ۋېلسىپىت مېنىش ۋە جىنسىيەت


1989-يىلى "ۋېلسىپىت" ژورنىلىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بىرىلغان "ۋېلسىپىت مېنىشنىڭ پايدىسى نېمە؟" دېگەن تېمىدىكى تەكشۈرۈشتە، نەشىر ئەپكار تۆۋەندىكىدەك جاۋابقا ئېرىشكەن:
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تۈرلۈك ئوكسىگېنلىق ھەركەتلەرگە ئوخشاشلا، ۋېلسىپىت مىنىشمۇ ئادەم ئورگانىزىمىنى چىداملىق، قامەتلىك، جىنسىي ھەۋىسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ.
بۇ تەكشۈرۈشتە ، تەكشۈرۈش ئوبىېكتلىرى 1600 دىن ئىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئەرلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ 44 پىرسەنتى ۋېلسىپىت مىنىش ئۇلارنىڭ جىنسىي ئىمپۇلسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتقان؛ 66 پىرسەنتى ۋېلسىپىت مىنىش ئۇلارنىڭ ئەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ 14 پىرسەنتى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرىم يولدىكى ئارام ئېلىش پەيتىدە جىنسىي ھەرىكەتتە بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان.
تەكشۈرۈشتىكى يەنە بىر نەتىجە جىنسىي ئالاقىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر بولالايدۇ.
كۆپۈنچە ئەرلەر ۋېلسىپىت مىنگەندە، ئۆزلىرىنىڭ جىما قىلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئاياللار بولسا، دائىم جىما قىلغاندا ۋېلسىپىت مىنگەن ۋاقىتنى خىيالىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

پىدالدىكى خەتەر
ۋېلسىپىت مىنىدىغان بەزى كىشىلەر يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: گەرچە ۋېلسىپىت مىنىشنىڭ پايدىسى ئاجايىپ زور بولسىمۇ، ئەمما جىنسىيەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەكىس تەسىرىمۇ بار.
ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ۋېلسىپىت مىنىپ ئۇزاق يول يۈرگەندىن كىيىن ، جىنسىي ئەزا قىسمىدا ئۇيۇشۇش سېزىمى پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلۋەتتە، بۇ ۋېلسىپىت مىنىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەندىشە قىلىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس. ئەمما، دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى مىساللار ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئەرلەردە ۋاقىتلىق جىنسىي ئىقتىدارسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
تېببى ھۆججەتلەردە مۇنداق بىر مىسال بايان قىلىنىدۇ:55 ياشلىق بىر دوختۇر ۋېلسىپىت مىنىشكە ئامراق بولۇپ ، كۈندە ۋېلسىپىت مىنىپ 12 مىنۇت يول يۈرىدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم ھەركەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن ، زەكەر بېشىنى يىگىلەپ قالغاندەك ھېس قىپتۇ، ئەمما بۇ كۆڭۈلسىز سېزىم بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىپتۇ. بىراق، كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىپتۇ:ئۇ جىنسىي ئالاقە قىلغان چىغىدا زەكىرىنىڭ قايىم بولۇشىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقى، قاتتىق تۇرۇش ۋاقتىنىڭمۇ قىسقىراپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ ۋېلسىپىتنىڭ ئېگىرىنى پەسەيتىپ سىناپ بېقىپتۇ، نەتىجىدە زەكەرنىڭ ئۇيۇشۇش ئەھۋالى تۈگەپتۇ، لىكىن ئۇ ئېگەرنى پەسەيتىش بەدىلىگە كۈندىلىك ۋېلسىپىت مىنىش ۋاقتىنى سەككىز مىنۇت ئۇزارتىپتىكەن، ئۇنىڭدا زەكەرنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ ، ئاخىر پۈتۈنلەي جىنسىي ئىقتىدارسىزلىق ئەھۋالى يۈز بېرىپتۇ.
ئۇ دوىتۇرغا كۆرۈنىپتۇ، بىراق دوختۇر مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تاپالماي، نائىلاج ئۇنىڭغا ۋېلسىپىت مىنمەسلىكنى تەۋسىيە قىپتۇ. قىزىق ئىش، ئۇ ۋېلسىپىت مىنىشنى توختىتىپ بىر ئايدىن كىيىن ، ئۇنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى قايتا نۇرماللىشىپتۇ.
ئۇنى داۋالىغان دوختۇر مۇنداق تەھلىل قىپتۇ: ئۇنىڭدىكى مەسىلە ئېھتىمال ئەۋرەت قىسمىدا، يەنى مەقئەت بىلەن جىنسىي ئەزا ئارلىقىدىكى جايدا بولۇپ ، ئۇزاق ۋاقىت بېسىلىش تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن بولىشى مومكىن. چۈنكى، ۋېلسىپىت ئېگىرى ھەم تار، ھەم قاتتىق بولغانلىقتىن، رۇشەنكى زەكەرگە بارىدىغان قان ئايلىنىشنى توسۇۋالغان، نەتىجىدە پالەچلىك سېزىمىنى پەيدا قىلغان.ئۇنىڭدا جىنسىي ئىقتىدارسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ئېھتىمال جىنسىي ئەزا ئەتراپىغا جايلاشقان ئەۋرەت نېرۋىسى بېسىلغان بولۇشى مومكىن.
يۇقىرىقى ۋەھىمىلىك باياننى ئوقۇغاندىن كېيىن ، بەلكىم قورقۇپ كەتكىنىڭىزدىن ۋېلسىپىت مىنىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدا سىز مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىر قانچە ئېغىز تەكلىپىنى ئېسىڭىزدە تۇتسىڭىزلا مەسىلە چىقمايدۇ. ئېگەردە ئولتۇرغان چېغىڭىزدا ، ئېغىرلىق مەركىزىڭىزنى دوۋسۇن سۆڭىكىڭىزنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئەمەس، بەلكى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئېگەرنىڭ ئارقا قىسمىغا چۈشۈرۈڭ. ئەرلەر ۋېلسىپىت مىنگەندە ئېگەرنىڭ ئېگىزلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى، يەنى پېدال ئەڭ تكۋەن نۇقتىغا چۈشكەندە تىز سال-پەل ئېگىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەمەتتۇرسۇن (بىرزات)
پايدىلانغان ماتېريال: ئەر-خوتۇنچىلىق بىلىملىرى





[Birzat بۇنى 2010-05-25 10:20 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ۋېلسىپىت ۋە جىنسىيەت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماumod[2010-10-11 04:39 PM | del]
ۋىلىسپىت مىنسە تاھارەت بۇزۇلامدۇ - قانداق؟
回复قايتۇرما.[2010-09-18 08:38 PM | del]
مەن ۋىلسىپىت مىنگەندە ئۇزۇمنى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن .
回复قايتۇرماsayyara[2010-08-02 07:57 PM | del]
* ۋېلسپىت مىنىش، ئات مىنىش، موتسىكىلىت مىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇرۇق بېزىنى بېسىپ قويۇپ، ئۇرۇق بېزىنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىشىگە ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇشۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي كەملىك، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.