىلغانلىرىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمۈد قىلىمىز!
- بىرزات

خوتەندىن دۆلەت مەمۇرى زىلالەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:
مەن شاكىلات يىيىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈمەن. مىنىڭچە( شاكىلات يېگەندىن كىيىن ھېسياتچان بولۇپ كېتىدۇ)دىگەندىن كۆرە،(ئادەمنىڭ خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ) دىگەن توغىرا دەپ قارايمەن. مەن ھەممە خىلدىكى ھەممە ماركىدىكى شاكىلاتلارنى تېتىپ باقتىم.بۇرۇنقى شاكىلات تەملىرى ھازىر يوق. بۇرۇنقىلىرىنىڭ تەمى سەل قۇيۇقراق، بىرخىل ياخشى ئىدى. لېكىن ھازىرقى شاكىلاتلارنىڭ تەمى تاتلىق، سەل جىقراق يەپ سالسا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاينىدۇ.بۇرۇنقىدەك تەمدىكى شاكىلاتلار يوق بۇلۇپ كەتتى.

نامسىز ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى:
مېنىڭ بىلىشىمچە، شاكىلات تەركىۋىدە كوفىيىن بار، ئۇنى ئۇزاق ئىستىمال قىلسا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتۇپ،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.



[Birzat بۇنى 2010-06-04 08:34 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنىسي، ھېسيات، ئاياللار، مۇھەببەت، شاكىلات

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماhayrana[2012-04-19 02:23 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوختۇر مەن ئىنتايىن خىجىل بولغان خالدا بىر سۇئال سۇرىماكچى ئىدىم ، مەن بۇيىل 21 ياشكا كىردىم توي كىلگىلى 1 ئاي بولدى لېكىن مەن ھەر كېتىمكى ئىشتا ھېس كىلامايۋاتىمەن ھېس كىلگۇم كىلىدۇ ھېس كىلاممايمەن ھېسياتىممۇ كىلىدۇ يولدىشىم دا مەسىلە يوك ئۇ بەك ئەسكى  مىنى بەك كىينايدۇ بەك ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ  مەن پەكەت ئاغرىغىنىلا ھىس كىلىمەن يولدىشىمغا دىسەم ئۇ ئىشەنمىدى دوختۇر غا باراي دىگەن خىجىل بولدۇم  شۇڭا سىلىدىن سوراپ باكاي دىگەن مەندىكى زادى كانداك مەسىلىدۇ،شۇنىڭ غا كارتا دورا بولسا دھۋالانسام بۇلاتتى .سۇئالىمنى جاۋاپسىز كالدۇرمىسىلا سىلىنى ئاۋارە كىلدڭم ئەمىسە  مالال كورمەي جاۋاپ كايتۇرۋەتسىلە ، ئاللاھغا ئامانەت،
回复قايتۇرمانۇر[2012-03-06 02:49 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك بىرزات ئەپەندى مەن سىزنىڭ  تور بىلوگىڭىزغا ئەزا قىلىنغانلىقىمغا كوپتىتىن كوپ رەھمەت ئېيتىمەن ھەم شۇنداقلا تىنىڭىزنىڭ سالامەت ئشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن .ھەم شۇنداقلا ماڭا يىقىندىن ياردەمدە بۇلۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن .ئاللا سىزنى ھەم بىزنى ئامان قىلسۇن.
回复قايتۇرماayxamhan[2012-02-28 11:33 PM | del]
دوختۇر ياخشىمۇسىز !  توي قىلىشتىن ئىلگىرى مېنىڭ ئادىتىم ۋاقتىدا كەلمەيتتى ،مىقدارىمۇ ئاز ئىدى ،سۇ تۇتسام ئادىتىم تېخىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ .....توي قىلغاندىن كىيىمۇ شۇنداق داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ ...قانداق داۋالاش ئۇسۇللىرى بار ؟مەسلىھەت بەرگەن بولىسىز ؟
回复قايتۇرماgulpiya[2010-09-15 12:37 AM | del]
دوختۇر ياخشىمسىز ؟مەن سىزنىڭ ماڭىمۇ ياخشى پىكىر تەلەپلەرنى بىرىشڭىزنى  ئۇمۇد قىلىمەن. مەن توي قىلغىلى 4 ئاي بۇلدى لىكىن پەقەت قالمايۋاتىدۇ.مەن 16 يىشىمدا ئادەت كورگەن.سەل ۋاقچە.شۇنداكلا 3 ئايدا بىر قىتىم دىگەندك كىلىدۇ.ئوزۇممۇ دىققەت قىلماي يۇرۇپتىمەن .ئالىي مەكتەپتە ئاچچىق راڭپىزا دىگەننى بىسىپ يەپتىمەن.ھازىر ئويلىسام بەدىنىمنىڭ مۇزلاپ كىتىشى شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن.بەدىنىمنى سوغۇق قاپلاپ كەتتى شۇنداكمۇ؟دۇختۇرخانىغا بارسام تۇرۇبا يۇلۇمدا سۇلۇق ئىششىق بار دەيدۇ ،بۇ بەدىنىمدكى بىرەر ھورمۇننىڭ توۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىنمۇ؟مەن قانداق يىمەكلىكلەرنى يىسەم بولىدۇ؟قانداق داۋالاش قىلىمەن .تۇغماس بۇلۇپ قالماسمەن .داۋالىغىلى بۇلار مۇ؟مەن بەك ئەنسىرەپ قالدىم.سىزنى ئاۋارە كىلىدىغان بولدۇم..............
回复قايتۇرماjanan[2010-06-05 07:17 PM | del]
article/trackback.asp?tbID=94&action=addtb&tbKey=1d0ea5c9ba151c3eac798b0f0097dab45ff6f167
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.